تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

* ئېغىزئالامەتلىرىدىن بىلىش بىلمەك كىرەككى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىزنىڭ ئاچچىق بولۇشى سەپرانىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. بۇنىڭدا سۇغۇق خۇسۇسىيەتلىك، ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئېغىزنىڭ تاتلىق بولۇشى قاننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بولۇپ،قاننى پەسەيتىشكە چارە قىلماق زۈرۈر. ئېغىزنىڭ تۇزلۇق بولۇشى بەلغەمنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ،بۇنىڭدا ئىسسىق ۋە قۇرۇق نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئېغىزنىڭ بەدبۇي بولۇشى بەدەندە بىرەر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ،بۇ ھالداسۈرگە [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

ئاپتورى : بىلگەجان ھورمۇن دىگىنىمىز بەدەندىكى مەلۇم ئاجراتما ئەزادا ئىشلىنىپ قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىدىغان ۋە قان ئارقىلىق تەسىر قىلغۇچى ئەزاغا يىتىىپ بىرىپ بەدەننىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى كۆپ خىل فىزىئولوگىيلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەيدىغان خېمىيىلىك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھورمۇنلارنىڭ بەزىدە يەرلىك (ئۆزى ئىشلەپچىقىرىلغان ئەزادا) تەسىرىمۇ بولىدۇ، لىكىن كۆپىنچە ھاللاردا باشقا بىر ئەزادىكى ھورمۇن قوبۇللىغۇچى ئاقسىلغا بىرىكىش ئارقىلىق شۇ ئەزادىكى ھۆجەيرىلەرگە مەلۇم ئۇچۇر [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

كىۋەزنىڭ چېچىكى،چىگىتى،يىلتىز پوستى،پاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ كىۋەزنىڭ چېچىكى بولۇپ،ئېچىلىپ يەرگە تۆكۈلمەستە يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.زەھرىلقۇتىنى دەپ ئاتىلىدۇ. تەبىئىتى :ھۆل ئىسسىق تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى : يۈرەككە مەنپەئەت قىلىپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش،نېرۋىنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە تىنچلاندۇرۇش،ئىششىق ياندۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. مېڭە ئاجىزلاپ ،نېرۋىسى چارچاش،يۈرىكى سېلىپ ،ئىچى تىتىلداش، بەدەن ئىششىپ ياللۇغلىنىش،تېرە قىچىشىش، كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى 5\15گرامغىچە كىۋەز چىچىكى شەربىتى [...]

بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يەرلىك شوخلىنىڭ پىشقان مېۋىسى بولۇپ، يەرلىك شوخلا، مارجان شوخلا، شوخلا، ئەنگۈرى شىفا، ئىتئۈزۈمى، ئىنەبۇسسۆئلەپ دېگەندەك ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق. خۇسۇسىيىتى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىنى ، قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارارەتنى پەسەيتىش، قان تازىلاش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش [...]

سەھىپە: خام دورىلار

1. كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-لوس ئانجىلىس نىڭ جونسون ئۇنىۋىرسال راك تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار بۈگۈن داڭلىق مىدىتسىنا ئىلمىي ژورنىلى Cancer Research (راك تەتقىقاتى) دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولغان چاشقاننىڭ ئۈچىيىدە مەلۇم تۈردىكى باكتىرىيەلەر بولسا، بۇ چاشقانلار شۇ خىل باكتىرىيەلەرگە ئىگە بولمىغان چاشقانلاردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردىكەن. بۇ ئۈچەيدىكى مەلۇم خىل مىكروبلارنىڭ ئاق قان راكىغا قارشى تۇرۇش ياكى كېچىكتۈرۈش [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

ئاغرىق ئەۋجىگە چىققاندا ئاغرىق تۇختىتىش دورىسى يىيىش كىرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ قوشۇمچە تەسىرىدىن ئەنسىرەش كىرەكمۇ ؟ يېقىندىكى بىر تەتقىقاتتا بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنىڭ ئاغرىقنى تەبئىي توختىتىدىغان ‹‹ئاغرىق توختىتىش دورىسى›› بولالايدىغانلىقىنى بايقىغان. 1. قەھۋە باش ئاغرىقىنى توختىتالايدىكەن. قەھۋەدىكى كوففىئىن ( بۇ ماددا يەنە چاي، كولا، كاكائو قاتارلىقلاردىمۇ بار) ماددىسى ھۈجەيرىلەرگە ئاغرىق ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلغۇزماي، ئاغرىق تۇيغۇسىنى يەڭگىللىتىدىكەن. شۇڭا كۆپ ئۇچىرايدىغان ئاسپىرىن دىگەندەك دورىلارغىمۇ [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

روزا ھەققىدە ﺑِﺴْﻢِ ﺍﷲِ ﺍﻟﺮﱠﺣْﻤﻦِ ﺍﻟﺮﱠﺣِﻴﻢ ِ روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋابلار 1. روزا تۇتۇش ئۈچۈن كالىندار ئەمەس،بەلكى ئاي كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. 2.رامىزان روزىسىغا تاڭ يۇرۇشتىن ئاۋال نىيەت قىلىش شەرتتۇر. 3. نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس،بەلكى دىلدا نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر. 4.نەپلى روزا ئۈچۈن شۇ كۈننىڭ پېشىن ۋاقتىگىچىلىك نىيەت قىلسىمۇ يېتەرلىكتۇر. 5.ئاز مىقداردا بىر نەرسە يىيىش بىلەنمۇ،ھەتتا بىر دانە [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

جىنسىى مۇناسىۋت (جىما) توغرىسىدا ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزى (رەھىمەھۇللاھ) جىما (ئەر- ئايال ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت)ساغلاملىقنى ئاسرايدۇ. لەززەت ۋە خوشاللىق ھاسىل قىلىدۇ ۋە جىمانىڭ يارىلىشىدىكى مەقسەتلەر ھاسىل بولىدۇ. جىمانىڭ يارىلىشىدا ئۈچ نىشان بار. 1- نەسىلنى قوغداش، ئىنسانىيەت سانىنى ئاللاھمۇشۇ ئالەمدە بەلگىلىگەن چەككە يەتكۈزۈش. 2- بەدەندە تۇرۇپ قالسا زىيان قىلىدىغان سۇ(ئىسپېرما) نى چىقىرىپ تاشلاش. 3- ئارزۇسىغا يېتىش، لەززەتكە ئېرىشىش، نېمەت بىلەن ھوزۇرلىنىش، [...]

بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش پۈتۈن دۇنيادا تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بوۋاققا ئانىنىڭ سۈتىدىن ياخشىراق ئوزۇقلۇق بار، دېگەننى دوختۇرلار ياكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت بىر قىسىم بىلەرمەن ئادەملەر ياكى بالا ئېمىتىشنى خالىمايدىغانلار ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىدىمۇ ئەسلىدىن ئوزۇقلۇق كەمچىل بولسىچۇ، سۈت چىقمىسىچۇ، ئاقىلەي-شاقىلەي دەپ گەپ توقۇشىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جاھاندا سۈتى چىقمايدىغان ئانا يوق، پەقەت بالىسىغا سۈت بېرىشنى خالىمايدىغان ياكى ئېمىتىش ھەققىدە ساۋادى [...]

تېۋىپ – ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1888-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﻳﯧﯖﯩﺌﺎﯞﺍﺕ ﻳﯧﺰﺍ ،ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻛﻪﻧﺘﻰ «ﻣﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ» ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺗﯧﯟﯨﭗ ـ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 10 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . 1898-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ » ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1912-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . [...]

سەھىپە: ھۆكۈمالار

ئۆزى قۇۋۋەتلىك ۋە ئامراق تاماقلىرىمىزدىن پولو بىلەن شورپا مۇشۇ سەۋزىسىز ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە سەۋزىنىڭ سۇلۇق، يوغان ، يىپسىز ۋە تاتلىق بولغانلىرى ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ. سەۋزىنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى سەۋزە ياكى زەدەك نامىدا، ئۇرۇقى سەۋزە ئۇرۇقى ياكى زەدەك ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سەۋزىنىڭ خېميىلىك تەركىبى: سەۋزە يىلتىزىدا كاروتىنېس، لىكوپىن، ۋېتامىن ب1،ب2 ۋە ئانتوتسيانىدىن قاتارلىقلار بار. يەنە %3-%5 كىچە قەنت، %0.7- %0.1 گىچە مايلىق [...]

سەھىپە: خام دورىلار