ئۆزى قۇۋۋەتلىك ۋە ئامراق تاماقلىرىمىزدىن پولو بىلەن شورپا مۇشۇ سەۋزىسىز ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە سەۋزىنىڭ سۇلۇق، يوغان ، يىپسىز ۋە تاتلىق بولغانلىرى ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ.
سەۋزىنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى سەۋزە ياكى زەدەك نامىدا، ئۇرۇقى سەۋزە ئۇرۇقى ياكى زەدەك ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
سەۋزىنىڭ خېميىلىك تەركىبى: سەۋزە يىلتىزىدا كاروتىنېس، لىكوپىن، ۋېتامىن ب1،ب2 ۋە ئانتوتسيانىدىن قاتارلىقلار بار. يەنە %3-%5 كىچە قەنت، %0.7- %0.1 گىچە مايلىق ياغ، ئاز مىقداردا ئۇچۇچان ماي تۇتىدۇ.
دورىلىق تەسىرى: قۇرۇق سەۋزىنىڭ ئېتىر بىلەن ئېلىنغان ماددىسى سېرىق رەڭلىك تەركىب بولۇپ ، بۇ ئۆرۈك مېغىزى يېغىدا ئېرىيدۇ. بۇنى ئادەم ياكى توشقانلارغا ئۇكۇل قىلسا ، قاندىكى قەنت كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلەيدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى: تەبىئەتنى، يۈرەك ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئىچىنى يۇمشىتىش ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرۈش، رەئىس ئەزالارنى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش ، سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەلنى پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىقلار.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، يۆتەل ، زىققە ، ئۆپكى ئىششىقلىرى، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش ، بۆرەك ۋە دوۋساق تاش كېسىلى، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
سەۋزىنى قوقاستا پىشۇرغاندىن كېيىن ، قەلەمچە قىلىپ كېسىپ ، كېچىسى شەبنەمدە قويۇپ، ئەتىگىنى شېكەر ياكى ناۋات بىلەن قوشۇپ بىر نەچچە كۈن يەپ بەرسە ، يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.
سەۋزىنى شۇ پېتى ئىستىمال قىلسا ياكى ئۇنىڭدىن مۇراببا تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەرەق تارتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.
سەۋزە شەربىتى تەييارلاپ ئىچسە يۈرەك، ئۆپكە، جىگەرلەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆتتىكى تاشنىڭ چۈشۈشىنى تېزلىتىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، مەنىي كۆپەيتىدۇ ۋە بەدەننى سەمرىتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : مۇۋاپىق.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تەستە ھەزىم بولىدۇ، تۈزەتكۈچىسى گۆش.
ئورۇنباسارى : چامغۇر.
پىششىق دورا ياسالمىسى: سەۋزە شەربىتى ۋە سەۋزە مۇرابباسى.
- مەھسۇلاتلار (2)
- نەزەرىيەلەر (9)
- نەپەس يولى كېسەللىكلىرى (5)
- دورىگەرلىك نەزەرىيەسى (7)
- خام دورىلار (11)
- ئەرلەر كېسەللىكلىرى (9)
- ئاياللار كېسەللىكلىرى (8)
- كىتابلار (1)
- ھۆكۈمالار (2)
- قارابادىن(پىششىق دورا) (17)
- باش ۋە مېڭە كېسەللىكلىرى (5)
- يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى (2)
- ئاشقازان كېسەللىكلىرى (2)
- جىگەر-ئۆت-تال كېسەللىكلىرى (2)
- بالىلار كېسەللىكلىرى (5)
- تاشقى ئەزا كېسەللىكلىرى (0)
- بۆرەك-دوۋساق كېسەللىكلىرى (1)
- بۇغۇم كېسەللىكلىرى (2)
- ئۈچەي-مەقئەت كېسەللىكلىرى (1)
- تۇرمۇش ساۋاتلىرى (3)
- جاھىل كېسەللىكلەر (2)
- ئۇنىۋېرسال (21)