تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

glasبۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى چاتقال دەرەخ گىلاسنىڭ مېۋىسى بولۇپ تەمى چۈچۈمەل،ئۆزى قىزىل بولىدۇ.
Tomenin خېمىيىلىك تەركىبى: ، (

Catehin گىلاس گىلۇكوزىدى

C ۋېتامىن Amygdalin Glcose Cenkwanin Sakuranetin

، مېۋە قەنتى ، بىر نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار

فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: قىزىتما قايتۇرۇش ، قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق .

خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىقى ماددىسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش ،

قان تازىلاش،تېرىنى قۇۋۋەتلەش ، ئۇنىڭدىن باشقا قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، كۆكرەكنى بوشىتىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈش،ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ، تۇتۇش ۋە پارقىرىتىش.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يېڭى ۋە تاتلىق گىلاس گال ۋە كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكى ، يۆتۈل ۋە قەۋزىيەت ئۈچۈن ، چۈچۈمەل گىلاس قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

گىلاس تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:

قۇرۇغان تاتلىق گىلاسنى بەدىيان بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

گىلاس سۈيىنى يۈزگە سۈركەپ بەرسە پارقىراق قىلىدۇ.

گىلاس شەربىتى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، بكرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ . (شەربەت تەييارلاش بۇ تېمىنىڭ بېشىدا يەنى ئالمىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلدى ، شۇ بويىچە تەييارلانسا بولىدۇ).

تاتلىق گىلاسنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا گال قۇرۇش ، ئۇسسۇزلۇق ، كۆكرەك ۋە گال يىرىكلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : 2-4 تال

زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى : قارىمۇچ ۋە تۇزلۇق تاماقلار.

ئورۇنباسارى: ئەينۇلا



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....