تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار باھار پەسلىدە سۈرگە ئىچىش، قان ئالدۇرۇشقا بولىدۇ.لېكىن قان ئالدۇرۇشتا كۆپ ئېھتىياتلىق بولۇش ،ھۆل ئىسسىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ياز پەسلىدە كۆپرەك تاماقلىنىش، ئەمما ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش،مۇۋاپىق دەم ئېلىش، ئاپتاپنى توسىدىغان ئاق دوپپا، چىغ قالپاق، ئاق ياغلىققا ئوخشاش نەرسلەرنى ئىشلىتىش،ھارارەتنى پەسلىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بېرىش [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

تېبابەت ئۆلچەملىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى كلوگرام 32سەر 1000گرام سەر 10 مىسقال 31.250گرام مىسقال 10فۇڭ 3.125گرام فۇڭ 10لى 0.312گرام

يەل توغرىسىدا ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسى مەسئۇل ۋىراچى ئالىمجان ئىسمايىل ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ‹‹يەل ›› دېگەن ئاتالغۇ دائىم دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئاددى بىر ئېغىز سۆزدەك قىلسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەشكەن. ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئادەم بەدىنىدىكى بەزى غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېيتىشقا ئەپلىك، مەنىسى كەڭ بولغان بۇ ئاددى ئىبارە بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن . ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

قەدىمكى ۋەسىقىلەردە ئۆپكە كېسەللىكىگە دائىر بايانلار كۇچادىن تېپىلغان سانسىكرىت يېزىقىدىكى تېبابەتچىلىككە دائىر ئۈچ قىسىملىق ۋەسىقە ھەققىدە ئابلىز مۇھەممەت سايرامى ‹‹باۋېر قوليازما نۇسخىسى››نىڭ ئىككىنچى قىسىم 160-161 –بەتلىرىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن:پاكىز قاچىغا سېرىق مېۋىلىك پېدىگەننى سىقىپ ،سۈيىنى چىقىرىپ تۆرت لىتىر پېدىگەن سۈيىگە بىر لېتىر سېرىقماينى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىلىدۇ، ئاندىن ئۈچ خىل ئىسسىقلىق دورا ،چۈرۈك كەترەن، ئوغرىتىكەن،جۇخارگۈلىنى يۇقىرىقى قايناتمىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم دورا ياسىلىدۇ. بۇ رېتسىپ [...]

بۇ ئاشقازانغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى ياكى مېڭىدىن ئاشقازانغا چۈشكەن نەزلىنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاندا زەخمە ۋە مۇدۇر چاقىلار پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر . بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى : دەم سىقىلىش ، ھوشسىزلىنىش ، قول – پۇت سۇۋۇپ كېتىش ، ھەزىم ناچارلىشىش ، ھەزىم بۇزۇلۇش ، سېسىق كېكىرىش ، زېھنى ئېغىر بولۇش ، ئېغىزغا مۇدۇر – چاقىلار چىقىش ، تامغاق [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

ئىسلام دىنىنىڭ تاھارەت ۋە نەسىل ئەزالىرى ساغلاملىقىغا دائىر ئەھكاملىرى ۋە ئۇنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىسى ablitip007 (ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن) ئىسلام دىنى ھەممە تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ توغرا دىن بۇلۇپ،ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭ. ئۇ بىزگە تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئۇنىڭ تەششەبۇس قىلغان ھەر قانداق ئىشىدا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكتە

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

تۆت خىلىتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى سەپرانىڭ ئۆزگىرىشى بەش تۈرلۈك بولىدۇ: 1. سەپراغا سۇيۇق ھۆللۈك ئارىلاشسا سەپرائى مۇررىئە يەنى ئاچچىق سەپرا دېيىلىدۇ؛ 2. سەپراغا قۇيۇق ھۆللۈك ئارىلاشسا سەپرائى مۇھىيە يەنى ساپ سەپرا دېيىلىدۇ؛ 3. سەپراغا ئازغىنە غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ئارىلاشسا سەپرائى مۇھتەرىقە يەنى كۆيگەن سەپرا دېيىلىدۇ؛ 4. سەپرائى مۇھتەرىقىگە سەپرائى مۇررىئە ئارىلاشسا سەپرائى كۇرراسى يەنى كۈدە رەڭلىك سەپرا دېيىلىدۇ؛ 5. سەپرائى مۇھتەرىقىگە [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر