تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

تۆت خىلىتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى

سەپرانىڭ ئۆزگىرىشى بەش تۈرلۈك بولىدۇ:

1. سەپراغا سۇيۇق ھۆللۈك ئارىلاشسا سەپرائى مۇررىئە يەنى ئاچچىق سەپرا دېيىلىدۇ؛

2. سەپراغا قۇيۇق ھۆللۈك ئارىلاشسا سەپرائى مۇھىيە يەنى ساپ سەپرا دېيىلىدۇ؛

3. سەپراغا ئازغىنە غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ئارىلاشسا سەپرائى مۇھتەرىقە يەنى كۆيگەن سەپرا دېيىلىدۇ؛

4. سەپرائى مۇھتەرىقىگە سەپرائى مۇررىئە ئارىلاشسا سەپرائى كۇرراسى يەنى كۈدە رەڭلىك سەپرا دېيىلىدۇ؛

5. سەپرائى مۇھتەرىقىگە سەپرائى مۇررىئە بەك ئىسسىق ھالەتتە ئارىلاشسا سەپرائى زەڭگارى يەنى سۈسۈن رەڭلىك سەپرا دېيىلىدۇ.

قاننىڭ ئۆزگىرىشى تۆت تۈرلۈك بولىدۇ:

1. قاننىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش؛

2. قاننىڭ قىيامى بەك قۇيۇلۇپ كېتىش؛

3. قان بەك سۇيۇق بولۇپ كېتىش؛

4. قاندا سېسىق پۇراق پەيدا بولۇش؛

بەلغەمنىڭ ئۆزگىرىشى بەش تۈرلۈك بولىدۇ:

1. بەلغەمگە ئازغىنە قان ئارىلاشسا بەلغىمى شىرىن دېيىلىدۇ؛

2. بەلغەمگە سەپرائى مۇھتەرىقە ئارىلاشسا بەلغىمى شور دېيىلىدۇ؛

3. بەلغەمگە ئازغىنە ئىسسىقلىق تەسىر قىلسا بەلغىمى تۇرۇش يەنى ئاچچىق بەلغەم دېيىلىدۇ؛

4. بەلغەمگە ئازغىنە سەۋدا تەسىر قىلسا بەلغىمى زۇمخەت يەنى قېرىق بەلغەم دىيىلىدۇ؛

5. سۇيۇقلۇق بەلغەمدىن كۆپ بولسا بەلغىمى تەبە يەنى تەمسىز بەلغەم دېيىلىدۇ؛

سەۋدانىڭ ئۆزگىرىشى بەش تۈرلۈك بولىدۇ:

1.سەۋدائى تەبىئىينىڭ ئۆز مىقدارىدىن ئېشىپ كىتىشى؛

2. سەۋدانىڭ كۆيۈشى؛

3. كۆيگەن قاننىڭ سەۋداغا تەسىر قىلىشى؛

4. كۆيگەن بەلغەمنىڭ سەۋداغا تەسىر قىلىشى؛

5. كۆيگەن سەپرانىڭ سەۋداغا تەسىر قىلىشى؛

ھەر قانداق خىلىت ــ دەيدۇ ھۆكۈمالار، ـــ كۆيگەندىن كېيىن سەۋدائى غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. خىلىت كۆيدى دېگىنىمىز مۇنداق : ئۇ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى يۇمشاق، سۇيۇق قىسىملىرى تارقاپ كىتىپ، قالغىنى قۇيۇلۇپ ئۆز جىنسىدىن چىقىپ كېتىدۇ .

بەدەننىڭ ساق تۇرۇشى تۆت خىلىتنىڭ ساق تۇرۇشىغا باغلىق.

تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى.

يۈسۈپ ھاجى قەشقىرىنىڭ ‹‹قانۇنچە ›› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....