تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

باھار پەسلىدە سۈرگە ئىچىش، قان ئالدۇرۇشقا بولىدۇ.لېكىن قان ئالدۇرۇشتا كۆپ ئېھتىياتلىق بولۇش ،ھۆل ئىسسىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ياز پەسلىدە كۆپرەك تاماقلىنىش، ئەمما ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش،مۇۋاپىق دەم ئېلىش، ئاپتاپنى توسىدىغان ئاق دوپپا، چىغ قالپاق، ئاق ياغلىققا ئوخشاش نەرسلەرنى ئىشلىتىش،ھارارەتنى پەسلىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بېرىش لازىم.قۇستۇرىدىغان دورىلار بىلەن قەي قىلىشقا بولىدۇ.

كۈز پەسلىدە بەدەننى قۇرىتىدىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ، سۇغاق سۇ ئىچىش، سالقىن يەردە ئۇخلاش، كەچتە ئىسسىق ئىسسىق ئۆتۈش، ئەتىگەندە ۋە كەچتە سوغاق تىگىش، بۇزۇلغان مېۋىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم. بەدەننى ھۆل قىلىدىغان ۋە قىززىتىدىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك.

قىش پەسلىدە قان ئالدۇرۇشقا، قەي دورىسى ئىچىشكە بولمايدۇ. ئەمما سۈرگە دورىسى ئىچسە بولىدۇ.مۇھىمى تاماقنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

ھۇت، ھەمەل، سەۋر ئايلىرى باھار؛جەۋزا، سەرتان، ئەسەد ئايلىرى ياز پەسلى؛ سۇمبۇلە، مىزان، ئەقرەب ئايلىرى كۈز پەسلى؛ قەۋس ،جەدى، دەلۋە ئايلىرى قىش پەسلى ھېسابلىنىدۇ.

قانۇنچە ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....