تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

يەل توغرىسىدا

ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسى مەسئۇل ۋىراچى ئالىمجان ئىسمايىل

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ‹‹يەل ›› دېگەن ئاتالغۇ دائىم دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئاددى بىر ئېغىز سۆزدەك قىلسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەشكەن.

ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئادەم بەدىنىدىكى بەزى غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېيتىشقا ئەپلىك، مەنىسى كەڭ بولغان بۇ ئاددى ئىبارە بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن . ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ خەلق ئاممىسى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بۇ ئاتالغۇنى قۇبۇل قىلىپ(مەنچە خەلق ئاممىسىغا تېۋىپلاردىن قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن) نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ناملىرىنى شەرھىلىگەن.شۇڭا مەن بۇنىڭغا ئەستايىدىل ، توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، ئىزدىنىپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىز لازىم دەپ قارايمەن.

تۆۋەندە مەن ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، كەسپداشلىرىم پايدىلانسا ھەم قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەرسە بولىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ‹‹يەل›› تۈتۈنگە ئوخشاش بىر جىسىم دەپ پەرەز قىلىنىپ ، ككپىنچە بەلغەم ۋە سەۋدادىن پەيدا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا تېگىشلىك رولى بولمىسىمۇ ، لېكىن كېسەللىك پەيدا قىلىشتا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە. يۈسۈپ ھاجى قەشقىرىنىڭ ‹‹قانۇنچە›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ يەل بولسا سەۋدا بىلەن بەلغەمنىڭ ھورىدىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇ مۇستەقىل خىلىت ئەمەس ،شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھاياتلىققا لازىمى يوق›› دېيىلگەن. ئەمما ئابدۇكېرىم تۇرسۇنتوختى، ھەسەنجان قاسىم ، مۇھەممەد ئابدۇللالار تۈزگەن‹‹ يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ›› ناملىق كىتابىدا‹‹ يەل ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان سىرتقى مۇھىتتىن قۇبۇل قىلىنغان ھەمدە بەدەن ئىچىدىكى خىلىتلارنىڭ ھاسىل بولۇش ۋە سەرپ قىلىنىش جەريانىدا ئۆزلۈكسىز ھاسىل بولۇپ ، ئۇمۇمىي جەھەتتە ئورگانىزمدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ بەدەن ئىچى ۋە سىرتىنىڭ بېسىمىنى تەڭشەش ئارقىلىق بەدەن ۋە ئەزا-توقۇلمىلارنىڭ نورمال شەكلى ۋە ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، قۇۋۋەت ۋە روھلارنىڭ ھاسىل بولۇشىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئاخىرىدا يەنە ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ تۇرىدىغان بەلگىلىك مىقدار ھەم كەيپىياتقا ئىگە بولغان گاز ھالەتتىكى ئۇچۇچان ماددىدىن ئىبارەت ›› دېيىلگەن. (شۇ كىتابلارغا قارالسا بولىدۇ).

يەلدىن بولغان كېسەللىكلەر ئادەتتە سۇغۇق يەلدىن پەيدا بولغان ‹‹يەل كېسىلى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ‹‹يەل›› دېگەن ئاتالغۇ مېنىڭچە تۆۋەندىكىلەرگە قارىتىلغان:

1. ئادەتتىكى يەل، ھاۋا، گاز دېگەن ئۇقۇملارغا قارىتىلغان . مەسىلەن: يەل سانجىش، يەل قۇيۇۋېتىش قاتارلىقلار …..

2. قورساق كۆپۈشكە يەنى مەلۇم سەۋەبلەردىن ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرگە يەل يىغىلىۋېلىشقا قارىتىلغان، مەسىلەن: يەلدىن قورساق كۆپۈش قاتارلىقلار…

3. بىرەر ئەزانىڭ سۇغۇقلۇق تەسىرىدىن سىقىراپ سانجىپ ئاغرىشىغا قارىتىلغان. مەسىلەن: تاغاق، مۈرە ياكى بۇغۇملارغا يەل تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلار…

4. مەلۇم يۇقۇملۇق كېسەلگە ياكى بىرەر ئەزانىڭ ئۇفۇنەتلىشىپ ياللۇغلىنىشىغا قارىتىلغان . مەسىلەن: سېفلىسنى يەل كېسەل، بۇرۇنغا يەل چۈشۈشنى يەل يارا دېيىش ۋە بالىياتقۇدىكى يەللىك ئىششىق قاتارلىقلار ….

5. يېرىقتىكى بەزى كېسەللەرنى يەل كېسىلى دەپ ئاتاشقاق قارىتىلغان. مەسىلەن: پەقەت، يەل كىندىك قاتارلىقلار……

6. يەل پەيدا قىلىدىغان بەزى يېمەك –ئىچمەكلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، سۇغۇق، خام ۋە غىدىقلىغۇچى نەرسىلەر، قازان نېنى، قۇرۇما، ئۆچكە گۆشى، كالا گۆشى، تەستە ھەزىم بولۇپ ، يەل پەيدا قىلىدىغان، قورساقنى كۆپتۈرۈپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىغا ھەتتا ئېغىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

7. يۇقۇملۇق كېسەلدىن ياكى تۇغۇتتىن قېلىپ قالغان كېسەللىك ئاسارەتلىرىگە قارىتىلغان . مەسىلەن ؛ كىچىك بالىلاردا قىزىلدىن كېيىن پەيدا بولىدىغان كۆز قىزىرىش ، تىلى ئۇيۇلۇش، تۇغۇتتىن كىيىن ياخشى كۈتۈنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان قول-پۇت ئاغرىش قاتارلىقلار قىزىلدىن قالغان يەل ۋە تۇغۇتتىن قالغان يەل دەپ ئاتىلىدۇ.

8. بەدەندە يەل تاشقانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ كۆپىنچە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ياكى سىرتقى جەھەتتىكى مەلۇم نەرسىلەرگە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بولىدىغان تېرىگە يەل تاشما ئۆرلەش نەزەردە تۇتۇلىدۇ، مېسىلەن ئېشەك يىمى قاتارلىقلار…….

9. ھەزىم قىلىش بۇزۇلۇپ ئاشقازاندىكى يەللەرنىڭ ئاشقازان دىۋارىدىكى ئەسەبلەر ئارقىلىق مېڭىگە تەسىر قىلىپ ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقتىن، باش چىڭقىلىش، باش قېيىش ۋە باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلغانلىقىغا قارىتىلغان . بۇ ئاشقازاندىن مېڭىگە يەل –بۇخارات ئۆرلەش دەپ ئاتىلىدۇ.

10. ئەسەب (نېرۋا ) ئاغرىش ۋە پالەچلىنىشكە قارىتىلغان . مەسىلەن : قۇۋۇرغا ئارىلىق نېرۋا ئاغرىشىنى قۇۋۇرغىغا يەل تۇرۇپ قېلىش؛ ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقىنى پۇتقا يەل چۈشۈش؛ لەقۋا ياكى پالەچ كېسىلىنى شامال دارىش دەپ ئاتاش قاتارلىقلار .

ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسى مەسئۇل ۋىراچى ئالىمجان ئىسمايىل

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى 1991- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى. تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى

يەل ئۆزى يۇقىرىقىدەك سەۋدا ۋە بەلغەمنىڭ ھورىدىن پەيدا بولسىمۇ ئەمما نورمالسىز يەل يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشىدىن ئېچىشى؛ ھەزىم بولۇشى تەس يېمەكلىكلەر؛ ئۇفۇنەتلەنگەن ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن لاياقەتسىز ئۇزۇقلۇقلار ۋە شۇنداقلا ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزۇلۇشى، ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، روھىي نەفسانى، قۇۋۋىتى نەفسانى؛ روھىي ھايۋانى ، قۇۋۋىتى ھايۋانى؛ روھى تەبىئىي، قۇۋۋىتى تەبىئىيدىن ئىبارەت روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ كېمىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشى ، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ ، پەيدا بولۇش سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قۇيۇق يەل، سۇغۇق يەل، ئىسسىق يەل، ھەرىكەتسىز يەل ۋە ھەرىكەتلىك يەل دەپ بەش تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئەسلى مەقسەد ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ يۇقارقى ماقالىسىنى يوللاش بولغاچقا يەلگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلاردىن قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپلا تەپسىلىي يازمىدۇق.

تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....