مەرھابا، بۈگۈن
ئاشقازان يارىسى ۋە ئۇنى داۋالاش
تەۋە تۈر: ئۇنىۋېرسال | يوللانغان ۋاقتى: 2012/12/29 | كۆرۈلۈشى: 25 قېتىم

بۇ ئاشقازانغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى ياكى مېڭىدىن ئاشقازانغا چۈشكەن نەزلىنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاندا زەخمە ۋە مۇدۇر چاقىلار پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر .

بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى : دەم سىقىلىش ، ھوشسىزلىنىش ، قول – پۇت سۇۋۇپ كېتىش ، ھەزىم ناچارلىشىش ، ھەزىم بۇزۇلۇش ، سېسىق كېكىرىش ، زېھنى ئېغىر بولۇش ، ئېغىزغا مۇدۇر – چاقىلار چىقىش ، تامغاق ۋە تىلى قۇرۇق بولۇش ، كۆڭۈل ئاينىش ، قەي كۆپ بولۇش ، يەڭەىل قىزىتما بولۇش ، ئاشقازان ساھەسىدە ئاغرىش ۋە ئېچىشىش بولۇش ، چۈچۈمەل ، ئۆتكۈر تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش ، چوڭ تەرەت يىرىڭ ئارىلاش چىقىش قاتارلىقلار….

داۋالاشتا : يىرىڭنى تازىلاش ئۈچۈن مائۇلھەسەل ئىچۈرۈش ، ئەگەر ھارارەت كۆپ بولسا يىرىڭنى تازىلاش ئۈچۈن شېكەر سۈيى ۋە ئارپا سۈيى بېرىش كېرەك . ئۇنىڭدىن كېيىن يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن خۇنسىياۋشان ، كۇندۇر 9 گرامدىن ، گىل ئەرمىنى 5 گرام ، ئانار گۈلى ، كەھرىۋا ، قىزىلەۈل 4 گرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ يۇقارقى دورىلار بىلەن تەڭ مىقداردىكى ئالما قىيامى ۋە بىھى قىيامى بىلەن بېرىش كېرەك .

كۇندۇر ، كەھىربا ، خۇنسىياۋشان ، گىل ئەرمىنى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ 8 گرامنى 24 گرام خەشخەش شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ 108 مىللىلىتر ئەرقى گۈل ۋە 36 مىلىلىتىر نامازشامگۈل شەربىتى بىلەن ئىچۈرۈش كېرەك . [ ئىكسىرى ئەزەم]

ئاشقازاندا پەيدا بولغان يېڭى يارا پۈرۈشتۈرگۈچى (قورۇغۇچى، يىغقۇچى) دورا بىلەن داۋالىنىدۇ . كېسەلگە تىز ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بېرىلىدۇ . زەنگار ، قۇغۇشۇن ئۇپىسى ، تۇتىيا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر قۇشۇپ كونا يارىغا ئىشلىتىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . دەسلەپتە ئاشقازاندىكى يارىنى ھەسەل سۈيى ۋە گۇلاپ بىلەن تازىلاش كېرەك ، بېراق تازىلىغۇچى دورىلار كۈچلۈك بولۇشى كېرەك ئەمەس ، چۈنكى ئۇ كۈچلۈك بولسا پايدا قىلىشتىن كۆرە ئاشقازاننى قوزغىتىپ زەرەر يەتكۈزىدۇ ۋە يارا قىلىدۇ . ئەكسىنچە دورىلارنىڭ تازىلاش ۋە يۇيۇش تەسىرى تۆۋەنگە قارىتىلغان بولۇشى كېرەك . ئەگەر ئۇيۇلۇش ۋە ئۆلۈك ئەت بولسا ، ئۇنى ئۆلۈك ئەتنى تازىلايدىغان ، ئەت پۈتتۈرىدىغان ، ۋە ئۈندۈرىدىغان دورىلار بىلەن دورىلار بىلەن داۋالاش كېرەك ، شۇنداق يارىغا ئايارەنچى پەيقىرا ئىنتايىن مۇۋاپىقتۇر ( ئەت – گۆش) شەيخ ~ ئىبىن سىنا – ئەلقانۇن فىت – تىب

مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كەھرىبا ، سۇپۇپى بىخ مارجان ، سۇپۇپى سەنگدانە ،جاۋارىش ئۇد شېرىن ، جاۋارىش مىسكى، ئىتتىرىيفىل كەشنىز ، ئىتتىرىيفىل كەبىر ، جاۋارىش كۇمۇنى ، جاۋارىش ئامىلە ، جاۋارىش پەنجىنۇش ، ياڭاق مۇرابباسى ، قىزىل گۈل ۋە پىننە گۈلقەنتلىرىدىن بىر ياكى بىر نەچچىسىسنى تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئىستىمال قىلىش كېرەك

ئاشقازان يارىسىغا شىپالىق بىر نەچچە تالقان :

1) مەستىكى رۇمى بىلەن مۇرردىن 12 گرامدىن ئېلىپ ، يۇمشاق سۇقۇپ كۈندە ئىككى ۋاخ 0.3~0.6 گرامغىچە ئىچۈرۈلسە ئاغرىق توختىتىدۇ . قاننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ، يارىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

2) چۈچۈكبۇيىنى ئاقلىۋېتىپ يۇمشاق سۇقۇپ بىر قۇشۇقتىن كاپ ئېتىپ بېرىلىدۇ.

3) كۆپۈكى دەريادىن ئالتە گرام ، كۆيدۈرۈلگەن زەمچىدىن 15 گرام ، چۈچۈكبۇيىدىن 30 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئىككى ۋاخ 3-4 گرمغىچە ئىستىمال قىلىپ بېرىلىدۇ.

4) كۆپۈكى دەريا 15 گرام، مۇرر 15 گرام ، موزا 30 گرام ۋە چۈچۈكبۇيىدىن 30 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ كۈندە ئۈچ ۋاخ ئۈچ گرامدىن كاپ ئىتىپ بېرىلىدۇ.

5) ئاشقازان ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتسە ئارپىبەدىيان ، زەنجىۋىل، بىخسۇس قاتارلىقلاردىن 9گرام ، يالپۇزدىن ئالتە گرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ 5گرامدىن كاپ ئېتىپ بېرىلىدۇ . تاماقتىن كېيىن ئاشقازان ئاغرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاماقتىن بەش مىنۇت بۇرۇن 3 گرام كاپ ئىتىلىدۇ .

6) بىھىنى تازىلاپ ئۇرۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ ، سىقىپ ، ئېلىنغان سۈيىدىن بىر جىڭغا يېرىم جىڭ ھەسەل قۇشۇپ چوغ ئۈستىدە قويۇپ ، كۆپۈكىنى ئېلىپ تاشلاپ زەنجىۋىل ، كۆپۈكى دەريا ، موزا 15 گرام ، دارچىن ئالتە گرام ، ۋاڭ ئۇرۇقىدىن 3 گرامنىڭ تالقانلاپ قىيامغا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ . بۇ ئىنتايىن پايدىلىق نۇسخا .

7) ئاشقازان بەك ئاغرىپ كەتكەندە خەشخەش شەربىتىدىن 2-3 قۇشۇق ئىچىپ بەرسە ئاغرىق شۇ ھامان توختايدۇ .(بۇ شەربەتنى كۆپ ئىچىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك ).

8) كەچلىك تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى 50 گرام ھەسەلنى ئىلمان قايناق سۇدا ئېرىتىپ ، ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    ئەزا مەركىزى