تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەتراپىمىزدىكى سۈنئىي ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارمۇ كۆپەيمەكتە. تۆۋەندە توختىلىدىغىنىم دەل شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سودا تەركىبلىك ئىچىملىكلەر، مەسىلەن كوكا-كولا توغرىسىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ زىيىنى.

گەرچە خەلقارادا بۇ مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، زىيانلىق تەركىبلەرنىڭ ئورنىغا زىيانسىز تەركىبلەر قوشۇلۇشقا ھەرىكەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا تېخى «ئاتلار ئورۇق، يول يىراق». شۇڭا تورداشلارنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ا

1. ڧوسڧورىك كىسلاتالار سۆڭەك تەركىبىنىڭ شالاڭلىشىنى ۋە چىشنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. زىيادە تاتلىق سۈنئىي تېتىتقۇچىلار سىزدە سوداغا ئىچىملىكلىرىگەخۇمارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ..

3. شىكەر قىيام رەڭ ماددىسى خىمىيىۋى بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ(كۆپىنچە سودا ئىچىملىكلىرىدە، جۈملىدىن كوكا-كولا دىگەندەكلەر)، ئەمما ئۇنى تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلىتىشنىڭ ئۆسمە كىسەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخى بايقالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر خىل گىرىم بۇيۇمى تەكىبىدۇر.

4. ڧورمالدىھايد— ئۇ بىر خىل ئۆتكۈر ئۆسمە كىسەل پەيدا قىلغۇچى خىمىيىۋى بىرىكمە، ئۇ سوداغا قېتىلمىغان بولسىمۇ ئەمما سودائىچىملىكلىرى تەركىبىدىكى ئاسپارتېيم (بىرخىل سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن شىكەر) ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم بولغاندا، ئىككى ئامىنو كىسلاتاسى، مېتانول ۋە ڧورمىك كىسلاتا–ڧورمالدىخيدقاپارچىلىنىدۇ.

5. كۆممە قوناق مىۋە شىكىرى شىكەردىن قويۇلدۇرۇلىدۇ،يەنە بىر تەركىب مىۋە شىكىرى كۆممە قوناقتىن قويۇلىدۇرۇلىدۇ، بۇلار سىزنى ئاسانلا سەمرىتىۋىتىدۇ، شۇنداقلا بۇلار قان تەركىبىدىكى خولىسترول ۋە ترىگلىتسىرىد تەركىبىنى ئىلگىرىلىتىپ، سىزنىڭ تويماسلىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. كالىي بېنزولات— بىر خىل چىرىشكە قارشى خىمىيىۋى تەركىب بولۇپ، بەدىنىڭىزدە بېنزولنىڭ جۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەندىكى جۇغلانما بېنزول ئۆسمە كىسىلىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

7. يىمەكلىك بويىقى—مىڭە خىزمىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ،زىيادە ئاكتىپلىق، دىققىتىنى بىر يەرگە يىغالماسلىق، ئۆزىنى تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت بېشىمدىن ئۆتكەن، ئۆزۈمدە تەجرىبە قىلغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم.

ئامرىكىنىڭ NCIS دىگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى قەۋەتلا ياقتۇرۇپ كۆرىمەن، ھەر بىر يېڭى قىسىمى چىققۇچە كۆزۈم تەشنا، شۇ تېلىۋىزىيەدە، جىنايى ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئەبىي شۇتو خانقىز بىر خىل Caf-Paw دەيدىغان ئىچىملىككە زىيادە ئامراق، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇ خىزمىتىگە تېخىمۇ تېتىك ھالەتتە ئۆزىنى بېغىشلاش ئۈچۈن، دائىم يوغان بوتۇلكىسىدا Caf-Paw سىنى ئىچكىنى ئىچكەن.

ئۆزۈم بىر بىئو-خېمىك بولغاچقىمۇ، بۇ ھەقتە مەن بەك قىزىقىپ قالدىم، چۈنكى مېنىڭ قولۇمدىمۇ بىر تالاي ئىشلار باردى، گەرچە كۈنىگە 14~16 سائەت ئىشلەۋاتقان بولساممۇ، ئەمما ۋاقتىم يىتىشمەيۋاتقاندەك، شۇڭا بۇ ئىچىملىكنى نەدىن بولسا ئىزدەپ تېپىپ، بىر ئىچىپ كۆرۈش قارارىغا كەلدىم. ئەمما توردىن ئىزدىسەم بۇ خىل ئىچىملىك شۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرى ئۈچۈن سۈنئىي ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئىكەن. ئەمما ئەبىيخاننىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلسام، بۇنىڭ ئاسالىق تاركىبى كەڧىين (قەھۋە ماددىسى) ۋە سودانىڭ بىرىكمىسى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، شۇ ھەقتىكى بازاردىكى ئىچىملىكلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم، قىزقارلىقى ئەتراپىمىزدا پۈتۈنلەي شۇنداق ئىچىملىكلەر تولۇپ- تېشىپ ياتقانكەن ئەمەسمۇ، تىپىك مىسالى دۇنياغا داڭلىق قىزىل كالا ئىچىملىكى….

شۇنىڭ بىلەن مانا «دوستۇم»، ئىچىشىڭنى بىل، كۈچ قۇدرىتىمنى بىر ئۇرغۇتۇپ، تازا بىر ئىشلەپ باقاي دەپ كۈنىگە 1-2 دىن ئىچىشكە باشلىدىم، دەسلىۋىدە ياخشى ئۈنۈم بەردى، ھەقىقەتەن روھلۇق تېتىك يۈردۈم، ئەمما بىرەر ئايلار ئۆتكەندىن كىيىن، يۈرەك سوقۇشۇم سەل قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى، ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقىدا، كىچە سائەت ئۈچ بولغان ۋاقىت ئىدى، سىرتتا گۈلدۈرمامىلىق، چاقماقلىق يامغۇر، ئەنە شۇ ۋاقىتتا يۈرىكىم قاتتىق ئېغىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، بىردەم- بىردەم يۈرىكىم سوقۇشى توختاپ قالدى، «ئاللاھ» دەيتتىم ئىچىمدە،ئۇستازىمغا تېلىڧون قىلاي دىسەم، تېلىڧونىمنى ئېلىشىمغا ھەم مادارىم يوق ئىدى، شۇ خىل ھالەتتە سائەت بەشكىچە ئولتۇرۇپلا قالغانچە قىمىرمۇ قىلالمىدىم، كۆڭلۈمدە تۈمەنمىڭ خىيال ۋە ئەندىشە، «مۇشۇ تائىپلارنىڭ ماكانىدا بىرەر ئىش بوپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن، بىرەر ئىش بولسا، ھەتتا ئىڭىكىمنى تېڭىشقىمۇ بىرەرسى يوق» دەيتتىم ئىچىمدە، كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلاتتى، ئەمما شۇ ھالەت، بەلكىم بۇ چەتئەلدە ياشاش ۋە ئوقۇش ئۈچۈن بەدەل بولسا كېرەك… سائەت بەشلەر بولغاندا چاقماقمۇ توختىدى، مەن بىر ئامال قىلىپ كارىۋاتقا چىقىۋالدىم، شۇ بويىچە ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلىمەن، كۆزۈمنى ئاچسام چۈش بولاي دەپتۇ، «خۇداغا شۈكرى، ھاياتكەنمەن» دىدىم ئىچىمدە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، خىزمىتىمگە چىقتىم،شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتتى، بەلكى ۋاقىتلىق شۇنداق ئەھۋالدۇ، دەپ پىسەنت قىلماي، ئىشلەپ يۈردۈم. ئەمما بىر كۈنى كەچ سائەت 11 لەردە تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋەتسام، يۈرىكىم يەنە تۇيۇقسىز سوقۇپ كەتتى،شۇ چاغدىلا ئامالسىز تەجرىبەمنى توختىتىپ، ئۇستازىمغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ دوختۇر بولغاچ مېنى بىر قۇر تەكشۈردى، ئەمما تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ زۆرۈر بولغاچقا، چوڭ دوختۇرخانىغا خەت قىلىپ بەردى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىپ بىر كىچە ياتتىم، قان ۋە يۈرەك رېتىمىمنى تەكشۈرۈشتى، ئەمما قىزىقى ھەممىسى نورمال.

ئەتىسى دوختۇرخانىدىن چىقىپلا، بىرىنچى بولۇپ، مەندىكى بۇ خىل ھالەتنىڭ سەۋەپچىسىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. چۈنكى بۇ خىل تۇيۇقسىز بىنورمال ھالەت مەندە بارغانسىرى تەشۋىشكە ئايلانغان ئىدى. تۇرمۇش ئادىتىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم، «زادى نەرى چاتاقتۇ؟» دەپ ئويلايتتىم، قارىماققا، بىر خىزمەت بېسىمىدىن باشقا ھەممە ئىش نورمالدەك ئىدى، چوڭ پەرق يوق، بىردىنبىر پەرق پەقەت ۋاقىتلىق چەككەن تاماكام بىلەن ئىچكەن «ئېنىرگىيە ئىچىملىكلىرى» بولدى. تاماكىنىڭ زىيىنىنىغۇ بىلىمەن، ھەم ئۇنى پەقەت نەچچە ئايلا ۋاقىتلىق چەكتىم، ئەمما بۇ ئېنىرگىيە ئىچىملىكىدە نىمە گۇناھ؟ تور بەتلەرنى ئاختۇرسام، دەرۋەقە ئامرىكا ڧىدراتسىيەلىك دورا- ۋە يىمەكلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ (FDA) تورىدا، يېقىندىن بۇيان سادىر بولۇۋاتقان ماڭا ئوخشاش ھادىسىلەر توغرلىق مەلۇماتلار باركەن، ھەتتا ئامرىكىدا، ئالۋاستى (Monster) ئىچىملىكىنى ئىچىپ، نەچچە كىشىنىڭ يۈرەك كىسىلى بىلەن قازا قىلغىنى توغرلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم، ئۇنىڭدىن قانچىنى ئىچكىنىمنى ئكزەممۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ خېلى ئوبدانلا ئىچكەن ئىدىم… كىيىن بىلسەم سودادا ئېرىگەن كەڧېيىن يۈرەككە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەن، بەلكىم ئۇنىڭغا نىكوتىن ئارلاشسا «ئالە شەرىڭنى» دىگۈدەك ئىش بولىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئېنىرگىيە ئىچىملىكلىرىنى بىراقلا توختاتتىم، «قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ» دەپتىكەن، ھەتتا چايمۇ ئىچمەي قايناقسۇ ئىچىپ يۈردۈم، دەرۋەقە قىسقا ۋاقىت پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدىم، سالامەتلىكىمگە ۋە چۆنتىكىمدىكى پۇلغا پايدىسى بولدى. شۇندىلا بىلدىمكى، ئېلان يەنىلا ئېلان ئىكەن، يەنىلا تەبىئىيلىككە يەتمەيدىكەن.

بىلگۈچى ئاللاھتۇر، مانا بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن شۇنداق بىر رىئال ۋەقە، ئۈرۈمچىدىكى ۋاقىتلىرىمدا قىز-يىگىتلەرنىڭ ۋوتكا بىلەن كوكا-كولانى ئارلاشتۇرۇپ ئىچكەنلىرىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ ھاراق سورۇنلىرىدا تاماكىنى ئۈزمەي چىكىپ، قىزىل كالىنى بولۇشىغا ئىچكىنىنى كۆرگەن ئىدىم، ئىشىنىمەنكى ھېلىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر شۇ خىل ئەھۋالدا. گەرچە ھەممىلا كىشىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ماقالىنىڭ شۇلارغا بىر ئۈندەش بولۇپ قېلىشىغا ئۈمىتۋارمەن!
مەنبەسى:مىسرانىمدىن دوستۇم يازمىسى



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....