تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

444
تۆت تادۇ(ئوت، ھاۋا ، سۇ ، تۇپراق) ــــ ھايۋان ، ئۆسۈملۈك ۋە مەدەنلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي ماددىلار بولۇپ قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ‹‹تۆت تادۇ›› دەپ ئاتالغان ، بۇ تۆت تادۇ (تۆت چوڭ ماددا ) تەلىماتى ئۇزاق ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى ۋە ئۆزىنى كۆزىتىش ئارقىلىق يەكۈنلىگەن خۇلاسىسىدۇر ،بۇنى قەدىمقى يۇنان ئالىمى بەقرات(ھىپپوكرات) ياش ۋاقىتلىرىدا قىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشاۋاتقان ئەجدادلىرىمىزدىن قوبۇل قىلغان ، كېيى ئەرەبلەر قوبۇل قىلىپ ئەركان نامى بىلەن ئاتىغان ، ئەمەلىيەتتە بۇ تۆت چوڭ تادۇ تەلىماتى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.

‹‹ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ‹تۆت تادۇ› ئۇقۇمى ئاددىي ھالدىكى تەبىئەت دۇنياسىنى تەشكىل قىلغۇچى ‹تۆت تۇغۇم›نىلا بىلدۈرۈپ قالماي ، تەبىئەت ، جەمئىيەت ۋە ھاياتلىقنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەدەنىيەت ئۇقۇمىدۇر.

ئالايلۇق ، تەتقىقاتچىلار ‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە پەلسەپە سېستىمىسىنىڭ ئاساسنى ‹تۆت تادۇ›قارىشى دەپ قارايدۇ. ‹قۇتادغۇبىلىك›تە تەبىئەتنىڭ ۋە ۋە ھاياتلىقنىڭ ئاساسىنى شۇنداقلا ئادەمدىكى فىزىلوگىيىلىك ھەم روھىي ھالەتلەرنىمۇ تۆت تادۇ ، تۆت تەرەپ ، تۆت سۇيۇقلۇق ، تۆت خىل مىزاج ، تۆت پەسىل ۋە ھاياتلىقنىڭ تۆت پەسلى قاتارلىقلار بىلەن چۈشەندۈرگەن .يەنە ئۇنىڭدىكى ھاكىمىيەت قاراشلىرىنى ‹ئادالەت› ‹قۇت-بەخت›‹ئەقىل-پاراسەت›‹قانائەت› دېگەندەك تۆت ئانادۇر كاتىگورىيەسىنىڭ سىمۋولى بولغان تۆت ئوبرازنىڭ كەسكىن مۇنازىرىسىنى قانات يايدۇرغان ئاساستا تەپسىلىي شەرھىلىگەن. ئىنسانلارنىڭ تۆت تەرەپ – نىشان تەتقىقاتىغا دائىر قاراشلاردا شەرق ، غەرب ، شىمال ، جەنۇب تەرەپلەر ھەققىدىكى ئىپتىدائىي ئاڭلارنى ، ئادەملەرنىڭ قۇياشنىڭ ئالەمدىكى ئورنى ياكى ھەرىكىتى ھەققىدىكى تۇنۇشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. قەدىمقىلەرنىڭ ئېڭىدا شەرق بىلەن غەرب تەرەپ قۇياشنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن ئۆلۈشى ، پەيدا بولۇشى بىلەن يوقۇلىشىنى بىلدۈرىدۇ. كىشىلەر قۇياشنىڭ بىر كۈندىكى ھەرىكىتىدىن شىمال بىلەن جەنۇبنى ھېس قىلغان ھەم شەرق تەرەپنى بەختكە ، شاد- خۇراملىققا سىمۋۇل قىلىپ ، قۇياش پاتقان غەرب تەرەپنى قايغۇ – ھەسرەتنىڭ ، قاراڭغۇ زۇلمەتنىڭ ماكانى قىلغان ،

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى ، قەدىمىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى بىلىش ، كۆزىتىش ، ئەمەلىيەتلىرىدىن باشلانغان بولۇپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوت ، ھاۋا ، سۇ ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددىنى تۇنۇشتىكى ئۇمۇمىي كۆز قاراشلىرىدىن كېلىپ چىققان .

ئۇنسۇرلار قايسى بىرى بولسۇن ئاددىي جىسىملار بولۇپ ، ئادەم تېنى ۋە باشقا نەرسىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تەركىبت ۇر . ئاددىي جىسىملار شۇنداق نەرسىلەركى، ئۇلار شەكلى تۈرلۈكچە بولغان بۆلەكلەرگە بۆلۈنمەيدۇ . بەلكى مۇرەككەب جىسىملار ئۇلارغا بۆلۈنىدۇ . ئاددىي جىسىملارنىڭ ئارىلىشىشىدىن كائىناتتىكى تۈرلۈك شەكىلدىكى تۈرلەر پەيدا بولىدۇ.

تېۋىپ ئۇنسۇرلارنىڭ تۆت ۋە تۆتتىن ئارتۇق ئەمەسلىكى توغرىسىدا تەبىئەتشۇناس ئالىملارغا ئىشەنسۇن . تۆت ئۇنسۇرنىڭ ئىككى يەڭگىل ئىككىسى ئېغىردۇر. يەڭگىللىرى ھاۋا بىلەن ئوت ، ئېغىرلىرى سۇ بىلەن تۇپراقتۇر.

تۆت چوڭ ماددا سۇ ، ئوت ، تۇپراق ، ھاۋالاردىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى ۋە شۇنىڭدەك بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ .ئۇلار گەرچە جىسمى ۋە خۇسۇسىيىتى جەھەتتە بىر-بىرىگە زىت بولسىمۇ ، لېكىن بىرى بولمىسا يەنە بىرى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ ۋە خزمىتىنى تۇلۇق ئادا قىلالمايدۇ . مەسىلەن : بىر ئۆسۈملۈكنى مىسالغا ئالساق ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا يەر (تۇپراق، سۇ ، ھاۋا ۋە ئىسسىقلىق يەنى ئوت)نىڭ ئۇرۇققا بولغان ئۆز – ئارا تەسىرى بىلەن بولىدۇ. ئادەممۇ خۇددى شۇ تۆت تەبىئەتنىڭ بىرىكىشى بىلەن قۇۋۋىتى مۇغەييىرە (ئۆزگەرتكۈچى) كۈچكە يۆلىنىپ جىسمىيات(ئورگان) ھاسىل قىلىدۇ. تۆت تەبىئەتنىڭ داۋاملىق تەسىر قىلىشى ئارقىسىدا قۇۋۋىتى نامىيە(ئۆسۈش كۈچى) گە يىتىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە(شەكىللىنىش كۈچى) بارلىققا كېلىپ ئادەم سۈرىتى شەكىللىنىدۇ.

تۆت تەبىئەت ئىنسان بەدىنىدە تۆت كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . ئۇلار : رۇتۇبەت (ھۆللۈك)، يۇسۇبەت(قۇرۇقلۇق)، ھارارەت ( ئىسسىقلىق) ، بۇرۇدەت(سوغۇقلۇق) دىن ئىبارەت بولۇپ ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم . مەسىلەن ؛ بەدەندە ئىسسىقلىق بولمىسا ئۇزۇقلۇق پىشمايدۇ(پارچىلانمايدۇ) ، سۇيۇقلۇق بولمىسا ئۇزۇقلار شۈمۈرۈلمەيدۇ ، ھۆللۈك بولمىسا بەدەندە ھاياتلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ساپ ھاۋا بولمىسا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىدۇ ، تەبىئەتتە قۇرۇقلۇق بولمىسا مېڭىنىڭ قوماندانلىق قىلىش كۈچى ئاجىزلىشىپ ، ئەقلى جايىدا بولماسلىق تاماق تەمىنى سېزەلمەسلىككە ئوخشاش ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ . سۇغۇقلۇق بولمىسا يۈرەكنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمايدۇ ، بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى ئادەم بەدىنىدە بۇ تۆت كەيپىيات بارابەر بولۇشى لازىم . بىرى – بىرىدىن كام ياكى ئارتۇق شۇنىڭدەك ناچار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

بۇ كەيپىيات يالغۇز ئىنسانلاردىلا مەۋجۇد بولماستىن بەلكى ھايۋانلار ، ئۆسۈملۈكلەردىمۇ مەۋجۇد.شۇڭا دورىلارمۇ ئىسسىق ، سوغۇق دېگەن تەبىئەتلەرگە ئايرىلىدۇ. تۆت كەيپىياتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى كەيپىياتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ

سۇ

ۋەزنى جەھەتتە تۇپراقتىن يەڭگىل ،ھاۋادىن ئېغىر بولغاچقا ، نىسپىي ئېغىر دېيىلىدۇ . ئورۇن جەھەتتە ھاۋادىن تۆۋە نئۇرۇن تۇتىدۇ. سۇ ئۆزىنىڭ يامراش ، ئېقىش خارەكتىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىتى ھۆل ۋە تۇپراقتىن يۇقىرى

ئەمما تۇپراقنىڭ ئۈستىدە تۇرغىنى ئۈچۈن سۇغۇق، خۇلاسە كالام سۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇقتۇر. سۇ دۇنيادىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايات پائالىيىتى ئۈچۈن كېرەك بولغان ، ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تېگىشلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ تۇرۇش ، ئېرىتىش ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى بىلەن نەرسىلەرنىڭ پارچىلىنىپ ، بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلاش ، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى ماددا ئالمىشى جەريانىدا ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكسىز بولغان ۋە بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىشكە تىگىشلىك بولغان كېرەكسىز تاشلاندۇق ماددىلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئېقىتىپ سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

خۇلاسە كالام ؛ باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك سۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ ، بەدەندىكى ۋەكىلى بەلغەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

ئوت

ئوت تەبىقىسىنىڭ مەركىزى كوررەئى نار ، يەنى كۈننىڭ ھارارەت چىقىرىدىغان دائىرىسى ۋە ئوتلۇق تەسىرى دائىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئىنتايىن ئىسسىق ، شالاڭ ، رەڭسىز ۋە مۇتلەق يەڭگىل (ئۆزىدىن بدشقا ھەممە ماددىدىن ھامان يەڭگىل) بىر ماددىدۇر . ئوت – يەرشارى ئۈستىدىكى ھاۋا تەبىقىسىنى قاپلاپ تۇرۇش يۈزىسىدىن ھاۋا تەبىقىسىنىڭ ئۈستىدىن ئۇرۇن ئالغان ، لېكىن مەلۇم پەسىللەردە ۋە كېچە – كۈندۈزلەردە يەرشارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

بۇنىڭ كەيپىياتى ئۆتكۈر قۇرۇتقۇچى ۋە پارغا ئايلاندۇرغىدۇر ، بۇنىڭ زېمىن يۈزىگە بېرىدىغان تەسىرىنى ھاۋا قاتلىمى تەڭشەپ تۇرىدۇ.

زىمىن يۈزىدىن ئۆرلەپ چىققان ئىنتايىن يەڭگىل ئۇچۇچان نەرسىلەر شۇ مەركەزگە قاراپ ئىنتىلىدۇ . تەبىئەت پېنىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئۇچۇچان يەڭەىل جىسىملار داۋاملىق ئۈستۈن مۇھىتقا كۆتۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئوت تەبىقىسى مۇتلەق يەڭگىل نەرسە بولغاچقا داۋاملىق ئۈستۈن تۇرىدۇ .

پايدىسى ۋە خۇسۇسىيتى : نەرسىلەر ۋە جىسىملارغا ھاۋانى ئۆتكۈزۈش ، تەركىبلەرگە ئايرىش ، پىشۇرۇش ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ زىيادە سۇغۇق تەسىرىنى تەڭشەش ، قاتتىق نەرسىلەرنى ئېرىتىش ، ئۆزگەرتىش ، ماددىلارغا رەڭ بېرىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.

تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ بەدەندىكى ۋەكىلى ئوت سۇيۇقلىقىدۇر.

شامال (ھاۋا)

بۇ ۋەزىن جەھەتتىن نىسپىي يەڭگىل بولۇپ، ئوتتىن ئېغىر ۋە سۇدىن يەڭگىلدۇر .

تەبىئىتى : بۇ ئۆزىنىڭ جايلاشقان ئورنى سۇنىڭ ئۈستىدە (يانداش) بولغىنى ئۈچۈن ھۆل ، ئۈستى تەرەپتىن ئوت تەبىقىسىگە يانداش بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسسىق ، خۇلاسە كالام ھاۋانىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىقتۇر.

تەسىرى ۋە خۇسۇسىيىتى : بۇ ئۆزىنىڭ ھۆللۈكى بىلەن قۇياشنىڭ سۇ تەبىقىسى ۋە تۇپراق تەبىقىلىرىگە بولغان ئارتۇقچە تەسىرى (يەنى ھارارىتى) نى پەسەيتىدۇ ھەم مۇھىتتىكى بوشلۇقلارنى تۇلدۇرۇپ تۇرۇش بىلەن جانلىق مەۋجۇدادلارنىڭ نەپەسلىنىشىدە گازلىق ھاۋا (مۇھتەرىقە)نى چىقىرىپ تاشلاپ نەسمى ھاۋا (كىسلارۇت)نى ئالماشتۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ . (ساپ ھاۋا – ھاۋايى نەسمى ، بۇزۇق ھاۋا – ھاۋايى دۇخانى) شۇنىڭ ئۈچۈن ھاۋا بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ نورمال ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم خىزمەت قىلىدۇ . باشتا دېگەندەك ھاۋانىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ ، بەدەندىكى ۋەكىلى قاندۇر.

تۇپراق

بۇ ئۆزىنىڭ ۋەزنى جەھەتتە مۇتلەق ئېغىر جىسىم بولۇپ ، ئورنى سۇنىڭ ئاستىدا بولىدۇ . كەيپىياتى قۇرۇق سۇغۇق ھېسابلىنىدۇ . بەدەندىكى ۋەكىلى سەۋدا ماددىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تۇپراق قۇياشنىڭ ئىسسىتىش ، قۇرۇتۇش ، سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش ۋە پارچىلاش تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكىل ۋە سۈپىتىنى ساقلايدۇ . ئۇلارغا نىسبەتەن سۇنىڭ زىيادە ھۆللۈك تەسىرى ۋە قۇياشنىڭ زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ . بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلارغا زۈرۈر بولغان ئۇچۇقلۇقنى يېتەرلىك مىقداردا ساقلاپ تۇرىدۇ . تۇپراق يەنە بەزى نەرسىلەرنى پارچىلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ قاتنىشىدۇ . مېنىرال تۇزلار تۇپراق جىنسىغا تەۋە بولۇپ، بۇلار ئادەم بەدىنىدە سەۋداغا ۋەكىل بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ .

تۆت تادۇ (ئاناسۇر ئەربەئە)نىڭ ئادەم بەدىنىدىكى تۆت خىلىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتە ؛ ئوتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ۋەكىلى سەپرا ، ھاۋانىڭ ۋەكىلى قان ، سۇنىڭ ۋەكىلى بەلغەم ، تۇپراقنىڭ ۋەكىلى سەۋدا دەپ كۆرسىتىلىشى مۇنداق بولىدۇ : يەنى ئوتنىڭ نورمال خۇسۇسىيىتى قىزىتىش ۋە قۇرۇتۇش ، كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق ، سەپرانىڭمۇ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ئىككى ماددىنىڭ رولى بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ . شۇنىڭدەك ھاۋا بىلەن قاننىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كەيپىياتىمۇ ئوخشاش بولغانلىقى ، سۇ بىلەن بەلغەمنىڭ ، تۇپراق بىلەن سەۋدانىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كەيپىياتىمۇ ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بەدەندىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ . تۆت خىلىت بولسا ئۇزۇقلۇق ماددىلاردىن جىگەردە ھاسىل بولىدىغان مۇرەككەب سۇيۇقلۇق ماددا . بۇ يەردىكى گەپ تۆت خىلىتنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كەيپىياتى (ئېنىرگىيەسى) بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ خۇسۇسىيەت ۋە كەيپىياتى ئوخشاش دەپ تونۇلغانلىقتىن خىلىتلەرنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە تەرىپلىشىدىندۇر.

قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز تەبىئەتنى كۆزىتىش ئارقىلىق تېپىپ چىققان بۇ تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى بارا-بارا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارغا ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ، ھاياتلىق پائالىيەتلىرى ، ساقلىق – كېسەللىك ئەھۋاللىرىغا چەمبەرچەس باغلىغان (بۇنى ئالدىدا ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق). شۇ سەبەبتىن بۇ توت چوڭ ماددا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئاساسىي نەزەرەيەسىنىڭ بىرىدۇر ۋە ئاساسىدۇر .

ھەقىقەتەنمۇ تۆت چوڭ ماددا ئىنسانلار تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، ئوت تەبىئەتنى قىزىتىش ، نۇر بېرىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرىدۇ، ئاشلىق ۋە دانلارنى پىشۇرىدۇ . بۇنى ئىنسانلار ئىستىمال قىلىدۇ ؛ ھاۋا بولسا پايدىلىق تەركىبى بىلەن كونا بۇخاراتلارنىڭ ئورنىغا يېڭى ھاۋا بېرىپ روھنى ئۇلغايتىدۇ ؛ سۇ بولسا ئىنسان تۈزۈلۈشىنىڭ ئاساسىي ماددىسى بولۇپ ، ئۇنىڭسىز ئىنساننى قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس ؛ تۇپراق بولسا ئىنسان پەيدا بولىدىغان ۋە قايتىلىنىدىغان تەبىقە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن چىققان ئۇزۇقلۇقلار بىلەن ھايات داۋاملىشىدۇ .

دېمەك ، تۆت چوڭ ماددا پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشى ، جانلىق ۋە جانسىزلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىشىنى تەمىنلەپ تۇرغۇچى تۆۋرۈك ئامىل . ھەر بىر ماددا يەنە نۇرغۇنلىغان ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، سىكۇنت ئىچىدىكى خىلمۇخىللىقلار ئەنەشۇ ماددىلارنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ، تەسىرلىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ . ئەگەر تەبىئەت دۇنياسىدا مۇشۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرەرى ئارتىپياكى كېمىيىپ كەتسە؛ مەسىلەن ئوت(ئىسسقلىق) مىقدارى ئارتىپ كەتتى ياكى كېمىيىپ كەتتى دەيلى ئۇ چەغدا تەبىگت دۇنياسىدا ئاپەت يۈز بېرىدۇ ، يەنى مۇزلۇقلار ئېرىپ كېتىپ يەرشارىنى سۇ بېسىۋېلىشى ياكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ ئۇنىڭ ئاخىرى ئاچارچىلىق بىلەن تۈگەللىشى ياكى ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپ ئىسسىققا چىدىماي ئىنسانلارنىڭ ياشىشى مۈشكۈل بولۇش ، كېمىيىپ كەتسە نىمە ئىشلا يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۈلەۈردۈڭلار ھەقىچان . شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر چوڭ ماددىنىڭ ئەھۋالىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرسە ، تەبىئەت دۇنياسىدا تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپلا قالماي ، بەلكى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تەپەككۇرى ، ھەتتا ساپاسىدىمۇ زور مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ . مانا بۇ تەبىئەت (كىلىمات) ئامىلىنىڭ ئادەمگە قانچىلىك زور دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى .

غەزەل :

بۇ ئالەمگە نەزەر سالسام، ئەجەپ سىر ھېكمىتى كۆپتۇر،

ئىچىنى قىلغۇچى تەشكىل، ئاناسۇر ماددىسى تۆتتۇر.

سوئاللار بەھرىدە بىرسى ، قەنائەت ئىلكىدە بىرسى،

سۈيى كۆيگەننى ئۆچۈرسە ، بىرى كۆيدۈرگۈچى ئوتتۇر.

ئىدارە بولغۇسى شۇنداق ، بىرىنى چەكلەبان بىرسى،

بىرى چىقسا ئىتائەتتىن ، بۇ يەر ئۈزرە قىيامەتتۇر.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....