تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

مۇكەممەل بىر رېتسىپ ئاساسىي دورا، قوشۇمچە دورا، تۈزەتكۈچى دورا ۋە تەڭشىگۈچى دورا قاتارلىق بىر قانچە ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ.
ئاساسىي دورا : بۇ ئۆزىنىڭ خاس ۋە ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق شۇ رېتسىپنىڭ ئاساسىي ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدىغان ۋە بىر قىسىم رېتسىپلارنىڭ نامىنى ئاتاشتا قوللىنىلىدىغان دورىلاردۇر، بۇ دورىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولسا رېتسىپ تەركىبىدىكى سانى ئاز، مىقدارى كۆپ، تەسىرى خاسلىققا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.

قوشۇمچە دورا بۇ ئاساسىي دورىغا ياندىشىپ رېتسىپ ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغان دورىدۇر. ئۇنىڭ رېتسىپ ئالاھىدىلىك بولسا ، مىقدارى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىنىش، دورىلىق تەسىرى ئاساسىي دورىدىن تۆۋەنرەك ، مۇتلەق سەۋەبكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان دورا دەپ قاراشقا بولماسلىقىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاساسىي دورىغا ياندىشىپ ئالامەت خارەكتىرلىك داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

تۈزەتكۈچى دورا: بۇ رېتسىپ تەركىبىدىكى ئاساسى ۋە قوشۇمچە دورىنىڭ ئورگانىزىمغا بولغان زىيانلىق تەسىرىنى تۈزىتىدىغان ياكى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپ قۇرۇلمىسىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ دورىنىڭ رېتسىپ قۇرۇلمىسىدىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئاساسىي ۋە قوشۇمچە دورا بىلەن بىر – بىرىنى كۈچەيتىش رولىمۇ ۋە قارىمۇ-قارشى رولىمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ دورىنىڭ رېتسىپ تەركىبىدىكى سانى ئاز ، مىقدارى شۇ ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. مۇرەككەپ پىششىق دورىنىڭ ھەممىسىدى بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم دورا تۈرىدۇر. لېكىن يەككە ۋە ئاددىي رېتسىپلارنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغاچقا ، بۇ خىل رېتسىپلاردا بولۇشىمۇ ھەم بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.

تەڭشىگۈچى دورا : بۇ رېتسىپ تەركىبىگە چۈشكەن بارلىق دورىلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ھەم تەم-پۇرىقىنى ، ئىستىمالغا لايىقلىشىش ئەھۋالىنى بەلگىلەيدىغان دورا بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان تەڭشىگۈچى دورىلار ھەسەل، شېكەر ، ھەر خىل ئۈزۈم ، ئۈجمە شىرىلىرى، ۋاسالغۇ، تەرەنجىبىن، قايماق، ناۋات، ۋە باشقا بىر قىسىم ئۆسۈملۈك ۋە مەدەن جىنسلىق دورىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرىشكە قارشى تۇرۇش، دورىلارنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش، تەمىنى ياخشىلاش، دورىنىڭ تەسىرى ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەكس تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئۇلارنىڭ رېتسىپتىكى ئالاھىدىلىكى بولسا ياسالما شەكلىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ رېتسىپنىڭ ياسالما شەكلى ۋە كېسەللىك ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەلگىلىنىدۇ.

مىسال ئۈچۈن خېمىرى گاۋزىۋاننىڭ رېتسىپ تەركىبىگە قاراپ باقايلى؛

تەركىبى

تازىلانغان ئامىلە 20 گرام، پىلە تالقىنى يەنى ئەۋرىشىم، گاۋزىۋان، بىدىمىشكى، بادىرەنجىبۇيا، ئۈستىقۇددۇس، بالەنگۇ 40 گرامدىن، ئەبنەر بەش گرام، زەپەر 2 گرام ، ئالما شەربىتى 300گرام ، ناۋات 750 گرام؛

ياسىلىشى: قائىدە بويىچە خېمىر تەييارلىنىدۇ.

خۇسۇسىيىتى: مېڭە ۋە يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشەش؛

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك ئاجىزلىقى ، يۈرەك رېتىمسىزلىقى ياخشى ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

رېتسىپ ئانالىزى: يۇقىرىقى رېتسىپ تەركىبىدىكى گاۋزىۋان ، بادىرەنجىبۇيا ، ئۇستىقۇددۇس ، ئەنبەر ئاساسىي دورا بولۇپ، بەدەندىكى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ماددىلىرىنى تەڭشەپ، مېڭە قان – تومۇرلىرىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ ، قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، قۇۋۋىتى نەپسانىينىڭ مەركىزى بولغان مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى كۈچەيتىپ ، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

پىلە تالقىنى ، بېدىمىشكى، زەپەر ، بالەنگۇ، ئالما شەربىتى قوشۇمچە دورا بولۇپ ، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىش ، كېڭىيىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، قان تومۇرلارنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى كېڭەيتىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا يەتكۈزۈلىشىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

تازىلانغان ئامىلە تۈزەتكۈچى دورا بولۇپ ، ئاساسىي دورا ۋە قوشۇمچە دورىنىڭ ئاشقازانغا بولغان زىيانلىق تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

ناۋات تەڭشىگۈچى دورا بولۇپ ، رېتسىپ تەركىبىدىكى دورىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە تەمىنى تەڭشەيدۇ.

بۇ دورا يەنە غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتلىرىنى پىشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.



5 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    رېتسىپ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن بۆلۈنگەن بەزى رېتسىپلارنىڭ ناملىرى

    ئۆزىگە خاس ۋە ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە 70 خىل رېتسىپ تۈرلىرى :

    ئۆزىگە خاس ۋە ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە رېتسىپ تۈرلىرى

    بىرىنچىسى : توقۇلمىلارنى ئويغۇچى ، زېدىلەندۈرگۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە تارقاتقۇچى قۇۋۋەتنىڭ ئارتۇقلىقىدىن توقۇلما ۋە ئەزانى يوق قىلىدۇۋە گۆشىنى يەيدۇ ، مەسىلەن : مەلھىمى ئىسپىداچ، سۇفۇفى مۇدارسەنگى، مەلھىمى تەنبا…..

    ئىككىنچىسى : شورىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە سۈمۈرۈشچانلىقى تۈپەيلىدىن خىلىت تەركىبىدىكى ھۆللۈكنى تارتىپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماددا بەدەندىن ئوڭاي چىقىدۇ. مەسىلەن : ئەتتۇسى (چۈشكۈرتكۈچى) مۇقەۋۋى دىماغ ، ھەببى غارىقۇن ، ئەتتۇسى پالەچ….

    ئۈچىنچىسى : جۇلا بەرگۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار تېرىنىڭ يۈزىدىن چاپلاشقان ھۆللۈكنى تازىلاپ رەڭگىنى پاكىز ، سۈزۈك ۋە ساپ قىلىدۇ. مەسىلەن : زىمادى تۇخۇمى جىنكىۋىزى، رەۋغىنى ئاقىرقەرھا، زىمادى بادام…..

    تۆرتىنچىسى: قۇيۇلدۇرۇپ قېتىشتۇرغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار سۇيۇق ماددا ۋە خىلىتلارنى قۇيۇلدۇرۇپ ئۇيۇتىدۇ . مەسىلەن: ھالۋائىي سۆئلەپ ، دۋائى تەرەنجىبىن، قۇرسى كەھرىبا……

    بەشىنچىسى: چاچ ، موينى چۈشۈرگۈچى رېتسىپلار؛

    بەزى رېتسىپلار چاچ ۋە مويلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ. مەسىلەن: مەلھىمى ھاك، مەلھىمى زەنكار، تۈك چۈشۈرۈش مەلھىمى…..

    ئالتىنچىسى : قىچىشىش پەيدا قىلغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلىكى بىلەن قۇيۇق خىلىتلارنى تېرە تەرەپكە تارتىدۇ ۋە غىدىقلاش بىلەن قىچىشىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن : رەۋغىنى بالازۇر ، سۇفۇفى مىشكىدانە، سۇفۇفى ئەنزۇرۇت…..

    يەتتىنچىسى: چاپلاشتۇرغۇچى ۋە يېپىشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار شىرىلىك بولغانلىقتىن ، ماددىلارنى بىر – بىرىگە يېپىشتۇرىدۇ. مەسىلەن: سۇاۇفى سەمغى ئەرەبى ، جاۋارىش كۇندۇر، ھەببى مۇبەھھى…

    سەككىزىنچىسى: خۇمارنى كەتكۈزگۈچى رېتسىپ؛

    بەزى رېتسىپلار ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەت ئارقىلىق نەشە خۇمارىنى كەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: بۇخۇرى ئەجۋائىن ، مەجۈنى مەسىھا، شەربىتى تەلۋە ئانار……

    توققۇزىنچىسى: قايتۇرغۇچى ، ئەكسىگە ياندۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار تەبىئىتىنىڭ سوغۇقلۇقى ۋە تۇتقۇچى خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن كېسەللىك ماددىسىنى تەكرار يەرلىك ئورۇنغا چۈشۈشتىن توختىتىدۇ. مەسىلەن : شەربىتى مىكۇ، سۇاۇفى گىلى مەختۇم، سۇفۇفى گۈلنار……

    ئونىنچىسى: يىغقۇچى رېتسىپ: بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قابىزلىق ۋە قورۇش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئەزانى قورۇپ ، سۇيۇق ماددىلارنى بىر يەرگە يىغىدۇ. مەسىلەن : مەجۈنى سالاجىت ، قۇرسى ئىمساك، ھەببى گۈلنار…..

    ئون بىرىنچىسى: يۇغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار بەزى ماددىلارنى ئەزالاردىن يۇيۇپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن : مائۇلشىرە ، مائۇل ھەسەل ، مائۇل ئۇسۇل..

    ئون ئىككىنچىسى: ئۆلتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەسىرى بىلەن بەدەندىك ئۈچ خىل روھنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن: ھەببى ئەپيۇن ، مەجۈنى بالادۇر، سۇفۇفى سەممۇلفار……..

    ئون ئۈچىنچىسى : ئۈچەي قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر غىدىقلاش ، مەدت قىلىش، سۈرۈش تەسىرى ئارقىلىق ئۈچەي مەددە قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . مەسىلەن: مەجۈنى قاتىل دىدان، سۇفۇفى قاتىل، شەربىتى بەرگى شاپتۇل….

    ئون تۆرتىنچىسى: تۇتقۇچى ، قورۇغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلارنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەزالارنى قۇرۇتۇپ ، ئۇنىڭدىكى سۇيۇقلۇقلارنى توختىتىدۇ. مەسىلەن : ھەببى ئىمساك ، مەجۈنى سەنجرىنا ، شەربىتى پەنجىنۇش…….

    ئون بەشىنچىسى: قاسراقلاشتۇرغۇچى رېتسىپ: بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ كۆيدۈرۈش خۇسۇسىيىتىنىڭ ئارتۇقلىقىدىن بۇزۇق ماددىلارنى قاسراقلاشتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ. مەسىلەن؛ مەلھىمى زەرنەخ، يەرلىك سۇپۇن مەلھىمى ، تىزابى گۈڭگۈرت…..

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئون ئالتىنچىسى : داغلىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە كۆيدۈرۈش خۇسۇسىيىتى بىلەن جاراھەت ئۈستىدىكى تېرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ . مەسىلەن ؛ قەلەي كۇشتىسى، مەلھىمى سوم ، مەلھىمى زەرارىھ…..

    ئون يەتتىنچىسى: يەلنى سۇندۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى ئارقىلىق قۇيۇق يەللەرنى شالاڭلاشتۇرۇپ ھەيدەيدۇ. مەسىلەن ؛ جاۋارىش كۇمۇنى ، جاۋارىش دارچىن، مەجۈنى يەھيا…..

    ئون سەككىزىنچىسى: غىدىقلىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئەزالارغا سىڭىپ كىرىپ ئېچىشىش، غىدىقلىنىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن : زىمادى خەردەل، بۇخۇرى بۇۋاسىر ، لازىق سۇدايى…..

    ئون تۇققۇزىنچىسى: يېپىشقۇچى ۋە يېپىشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار قۇرۇقلىقى ۋە يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيتى بىلەن ئەزالارنى بىر – بىرىگە يېپىشتۇرۇپ ئاجراپ كېتىشتىن توسىدۇ. مەسىلەن؛ سۇاۇفى كۇندۇر، مەلھىمى سەنگى جاراھەت، ھەببى سالاجىت…..

    يىگىرمىنچىسى: قان توختاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا قىلىپ ، ئىچكى يارىلارنى قورۇپ، قان ئېقىشنى توختىتىدۇ. مەسىلەن: قۇرسى كەھرىبا، شەربىتى ئەنجىباھار، سۇفۇفى ئانار دانە….

    يىگىرمە بىرىنچىسى: سۇۋۇتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ سوغۇقلۇقى بىلەن ئەزالارغا سوغۇقلۇق يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن ، قۇرسى كافۇر ، مەلھىمى كافۇر، مەتبۇخى تەمرى ھىندى…..

    يىگىرمە ئىككىنچىسى : باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىدىكى تەبىئىي خۇسۇسىيەت ئارقىلىق باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. مەسىلەن؛ ھالۋايى بەيزە، لوبۇبى كەبىر ، مەجۈنى سۆئلەپ…..

    يىگىرمە ئۈچىنچىسى: قۇرۇتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار تەبىئىتىنىڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئەزالاردىكى ھۆللۈك ۋە جاراھەتلەرنى قۇرۇتىدۇ . مەسىلەن: سۇاۇفى كات ھىندى، مەلھىمى شەب، سۇفۇفى كەشنيىز…..

    يىگىرمە تۆرتىنچىسى: قاتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قورۇغۇچى قۇۋۋىتى بىلەن خىلىت ۋە ھۆللۈكلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇيۇتىدۇ. مەسىلەن: سۇفۇفى نىشاستە، سۇفۇفى بەزۇرۇلبەنجى ، مەلھىمى موم…….

    يىگىرمە بەشىنچىسى: كۆيدۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئىسسىقلىق ۋە سىڭىشىش قۇۋۋىتىنىڭ ئارتۇقلۇقى بىلەن ئەزالاردىكى ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن : تىزابى نۇقرە ، تىزابى تامبا، مەلھىمى شورا……

    يىگىرمە ئالتىنچىسى: چۈشنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ بۇخارات پەيدا قىلغۇچى خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق مېڭىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، ئۇيقۇدا قورقۇنچلۇق چۈش كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئىتتىرىيفىل كەشنيىز ، مەجۈنى پەرۋەردەئى خىيال، ھەببى خۇش كەيپ……..

    يىگىرمە يەتتىنچىسى: تارقاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتى ۋە ھارارىتى بىلەن ئەزالاردىكى يېپىشقاق خىلىتلارنى بۇخارات(گاز) غا ئايلاندۇرۇپ تۈگىتىدۇ. مەسلەن : جاۋارىش كۈركۈم، ئەتتۇسى پالەچ، مەجۈنى خۇبسىلھەدىد…..

    يىگىرمە سەككىزىنچىسى: قىزارتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە تارتىش خۇسۇسىيتى ئارقىلىق قاننى ئەزالار تەرەپكە تارتىپ ، ئەزالارنى قىزارتىدۇ. مەسىلەن : زىمادى خەردەل، مەلھىمى خەربەق سىياھ، رەۋغىنى سىياھدانە…..

    يىگىرمە توققۇزىنچىسى: بىھۇش قىلغۇچى ، سېزىمسىزلاندۇرغۇچى رېتسىپ : بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قورۇش خۇسۇسىيىتى ۋە سوغۇقلۇق ، قۇرۇقلۇق تەبىئىتى ئارقىلىق تېرە تۈشۈكچىلىرى ۋە كانالچىلارنى قورۇپ، روھىي نەپسانىينىڭ ئۆتۈشىنى توسۇپ، ئەزالارنى سېزىمسىزلاندۇرىدۇ. مەسىلەن : مەجۈنى بەرشىشا، جەۋھىرى شىپا ، ھەببى جەۋزىل ماۋسىل…..

    ئوتتۇزىنچىسى: قورساقتىكى بالا ۋە بالا ھەمراھىنى چۈشۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىش ئارقىلىق بالىنىڭ توغۇلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بالىياتقۇنى قىسقارتىپ ھامىلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈۋېتىدۇ. مەسىلەن : مەتبۇخى شەھمى ھەنزەل، رەۋغىنى بىدەنجىر، مەتبۇخى ئاغىچە…….

  3. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئوتتۇز بىرىنچىسى: سۈيدۈك ھەيدىگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئىسسىقلىقى ، ياى سوغۇقلۇقى ۋە ياكى مۆئدىتىللىكى بىلەن سۈيدۈك يوللىرىدىكى ماددىلارنى ھەيدەيدۇ. مەسىلەن : ئەرقى شوخلا ، شەربىتى بۇزۇرى مۆئدىتىل ، ئەرقى دارچىن…..

    ئوتتۇز ئىككىنچىسى : يىرىكلەشتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قورۇش ۋە قۇرۇقلۇق خۇسۇسىيىتى بىلەن ئەزالارنىڭ سىرتقى يۈزىنى يىرىكلەشتۈرىدۇ. مەسىلەن : زىمادى ئىكلىلمىلىك، تىلايى خەردەل، رەۋغىنى ئازاراقى……..

    ئوتتۇز ئۈچىنچىسى : ھەيز ماڭدۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ئىسسىقلىقى بىلەن ئۇيۇپ قالغان قاننى تەڭشەپ ، سۇيۇلدۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قان ئاز كەلگەن بولسا تۇلۇق كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى قەرتۇم ، مەتبۇخى مۇدىرى ھەيز ، ھەببى زەفىران…….

    ئوتتۇز تۆرتىنچىسى: سۈت پەيدا قىلغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن سۈت پەيدا قىلىدۇ ۋە سۈت كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: ئەرقى بەدىيان، ھالۋايى بادام، ھالۋايى بەيزە……

    ئوتتۇز بەشىنچىسى: جاراھەتنى پۈتتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار جاراھەتلەرنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ يوقىتىدۇ. مەسىلەن: سۇفۇفى سەنگى جەراھەت

    قەلەي كۇشتىسى، سۇفۇفى خۇنسىياۋشان…..

    ئوتتۇز ئالتىنچىسى:بوشاشتۇرغۇچى ۋە يۇمشاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىق ۋە ھۆللۈكى بىلەن تېرىنى يۇمشىتىپ ، تۈك تۈشۈكچىلىرىنى كېڭەيتىدۇ ۋە ئەزالارنى بوشاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: لوئۇقى بادام ، لوئۇقى كەتان ، رەۋغىنى مۇرغى…..

    ئوتتۇز يەتتىنچىسى : ھۆللەشتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ھۆللۈك يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتى بىلەن ئەزالارنى بوشاشتۇرىدۇ ۋە ھۆللەشتۈرىدۇ . مەسىلەن : زىمادى ئىسپىغۇل، رەۋغىنى بادام شىرىن ، رەۋغىنى كەتۇدانە……

    ئوتتۇز سەككىزىنچىسى: سىلغايتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ شىرىلىكلىكى بىلەن ئىچكى ئەزالارنىڭ يۈزىنى ھۆللەشتۈرۈپ ، سىلغايتىپ ماددىلارنى چىقىرىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى تەمرى ھىندى، لوئوقى بىھىدانە شېرىن ، لوئوقى خىياشەنبەر….

    ئوتتۇز توققۇزىنچىسى: سۇيۇلدۇرغۇچى ۋە شالاڭلاشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ھۆللۈكى بىلەن خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ. مەسىلەن : مائۇل ھەسەل، ئەرقى پۇدىنە، مەتبۇخى ئينۇلە……..

    قىرىقىنچىسى: توسالغۇ پەيدا قىلغۇچى رېتسىپ؛

    بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە قۇيۇقلۇقى بىلەن تىرە تۈشۈكچىلىرى ۋە كانالچىلارنى ئېتىدۇ. مەسىلەن : مەجۈنى سۇپارى ، ھەببى گۈلنار، جىگدە چېچىكى گۈلقەنتى……….

    قىرىق بىرىنچىسى : ئاغرىق پەسەيتكۈچى ۋە ئارام بەرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار خىلىتلارن

    ىڭ قاينىشىنى پەسەيتىدۇ.مەسىلەن : ھەببى شەۋكىران ، ھەببى شىپا ، مەجۈنى پولونىيا……

    قىرىق ئىككىنچىسى: ئۇخلاتقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۇخلىتىدۇ . مەسىلەن ئەرقى كۆكنار، داۋائى ئادەمگىياھ ، ئەرقى شىرە مۇرەككەب…..

    قىرىق ئۈچىنچىسى: سەمرىتكۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھۆللىكى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن بەدەننى سەمرىتىدۇ . مەسىلەن ھالۋايى تۇت شېرىن ، مۇراببائى ئەنجۈر، لوبوبى ئەكبەر…..

    قىرىق تۆرتىنچىسى : ئۇيقۇنى قاچۇرغۇچى ، روھنى قوزغاتقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ، ئۆتكۈرلۈكى ياكى غىدىقلىغۇچى خۇسۇسىيىتى بىلەن ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ . مەسىلەن : ئەرقى قەلەمپۇر ، بۇخۇرى مىشك ، مۇپەررىھى ياقۇت….

    قىرىق بەشىنچىسى : ئىشتىھا ئاچقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ . مەسىلەن : جاۋارىش خولىنجان ، جاۋارىش ئەنبەر ، شەربىتى بىھى …..

  4. 4tadu مۇنداق يازغان:

    قىرىق ئالتىنچىسى : باش ئاغرىتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە بۇىاراتى بىلەن باشنى ئاغرىتىدۇ . مەسىلەن: مەجۇنى ئۇشەق ، بۇخۇرى ھار ، ئابىزەنى رۇتەب……

    قىرىق يەتتىنچىسى : تۈزەتكۈچى ، ئىسلاھ قىلغۇچى رېتسىپ ؛ بزەى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن دورىلاردىكى بىر قىسىم زەھەرلىك تەسىرلەرنى كەتكۈزىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئەكس تەسىرى بىلەن تۈزىتىدۇ . مەسىلەن : سىركەنجىۋىل بىلەن ماددەتۇلھايات، جاۋارىش ئامىلە بىلەن لوبوبى كەبىر، ھەببى ئايارەج بىلەن سۇفۇفى كەتىرا…….

    قىرىق سەككىزىنچىسى : باھنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بىلەن باھنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ . مەسىلەن : ھەببى كەشنيز ، قۇرسى كافۇر ، شەربىتى ئەنگۈرى شىپا…..

    قىرىق توققۇزىنچىسى : ئۆتكۈرلۈك ۋە ئىسسىقلىقنى پەسەيتكۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ سوغۇقلۇقى ۋە ھۆللۈكى بىلەن ئىسسىقنى ۋە كۆيۈشنى يوقىتىدۇ . مەسىلەن : لوئوقى كەتىرا ، ئەرقى سەندەل ، ئەرقى نىلۇفەر….

    ئەللىكىنچى : تەرلەتكۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەسىرى بىلەن تەرلىتىدۇ ، يەنى توختاپ قالغان ھۆللۈكنى تېرە تۈشۈكچىلىرى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىدۇ . مەسىلەن : مەتبۇخى چاكاندا ، ئابىزەن چاكاندا ، سۇفۇفى زەرچىۋە…..

    ئەللىك بىرىنچىسى : چۈشكۈرتكۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرى ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن مېڭىدىكى مەركەزلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ، چۈشكۈرتۈش ئارقىلىق كېرەكسىز مادىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ . مەسىلەن : ئەتتۇسى مۇقەۋۋى ، ئەتتۇسى مۇچ ، بۇخۇرى پالەچ ….

    ئەللىك ئىككىنچى: ئۇسسۇلۇق پەيدا قىلغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ، ئىسسىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئۇسسۇلۇق پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن : سۇپۇپى شور قەلىمى ، ماددەتۇلھايات ، سۇپۇپى نەمەك سۇلايمانى …..

    ئەللىك ئۈچىنچى : يېپىشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ شىرىنلىكلىكى بىلەن تۇمۇر ئېغىزى ۋە ئۈچەينى چاپلاشتۇرۇپ توسىدۇ . مەسىلەن : سۇفۇفى سەنگى جاراھەت ، قۇرسى كەھرىبا ، سۇفۇفى بەرگى گاۋزىۋان ……

    ئەللىك تۆرتىنچى: مەنىينى قۇيۇلدۇرغۇچى رېتسىپ : بەزى رېتسىپلار مەنىي قۇيۇلدۇرىدۇ . مەسىلەن : مەجۇنى مۇغەللىز مەنىي، مەجۈنى ئاتائى ، قۇرسى بەللۇت….

    ئەللىك بەشىنچى : تاشنى پارچىلىغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆت ، بۆرەك ، دوۋسۇندىكى تاشلارنى پارچىلايدۇ . مەسىلەن : مەجۈنى مۇپەتتۇلھەسات،تال شەربىتى ، سۇفۇپى ھەجەرۇليەھۇد….

    ئەللىك ئالتىنچى: ئاچقۇچى رېتسىپ ؛ بەزىرېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەن ئۈچەي ، تۇمۇر ۋە تېرە تۈشۈكچىلىرىدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ . مەسىلەن ھەببى قوقىيا ، ھەببى لوغانزىيا ، ھەببى سۆرۈنجان …..

    ئەللىك يەتتىنچى : ئىششىقنى ئېغىز ئالدۇرغۇچى ، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئىسسىقلىقى بىلەن يارىنى ئېغىز ئالدۇرىدۇ . مەسىلەن : مەلھىمى ئىسپىداچ ، سۇپۇپى تۇتىيا ، تەرياقى ئەفىي….

    ئەللىك سەككىزىنچى : كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى بىلەن بىماردا خۇرسەنلىك ۋە خۇشاللىق پەيدا قىلىدۇ ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ . مسىلەن : مۇپەررىھى ياقۇت بۇئەلى، مۇپەررىھى دىلكۇشاد، شەربىتى مۇپەررىھى ئەۋرىشىم……

    ئەللىك توققۇزىنچى : يارا قىلغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە ناھايىتى ئىسسىقلىقى بىلەن بەدەندە يارا پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن : سەممۇلغار كۇشتىسى ، بالادۇر ھەسىلى ، مەلھىمى پەرپىيۇن…..

  5. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئاتمىشىنچى : قۇستۇرغۇچى ، قەي قىلدۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ھەر ئۈچ خىلىتنى ياكى مەلۇم بىر خىلىتنى ئاشقازاندىن قوزغىتىپ قۇسۇش ئارقىلىق چىقىرىدۇ . مەسىلەن : قەي سەپرا ، قەي بەلغەم ، قەي سەۋدا …

    ئاتمىش بىرىنچى : ئەسەب(نېرۋا)لەرنى قۇۋۋەتلىگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ . مەسىلەن : خېمىرى ئۇد سەلب ، ئىتتىرىفىل ئۇستىقۇددۇس، مەجۈنى نۇجاھ …

    ئاتمىش ئىككىنچى : يۇمشاتقۇچى سىلىقلاشتۇرغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار قۇيۇق خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرۇپ يۇمشىتىدۇ . مەسىلەن : ئەرقى شوخلا ، ھەببى كۇرسىنگى، شەربىتى ئۇنناب….

    ئاتمىش ئۈچىنچىسى : قەۋزىيەتنى يۇمشاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ھۆللۈكى ۋە سىلىقلاش خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قەۋزىيەتنى يۇمشىتىدۇ . مەسىلەن : ھەببى مۇلەييىن ، ھەببى مەستىكى ، ئىتتىرىيفىل سانا ..

    ئاتمىش تۆرتىنچىسى : تۇتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە يەڭگىل ئىسسىقىلىق بىلەن مەنىينى ۋە مەنىينىڭ تىز يۈرۈپ كېتىشىنى توختىتىدۇ . مەسىلەن مەجۈنى ئاقاقىيا ، ھەببى جەدۋار ئەپيۈنى ، ھەببى مۇمسىك…

    ئاتمىش بەشىنچىسى : قورساقنى ئەسكۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىدىكى ئارتۇق ھۆللۈك ۋە يەل بىلەن ئەسلى ھارارەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئۈچەي خىزمىتىنى بۇزۇپ ، قورساقنى يەل قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن : مائۇل شىرە، ئۆرۈك قېقى مۇرابباسى، مەتبۇخى شاھتەررە …

    ئاتمىش ئالتىنچى : چاچ ئۆستۈرگۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق چاچنى ئۆستۈرىدۇ . مەسىلەن : زىمادى دائۇلھەييە ، سىيادان ئۇكۇلى ، ھەببى دائۇسسۆئلەپ…

    ئاتمىش يەتتىنچى: ئورۇقلاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئۇزۇقلۇقىنىڭ كەملىكى بىلەن ياغنى ئېرىتىپ بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ . مەسىلەن : جاۋارىش كۇندۇر، ھەببى تەنكار، داۋائى لوك…

    ئاتمىش سەككىزىنچى : غىدىقلىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار بەدەندە غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ ، بىرەر خىلىتنى ياكى قۇۋۋەتنى قوزغىتىدۇ . مەسىلەن : مەجۈنى ئايارەنجى پەيقىرا، شەربىتى ئەفسەنتىن ، جاۋارىش ئودتۇرۇش…

    ئاتمىش توققۇزىنچىسى: ھۆللۈكنى تارقاتقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار سۇيۇق ھۆللۈكلەرنى تارتىدۇ ۋە قۇرۇتىدۇ . مەسىلەن : كۆھلى مۇنەششىت ، كۆھلى زەھرى ، سۇپۇپى زەھرە-مۆھرە ..

    يەتمىشىنچى : ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار تاماقنى ھەزىم قىلدۇرۇپ ، بەدەن تەركىبىگە قوشىدۇ ۋە ئىشتىھانى ئاچىدۇ . مەسىلەن : جاۋارىش سەپەرجىلى ، جاۋارىش ئۇد شىرىن ، جاۋارىش بەسباسە…

    بۇ خىل خۇسۇسىيەت خام دورىلاردىلا بولۇپ قالماستىن ، بەلكى پىششىقلاپ ئىشلىنىپ چىققان دورىلاردىمۇ بولىدۇ . يەنى ، بۇ دورىلارنى ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپ تەڭشەش پىرىنسىپى بويىچە تەڭشىگەندە ، پىششىق دورىلارنىڭ خۇسۇسىيتى ئۇنىڭسىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ . شۇڭا ، رېتسىپ تۈزگەندە خام ۋە پىششىق دورىلارنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتىنى ئالاھىدە ئويلىشىش لازىم . يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ، ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ تەركىبىگە چۈشكەن يەككە دورىلارنىڭ خاس خۇسۇسىيىتى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

    ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپى تەركىبىگە چۈشكەن خام دورىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كېسەللەنگەن ئەزانىڭ بەدەندىكى ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ياسالما شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلىرى ياسالما شەكلى بويىچە مەئجۈنات رېتسىپى ، ھەب رېتسىپى ، سۇپۇپ رېتسىپى ، قۇرس رېتسىپى ، شەربەت رېتسىپى …. دېگەندەك 67 تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بۇنى كېيىنكى تېمىمىزدا يازىمىز.

    ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلار ئىلمىدىن ئېلىندى

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....