تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

مەتبۇخى ئەپتىمۇن
تەسىرى: بارلىق سەۋدا،سەپرا،بەلغەمنىڭ كۆيگەن خىلىتلىرىنى بەدەندىن سۈرىدۇ،قاننى تازىلايدۇ،قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ،كېڭەيتىدۇ،قۇيۇق قانلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ. مېڭە،يۈرەك،ئاشقازان،جىگەر ،بۆرەك،ئۈچەيلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. ھەر قايسى ئەزالارغا چۈشكەن راك،جۇزام،سېفلىس،قىچىشقاق،تەمرەتكە قاتارلىق جاھىل كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
نۇسخىسى: خىياشەنبەر ، تەرەنجىبىن 200گرامدىن؛ئەپتىمۇن،تەمرىھىندى 100گرامدىن ؛ئەنجۈر قېقى،ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم،چىلان،سەرپىستان 60گرامدىن؛سانا 36گرام؛ يەرلىك شوخلا، كاسىنە، بەدىيان ، ئەينۇلا، رۇمبەدىيان 30گرامدىن؛ شاھتەررە،سېرىق ھېلىلە 20گرامدىن؛ بىستىپايەج ، بىخ كاسىنە، سۇمبۇل 15گرام؛ نىلۇپەر،قىزىلگۈل،پىرسىياۋشان،گاۋزىۋان، بىخسۇس،بادىرەنجىبۇيا،بادام يېغى12گرامدىن؛ زەنجىۋىل،لاچىندانە 10گرامدىن؛
تەييارلىنىشى: خىياشەنبەر،تەرەنجىبىن، سانا،ئەپتىمۇن ،بادام يېغى ،تەمرىھىندىدىن باشقا دورىلارنى 10كلوگرام ئىلمان سۇغا بىر كېچە كۈندۈزچىلاپ،ئاندىن يېرىم سائەت قاينىتىپ دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈپ تاشلاپ ، قالغان دورىلارنى چالا سوقۇپ سۈزۈلگەن دورا سۈيى قىززىق ھالىتىدە تۆرت سائەت چىلاپ ئاندىن بىر ئۆرلىتىپ ئوتتىن ئېلىپ دورا تىرىپلىرىنى مىجىپ تاشلاپ بادام يېغىنى ئېلىشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
كۈندە ئىككى قېتىم يېرىم پىيالىدىن ئىسسىتىپ ئىچىلىدۇ.

ئايارەج لوغانزىيا

بۇ دورىنىڭ مەنپەئەتى ناھايىتى كۆپتۇر ،بەدەندىن بۇزۇق ماددىلارنى تازىلايدۇ،بارلىق سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى يەنى ساراڭلىق، تۇتقاقلىق، قۇلاق ئېغىرلىق، پالەچ،سەكتە كېسەللىكلىرىنى يوق قىلۇر،مەيدىنى پاك قىلۇر،جىگەرنىڭ،بالىياتقۇنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچۇر،ھەيزنى راۋان قىلۇر،نەپەس قىستاش،مۇپاسىل،نىقرەس،ئېرقۇننىسا،كونا جاراھەت،بەھەق،بەرەس،قۇبا،جۇزام،خانازىر،سەرتان،ئىستىسقا كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلۇر.
نۇسخىسى: شەھمەنزەل18.6گرام؛ئەنسىل،غارىقۇن،مەھمۇدە،قارا خەربەق،ئوشەق،ئۈستىقۇردىيۇن 16.8گرامدىن؛ ئەپتىمۇن،كامادەرىيۇس، مۇقەل،سەبرى 13.1گرامدىن؛ سازەج ھىندى،كۈدە ئۇرۇقى، پىرسىياۋشان،سەلىخە،ئاقمۇچ،قارىمۇچ،پىلپىل، زەپەر،دارچىن، بىستىپايەج،سەكبىنەچ،ھۇپارىقۇن،جاۋۇشىر، قۇندۇزقەھرى،تاغ كەرەپشە ئۇرۇقى، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە،ئەپسەنتىن،پەرپىيۇن،سۇنبۇل، ھۇماما ،زەنجىۋىل 7.5گرام؛ ، جىنتىيانا ئۈستىقۇددۇس 5.6گرامدىن .
دورىلارنى قائىدە بويىچەسوقۇپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ئىمكان بولسا ئالتە ئاي ساقلاپ ئاندىن 3-12گرامغىچەبېرىلىدۇ.



8 پارچە ئىنكاس بار .

  1. بۇشرا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،يۇقىردا بايان قىلىنغان دورىلارنى مىللىي شىپاخانىدىن تاپقىلى بولارمۇ؟ھەممىسى بەك ياخشى دورىلاركەن،ماڭا بەكمۇ ماس كىلىدىكەنتۇق.

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئۇلار قايسى نۇسخىدا تەييارلايدۇ بىلمىدىم،ئايارەج لوغانزىيانى تاپالىشىڭىز مۇمكىن،مەتبۇخى ئەپتىمۇننىڭ خام دورىلىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىڭىز قايناتسىڭىز ياخشى.بولمىسا بىز تەييارلاپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.

  3. بۇشرا مۇنداق يازغان:

    ھە،مەندە قان بۇزۇلۇش بارمىكىن تاڭ،يۈزلىرىمگە دانىخورەكلەر بەك تولا چىقىدۇ،ھەم سوغۇق يېلىم تېشىپ كەتتىمۇ پۇت-قوللىرىمغا ئۇششاق سۇلۇق نەرسىلەر چىقىپ شۇنداق قىچىشىدۇ،مۇشۇنىڭغا ياىشى دورا بولسا قىلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن قېرىندىشىم.

  4. 4tadu مۇنداق يازغان:

    بولىدۇ،ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز دۇكانغا كېلىڭ ئەمىسە.

  5. بۇشرا مۇنداق يازغان:

    مەن ئۈرۈمچىدە ئەمەس قېرىندىشىم،ئىچكىردە،ئالدىنقى يازدا تېۋىپلارغا كۆرۈنسەم پۇت-قول تەمىرەتكىسى دېگەنمۇ شۇنداقراق بىر گەپنى قىلغان.

  6. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ھە،بۇ تەرەپلەرگە چىققاندا ئىچسىڭىز بولغۇدەك ئەمىسە.

  7. بۇشرا مۇنداق يازغان:

    ئۇ ۋاقىتقىچە بەكلا ۋەيرانە بولۇپ كىتەمەنمىكىن.
    قېرىندىشىم بولسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن،مەسىلەن چ چ ياكى سىكايپى دېگەندەك،بەزى ئەھۋاللارنى سىزگە ئېنىق دەپ ئاندىن دورا قىلمىسام بولمايدۇ،شۇڭا سىز بىلەن ئايرىم كۆرۈشەي.

  8. 4tadu مۇنداق يازغان:

    بولىدۇ قېرىندىشىم،چ چ نۇمۇرۇم 1242717272

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....