تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

نۆۋەتتە جوڭگۇ مۇسۇلمان جامائەتچىلىگى مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ.تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشى بىلەن مول باياشاتچىلىق ئىچىدە ،كىشىلەر يىمەك-ئىچمەك تاللىغاندا نوقۇل سۈپىتىنىڭ،ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى قوغلۇشۇپ ۋە ئىلان-تەشۋىقاتلارنىڭ قايمۇقتۇرىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن شۈبھىلىك يىمەكلىكلەرنى پەقەت ”مۇسۇلمانچە“دىگەن بەلگىسى بولسا ياكى ”قايسىبىر ئىسلام دىنىي جەمىيىتى نازارەت قىلىپ ئىشلەپچىقاردى“ دىگەن خەتلا بولسا ،نېرى-بىرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي ئىستىمال قىلماقتا.

ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان اللە قۇرئان كەرىمدە “ اللە سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ،قاننى،چوشقا گۆشىنى، اللە دىن غەيرىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يىيىشنى ھارام قىلدى……“(سۇرە بەقەرە 173-ئايەت)دەپ ھالال-ھارام ۋە ئۈنىڭ ھۆكۈملىرىنى رۇشەن كۆرسىتىپ بەرگەن.

ساھابىلەردىن ئەبۇۋەققاس رەسۇلۇللاھقا ”ئى اللە نىڭ ئەلچىسى ، اللە قا دۇئالىرىمىزنىڭ ئىجابەت بولىشىنى تىلەپ دۇئا قىلسىلا“دىگەندە ،رەسۇلۇللاھ ”ئەي ئەبۇۋەققاس،يىمەك-ئىچمىگىڭنى پاكلىغىن،شۇندىلا دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ.اللە بىلەن قەسەمكى ،كىمكى ھارامدىن بىر لوقما يەيدىكەن(ئىچىدىكەن)ئۇنىڭ 40كۈنلۈك ئىبادىتى زايا بولىدۇ(ياكى قوبۇل بولمايدۇ)“ دىگەن.

يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن كۆرە، اللە قا چىن دىلىدىن ئىشەنگەن ۋە اللە قا ھەقىقى بويسۇنغان بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن يىمەك-ئىچمەكنىڭ ئېتىقادتا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى،ئىماننى ساقلاش ۋە پەرۋىش قىلىشنىڭ بىرىنجى شەرتىنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئىكەنلىگىدە گۇمان يوق.بۇنى ھەر بىر جوڭگۇلۇق مۇسۇلمان چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشى لازىم.بىلمەي بىرەر لوقما ھارامنى يىگۈچى،چوقۇم اللە قا چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىپ،ئىستىغپار ئېيتىشى،مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.شۇ ھالدا ھەر كۈنى ئۆزرىسىز ئۆزى خالاپ ھارام نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلسا،يەنە ئۇنى مۇسۇلمان دىيىشكە بولامدۇ؟(توغرىسىنى بىلگۈچى اللە).كىشى مۇسۇلمان بولغان ھالداھارامنى يىمەيدۇ.شۇڭا بازارلاردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھۆكۈملىرى ئۈستىدە ھەر بىر مۇسۇلمان چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىپ كۆرىشى لازىم.

مەن ھەر خىل ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن،يىگانە اللە نىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ،بىزنىڭ يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى بىر قانچە يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن پاكىتلىرىمىزغا ئاساسەن،بىلگەنلىرىمنى قەلەمگە ئىلىپ،كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم،قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:

بىرىجى :سۆڭەك يېلىمى

ئىسمىدىن مەلۇمكى، سۆڭەك يېلىمى—ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ سۆڭىگى ۋە چىرىگەن تىرىلىرىنى قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان يېپىشقاقلىغى كۈچلۈك بولغان يېلىمسىمان ماددا. كۆپچىلىككە مەلۇمكى بۇ خىل مەھسۇلات ئىلگىرى ياغاچ مەھسۇلاتلارنى چاپلاشقا ئىشلىتىلەتتى،ھازىر پەن-تىخنىكىنڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەر ئۇنىڭدىن يىمەكلىك يېلىمى،يار يېلىم ياكى تاش يېلىمى ئايرىپ ئالماقتا.تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يىمەكلىك تەركىۋىدە سۆڭەك يېلىمى بار.

1.سېغىز كەمپۈت،شاكىلات،سۈت كەمپۈت قاتارلىقلار.سۆڭەك يېلىمى بولمىسا يۇقارقىلارنى ياسىغىلى بولمايدۇ.ھازىر تېخنىكىنى ئەلالاشتۇرغاندىن كىيىن يەنە سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ياسىغىلى بولىدىغان بولدى،مەسىلەن:قېتىق،مارۇژنا،مىۋە ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار.بۇلاردىكى سۆڭەك يېلىمى قاتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ،ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەيدۇ.

2.قۇتىلىق كونسېرۋا :مەسىلەن شاپتۇل،نەشپۈت،ئالما،ئەپلىسىن،ئۈزۈم كونسىرۋاسى قاتارلىقلار. 1985-يىلىدىن ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىشتا بىر جىڭ سۇغا 6سەر شىكەر قوشۇلغاندىن كىيىن ۋاكۇئوم قىلىنىپ ،يىڭىچە ساقلاش مەقسىدىگە يىتەتتى.بۇنىڭدا قەنىت تەركىۋى يۇقۇرى بولۇپ ،دىئابىت،سىمىزلىك ،يۇقۇرى قان بىسىمى بىمارلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن، شۇڭا دۆلەت يېڭى بىكىتكەن ئۆلچەمدە قەنت تەركىۋىنىڭ تۆۋەن بولىشىنى تەلەپ قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يىمەكلىك يېلىمىنى قىتىپ ،شىكەرنى ئاز قىتىش ئارقىلىق يېڭىچە ساقلاش مەقسىدىگە يەتكەن. ئەگەر سىز كونسىرۋا ئېچىدىكى سۇنى تۆكۈۋىتىپ تەپسىلى قارىسىڭىز،ئاستىدا قويۇق شىلىمشىق ماددا قالىدۇ،بۇ سۆڭەك يېلىمىنىڭ دەلىلى.

3. كەسكەن چۆپ : ھەر خىل كەسكەن چۆپكىمۇ يېلىم ئارلاشتۇرۇلغان بولۇپ ،شۇڭا قازاندا ئۇزۇن قاينىتىلسىمۇ ئېزىلىپ ئوماچ ھالەتكە كەلمەيدۇ.

4. پىنتوزا،ئنچىكە پىنتوزا، كىراخمال قايمىقى(粉皮 )

ئىككىنجى: چوشقا مىيى

دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يىمەكلىك خۇرۇچلىرى ئىشلەش كارخانىلىرى ئاساسلىغى شاڭخەي،گۇاڭجۇدىن ئىبارەت ئىككى جايدا.ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ياغ سۈتى،ياغ كىسلاتاسى،سۈنئى خام قايماق،تورت مىيى،كاتالىزاتۇر، ئۇيۇتقۇچ قاتارلىقلار.بۇ خۇرۇچلارنىڭ ھەممىسىدە چوشقا مىيى تەركىۋى بار بولۇپ، بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يىمەكلىكلەر توپ بازىرىدىكى گۇاڭدوڭلۇق بىر توپ تارقىتىش دۇككىنىنىڭ خوجايىنىنى تەكشۈرگەندە ،ئۇ جەنۇپتىكى ھەر قايسى بالىلار يىمەكلىكى زاۋۇتلىرىنىڭ چوشقا مىيىنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلىغىنى ئىتىراپ قىلدى.

ئۇن،پۇرچاقلارغا نىسبەت بويىنچە ماي قىتىلىپ ،يىمەكلىك تەييار قىلىنغاندىن كىيىن ،سىرتىغا بىر قەۋەت چوشقا مىيى سۈرتىلىدىكەن، بولمىسا يىمەكلىكنى يىڭىچە ۋە ئاسان ساقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولمايدىكەن.ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھايۋانات مايلىرىنى پۇراقسىز،رەڭسىز،سۈزۈك ھالەتتىكى يىمەكلىك مىيىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ماينى يىمەكلىكلەرگە ئىشلەتكەندە يىمەكلىكلەرنى يىڭى پىتى ،ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى ،شۇنداقلا تەننەرنىنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنجى: ھارام سويۇلغان كالا،قوي،توخۇلار

ئىچكىرىدىكى شەندوڭ،خېبېي،خېنەن قاتارلىق جايلاردىكى تۇڭگانلارنىڭ قۇشخانىلىرى ئىسلام دىننىڭ قائىدىسى بويىنچە مال سويمايدۇ.بىز شەندوڭنىڭ گۇەن ناھىيىسىدىكى بىر تۇڭگان كەنتىنى تەكشۈرگەندە، بۇ كەنتنىڭ مەخسۇس قوي-كالا سويۇش،سىتىش تىجارىتى قىلىدىغانلىغىنى،شۇ ئارقىلىق نامى چىققان باي كەنت ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كالىنىڭ بۇرنىغا شىلىنكا تىقىپ ،سۇ پومپىسى بىلەن سۇ بىرىپ كالىنى ئۆلتۈگەنلىگىنى كۆردۈم،ئۇلار بۇ خىل ۋەھشىلىك بىلەن، ئىنساننىڭ ئەقەللى ئەخلاقىغا ۋە ئىسلام روھىغا خىلاپ ھالدا گۆشنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ پايدا ئالغان……….

يىمەكلىكلەرگە ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان ھارام خۇرۇچلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئېمۇلسىيەلەش دورىسى —-乳化剂(Emulsifiers)

يىمەكلىك سانائىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئېمۇلسىيەلەشتۈرگۈچدىن ھىدروگېنلاشتۇرۇلغان سېرىق ماي(ياكى چوشقا مىيى)،ھىدروگېنلاشتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك مىيى ترىئېتېلىن مىيى بار.ئەگەر ھارام مالنىڭ مىيى ئىشلىتىلگەن

بولسا،بۇئىمۇلسىيەلىگۈچ ھارامدۇر، ئېنىقكى ھىدروگېنلاشتۇرۇلغان ئوسۈملۈك مىيى ئىشلىتىلگەن بولسا ھالالدۇر.

2.سوڭەك يېلىمى—–骨胶(Geltin)

نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى سۆڭەك يېلىمى ئىشلەپچىقىش كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ سۆڭىكىنى ياكى تىرىسىنى ئارلاش ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقىرىش قىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن سۆڭەك يېلىمى ھارام.

3.ئېچىتقۇلار—– 酶类(Enzymes)

ئېچىتقۇ يىمەكلىك سانائىتىدە ناھايىتى كەڭرى ئىشلىتىلىدۇ.ئەگەر ھايۋانات تىنىدىن ئىلىنغان بولسا ھارام، مىكرو جانلىقتىن ياكى ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان بولسا ھالال.

4.گلىتسېرىن—– 甘油(Glycerin)

ھايۋانات مىيىنى خام ئەشيا قىلغان گلىتسېرىن يىمەكلىك سانائىتىدە دائىم ئىشلىتىلدۇ،شۇڭا مۇسۇلمانچە يىمەكلىككە ئۆسۈملۈكتىن ئىشلەنگەن گلىتسېرىن ئىشلىتىش لازىم.

5. چوشقىنىڭ بۆرەك مېيى—板油(Lard)

ئېنىقكى ھارام.

6.لېتسىتىن(فوسفاتىدىل خولىن)— 卵磷脂(Lecithin)

ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكتىن لېتسىتىن ئايرىغىلى بولىدۇ.ھايۋاناتتىن ئايرىپ ئېلىنغان بولسا ھارام،ئۆسۈملۈكتىن ئادەتتە پۇرچاقتىن ئايرىپ ئېلىنىدۇ.

7.ھاراق—-酒(Alcohol)

ھارام.

8.خۇشپۇراق ماتىياللار——香料(Flavors)

ئەگەر ئىسپىرىتتا ئېرىتىلىپ ياسالغان بولسا ھارام.

9.ئوراش ماتىياللىرى——包装材料

سۇلياۋ بۇيۇملار ئادەتتە ھالال بولىدۇ.بىر قىسىم مىتال ئوراش بۇيۇملىرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا بىر قەۋەت ھايۋانات سۈرتۈلگەن بولۇپ ،بۇ ھارامدۇر.

توۋەندىكىلەر يىمەكلىك سانائىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەركىۋى ھۆكۈم

سىركە كىسلاتاسى—乙酸AceticAcid ھالال

ئىسپىرت ——–酒精Alcohol ھارام

ئاممۇنىي سۇلفات—–硫酸铵AmmoniumSu ھالال

ھايۋانات مىيى——-动物脂肪AnimalFat ھارام

ئاسكوربىك كىسلاتا—-AscorbicAcid抗坏血酸(Vc) ھالال

تاتلىق تىتىتقۇ——甜味剂 ھالال

بېنزوئاتا———安息香酸盐Benzoate/BenzoicAcid ھالال

كالتسىي كاربونات—-碳酸钙CalciumCarbonate ھالال

كاررا يېلىمى——-卡拉胶(角叉菜)Carrageenan ھالال

خولېسترېن——-胆固醇Cholesterol شۈبھىلىك

لىمون كىسلاتا—— 柠檬酸CitricAcid ھالال

كاكائو مىيى——-可可油CocoaButter ھالال

كوللاگىن——–胶原质Collagen ھارام

ئارپا كىراخمىلى—–麦片CornMeal/CornStarch ھالال

قوناق شىرنىسى—–玉米糖浆CornSyrup ھالال

دېكسترىن——-糊精Dextrin ھالال

گېلسىريد——-甘油二酯Diglyceride (ھايۋاناتنىڭ ) شۈبھىلىك

گېلسىريد——-甘油二酯Diglyceride(ئۆسۈملۈكنىڭ ) ھالال

ئېدتا———-乙二胺四乙酸EDTA ھالال

ئېچىتقۇ———酶Enzyme شۈبھىلىك

ئېرگوستېرول——麦角固醇Ergosterol ھالال

ياغ كىسلاتاسى—–脂肪酸FattyAcid شۈبھىلىك

تۆمۆر سولفات——硫酸铁FerrousSulfate ھالال

مىۋە شىكىرى——果糖Fructose ھالال

زەمبۇرۇغ پروتېئىنازى–真菌蛋白酶FungalProteaseEnzyme ھالال

سۆڭەك يېلىمى—–骨胶Gelatin ھارام

گلۇكوزا———葡萄糖Glucose ھالال

گلىتسېرىد——-甘油酯Glyceride شۈبھىلىك

ئاتسېتىن——–肝糖(糖原质)Glycogen شۈبھىلىك

ئەرەپ يېلىمى——阿拉伯树胶GumAcacia ھالال

ھورمۇن———激素Hormones شۈبھىلىك

ھېدروگىنلاشتۇرۇلغان ئوسۈملۈك مىيى–HydrogenatedOil氢化植物油 ھالال

گىدرولىزلانغان ھايۋانات مىيى—-水解动物脂肪HydrolyzedAnimalProt شۈبھىلىك

ئارپا ئۈندۈرمىسى—–麦芽Malt ھالال

مونوساخارىد——-单糖 Mono Saccharides ھالال

تېتىتقۇ———味精(谷氨酸钠) Monosodium Glutamate ھالال

نىتراتىس——–硝酸盐 Nitrates / Nitrites ھالال

ئوكسالىك كىسلاتا—草酸 OxalicAcid ھالال

بېنزوئىك كىسلاتا—苯甲酸PABA ھالال

يېلىم———胶质Pectin ھالال

پېپسىن———胃蛋白酶Pepsin شۈبھىلىك

فوسفاتىد——–磷脂Phospholipid شۈبھىلىك

كالىي سىترات—– 柠檬酸钾PotassiumCitrate ھالال

رېنىن———-肾素Renin شۈبھىلىك

ساخارىن———糖精Saccharine ھالال

ئېچىتقۇ، فېرمېنت—-酵母Yeast ھالال

مەنبە: http://www.66txw.com/forum.php?mod=viewthread&tid=25635

تەرجىمە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ،قىسمەن جايلىرىنى قىسقارتىۋەتتىم، تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن، خەنچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئەسلى مەنبەنى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەنبەسى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن qewandaz



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

2 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    مۇسۇلمانلار ئىستىمالدىكى مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەر.
    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم،مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى قېرىندىشىمىز نۇرۇنجى نىڭ تەكشۈرىشىدە بايقالغان ،مۇسۇلمانلار ئىستىمالدىكى ھارام يىمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۈرمەكچى .
    ئاپتۇر: تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان نۇرۇنجى .
    لىنشىياڭ شەھەرلىك مۇسۇلمانلار تەشۋىقات كومتېتى بېسىپ تارقاتتى .

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم.
    مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ سانالار بولسۇن !
    پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يىمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى ئىستىماك سەۋىيەنىڭ ئۆسىشى، يىمەكلىك تاللاشتا سەرخىللىشىش، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش، شەكىل جەھەتتىن دەۋرىلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك كىشىلەر ئېڭىدا ‹خەنزۇچە ›دەپ يېزىلماي‹مۇسۇلمانچە›ياكى ‹ھالال›دىگەن خېتى بار يىمەكلىك بولسىلا بولىۋىرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى. ئاللاھ-تائەلا قۇرئانى كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ‹‹ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللاھنىڭ نامى زىكىر قىلىنماي بۇغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى ››(2-سۈرە173-ئايەت)،‹‹ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەت بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغانلار پاسىقلاردۇر››(5-سۈرە47-ئايەت)دىيىلگەن. ھەددىستە مۇنداق بايانلار بار:«ئەبۇۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھەممەد سەللۇلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە:ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى !مېنىڭ دۇئايىمنىڭ مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا دىگەندە، رەسۇلۇللا مۇنداق دىدى:ئى ئەبۇۋەققاس يىمەك-ئىچمىكىڭنى پاك قىلغىن. شۇندىلا سېنىڭ دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ئەگەر بىر ئادەم بىر لوقما ھارام نەرسنى يېسە، ئۇنىڭ 40كۈنلۈك ئىبادىتى مەقبۇل كۆرۈلمەيدۇ(بولمايدۇ)».
    ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانىڭ ئىمانىنى ساقلاپ تۇرالىشىنىڭ بىر شەرتى ھالال، پاك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتۇر. يۇقاردىكى قۇرئانى كەرىم ۋە ھەددىستىكى بايانلار بىز مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغىرلىق ئويلىنىپ بېقشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە.
    ئالاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ«روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى كۇپرى ۋە پىسقى- فۇجۇر بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمۈت بولىدۇ»(91-سۈرە10-ئايەت).بىر موئىمىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا، چىن دىلىدىن تۆۋبە قىلىشى كېرەك .ئەگەر ھازىرقى ھازىرقى جەمىيەتتە بىر قىسىم ئادەملەر ھەركۈنى ھارام نەرسەرنى ئىستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دىگىلى بولسۇن؟ تۈرلۈك يىمەكلىكلەر ھالال-ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى .ئۇنى ئايرىپ ئىسىتىمال قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان،مۇسۇلمانلار قاتتىق ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە.مەن ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى-ئۆلىما ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسغا سۇندۇم.

    بىرىنچى چوڭ مەسىلە :سۆڭەك يىلىمى‹骨胶 گۇجئاۋ›.
    سوڭەك يىلىمى بولسا ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سوڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن،يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يلىم.بۇنى كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇ.بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ ماتىرياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى .تېخنىك تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمدىن يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلدىغان سۈزۈك ،چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىندىغان بولدى .بۇ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز (پوپوتاڭ)،ئېغىز پۇراقلىق قىلىشى كەمپۈتى(口香糖)،شاكىلات(چوكىلى)،سۈت كەمپۈتلىرىگە قوشىلىدۇ.يىلىم بولمىسا بۇ نەرسىلەرنى ياساش مۈمكىن ئەمەس.ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلاش دەۋرىدە يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يىلىم يەنە سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە.مەسلەن:قايماقلىق سۈت پارشۇگى ،چوكامۇز(بىڭگۇر)،سۈتلۈك ماروژنا(بىنجىلىن)،مىۋە تۈرمىسى قاتارلىقلار.ئۇنىڭ قاتۇرۇش رولى بولۇپ ،مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەن تىيەنجىن شەھەرلىك كاڭلى سوغاق ئىچىملىك زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈردۈم.تېخنىك خادىم بىزگە مەھسۇلاتنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى .
    (1).بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايۇنىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ،زاۋۇت ئىشچىللىرى بۇ مەھسۇلاتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىشى-كەلمەسلكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ.بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سوڭەك يىلىمى بار.
    (2).بوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇرابباۋەشەربەتلەر يەنى شاپتۇل،ئامۇت،ئەنجۇر،ئاپلىسىن،ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ،بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا 85-يىلدىن بۇرۇن 500گىرام(بىرجىڭ)دېستىلەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەنت سېلىپ،ھاۋانى سۈمۈرۈۋىلىپ،ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ دېزىنفىكسىيەقىلاتتى.ھازىر قەنىت سېيىش كېسىلى ،زىيادە سىمىزلىك،يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى كۆپەيدى،بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا قەنىت مىقدارىنى ئازايتىش ئۇسۇلى قوللاندى.ھازىرقى كونسىرۋالارنىڭ سۈيىنى تۆكىۋەتسەك،تەركىۋىدە ئۇماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرىمىز،مانا بۇ سوڭەك يىلىمى ئىشلىتلىلگەنلىكىنىڭ ئسىپاتى .
    (3).ھازىرقى خالتىلىق ناۋات (كىرىستاللانغان ناۋات).
    يىگەندە چۈرۈك،تەمى تاتلىق،قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى،تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپىراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ،ساقلاشقا ئەپلىك .ئەمىلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.
    (4).مىۋە ئۇيۇتمىسى :مىۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمى، رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ،بالىلار ئىچىملىكلىرى خېمىيلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر.بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ قەنىت تەركىۋى ئىلگىركى ئۇسۇل بىلەن تەييارلانغىنىدىن 15ھەسسە كۆپ بولىدۇ،ياسالمىللىرىغا مەبلەغ ئاز،پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلىدۇ.
    (5).كېسىلگەن ئاش(گۇامىيەن)ئىچىگە سۆڭەك يېلىمى سېلىش:
    بىز ئاش كېسىش زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە،زاۋۇت تېخنىكى بىزگە ئوچۇقلا قىلىپ «ئەگەركېسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆڭەك يېلىمى ئارلاشتۇرمىساق،سۇدا ئۇزاق قاينىسا ئۇماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ»دىدى .ئاش كېىسىش ئورنىدا كېسىلگەن ئاشنى قازاندا قاينىتىپ سۈيىنى پۇراپ باقسىڭىز ،سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ.
    (6).پىنتۇزا:پىنتۇزا پۇرچاق تۈرىدىكى خام ئەشيالار،كۆممە قۇناق،ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ،يۇقارقى خام ئەشيالارغا بەلگىلىك مىقداردا سۆڭەك يلىمى قوشۇلىدۇ.بولۇپمۇ لازىجاڭ ۋە تېتۇتقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ،باشقا تۈرلەرنىڭ سەل ئازراق .ئەگەر لازاكونسىرۋاسىنى بىركۈن قايناتسىمۇ ئۇماچتەك بولۇپ قالمايدۇ.بۇلار دەل سوڭەك يېلىمىنىڭ كۈچلۈك يېپىشتۇرش رولىنىڭ كۈچى. سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىرخىل سەي كونسىرۋاسى(سەي جاڭ)نى قايناق سۇغ سېلىپ ئېرىتسىڭىز ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنڭ پۇرىقى كېلىدۇ.
    يۇقۇرقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددى كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىشى كېرەك .بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۇرىدىكى:چوشقا سۆڭىكى بولغان سۆڭەك يىلىمى يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇ.جۇڭگۇدا 1مىليارد300مىليۇن خەلىق ئىچىدە خەنزۇلار95%نى ئىگەللەيدۇ،ھەرقايسى شەھەر-ناھىيلەردىكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى خەنزۇلار بولۇپ،پەقەت تازلىق،سەھىيەگە تەلىۋىگەئۇيغۇن بولسىلا تۈرلۈك تېتقۇلارنى قوشىۋىرىدۇ.يىمەكلىكە قوشۇلىدىغان سۆڭەك يىلىمىگە ئاساسەن چوشقا سۆڭىكى، كالا سوڭىكى خام ئەشيا قىلىنىدىغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە كالا،قوي سوڭىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ.چوشقا سۆڭىكىنى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن قەتئي نەزەر قەتئى ھارام،شەرىئەتكە خىلاپ !
    ئۆسۈملىكلەردىن ئېلىنغان مايلار مەسلەن :دېڭىز يىلىمى ،كۆكتات يىلىمى قاتارلىقلارنىڭ تەنەرقى ھايۋان سۆڭىكىدىن 10نەچچە ھەسسە قىممەت بولۇپ ،بۇلار ئاساسەن دۆلەت مۇداپىئەسى،تىببى داۋالاش،تەجىربە تېخنىكىسدا ئىشلىتىلىدۇ.بىر ئادەتتىكى يىمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا ھەرگىز ئىشنىپ قالماسلىقىمىز،ئۇلارنىڭ ئېلان ۋىۋىسكىللىرىدا جار سېلىپ ۋاقىراشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز لازىم.
    بىز جاڭيۇنىڭ تەركىۋىگە دېققەت قىلىپ باقايلى .
    جاڭيۇنىڭ تەركىۋى ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چېچى ۋە ھايۋانلانىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان .بۇ ئاساسى خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ،جاڭيۇغا تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرۋا قۇتىسىغا قاچىلىغاندا تازلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.ئەڭ خەتەرلىكى چوشقا مېيىنى ئىستىمال قىلىشى بولۇپ پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسدا ھەممە يىمەكىلىك زاۋۇتلىرىدا چىقىۋاتقان سۈنئى سۈت پاراشوگى،سۈنئى قايماق ،تورت مېيى،ئىموللىيەلەشتۈگۈچى قاتۇرغۇچى ۋە باشقا تېتىتقۇچىلار چوشقا مېيىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.
    بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ چوڭ خوجايىنلار بىلەن سۆھبەلىشىپ ،يىمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاساسى چوشقا مېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.يىمەكلىك سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت چوشقا مېيىنى سۈركىۋەتسە ،يىمەكلىكنى يېڭى ھەم ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ھايۋان مېيىى چەكلىنىپ تەمسىز،پۇراقسىز،سۈزۈك،سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇلدى.
    97-يىلى چاڭجى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى يۇقۇرى تېمپىراتۇرا شارائىتىدا ئاساسى ئېرىتمىدىن سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھايۋان مېيىنى مۇۋاپىقىيەتلىك چەكلەپ،ھازىرقى يىمەكلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان زەھەرسىز،غەيرى پۇراقسىز،رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقاردى.
    ئىككىنچى چوڭ مەسىلە:كالا-قوي ۋە توخۇلارنى بوغۇزلاش مەسىلىسى، شەندۇڭ، خېنەن، خېبىي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خۇيزۇلارنىڭ قۇشخانىلىرىدا شەرىئەتكە مۇخالىپ كالا-قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى.بىز شەندۇڭ لۇۋەنشۇەن ناھىيەسىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرگەندە، بۇ يېزا مەشھۇر قاسساپلار يېزىسى بولۇپ بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق، خۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۇرژىنىنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تىنجىقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن. بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.بەزى قاسساپلار ئۇشلۇق بىگىزنى كالىنىڭ مىڭسى ئوتتۇرسىدىكى نېرىپ مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇنداق قىلغاندا قان چىقماي گۆشنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقى ئاشىدىكەن. مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ،بۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ.
    خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلەرگە مەيلى«ھالال»ياكى«مۇسۇلمانچە»دەپ يېزىلغان بولسۇن، بۇ گۆشلەر كالا-قوي پېرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن. جەمىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان «مۇسۇلمانچە»دىگەن خەتكە ھىچكىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. ئاشۇ پۇل-مال ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھىساپلايدىغانلار، تەدىرىجى ئىماننىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق يىمەكلىكلەر ئائلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ سەبى بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ. بۇ كۆپ يىللاردىن بىرى كۆرىلىۋاتقان ئەمىلىيەت. ئاللاھ قۇران كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ،«ئى ئىنسانلار!زىمنىدىكى ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار،سىلەر مۆئىمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار»(5-سۈرە78-ئايەت).ئاللاھ قا كۆپ شۈكرى، بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسىمۇ، لېكىن ھالال نەرسىلەرنى يېيىش ئىمانىڭ بىر تۈرلۈك تەلىۋى.
    ئىتىقادىمىز سۇس؟ ئىمانىمىز زەئىپ؟ ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىتىرىتەلمەيدۇ؟ نىمە سەۋەپتىن قەلبىمىز قېتىپ كەتتى؟ سەۋەب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. ھارامنى يېيىش قەلىبنى بۇلغايدۇ، بۇ مۇنازىرسىز پاكىت. ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ«قىيامەتكە يېقىن بىر ئادەم كېلىدۇ، ئۇنىڭ چاچلىرى توپا باسقان، كىيىم-كىچەكلىرى كىر، چىراي تۇتۇق، ئۇ شۇنچە دۇئا قىلىدۇ ، لېكىن دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يېگىنى ھارام، كىيگىنى ھەم ھارام». بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمىزكى، ئى ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلغۇچى !!!قەددىڭىزنى رۇسلاپ، كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسپەتەن يۈكسەك ھۇشيار بولۇڭ. ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق. بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋىتەيلى. نەپسانىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى! گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭ پاك قەلبى بۇلغانمىسۇن! ئۇلارغا ساپ ئىمانى مۇھىت، ئىمانى داستىخان كېرەك. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىۋى تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈپ، سەزگۇرلىكنى ئاشۇرۇپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بۇلغانمىلارنى بايقاپ، بىرلىكتە نەپسىمىز ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا كەرەملىك ئاللاھدىن تىلەيلى! ئى ھەممىگە قادىر ئاللاھ!بىزگە ياردەم قىلغايلا! بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا! روھىمىزنى پاك قىلغايلا! ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغايلا!د ۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا! بىزنى ھارامدىن ساقلىغايلا! بىزدىن رازى بولغايلا!…..ئامىن!
    بىز يۇقارقى ماقالىنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ يىمەك- ئىچمىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئامېرىكا مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار كېڭەش شىتات ئۆلچىمى قىلغان تىزىملىك

    مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قانۇنسىز، يىمەكلىك قىلىشتىن ساقلىنىشقا تېگىشلىك تەركىبلەر:

    Animal Shortening 动物油膨松剂

    Bacon 熏肉

    Gelatin 明胶

    Ham 火腿

    Hydrolyzed animal protein 水解动物蛋白质

    Hydrolyzed porcine collagen 水解猪胶原质

    Lard 猪油

    Pork 猪肉

    Shortening 膨松剂

    گۇمانلىق، سۈپەتتىن ساقلىنىشقا تېگىشلىك تەركىبلەر:

    Artificial & natural colorings 人造和天然色素

    Artificial & natural flavorings 人造和天然香精

    Calcium stearoyl lactylate 硬脂酰乳酸钙

    Enzymes 酶

    Fatty acids 脂肪酸

    Glycerin 甘油

    Glycerol stearate 硬质甘油

    Hydrolyzed bovine collagen 水解牛胶原质

    Lactylated fatty acid esters 乳酸化脂肪酸酯

    Magnesium stearate 硬质酸镁

    Mono & Di-glycerides 单和双甘油酯

    Phospholipids 磷脂

    Polysorbates 聚山梨醇酯

    Potassium stearate 硬质酸钾

    Propylene glycol monostearate 单硬脂酸丙二醇酯

    Sodium lauryl sulfate 月桂基硫酸钠

    Sodium stearate 硬脂酸钠

    Sorbitan monostearate 山梨糖醇酐单硬脂酸酯

    Stearic acid 硬质酸,十八酸

    Stearoyl lactylate 硬质酰
    Whey 乳清,乳水

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....