تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

semiz نورمال سېمىزلىك ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن پايدىلىق ، چۈنكى ھاياتلىقنىڭ داۋام ئېتىشى ئاشۇ ھۆللۈكتىن بولىدۇ . شەيخ بۇ ھەقتە ‹‹ مۆئدىتىل سېمىزلىكتىن ياخشىسى يوق . ئەگەر مۆئدىتىل سېمىزلىك زەرەر يەتكۈزمىسە، ئۇنى يامان سانىما ، چۈنكى ھايات رۇتۇبەت (ھۆللۈك)تىدۇر؛ لېكىن ئېھتىيات قىلىشىڭ ، گەرچە ئاپەت يۈز بەرمىسىمۇ ھەددىدىن تاشقىرى سەمرىش يولىنى سۆيمەسلىكىڭ كېرەك ››دەپ كۆرسەتكەن.

كىشى نورمال ھالدىن ئۆتە سەمرىپ كەتكەندە تۇرمۇش ، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە خىزمەتلەرگە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ، بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . قەدىمقى ۋە ھازىرقى ھۆكۈمالارنىڭ ھەممىسى پەۋقۇلئاددە سېمىزلىكتە ياخشىلىق يوق دەپ قارايدۇ.بۇ ھەقتە ھەدىسمۇ بار ، ئەمما ئۇ ھەدىسنى تۇلۇقى بىلەن بىلمىگەچكە خاتا يېزىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە كەلتۈرمىدىم.

سەمرىشكە سەۋەبچى ئامىللاردىن تۆۋەندىكىلەرنى كەلتۈرۈش مۇمكىن :

تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىقى تۈپەيلى گۆشلۈك ۋە قۇۋۋەتلىك غىزالارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ، جىسمانىي جەھەتتىن كۆپ ھەرىكەت قىلماسلىق ياكى كۆپىنچە ھاللاردا كىچىك ماشىنىدا ئولتۇرۇش،كۆپ ئۇخلاش ياكى سۇيۇقلارنى كۆپ ئىچىش، روھىي جەھەتتە ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماسلىق ، غەم- ئەندىشە قىلماسلىق ، پەرۋاسىزلىق قاتارلىقلار سەۋەبلىك مىزاجدا مۇئەييەن ئۆزگىرىش بولۇپ سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئەسلىي مىزاجىنىڭ تەبىئىي ھۆل بولۇشىبىلەن بىرگە ئاشقازان ، ئۈچەي ، جىگەر ، يۈرەك ، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ نورماللىقى ، ماددا ئالمىشىشنىڭ كۈچلۈكلىكى ئىستىمال قىلغان ئۇزۇقلۇقلىرى تۇلۇق ئۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن كۈندىن كۈنگە سەمرىپ كېتىدۇ ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر كۆپ ئۇسسايدۇ ۋە ئۇسسۇلۇقنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقلىرى سەۋەبلىك ھۆللۈكى يەنىمۇ ئېشىپ تېخىمۇ تېز سەمرىيدۇ.

‹‹ئىلىم – پەن ژۇرنىلى›› دىكى خەۋەرگە قارىغاندا تەتقىقاتچىلاردىن جامۇس لېۋىن بىلەن مايكىل جونىسلار ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا داۋاملىق جىددىيلىشىش بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تېز سەرپ قىلىۋېتىدىكەن. ئۇلار 16 نەپەر ئىختىيارى قىلغۇچىنى ئۇدا ئىككى ئاي ئادەتتىكى تاماقلاردىن 1000 كالورىيە ئارتۇق ئىسسىقلىقتىكى تاماقلار بىلەن باققان . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جىددىيلىكتە ئۆتىدىغان ۋە چۈشكۈن يۈرىيدىغانلار ھېچقانچە ھېرىپ – چارچىغۇدەك ئىش قىلمىسىمۇ يەنىلا ئۇرۇق پېتى تۇرۇۋەرگەن ھەتتا تېخىمۇ ئورۇقلاپ كەتكەن . بىغەملەر بولسا تېخىمۇ سەمرىشكە باشلىغان . ئۇلار يەنە ئەستايىدىل ئۆلچەش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىنىڭ بەدەندە ئۈچ خىل يول بىلەن سەرپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئاساسىي ماددا ئالمىشىش ، ئىككىنچىسى تاماق يېگەن چاغدىكى قىزىش ، ئۈچىنچىسى سىمىز كىشىلەر تەنھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلىپ ئاددىي تاماق بىلەن ئۇزۇقلانسىمۇ ، بەدەندىكى ماي قاتلىمى بىر يىلغىچە ساقلىنىپ تۇرالايدىكەن . ئۇرۇق كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى ماي مىقدارى ئاران بىر ئايغىچىلا يېتىدىكەن ، لېكىن بۇ تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئاخىرىدا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان(ئەخمەتجان ئىسمايىل-قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابەت پسىخولوگىيىسى).

ئۇيغۇر تېبابەت نەزەرىيەسىدە بەلغەم مىجەزلىك كىشىلەر بىغەم كېلىدۇ ۋە ئۇلار سېمىز ۋە سەمرىشكە مايىل دەپ قارىلىدۇ ، سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر بولسا ئۇرۇق ، بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ دائىم خىيال ۋە تەپەككۇر ھالىتىدە تۇرغانلىقىدىن . ھەممىمىزگە ئايانكى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 30دىن بىرىنى ئىگەلەيدىغان مېڭە، ئۇمۇمىي بەدەندىكى قاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى سەرپ قىلىۋېتىدۇ . بۇ يەردە خىلىتلار ۋە مىزاجلار ھەققىدە گەپ بولۇنمىغانلىقى ئۈچۈن قىسقىلا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈپ كېتىمىز ، بۇ ھەقتە مىزاج ، خىلىت ۋە قۇۋۋەتلەر بابىغا قارالسۇن.

بەزى كىشىلەردە ياشنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن مىزاجى ھۆللۈككە ئايلىنىش ياكى تۇرۇۋاتقان جايىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ھۆل – يېغىنلىق بولۇش، نەملىكنىڭ كۆپ بولۇشىغا شۇ كىشىنىڭ مىزاجى ماس كېلىپ دەسلەپتە ئاستا – ئاستا ، كېيىن تىزلا سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل سەمرىش ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ .

ئۆزى دەسلەپ تۇرۇۋاتقان جايىنىڭ قۇرغاق ياكى ئىسسىق بولۇپ ، كېيىن كۆچكەن يېرى نەملىك ۋە ھۆللۈك كۆپ يەر بولسا بۇ كىشىمۇ ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ . مەسىلەن خوتەن ، قەشقەرلەردىن ئۈرۈمچىگە چىققانلار ياكى ئىچكىرىنىڭ دېڭىز بويى ياكى شۇنىڭغا يېقىن ھۆل يېغىنلىق نەمخۇش يەرلىرىگە بارغانلارنىڭ تىزلا مۇددەتتە سەمرىپ ، ئاقىرىپ كەتكەنلىكى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ.

بۇ سەۋەبلەرنىڭ قاتارىغا بىز يەنە ھازىر بەكلا ئەۋج ئېلىپ كەتكەن كەچكى ئولتۇرۇشنىمۇ قاتىمىز.

ئۇيغۇر تېبابىتى ساقلىقنى ساقلاش ئىلمىدە كەچتە بالدۇر يېتىش ، ئەتىگەن سەھەردە تۇرۇش ، كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش ، سۇيۇق سەلەڭراق نەرسىلەرنى تەييارلاش ۋە كەچ كىرىشى بىلەن ئۇزۇقلىنىپ بولۇش ، تاماق يەپلا ياتماستىن مەلۇم ۋاقىت (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا يىگىرمە مىنۇت) ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىپ ئاندىن ئۇخلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ھالبۇكى كۆپىنچە كىشىلىرىمىز ئەتىگەندە ۋاقچە قوپىدۇ ، چەتئەللىك بەزى كىشىلەرنى دوراپ بىر چىشلەم بولكا يا پېچىنە بىلەن بىرەر پىيالە سۈت بىلەن ناشتىلىق قىلىدۇ ياكى شۇمۇ يوق خىزمەتكە ئالدىراپ يۈزىنى چالا – پۇلا يۇيۇپلا ئاچ قورساق خىزمەتكە ماڭىدۇ ، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ كىچە سائەت بىرلەرگىچە مەخسۇس قورساق توقلايدۇ ، ھاراق – شاراپ ئىچىدۇ ۋە كىرىپلا ياتىدۇ. مانا بۇ سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئەڭ خەۋپلىك ئىشتۇر. بۇ ھەقتىمۇ نۇرغۇن ماقالىلەر يېزىلدى. ئۇقۇرمەننى چارچىتىپ قويماسلىق ۋە مەقسەت بۇ توغرىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك يېزىش بىلەن كۇپايىلەندۇق.

بەك سەمرىپ كەتكەن كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان مۇھىم كېسەللىكلەرنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىمىز:

نەپەس يوللىرى تارىيىدۇ ، ئۇششاق قان تومۇرلاردا قېتىش ۋە كاۋاك پەيلەردە توسۇلۇش ۋە تارىيىش پەيدا بولىدۇ. مېڭە ، يۈرەك قان تومۇرلىرىمۇ ئوخشاشلا توسۇلىدۇ ياكى تارىيىدۇ. قان بېسىمى ئۆرلەش، كۆڭلى ئاينىغاندەك بولۇپ يېقىلىپ كېتىش ۋە ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇششاق قان تومۇرلار سىقىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك قان تومۇرلار تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ كېتىش ياكى يېرىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئېغىز ، بۇرۇن ۋە ئۈچەيلەرنىڭ بىرەرسىدىن قان كېتىش بىلەن كۆپ قان يوقىتىپ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. يۈرەك مېڭە ۋە ئۆپكە قان تومۇرلىرى سىقىلغانلىقى سەۋەبلىك ھاۋايى نەسمى ( ساپ ھاۋا ) بىلەن ھاۋايى دۇخانى(بۇزۇق ھاۋا) ئارىسىدىكى ئالمىش تەسىرگە ئۇچراپ قان تەركىبىدە گاز پەيدا بولىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك باش قېيىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك سىقىلىش ۋە خەفاقان كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ئاخىرى بىرەر ئەزادىكى تومۇر قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

ھەددىدىن ئارتۇق سەمرىش ئەر – ئاياللاردا ئوخشاشلا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . شەيخ بۇ ھەقتە ‹‹ كىشى سوغۇق مىزاجلىق بولمىسا بۇنداق سېمىزلىككە ئېرىشەلمەيدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن پەرزەنت بولمايدۇ ، ئۆزلىرىمۇ ساغلام بولمايدۇ ۋە ئەرلىك ئۇرۇقلىرى ئاز بولىدۇ ، سېمىز ئاياللارمۇ شۇنداق؛ ئۇلارنىڭ بويىدا قالمايدۇ ، بالا تاشلايدۇ ۋە شەھۋەتلىرىمۇ زەئىپ بولىدۇ ›› دەپ كۆرسەتكەن . سېمىزلىكنىڭ تۇغماسلىققا بولغان سەۋەبلىرى مۇنداق بولىدۇ: ئەرلەردە ھۆللۈكنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئۇرۇق پىشىپ يېتىلەلمەيدۇ ، ئاياللاردا بولسا تۇخۇم تۇلۇق پىشىپ يېتىلمىگەچكە ئەرلىك ئۇرۇق بىلەن بىرلىشەلمەيدۇ ياكى بۇ ئۇرۇقنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ ، ۋە ياكى بالىياتقۇ بوينىنى ماي قاپلاپ كەتكەنلىكتىن ئەرلىك ئۇرۇق بالىياتقۇغا يىتىپ بارالمايدۇ ھەمدە يېتىپ بارغان ۋە ھامىلە بولغان تەقدىردىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا بالا چۈشۈپ كېتىدۇ . بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئارتۇقچە مايلارنىڭ بالىياتقۇنى سىقىپ قويۇشىدىن بولسا كېرەك.

ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەنلىكتىن سېزىم ئەسەبلىرى ۋە بۇغۇم پەيلىرى كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ ئاخرى پالەچ ، لەقۋا ۋە ھەرخىل بۇغۇم ئاغرىقلىرىغا ئوخشىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

بەك سېمىزلىك ۋە ھۆللۈك تەسىرىدىن ئاشقازان ، ئۈچەيلەرنىڭ خىزمىتى ئاجىزلىشىپ چوڭ تەرەت سۇيۇق كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شەيخ بۇ ھەقتە ‹‹ھەددىدىن تاشقىرى سېمىز كىشىلەر تىز ئۆلىدۇ بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ پەيتىدە سېمىز بولغان كىشىلەردە شۇنداق بولىدۇ ،چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇمۇرى تار ۋە قىسىلغان بولىدۇ . ئۇلار سەكتە ، پالەچ ، خەفاقان كېسەللىكلىرىگە ، رۇتۇبەت(ھۆللۈك)لىكى سەۋەبلىك ئىچ كېتىشكە ، نەپەس ئېلىشنىڭ يامانلىشىشىغا ، بىھۇشلۇققا ۋە يامان ئىسسىتمىلارغا مايىل بولىدۇ ، ئۇلار روھ يوللىرىنىڭ تارلىقى ، مىزاجلىرىنىڭ بەك سوغۇقلۇقى ، قاننىڭ كەملىكى ۋە بەلغەمنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك ئاچلىق ۋە تەشنالىققا چىدىيالمايدۇ›› دەپ كۆرسەتكەن .

ئەمدى داۋالاش توغرىسىدىكى سۆزىمىزنى باشلايمىز.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش قائىدىسى بويىچە ئاۋۋال سەمرىپ كەتكەن كىشىنىڭ مىزاجىنى تەكشۈرۈپ سەمرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە قايسى خىلىت ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاش ۋە سەۋەبىنى توختىتىش ، ئاندىن شۇ كىشىنىڭ مىزاجىنى تەڭشىگۈچى ئارتۇق ماددىنى تازىلاپ چىقارغۇچى ۋە ئۇندىن كېيىن ئورۇقلاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش ، پەرھىزگە دىققەت قىلىش لازىم.

سەۋەبچى ئامىلنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بەدەننى ئارتۇق سۇيۇقلۇقتىن تازىلاش ، قۇرۇتۇش ئۈچۈن سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە چوڭ تەرەتنى راۋان قىلغۇچى دورىلارنى بېرىش، تاماقنى ئاز يېيىش،ئۇسسۇزلۇقنىمۇ ئاز ئىچىش، بولسا قۇرۇق ئىسىسق چاي دورىلىرى ياكى ئۇرۇقلاتقۇچى دورىلاردىن چايلىق تەڭشەپ ئىچىش ، ئازراق ئۇخلاش ، جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپرەك قىلىش،پار مۇنچىدا تەرلىنىش كېرەك .

مۇنچا ھەققىدە شەيخ بۇنداق كىشىلەر سەھەردە ھاممامغا چۈشۈشلىرى ، ھاممام ھاۋالىق ۋە تەرلىتىدىغان بولۇشى ، سۇلۇق ۋە رۇتۇبەتلەشتۈرگۈچى بولماسلىقى كېرەك . ئەگەر ھاممام سۇلۇق بولسا تارقاتماي پەقەت تارتىشى نەتىجىسى كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئۇزاق تۇرماسلىقى كېرەك . ھاممامدىن چىقىپ تاماقلىنىشقا ئالدىرىماستىن بەلكى سەۋر قىلىپ يېتىش ، تەنھەرىكەت قىلىش ، ئاندىن ئارام ئېلىش شۇنىڭدىن كېيىن ئازراق ۋە يەڭگىل تاماقلىنىش كېرەك . شۇنىڭدەك بۇنداق كىشىنى ئۇۋۇلىغاندا ئارقىمۇ ئارقا ۋە (ماددىنى) تارقىتىدىغان رەۋىشتە ئۇۋۇلاش لازىم دېگەن.

سېرىغ چىچەك يېغى ۋە قۇستە ياغلىرى بىلەن ياغلىنىپ تۇرۇشمۇ ئۇرۇقلاتقۇچى تەدبىرلەردىندۇر. دورىلاردىن ئىتتىيرىفىلى كەبىر ۋە سەغىر ، مەئجۈنى لىمۇن ، مەئجۈنى سەنجىرىينا ، داۋائىللۇك قاتارلىق قۇرۇق ئىسسىق دورىلارنى بېرىش ، مىزاجنى ياخشىلاپ ماددا ئالمىشىشىنى تىزلىتىپ ، بەدەننى قۇرۇتقۇچى دورىلاردىن قايسى تېپىلسا شۇنى ئىشلىتىش لازىم ، بىمار شۇندىلا ئورۇقلاشقا باشلايدۇ .

كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىدىغان تەدبىرلەردىن قاتتىق جايدا يېتىش ، بەك يۇمشاق كۆرپىدە ياتماسلىق ۋە يۇمشاق كىيىملەرنىمۇ كىيمەسلىك (بۇمۇ مەلۇم تەسر كۆرسىتىدۇ) ۋە بەدەننى سەمرىتكۈچى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن سەۋەبلەردىن ساقلىنىش لازىم .

تۆۋەندە ئاسانراق تېپىلىدىغان ئورۇقلاتقۇچى دورىلاردىن بىر قانچىنى مىسال كەلتۈرىمىز ؛

جۇۋىنە ، بەدىيان ، سۇداپ ، زىرە كېرمانى 36 گرامدىن، مەرزەنجۇش ۋە توغرىغۇ يېغىدىن توققۇزگرامدىن،يۇيۇلغان لوكتىن 18 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ كۈندە ئىككى قېتىم، ئۈچ گرامدىن ئىچىلىدۇ.

باشقىسى؛

يۇيۇلغان لوك ، سۇندۇرۇس (كەھرىبانىڭ بىر خىلى) لاردىن 12گرامدىن ، مەرزەنجۇش ، زىراۋەن ، گىنتىيانالاردىن ئالتە گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ ھەر قېتىمدا يېرىم گرام ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە بولىدۇ .

باشقىسى؛

يۇيۇلغان لوكتىن بىر گرامنى سىركىگە چىلاپ قۇرۇتۇپ يۇمشاق سوقۇپ 0.1 گرامدىن ئونغا بۆلۈپ ئەتىگەندە بىر ئۆلۈش ، كەچتە بىر ئۆلۈش ئىستىمال قىلىدۇ ، ئۇسسۇزلۇققا چىداپ بەرسە تىزلا ئۇرۇقلىتىدۇ.

باشقىسى؛

شەيخ ئەفئا يىلانلىرىمۇ كۈچلۈك ئورۇقلاتقۇچى دورىلاردىن سانىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ، بۇ ھەقتە ھەر قايسى نوپۇزلۇق تېبابەت كىتابلىرىدىمۇ ماختىلىپ بايان قىلىنغان.

بۇنداق كىشى غىزاسىنى ئورۇقراق ئۆچكە گۆشى ، قېرى خوراز گۆشى بىلەن تەييارلىشى ، شۇلارغا زىرە قارىمۇچ قاتارلىق ئىسسىقلىق ۋە تارقاتقۇچى قۇۋۋىتى بار دورىلارنى سېلىپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك.

باشقىسى ؛

قارا چاي بىلەن زىرىنى بىللە دەملەپ ئىچىپ بېرىشمۇ ئورۇقلاتقۇچى تەدبىرلەرنىڭ بىرىدىن سانىلىدۇ. (قارىچاينىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولماسلىقى ۋە قېنىق دەملىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا چايدىكى تاننىن ماددىسى ئايرىلىپ چىقىپ، ئەسلىدىنلا قان تۇمۇرى توسۇلغان ياكى قاتقان كىشىلەرگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ)

قورساق كىچىكلىتىش ئۇمىچى

بۇ مەخسۇس ئەرلەردىكى سېمىزلىك ئۈچۈن تەييارلانغان دورا بولۇپ ،قورساق تاۋۇزسىمان يوغىناش،پۇت ئىششىپ قېلىش،يۇقىرى قان بېسىم،بەدەننى ماي قاپلاش، يۈرەك سىقىلىش،يۈرەك ئېغىش ۋە قان تۇمۇر توسۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن كىشىلەرگە ئىشلىتىپ ئالاھىدە ئۈنۈمى كۆرۈلگەن دورا، بولۇپمۇ قورساق كىچىكلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى.
بىز يەنە روھىي جەھەتتىن داۋالاشتا مۇنۇلارنىمۇ قوشۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن ؛

سىمىز كىشى بەك بىغەم بولسا ئۇنىڭغا باشقا جەھەتتىن زىيانلىق تەسىر بەرمەيدىغان ھالدا غەمگە مۇپتىلا قىلىنىدۇ ، ئەقلى ئەمگەكلەرگە ۋە ئويلىنىش تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ .

ئۆز نۆۋىتىدە بىر ھېكايىنى كەلتۈرىمىز؛

نەچچە يىل بۇرۇن بىرسىدىن ئاڭلىشىمچە ئۆزى بەكمۇ باي ، تولىمۇ سېمىز ۋەشۇ سېمىزلىكى تۈپەيلى ئولتۇرۇپ قالغان بىر قىز بار بولۇپ ، ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ئەمما بايلىقىنى تەمە قىلىپ ئەلچى كىرگۈزگۈچىلەرمۇ تويدىن يېنىۋالغان ئىكەن . قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاخىرى بولماي بىر تېۋىپقا كۆرسىتىپتۇ . تېۋىپ ئۇنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ ۋە ئۇمۇمىي ئەھۋالىنى سوراپ بولغاندىن كېيىن قىرىق كۆنلۈك ئۆمرى قالغانلىقىنى دەپتۇ ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قىز قورقۇنچ ، ئىزتىراپ ۋە غەم بىلەن كۈندىن كۈنگە ياداشقا باشلاپتۇ ، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيدىكەن ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ 40 كۈنمۇ توشۇپتۇ ۋە يەنە 40 كۈن ئۆتۈپمۇ كېتىپتۇ . قىز بۇ جەرياندا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم ، ئاتا – ئانامنىڭ ئازراق بولسىمۇ رازىلىقىنى ئالاي دەپ ئكي ئىشلىرىنى تالىشىپ يۈرۈپ قىلىپتۇ ، بۇرۇن سېمىزلىكتىن ماڭالمايدىغان، توڭ قاپاق ، ھېچ ئىش قىلمايدىغان قىز ئەمدىلىكتە ئىشچان ، چىرايلىق ، كۆيۈمچان ۋە زىلۋا بىر قىزغا ئايلىنىپتۇ .

خۇددىي شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارمۇ سىمىزلەرنى ئورۇقلاتقۇچى ياخشى تەدبىرلەردىن سانىلىپتۇ .

ھېلىقى قىزنى قىرىق كۈندە ئۆلىسىز دېگەن تېۋىپ بۇ قىزنى روھىي جەھەتتىن داۋالىغان ئىكەن دەپ ئويلىدىم.

سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.پىششىق دورىلار ھەققىدە بۇ يەردە كۆپ توختالمىدۇق ،سەۋەبى ئۇنى كۆپىنچە تورداشلار ئۆزى تەييارلاپ بولالمايدۇ، شۇڭا تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئېلىشنى ئىستەيمىز، بەلكى شۇ رېتسىپتىكى دورىلارنى ‹‹رېتسىپ خالتىسى›› دېگەن بابىمىزدا بايان قىلشىمىز مۇمكىن، ئۇنى شۇ يەردىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ. ئاخىرىدا يەنە تەكىتلەيدىغىنىمىز باشتا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن سەۋەبچى ئامىللاردىن ساقلىنىش تولىمۇ

زۆرۈر . خۇلاسە كالام.

پايدىلانغان ماتىرىياللار: تىبابەت قانۇنى

قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابەت پسىخولوگىيەسى قاتارلىق كىتابلار



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....