مەرھابا، بۈگۈن
روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋابلار
تەۋە تۈر: ئۇنىۋېرسال | يوللانغان ۋاقتى: 2013/07/09 | كۆرۈلۈشى: 395 قېتىم

روزا ھەققىدە

ﺑِﺴْﻢِ ﺍﷲِ ﺍﻟﺮﱠﺣْﻤﻦِ ﺍﻟﺮﱠﺣِﻴﻢ

ِ

روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋابلار

1. روزا تۇتۇش ئۈچۈن كالىندار ئەمەس،بەلكى ئاي كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

2.رامىزان روزىسىغا تاڭ يۇرۇشتىن ئاۋال نىيەت قىلىش شەرتتۇر.

3. نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس،بەلكى دىلدا نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.

4.نەپلى روزا ئۈچۈن شۇ كۈننىڭ پېشىن ۋاقتىگىچىلىك نىيەت قىلسىمۇ يېتەرلىكتۇر.

5.ئاز مىقداردا بىر نەرسە يىيىش بىلەنمۇ،ھەتتا بىر دانە نۇقۇت ياكى بىر تامچە يامغۇرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنمۇ روزا بۇزۇلىدۇ.

6. روزا تۇتقىنى ئېسىدە يوق بىر نەرسە يەپ ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

7.روزا تۇتقان كىشىنىڭ گېلىغا چىۋىن ياكى چاڭ-توزان كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

8.ئۆزىگە ئەتىر چېچىش ياكى گۈللەرنى پۇراش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

9.ئۇششاق تاش ياكى كىچىك چالما چاغلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالغان كىشىنىڭمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك قازا لازىم بولىدۇ.

10. ھامىلىدار ۋە بالا ئىمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزلىرىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ ساقلىقىغا زىيان بولۇشىدىن قورقسا روزا تۇتمايدۇ ۋە كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

11. رامىزان كۈندۈزىدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭغا غۇسۇل قىلىش پەرز بولىدۇ.شۇ ھامان غۇسۇل قىلسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

12. روزا تۇتۇش كۈنىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاينى كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر.

13. شەك كۈنىدە( يەنى كىشىلەر شەئبانغا تەۋەمۇ ياكى رامىزانغا تەۋەمۇ دەپ شەك قىلىپ قالىدىغان كۈن –شەئباننىڭ 30- كۈنىدە) روزا تۇتۇش مەكرۇدۇر.

14. دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىدىغان كۈنى شەك كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا ، شۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇ سانالمايدۇ.

15. رامىزان كۈندۈزىدە ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئەمما قەستەن قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

16. رامىزان كۈندۈزىدە قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

17. رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە تۆت مەزھەپنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە ، مۇنداق كىشىگە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

18. كاپارەت – بىر قۇل ئازات قىلىش، ئەگەر تاپالمىسا ئۈزمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش،ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئاتمىش مىسكىنگە بىر ۋاق تاماق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

19. رامىزان كۈندۈزىدە يېيىش ياكى ئىچىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ھەنەپىي مەزھىپى بويىچە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

20. ھەيز ياكى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان ئاياللار كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بېراق ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ.

21. ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى جائىز ئەمەس. تۇتقان تەقدىردىمۇ ھېسابلانمايدۇ.

22. رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرگەن ياكى تۇغقان ئاياللارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇلار كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

23. سوھۇرلۇق يەۋاتقان ۋاقىتتا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان بولسا، (شۇ) ھامان يېيىشنى توختىتىپ نىيەت قىلىش كېرەك. تۇتقان روزا دۇرۇستتۇر.

24. جىنابەتتىن پاك بولۇش ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرتتۇر. ئەمما جىنابەت بىلەن روزا تۇتۇش دۇرۇستتۇر.

25. مۇساپىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر، ئەمما تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر.

26. روزا تۇتماسلىق ئۈچۈن سەپەر مۇساپىسىنىڭ 90 كىلومىتىردىن كۆپ بولۇشى شەرتتۇر.

27. روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان كىشىنىڭ ئادەتتىكى باش ئاغرىقى ، چىش ئاغرىقى ياكى كۆز ئاغرىقىغا ئوخشىغان يىنىك كېسەللەردىن بولماستىن، بەلكى روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى شەرتتۇر.

28. زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان سەپەرلەردە بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر.

29. رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان كىشى ئەگەر بۇ ئىشنى ئايالىنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلغان بولسا ، ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىگە كاپارەت كېلىدۇ. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىختىيارى بولماستىن مەجبۇرى قىلغان بولسا ، ئەر كىشىگىلا كاپارەت لازىم كىلىدۇ.

30. رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇشتا ئارقا-ئارقىدىن ئۈزمەي تۇتۇشى شەرت ئەمەس، بەلكى پارچە-پارچە تۇتسىمۇ بولىدۇ.

31. كاپارەت پەقەت رامىزاننىڭ روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت روزىسى قازا روزا ۋە نەپلى روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت لازىم كەلمەيدۇ .

32. نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ ئۇنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن، ھەنەپىي مەزھىپىگە كۆرە ، قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما باشقا ئۈچ مەزھەپكە كۆرە ، بۇ روزا ئىختىيارى روزا بولغانلىقى ئۈچۈن قازا لازىم كەلمەيدۇ.

33. روزا ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تۆتىنچى كۈنىگىچىلىك روزا تۇتۇش ھارامدۇر.

34 . يالغۇز جۈمە كۈنىدە ۋە يالغۇز شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

35. ئىپتار قىلماستىن ئۇلاپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

36. روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى سۆيۈشى روزىنى بۇزمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ ئايالىنى قۇچاقلىشى مەكرۇھتۇر.

37. روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئۆزىنىڭ تۈكرۈكىنى يۇتۇشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

38. روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە كۆزىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن ئۇكۇل سالدۇرۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

39. روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئېغىزىغا ، بۇرنىغا ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭدەك ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىغا دورا قۇيۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

40. روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە قايسى بىر سەۋەب بىلەن يۇيۇنۇشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

مۇھەممەد يۈسۈپ تۈزگەن روزا ئەھكاملىرى ۋە قائىدە تەرتىبلىرى ناملىق كىتاب 53-54-55 –بەت.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    ئەزا مەركىزى