تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

جىنسىى مۇناسىۋت (جىما) توغرىسىدا

ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزى (رەھىمەھۇللاھ)

جىما (ئەر- ئايال ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت)ساغلاملىقنى ئاسرايدۇ. لەززەت ۋە خوشاللىق ھاسىل قىلىدۇ ۋە جىمانىڭ يارىلىشىدىكى مەقسەتلەر ھاسىل بولىدۇ. جىمانىڭ يارىلىشىدا ئۈچ نىشان بار.

1- نەسىلنى قوغداش، ئىنسانىيەت سانىنى ئاللاھمۇشۇ ئالەمدە بەلگىلىگەن چەككە يەتكۈزۈش.

2- بەدەندە تۇرۇپ قالسا زىيان قىلىدىغان سۇ(ئىسپېرما) نى چىقىرىپ تاشلاش.

3- ئارزۇسىغا يېتىش، لەززەتكە ئېرىشىش، نېمەت بىلەن ھوزۇرلىنىش، ئاخىرقىسى (ئۈچىنچىسى) لا جەننەت مەنپەئەتلىرىدىندۇر. چۈنكى جەننەتتە نەسىل قالدۇرۇش يوق. چىقىرىۋېتىشقا ئېھتىياجلىق توسۇلۇپ قىلىشمۇ يوق.

تىۋىپلارنىڭ قارىشىدا جىما ساغلاملىقنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. جالىنۇس مۇنداق دېگەن:‹ئىسپىرمىنىڭ (مەنىنىڭ) جەۋھىرى ئوت ۋە ھاۋادۇر. مىزاجى ھۆل ئىسسىق، چۈنكى ئۇ ئەسلى ئەزالار ئوزۇقلىنىدىغان ساپ قاندىن پەيدا بولىدۇ›.

ئىسپېرمىنىڭ ئارتۇقلىقى بىلىنسە شۇنى بىلىش كېرەككى ئۇنى پەقەت نەسىل قالدۇرۇش غەرىزىدە ياكى سىرتقا چىقىرىۋېتىش غەرىزىدەچىقىرىش كېرەك. ئۇنى كۆپ چىقىرىۋەتسە ۋەسۋەسە، مەجنۇنلۇق، تۇتقاقلىق كېسەللىرىگە مۇپتىلا بولىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت چىقارمىسا توسۇلۇپ قېلىپ، زەھەرلىك خارەكتېر شەكىللەندۈرىدۇ ۋە يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ھەرخىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جىما قىلمىسىمۇ تەبىئەت ئۇنى سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ.

بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: ئادەم ئۆزىگە ئۈچ نەرسىنى ئادەت قىلىش لازىم.

1- مېڭىشقا ئادەتلىنىش كېرەك، بىر كۈنلەردە مېڭىشقا ئېھتىياج چۈشسە بىمالال ماڭالايدۇ.

2- يېيىشكە ئادەتلىنىش كېرەك، يېمىسە ئۈچىيى تارىيىپ كېتىدۇ.

3- جىماغا ئادەتلىنىش كېرەك، قۇدۇقنى لايداپ تۇرمىسا قۇرۇپ قالىدۇ.

مۇھەممەد ئىبنى زەكەرىييا مۇنداق دېگەن: جىمانى ئۇزۇن مۇددەت تاشلىغان ئادەمنىڭ نېرۋا قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ. ئۇنىڭ تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالىدۇ. زەكىرى قىسقىراپ كېتىدۇ. رىيازەت چېكىمەن دەپ جىمانى تەرك ئەتكەن كىشىلەرنى كۆردۈمكى ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى مۇزلاپ، ھەرىكەتلىرى قىيىنلىشىپ،سەۋەبسىزلا چارچاش يۈز بەردى، شەھۋىتى ۋە ھەزىم قىلىشلىرى ئازلاپ كەتتى.

جىمانىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى:

كۆزنى يۇمۇش، نەپسىنى كونترول قىلىش، ھارامدىن يۈز ئۆرۈپ ئىپپەتلىك بولۇش، ئايال كىشىگىمۇ بۇلارنى ھاسىل قىلدۇرۇش… بۇ خىل جىما شۇ ئادەم ئۆزىگە دۇنيا- ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئايال كىشىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىمانى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئادەتكە ئايلاندۇرغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹ماڭا دۇنيالىقلاردىن ئاياللار ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرلا دوست تۇتۇلدى (يەنى مەن شۇ ئىككىسىنىلا ياخشى كۆرىمەن) › [مۇسنىدىئەھمەد 3/128 ـ ھەدىس]

كتاب‹زۇھد› دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق قىزىق بىر سۆزىمۇ بار: ‹مەن يېمەك-ئىچمەككە سەۋر قىلالايمەنۇ ئۇلارغا (ئاياللارغا) سەۋر قىلالمايمەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى تۇرمۇشقۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹ئۆيلىنىڭلار! مەن قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىمەن›. [ئەبۇ داۋۇد 2050 ـ ھەدىس]

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەتنىڭ ئايالى كۆپلىرى ئەڭ ياخشىلىرى». [بۇخارى 5069 ـھەدىس]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆيلىنىمەن، گۆش يەيمەن، ئۇخلايمەن، كېچىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىبادەتمۇ قىلىمەن،روزا تۇتۇپ، ئىپتارمۇ قىلىمەن، سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرىگەن كىشى مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس». [مۇسلىم 3389 ـ ھەدىس]

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى يىگىتلەر جامائەسى!كۈچىڭلار يەتسە ئۆيلىنىڭلار، (ئۆيلىنىش) كۆزنى ۋە فەرەج (جىنسىي ئەزا) نى گۇناھتىنساقلىغۇچىدۇر. ئۆيلىنىشكە كۈچىڭلار يەتمىسە روزا تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنى گۇناھتىنتۇرمۇزلايدۇ». [مۇسلىم 3386 ـ ھەدىس]

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرسېكىلەك (جۇۋان) بىلەن توي قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەي… قىزئالساڭ بولمامدۇ؟ ئۇ سېنى ئوينىتىدۇ، سەن ئۇنى ئوينىتىسەن…» دېگەن. [مۇسلىم 3622ـ ھەدىس]

‹ئىبنى ماجە› ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھنىڭ ئالدىغا پاك- پاكىز بېرىشنى ئويلىغان ئادەم ھۆر (ئازاد) ئاياللارغا ئۆيلەنسۇن». [1862 ـ ھەدىس]

يەنە شۇ كىتابتا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككىئادەمنىڭ دوستلىقى ئۈچۈن نىكاھنىڭ ئوخشىشىنى كۆرمىدۇق». [1847 ـ ھەدىس]

‹سەھىھ مۇسلىم› دا ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيامەنپەئەتتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئىتى سالىھە ئايالدۇر». [1467 ـ ھەدىس]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى چىرايلىق،دىندار قىزلارنى ئېلىشقا تەرغىپ قىلىدۇ. ‹نەسەئىي› دا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەڭ ياخشى ئايال قايسى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئەڭ ياخشى ئايال شۇنداق ئايالكى،ئۇنىڭغا قارىسا ھوزۇرلىنىپ خوشال بولىدۇ، ئېرى ئىشقا بۇيرىسا بويسۇنىدۇ، ئېرىنىڭ مال- مۈلكى ۋە ئۆزىنى ئېرى ناخۇش كۆرىدىغان ئىشلارغا دۇچار قىلمايدۇ». [6/68 ـھەدىس]

‹سەھىھ بۇخارى› ۋە ‹سەھىھ مۇسلىم›دا ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادى، نەسەبى، چىرايى ۋە دىنىغا قاراپ ئىختىيار قىلىنىدۇ،دىندار ئايالغا ئۆيلەن، بەرىكەت تاپقايسەن!» [بۇخارى 5090 ـ، مۇسلىم 1466 ـ ھەدىسلىرى]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇمچان ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى. تۇغماس ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشنى خالىمايتتى.‹ئەبۇ داۋۇد› تا مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىغا كېلىپ: مەن چىرايلىق، دىندار بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئەمما ئۇ تۇغماس، ئۇنىڭغا نىكاھلانسام بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق!» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم ئىككىنچى قېتىم يەنە كەلدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «ياق» دەپ جاۋاب بەردى، ئۈچىنچى قېتىم كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇغۇمچان، مېھرىبان ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار!مەن قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمنىڭ كۆپلىكى بىلەن باشقا ئۈممەتلەر ئالدىدا پەخىرلىنىمەن.

‹تىرمىزى› دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆت ئىش پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى:

1- نىكاھ.

2- مىسۋاك.

3- ئەتىرلىنىش.

4- خەتنە قىلىش.

جىمادىن ئىلگىرى ئايال كىشى بىلەن ئوينىشىپ چاقچاق قىلىش، سۆيۈپ، تىلىنى شۇراش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ئوينىشىپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قوياتتى. ‹ئەبۇ داۋۇد› تا بايان قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى سۆيۈپ، تىلىنى شورايتتى. [1080 ـ ھەدىس]

جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئويناشماي تۇرۇپلا جىما قىلىشتىن چەكلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گاھىدا ھەممە ئاياللىرىنى جىما قىلىپ بىرلا غوسلى قىلغان. گاھىدا بولسا ھەربىرىگە ئايرىم- ئايرىم غوسلى قىلغان. ‹سەھىھ مۇسلىم› دا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر غوسلى بىلەنلا ئارىلاپ چىقاتتى. [309 ـ ھەدىس]

‹ئەبۇ داۋۇد›تا ئەبۇ رافىئى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كېچىدە ھەممە ئاياللىرىنى ئارىلاپ چىقتى، ھەر بىر ئايالغا بىر غوسلى قىلدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ ! ھەممىگە بىرلا غۇسلى قىلسىلا بولمامدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇشۇنداق قىلىش(ھەر بىرىگە بىر غۇسلى قىلىش) ئەڭ پاك ۋە ئەڭ ياخشىدۇر» دېدى. [218 ـ ھەدىس]

جىمادىن كېيىن غۇسلى قىلىش ۋە تاھارەت ئېلىش كۆڭۈلنى خوشال ۋە خارەكتېرنى تېتىك قىلىدۇ، جىمانىڭ خوشاللىقىنى تولۇقلايدۇ، تولۇق تازىلىنىپ پاكىز بولىدۇ. جىما سەۋەبىدىن تارىلىپ كەتكەن تەبىئى ھارارەت بەدەن ئىچىگە يىغىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان پاكىزلىق ھاسىل بولىدۇ. مانا بۇ جىمانى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، شۇنداقلا ساغلاملىقنى ئاسراش ۋە كۈچ- قۇۋۋەتنى قوغداشنىڭ ياخشى تەدبىرى.

ئەڭ مەنپەئەتلىك (توغرا) بولغان جىمانىڭ ۋاقتى:بەدەن ئىسسىق- سوغۇق، ھۆل- قۇرۇق، قورساق ئاچ- توق جەھەتلەردە نورمال، تاماق ھەزىم بولغان چاغدۇر. قورساق تويۇپ كەتكەن چاغدىكى جىمانىڭ زىيىنىدىن قورساق ئاچ چاغدىكى جىمانىڭ زىيىنى ئېغىردۇر. قۇرۇقلۇق ئېشىپ كەتكەن چاغدىكى جىما، ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن چاغدىكى جىمادىن زىيانلىقتۇر. ھارارەت ئېشىپ كەتكەن چاغدىكى جىما سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتكەن چاغدىكى جىمادىن يەڭگىلراقتۇر. ھەقىقىي توغرا بولغان، ئۈنۈملۈك جىما-شەھۋەت قاتتىق كۈچەيگەن، ئۆزىنى زورلىمىغان، ئىنتىلىش پەيدا بولغان، خىيال ياكى ئايال زاتىغا قاراش ئارقىلىق رىغبەتلەنمىگەن ھالەتتىكى جىمادۇر.

جىمانى زورمۇزور قىلىشقا بولمايدۇ. ئىسپېرماھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، جىنسىي تەلىپى زىيادە بولسا، جىماغا دەرھال تۇتۇش قىلسۇن.قېرى ئاياللارنى، كىچىك قىزلارنى، ئاغرىق ئاياللارنى، بەكلا كۆرۈمسىز، سەت ئاياللارنى، ئۆزىنىڭ ئۆچمەنلىكى بار ئاياللارنى… جىما قىلماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىش قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىماغا ئىقتىدارسىز قىلىپ قويىدۇ.

‹جۇۋان› بىلەن بىرگە بولۇش، ‹قىز› بىلەن بىرگە بولۇشتىن مەنپەئەتلىك دېگەن تىۋىپلار خاتالاشقانلاردۇر. بۇ كۆز قاراش شەرىئەتكە، ئادەم تەبىئىتىگە، ئەقىلغا زادىلا ئۇيغۇن ئەمەس. ‹قىز› بىلەن بىرگە بولۇشتا ئالاھىدە خاسىيەتلەر بار. مەسىلەن: جىما قىلغۇچى بىلەن ‹قىز›ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، ‹قىز› قەلبى ‹يىگىت› نىڭمۇھەببىتىگە تولىدۇ، ‹قىز› كۆڭلى ‹جۇۋان› نىڭكىدەك بۆلىنمەيدۇ… شۇڭا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىز ئالساڭ بولمامدۇ؟دېگەن. ئاللاھ تائالا جەننەتتىكى ھۆر قىزلارنى سۈپەتلەپ: ئۇلارنى ھېچقانداق ئەرزاتى تۇتۇپ باقمىغان دېدى. ئانىمىز ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: باشقىلار تۆگىسىنى قويمىغان دەرەخ بىلەن تۆگىسىنى قويۇپ بولغان دەرەخلەرگە يولۇقسىلا، تۆگىلىرىنى قايسى دەرەختە باقىتتىلە؟ (يايلىتىتىلە؟) دېگەن،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: باشقىلار تۆگىسنى قويمىغان دەرەختە دەپ جاۋاب بەرگەن.[بۇخارى 5077 ـ ھەدىس]

ياخشى كۆرگەن ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش ئىسپېرمىنى كۆپ چىقىرىۋەتسىمۇ بەدەننى ئاجىزلىتىشى ئاز بولىدۇ.

ئۆچ كۆرىدىغان ئايال بىلەن بىرگە بولۇش گەرچە ئىسپېرمىنى ئاز چىقارسىمۇ، بەدەننى بوشىتىپ، قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.

ئادەت كۆرىۋاتقان ئايال بىلەن بىرگە بولۇش شەرىئەتتىمۇ، ئادەم تەبىئىتىدىمۇ قەتئى ھارام، ئۇ ناھايىتى زىيانلىق، پۈتكۈلتىۋىپلار ئۇنى چەكلەيدۇ.

بىرگە بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى: ئەر ئۈستىدە،ئايال ئاستىدا بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا سۆيۈشۈش ۋە ئوينىشىشلاردىن كېيىن بولغاي،شۇڭا ئاياللار گاھىدا ‹كۆرپە› دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە‹بالا كۆرپىنىڭ› دېگەن، يەنى ئايال كىشىنىڭ دېمەكچى. [مۇسلىم 3599 ـ ھەدىس]

ئاللاھ تائالا: << ئۇلار (ئاياللار) سىلەرئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمدۇرسىلەر >> [سۈرە نىسا 34-ئايەت] دېگەن. مەزكۇر شەكىل دەل بىر- بىرىگە كىيىم تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.

بىرگە بولۇشنىڭ ناچار شەكلى: ئەر ئاستىدا ئايال ئۈستىدە بولۇشتۇر، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەر- ئاياللار ۋۇجۇدىغا بېكىتىۋەتكەن ئادەمىلىك تەبىئىتىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس، ئەر- ئاياللارلا ئەمەس، ھەرقانداق ئەركەك-چىشى قىلمايدىغان بىر سەت قىلىقتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر ئاستىدا بولغاچ ئىسپىرماچىقىش قىيىن بولىدۇ، ھەتتا ئىچكى ئەزالاردا ئىسپىرما چىقالماي چىرىپ، بۇزۇلۇپ ھەرخىل كېسەللەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، يەنە بىر تەرەپتىن ئايال كىشىدىن چىققان ھۆللۈك زەكەر ئىچىگە كىرىپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە بىر تەرەپتىن بالاياتقۇ ئىسپېرمىنى قوبۇل قىلالماسلىق ھادىسىسىمۇ يۈز بېرىدۇ، بۇ پەرزەنت كۆرۈشكە زىيانلىق…

ئاياللارنىڭ ئارقى تەرىپىگە بېرىشنى ھېچقانداق پەيغەمبەر تىلى بىلەن رۇخسەت قىلمىغان، ئۆز ئايالىنىڭ ئارقا تەرىپىگە بارسا بولىدۇدەپ قارىغانلار ئوچۇق- ئاشكارا خاتالاشقۇچىلاردۇر.

‹ئەبۇ داۋۇد›تا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ ئارقىغا بارغان ئادەم مەلئۇندۇر». [2162 ـ ھەدىس] ‹ئىبنى ماجە› دىكى رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالىنىڭ ئارقىغا جىما قىلغان ئادەمگە ئاللاھ نەزەر قىلمايدۇ» دېيىلگەن. [1924 ـ ھەدىس]

‹تىرمىزى› دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: ھەيزدار ئايال بىلەن بىرگە بولغان ئادەم، ئايالىنىڭ ئارقىغا بارغان ئادەم،مۇنەججىملەرگە ئىشەنگەن ئادەملەر پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن نەرسىگە (قۇرئان كەرىمگە)كافىر بولغانلاردۇر. [135 ـ ھەدىس]

‹ئىمامى بەيھەقى› رىۋايىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەر ياكى ئايالنىڭ ئارقىغا بارغان كىشى كافىردۇر.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭرىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەقنى بايان قىلىشتىن خىجىل بولمايدۇ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئارقىغا بارماڭلار». [قالدۇق توپلام 4/298]

بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر كۆپ بولۇپ ‹تىرمىزى› داتەلق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ‹ئەلكامىل› دا سەئىد ئىبنى يەھيا رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن، ‹ دارىقۇتنى› دا يەنە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان.

ئىمامى بەغەۋىي رىۋايىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايال كىشىنىڭ ئارقىغا بېرىشنى ‹كىچىك لىۋاتەن› دەپ ئاتىغان.

ئاللاھ تائالانىڭ: << ئاياللىرىڭلارئېتىزلىقىڭلاردۇر >> دېگەن ئايەت چۈشكەندە بەزى ئەنسارىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىغا كېلىپ، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى سورىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قايسى تەرەپتىنلا كەلسەڭلار مەيلى، پەقەت فەرەجگىلا (ئالدى تەرەپكىلا) بولسا بولىدۇ دېگەن.ب [مۇسنىدى ئەھمەد 2/182 ـ ھەدىس]

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دېگەن: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:ئى رەسۇلۇللاھ! تۈگەشتىم! دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سېنى نېمە تۈگەشتۈردى؟»دېۋېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كېچە توقۇمنى ئالماشتۇردۇم (بۇ ئايالىنىڭ ئالدىغا ئارقا تەرىپىدىن كەلگەنلىكىگە كىنايە)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغاجاۋاب بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: << ئاياللىرىڭلار ئېتىزىڭلاردۇر، ئېتىزىڭلارغا خالىغان تەرەپتىنكېلىڭلار >>، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: مەيلى ئالدىدىن كەل، مەيلى ئارقىدىن كەل، پەقەت ئارقا تەرەپتىن ۋە ئادەت كەلگەن ۋاقىتتىن ھەزەر قىل >> دېدى. [تىرمىزى 2980 ـ ھەدىس]

‹تىرمىزى› دا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتائالا ئەر كىشىگە ياكى ئايال كىشىنىڭ ئارقىغا كەلگەن ئادەمگە نەزەرقىلمايدۇ(قارىمايدۇ)». [1165 ـ ھەدىس]

بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇشۇ ئۈممەتتىن ئون خىل ئادەم بۈيۈك ئاللاھقا كافىر بولدى:

1- قاتىل.

2- سېھرىگەر.

3- دەيۈز (خوتۇن باللىرىنى كۈنلىمەيدىغان ئادەم).

4- ئايال كىشىنىڭ ئارقىغا بارغۇچى.

5- زاكاتنى چەكلىگۈچى.

6- ئىقتىسادى ۋە باشقا جەھەتتە شارائىتى بارتۇرۇپ ھەج قىلمىغان ئادەم.

7- ھاراق ئىچكۈچى.

8- پىتنە – پاسات ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئادەم.

9- دۈشمەنگە قورال ساتقانلار.

10- مەھرەم تۇغقىنىنى نىكاھىغا ئالغانلار.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالنىڭ ئارقىغا كەلگەن ئەر مەلئۇندۇر».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئابدۇللاھئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى خۇتبە ئوقۇدى، ئۇ مەدىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خۇتبىسى ئىدى، ئۇ بىزگەنەسىھەتلەر قىلدى، خۇتبە ئارىسىدا مۇنداق دېدى: «كىمكى ئايالىنىڭ ئارقىغا،ئەركىشىگە، كىچىك بالىغا بارسا، قىيامەت كۈنى تاپتىن سېسىق پۇراپ ھەشىر قىلىنىدۇ،ئۇ دوزاخقا كىرگۈچە كىشىلەرگە سېسىق ئەزىيەتلىرى يېتىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى بېكار قىلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئەمەلنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «بۇ تەۋبە قىلمىغانلارغا بولىدۇ».

خۇزەيمە ئىبنى سابىتنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللا ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن خىجىل بولمايدۇ،ئاياللىرىڭلارنىڭ ئارقىغا كەلمەڭلار».

خۇرەيمە ئىبنى سابىت مۇنداق دېگەن: بىر ئادەمپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايال كىشىنىڭ ئارقىغا بېرىش ھەققىدە سورىۋېدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالال» دېدى، ئۇ ئادەم ئارقىغا ئۆرىلىپ مېڭىۋېدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى چاقىرىپ: «ھېلى نېمىدېدىڭ؟ ئىككى تۈشۈكنىڭ قايسىسىغا؟ ئەگەر ئارقا تەرەپتىن ئالدىغا كەلسەڭ بولىدۇ، ئەمما ئارقا تەرەپتىن ئارقىغا كەلسەڭ ھارام بولىدۇ، ئاللاھ ھەقنى سۆزلەشتىن خىجىل بولمايدۇ،ئاياللىرىڭلارنىڭ ئارقىغا كەلمەڭلار» دېدى. [بەيھەقى 7/196 ـ ھەدىس]

ئاللاھ تائالا: << ئاياللىرىڭلارغا ئاللاھ بۇيرىغان تەرەپتىن كېلىڭلار >> دېدى. ‹مۇجاھىد› مۇنداق دېگەن: مەن بۇ ئايەت مەنىسىنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سورىسام ئۇ: ھەيزدارۋاقتىدا كەلمەسلىككە بۇيرۇلغان جايغا (يەنى فەرەجگە) كېلىسەن دېدى.

بۇ ئايەتتە ئارقا تەرەپكە جىما قىلىشنىڭ ھاراملىقى ئىككى نوقتىدىن ئىپادىلەنگەن، بىرى: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئېتىزلىققا (پەرزەنت بولىدىغان جايغا) كېلىشكە بۇيرىدى، بۇ جاي ‹ئاللاھ ئەمىرقىلغان تەرەپ› دۇر. يەنە بىرى: ئاللاھ تائالا << قەيەردىنلا كەلسەڭلار>> دېدى، يەنى قايسى تەرەپتىن كەلسەڭلار كېلىڭلار، چوقۇم ‹ئېتىزلىق› قا كېلىڭلار، دېدى.

ئاللاھ تائالا ۋاقىتلىق ئەزىيەت (ھەيز)سەۋەبىدىن فەرەجگە (جىنسىي ئەزاغا) كېلىشنى چەكلەۋاتسا، داۋاملىق ئەزىيەت ئورنى بولغان ئارقا تەرەپكە رۇخسەت قىلارمۇ؟ ئۇ ھەم مەينەت ھەم نەسىل ئۈزۈلۈشكە سەۋەب بولىدىغان جاي تۇرسا… ئاياللارنىڭ ئارقىغا بېرىشنىڭ يۇقىرىقىدىن باشقا تۆۋەندىكىدەك زىيانلىق تەرەپلىرى بار.

1- ئايال كىشىنىڭ ئەركىشىدىكى ھەققىنىڭ بىرى جىمادۇر، ئارقىغا بېرىش ئايالنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمايدۇ، ئۇنىڭ مەقىسىتى ھاسىل بولمايدۇ.

2- ئارقا تەرەپ جىما ئۈچۈن يارىتىلمىغان،جىماغا پەقەت ئالدى تەرەپلا تەييار قىلىنغان، ئارقا تەرەپكە بارغۇچىلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ھېكمىتىدىن چىققۇچىلاردۇر

3- بۇنداق قىلىش ئەر كىشىگە ناھايىتى زىيانلىقتۇر، بۇنداق قىلىشتىن پەيلاسوپلار ۋە ئاقىل تىۋىپلار قاتتىق چەكلەيدۇ،چۈنكى فەرەجنىڭ (ئالدى تەرەپنىڭ) ئەردىن چىققان ئاجرالمىنى تارتىش ئالاھىدىلىكى بار، بۇ ئەر كىشىگە راھەت، ئەمما ئارقا تەرەپ ئاجرالمىنىڭ چىقىشىغا ياردەم بەرمەيدۇ، تەبىئى ئىشلارغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئاجرالمىلار ئاجراپ چىقالماي كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

4- نورمال ئەھۋالغا يات بولغان بۇ قىلىق ناھايىتى جاپالىقتۇر.

5- ئۇ مەينەت گەندە ئورنى بولۇپ، ئەر كىشىنىڭ تېنى ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدۇ.

6- ئۇ ئايال كىشىگىمۇ زىيانلىق، ئادەم تەبىئىتىگىمۇ قارشى، سەسكىنگىدەك ناچار قىلىقتۇر.

7- ئۇ ھەر ئىككى تەرەپكە نەپرەتلىنىش پەيدا قىلىدۇ، كۆڭۈلدە غەم- غۇسسە پەيدا قىلىدۇ.

8- ئۇ يۈزنى كۆكەرتىپ، ئىچىنى سىقىدۇ، قەلب نۇرى ئۆچىدۇ، يۈزدە شۇنداق بىر ئىزنالارنى قالدۇرىدۇكى، پاراسەتلىك ئادەم ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى سېزىۋالالايدۇ.

9- ئىككى تەرەپكە ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ.

10- ھەر ئىككى تەرەپتىن بۇزۇق ئىشلار سادىر بولۇپ، ھەقىقىي تەۋبە بولمىسا پەقەت ئوڭشالمايدۇ.

11- ئىككى تەرەپنىڭ ياخشىلىقلىرى يوقىلىدۇ،مۇھەببىتىمۇ ئاخىرلىشىدۇ.

12- ئۇ نېمەتنىڭ زاۋاللىقنى، ئازابنىڭ چۈشۈشىنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئاللاھ لەنەت قىلىپ، نەزەرسالمىغان ئادەملەرگە يەنە نېمە ياخشىلىقلار بولسۇن؟ قايسى يامانلىق ئۇلارنى تاشلاپ ئۆتۈپ كەتسۇن؟

13- ئۇنىڭدىكى بارلىق شەرم- ھايا يوقىلىدۇ،ھايا – قەلبنىڭ ھاياتلىقى، قەلب ھاياتلىقنى يوقىتىپ قويسا، قەبىھ ئىشلارنى چىرايلىق سانايدۇ، چىرايلىقنى سەت كۆرىدۇ، ئۇ ھالدا بۇزۇقلۇق ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

14- ئۇ ئاللاھ مۇرەككەپ قىلغان بۇ تەبىئەتنى باشقا ھالەتكە يۆتكىمەكچى بولغان ئادەمدۇر، ئىنساننى ئۆز تەبىئىتىدىن ئاللاھ ياراتمىغان بىر تەبىئەتكە يۆتكىمەكچى بولغان ئادەمدۇر، ئۇ ئەكىسلەنگەن تەبىئەتتۇر،تەبىئەت ئەكىسلەنسە قەلب، ئەمەل، يول ئەكىسلىنىدۇ، ئۇ خىل تەبىئەت ناچار ئىشلارنى ياخشى كۆرۈپ، ياخشى ئىشلارنى يامان كۆرىدىغان بولىدۇ، ئىختىيارسىز ھالدا ھالىتى،ئەمەلىي، گەپ- سۆزلىرى بۇزۇلىدۇ.

15- ئۇ ھېچقانداق نەرسە پەيدا قىلالمايدىغان ھاياسىزلىق ۋە جۈرئەتنى پەيدا قىلىدۇ.

16- ئۇ ھېچقانداق نەرسە پەيدا قىلالمايدىغان خارلىق ۋە ھاقارەتنى كەلتۈرىدۇ.

17- ئۇ كىشىلەرنىڭ نەپرەت ۋە كەمسىتىشلىرىنى ياغدۇرىۋىتىدۇ…

ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمەتلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولسۇنكى ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىش ئادەمنى دۇنيا -ئاخىرەتنىڭ سائادىتىگە باشلايدۇ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگەشمەسلىك بولسا ئادەمنى دۇنيا- ئاخىرەتنىڭ ھالاكىتىگە تاشلايدۇ.

زىيانلىق جىما ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى شەرىئەتتەزىيانلىق، يەنە بىرى تەبىئەتتە زىيانلىق.

شەرئى زىيانلىق جىما- ئۇ ھارامدۇر، ئۇنىڭ دەرىجىلىرى ئوخشاشمايدۇ، ۋاقتىنچە ھارام قىلىنغان جىما – مەڭگۈ ھارام قىلىنغان جىمادىن يەڭگىلرەك بولىدۇ، مەسىلەن: ئېھرام، روزا، ئېتىكاف، زىھار (ئايالىنى ئۆزئانىسىغا ئوخشاتقان قەبىھ سۆز) قىلغۇچىنىڭ كەففارەت بەرمەي تۇرۇپ، ھەيز ھالەتتە…جىما قىلىشلىرى ۋاقىتلىق ھارام قىلىنغان جىمالاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ھالەتتىكى جىما قىلغۇچىلارغا تەن جازاسى (ھەد ياكى دەررە) بېرىلمەيدۇ.

مەڭگۈ ھارام قىلىنغان جىما ئىككى تۈرلۈك بىرى:ھالاللىقىغا يول يوق جىما (مەھرەم تۇغقانلىرىغا ئوخشاش)، بۇ ئەڭ زىيانلىق جىما.ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدەك ئۆلىمالار ئۇنداق ئادەمنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. يەنە بىرى:كېلىشكەن، پۈتۈشكەن يول بىلەن قىلىنغان جىما، (يات ئاياللارغا ئوخشاش)، ئەگەر يات ئايالنىڭ ئېرى بولسا ئۇ ئايالنىڭ ئىككى خىل ھەققى بار، بىرى ئاللاھنىڭ ھەققى، يەنەبىرى: ئېرىنىڭ ھەققى. ئەگەر ئۇ ئايال مەجبۇرلانغان بولسا ئۈچ ھەققى بار. ئەگەرنۇمۇس قىلىدىغان، ئىناۋىتى تۆكىلىدىغان تۇغقانلىرى بولسا تۆت ھەققى بار. ئەگەرمەھرەم تۇغقىنى بولسا بەش ھەققى بار. بۇنداق ھالەتتە ھارام بولۇش دەرىجىسى زىياننىڭ ئاز- كۆپلىگىگە قارىتا بولىدۇ.

تەبىئى زىيانلىق بولغىنى ئىككى خىلدۇر، ئۇنىڭ بىرى: خارەكتېرى بىلەن زىيانلىق، بۇ يۇقىرىدا ئۆتتى. يەنە بىرى: مىقدارى بىلەن زىيانلىق. مەسىلەن: جىمانىڭ كۆپ بولۇپ كەتكىنىدەك. جىما كۆپ بولۇپ كەتسەماغدۇرسىزلاندۇرۇپ، نېرۋىغا زىيانلىق، تىترەش، پارالىچ، تارتىشىپ قېلىش…قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. كۆز ۋە باشقا كۈچلەر ئاجىزلايدۇ، تەبىئى ھارارەت ئۆچۈپ، چىقىرىپ تاشلاش سستېمىلىرى كېڭىيىپ، ئەزىيەتلىك مادىلارنىڭ ئورناپ قېلىشىغا ئاساس بولۇپ قالىدۇ.

جىمانىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى: ئاشقازاندا تاماق ھەزىم بولغاندىن كېيىن، مۆتېدىل زاماندا، ئاچ ئەمەس (ئاچ جىما قىلىش تەبىئى ھارارەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ)، توقمۇ ئەمەس (ئۇ توسۇلۇپ قېلىش كېسەللىرىنى پەيداقىلىدۇ)، چارچىمىغان چاغدا، ھاممامغا يېڭىلا كىرمىگەن، چىقىرىپ تاشلاش ئېلىپ بارمىغان، خارەكتېر نورمال بولغان چاغدۇر.

تېخىمۇ ياخشى ۋاقتى: ئەل ياتقۇ بولغاندا، تاماق ھەزىم بولغان ۋاقىتتۇر، ئاندىن غوسلى قىلىپ ياكى تاھارەت ئېلىپ ئۇخلايدۇ، ئۇنىڭ كۈچى قايتىپ كېلىدۇ، جىمادىن كېيىن چېنىقىش ياكى شۇنىڭدەك ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ھەزەرقىلىش كېرەك.
مەنبە: ئەلداۋا مۇنبىرى



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....