تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

يۇمغاقسۈت 芫荽 Coriander Herb زەنجىۋىل 干姜 Dried genger قەلەمپۇر 丁香 Colve دارچىن 肉桂 Cassia Bark قارىمۇچ 黑胡椒 Black Pepper Fruit رۇمبەدىيان 洋茴香 Anesi Seed پىلپىل 荜苃 Long Pepper Fruit ئۆرۈك مېغىزى 杏仁 Seed of Apricot بادام مېغىزى 甜巴旦杏仁 Sweet Almond Seed ئارپىبەدىيان 小茴香 Fennel /Fennel fruit چىلان 红枣 Red Date رەيھان 杏仁 Basil Herb قىزىلگۈل 玫瑰花 Rose چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 甘草跟 [...]

ئىبىنسىنانىڭ جۇدىيە رىسالىسى پۈتۈن ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە ئۇ ياراتقانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ،ئۇنىڭ بارلىق ئەۋلادىغا دۇئالار يوللايمەن. يۇقىرىدىن كېيىن ئەي ئەزىز بىلگىنكى ،بۇ جۇدىيە دەپ ئاتالغان ئاجايىپ رىسالىنى ھەكىملەرنىڭ ئەڭ پازىلى ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا ئاجايىپ ۋە قىسقا ئۇسلۇبتا سۇلتان مەھمۇدقا ئاتاپ يازغان. بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئۆگىنىشتىن ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ خاھىشى بىلەن ھەر خىل پايدىلار ھاسىل [...]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يازمىمىزدا ھەسەلنى رەڭگى،پۇرىقى،تەمى ۋە قۇۋۋىتى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپلەردىن پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە ئىخچامراق توختىلىمىز. ھەسەل رەڭگى ،تەمى ۋە پۇرىقىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ئۇ ھەرە شورىغان گۈل-چېچەكلەرنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىغا،ھەمدە ھەسەلنى چىقارغان پەسلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ھەسەل رەڭلىرى جەھەتتىن : قارامتۇل،قىزغۇچ،سارغۇچ،ئاقۇچ،سېرىق،قىزىل،ئاق قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ.باشتىكى رەسىمدە 12تۈرلۈك ھەسەل رەڭگى كۆرسىتىلدى. قىيامى جەھەتتىن : قۇيۇق، سۇيۇق، قاتتىق،نورمال،ئارىلاش بولىدۇ. تەمى ۋە [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

بىر دەرستە تىببىي مۇتىخەسسىسلەردىن كۆپلىگەن دورا – دەرمەكلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ئاساسلىنىپ كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سۇئالىم شۇكى، ھازىر قولىمىزدا بولغانلىرى قۇرئاندا بايان قىلىنغان تىبابەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىزگە پايدىلىق بولغانلىرى بارمۇ؟ مېنىڭ بىر دوستۇم قۇرئاندا ھالاك قىلغۇچى كېسەللەرنى ساقايتىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخى بىز بىلىپ يېتەلمىگەن ئىلىملەرمۇ بارمۇ دەپ سورىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ سوئالنى سورىدىم. جاۋاب: [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

بۇ ئۈجمىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ مېۋىسىنىڭ رەڭگى قارىغا مايىل قىزىل، ياندىكىدەك، تەمى چۈچۈمەلراق بولىدۇ،مانا مۇشۇ مېۋە شاتۇت نامىغا ئاتىلىدۇ. تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە سۇغۇق ، بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق. بەزى كىتابلاردا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق دەپمۇ قارىلىدۇ . خۇسۇسىيىتى: ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە قان خىلىتىنى تەڭشەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، قان تازىلاش. ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ئىچى سۈرۈش، [...]

سەھىپە: خام دورىلار

بۇ تولىمۇ مەنپەئەتلىك دورا بولۇپ ،يۈرەك،جىگەر،مىڭە،ئاشقازان،بۆرەك،تال ۋە باشقا ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش،رەڭگى -رويىنى چىرايلىق قىلىش،ئېغىز سېسىقلىقىنى يوقىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ.نىرۋا ئاجىزلىق كېسىلى،يۈرەك كېسىلى، تۇتقاق كېسىلى،ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاشقا ، جىنسى ئاجىزلىق،ئىشتىھاسىزلىق ،چاچ ئاقىرىش،چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. داۋاملىق ئىستىمال قىلسا كىشىنى تېتىكلەشتۈرىدۇ،خۇشخۇي قىلىدۇ،نەپەسنى كۇشادىلاشتۇرىدۇ،پات قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ،زېھنىنى ئاچىدۇ،ئىستىسقانىڭ دەسلەپكى دەۋرى(سۇئۇلقۇنىيە)گە مەنپەئەت قىلىدۇ.سىزىكنى پەسەيتىدۇ،سەۋدانى يوقىتىدۇ،چاچنى قارايتىدۇ. نۇسخىسى: ئامىلە 2323گرام.قىزىلگۈل 230گرام،سەئدى كۇفى 175گرام؛مەستىكى رۇمى،سۇنبۇل ھىندى،ئاسارۇن [...]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يازمىدا بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى تېۋىپلىرىمىزنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ ياشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى ئۈستىدىكى بايانىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. كېيىنكى تېۋىپلار ئىنسان ھاياتىنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ ئۇلارنى ئۆسۈش دەۋرى ،ئۆسۈشتىن توختاش دەۋرى ۋە چېكىنىش دەۋرى دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن ئۆسۈش دەۋرى 30 ياشقىچە،توختاش دەۋرى 40ياشقىچە،چېكىنىش دەۋرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچەدەپ ئايرىغان. بۇرۇنقى تېۋىپلار بولسا بۇنى تۆرت تۈرگە ئايرىپ ئۆسۈش دەۋرىنى 30 ياشقىچە؛ئۆسۈشتىن توختاش دەۋرى يەنى [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

بۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى چاتقال دەرەخ گىلاسنىڭ مېۋىسى بولۇپ تەمى چۈچۈمەل،ئۆزى قىزىل بولىدۇ. Tomenin خېمىيىلىك تەركىبى: ، ( Catehin گىلاس گىلۇكوزىدى C ۋېتامىن Amygdalin Glcose Cenkwanin Sakuranetin ، مېۋە قەنتى ، بىر نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: قىزىتما قايتۇرۇش ، قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق . خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىقى ماددىسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش ، [...]

سەھىپە: خام دورىلار

62 نەپەر كىچك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاشتىن دوكىلات قىسقىچە مەزمۇنى :كىچىك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەخسۇس تەييارلانغان مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋلاپ ئۇنۇمىنى كۇزىتىش . ئۇسۇل : ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مىزاچ تەڭشەش ، ھوللوكنى قۇرۇتۇش چارىسى بويچە مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاش ؛ نەتىجە : 62 نەپەر بىمار ئىچىدە كىسەللىكى ساقايغانلار 40 نەپەر بولوپ % 64 نى ، ئۇنۇمى [...]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمىزنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرمەنلىرى سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟ ئىككى ھەپتىلەردىن بىرى خوتەن تەرەپلەردە بولۇپ قېلىپ بلوگىمىزغا يېڭى تېما يوللىيالمىدىم ۋە چۈشكەن سوئاللارغا قاراپ بولالمىدىم، ئەيپكە بۇيرىمىغايسىزلەر. يېڭى ماقالىلار پۈتكىچە تۆۋەندىكى تېما ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. تۆھپەتۇل ئاشىقيىن ناملىق بۇ ئەسەر زەيخ ئىبىنسىنانىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا ھۆكۈما مۇھەممەد ئەبۇبەكرى سىددىق بىلەن مۇھەممەد ئوسمان غەنى تەرىپىدىن رەتلەنگەن،ئۇزاق يىللاردىن بېرى كېسەل داۋالاشساقلىقنى ساقلاش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىپ [...]