تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

bueliئىبىنسىنانىڭ جۇدىيە رىسالىسى
پۈتۈن ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە ئۇ ياراتقانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ،ئۇنىڭ بارلىق ئەۋلادىغا دۇئالار يوللايمەن.
يۇقىرىدىن كېيىن ئەي ئەزىز بىلگىنكى ،بۇ جۇدىيە دەپ ئاتالغان ئاجايىپ رىسالىنى ھەكىملەرنىڭ ئەڭ پازىلى ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا ئاجايىپ ۋە قىسقا ئۇسلۇبتا سۇلتان مەھمۇدقا ئاتاپ يازغان.
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئۆگىنىشتىن ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ خاھىشى بىلەن ھەر خىل پايدىلار ھاسىل بولىدۇ.
بىلگىنكى ، بارلىق كېسەللىكلەر كۆپ يېيىشتىن ،كۆپ گەپ قىلىشتىن،كۆپ ئۇخلاشتىن ۋە كۆپ جىنسى ئالاقە قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ .
كۆپ يېيىشتىن ئاشقازان بۇزۇلىدۇ،جىگەر زەئىپلىشىدۇ. قېرىن ۋە بۆرەك كېسەللىكى يۈز بېرىدۇ،تاماق سىڭمەيدۇ. بۇزۇق يەللەر پەيدا بولىدۇ ،ھەزىم قىلىش بۇزۇلىدۇ ۋە ئەزالار سۇسلىشىدۇ.
كۆپ ئۇخلاشتىن يۈز سارغىيىدۇ،تەن ئېغىرلىشىدۇ،مېڭە گاڭگىرايدۇ،كۆز ئىششىيدۇ ۋە سەۋدا ئېشىپ كېتىدۇ.
كۆپ گەپ قىلىشتىن باش ئاغرىقى ، شەقىقە،سەپرالىق ھارارەت،ئارتۇقچە خاپىلىق ۋە ئۆمۈر ئاخىرىدا ئېغىر كېسەللىكلەر يۈز بېرىدۇ.
كۆپ جىنسى ئالاقە قىلىشتىن بۆرەك زەئىپلىشىدۇ،بەدەن ئۇرۇقلايدۇ،كۆز قاراڭغۇلىشىدۇ،مېڭە قۇرۇيدۇ،شەھۋەتتىن لەززەت تاپالمايدۇ،پاقالچاق ۋە پەيلىرى ئاجىزلايدۇ،لەززەت تاپالمايدۇ،چاچ – ساقاللىرى تىز ئاقىرىدۇبەدەننىڭ تېرىلىرى يىرىكلىشىدۇ. بۇنىڭدا ئادەتكىمۇ رىئايە قىلىش كېرەك. ئەگەر ئادەت ئۆزگەرتىلسىمۇ نۇقسان يۈز بېرىدۇ. يارا-چاقىلار چىقىدۇ. قورساقنىڭ توق ياكى ئاچ ۋاقتىدا ، ھاۋا ئىسسىق ۋە سۇغۇق ۋاقىتتا، غەزەپلەنگەن ۋە زوقى كەلمىگەن ۋاقىتتا جىنسى ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ھاممامدا ئۆرە تۇرۇپ،ئېڭىشىپ تۇرۇپ ، يانپاشلاپ يېتىپ ۋە يالاڭباشتاق جىنسى ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ھەرخىل زەرەرلەر يۈز بېرىدۇ. بەلكى ئۇ پۇتنىڭ ئۇچىدا ئولتۇرغان ھالدا بولۇشى كېرەك.
سۇغۇقلۇق ۋە تۇزلۇق تاماقلاردىن ھەمدە چۈچۈمەل تەملىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم. جىنسى ئالاقىغا زەرەر ۋە نۇقسان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن ئۇيقۇسىزلىقتىن،كۆپ پىيادە يول يۈرۈشتىن، ئۇزاققىچە ئاچ قېلىشتىن،سۈيدۈكنى چىڭقاپ تۇتۇپ تۇرۇشتىن ۋە ئېغىر يۈك كۈتۈرۈشتىنمۇ ساقلىنىشى لازىم.
ياشانغان ئايال بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىشتىن ناھايىتى چوڭ زەرەر يېتىدۇ.
مەنبە ئىبىنسىنانىڭ تېببى رىسالىلىرىدىن .



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....