تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ يازمىدا بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى تېۋىپلىرىمىزنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ ياشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى ئۈستىدىكى بايانىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
كېيىنكى تېۋىپلار ئىنسان ھاياتىنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ ئۇلارنى ئۆسۈش دەۋرى ،ئۆسۈشتىن توختاش دەۋرى ۋە چېكىنىش دەۋرى دەپ كۆرسەتكەن.
بۇنىڭدىن ئۆسۈش دەۋرى 30 ياشقىچە،توختاش دەۋرى 40ياشقىچە،چېكىنىش دەۋرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچەدەپ ئايرىغان.
بۇرۇنقى تېۋىپلار بولسا بۇنى تۆرت تۈرگە ئايرىپ ئۆسۈش دەۋرىنى 30 ياشقىچە؛ئۆسۈشتىن توختاش دەۋرى يەنى قىرانلىق دەۋرى دەپ بۇنى 30 ياشتىن 35ياكى 40 ياشقىچە ؛قىسمەن چېكىنىش دەۋرى دەپ 60 ياشقىچە ؛چېكىنىش دەۋرى يەنى قېرىلىق دەپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېيتقان.
ئىنسان ھاياتىدىكى بوۋاقلىق،گۆدەكلىك،ئۆسمۈرلۈك،بالاغەت ۋە يېتىلىش دەۋرلىرىمۇ مۇشۇ تۆرت ھالەتنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....