بۇ ئۈجمىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ مېۋىسىنىڭ رەڭگى قارىغا مايىل قىزىل، ياندىكىدەك، تەمى چۈچۈمەلراق بولىدۇ،مانا مۇشۇ مېۋە شاتۇت نامىغا ئاتىلىدۇ.
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە سۇغۇق ، بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق. بەزى كىتابلاردا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق دەپمۇ قارىلىدۇ .
خۇسۇسىيىتى:
ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە قان خىلىتىنى تەڭشەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، قان تازىلاش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
ئىچى سۈرۈش، ئىسسىقتىن بولغان يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ھەر خىل ئېغىز جاراھەتلىرى ۋە ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
شاتۇت سۈيىنى غار-غار قىلسا ، ئېغىزغا چىققان ھەر خىل يارا – چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاتۇتنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرانىڭ تىزلىكىدىن بولغان قان بۇزۇلۇشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاتۇت سۈيىگە تاباشىر ۋە مەستىكى قۇشۇپ ئىچسە ، ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: مۇۋاپىق.
زىيانلىق تەسىرى: كۆكرەك ، ئۆپكە ۋە پەي كېسەللىرىگە بېرىلمەيدۇ.
تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل، شاتۇتنىڭ قاينىتىپ قۇيۇلدۇرۇلغان سۈيى.
ئورۇنباسارى: ئەينۇلا، كاكىنەچ.
پىششىق دورا ياسالمىدى: شاتۇت مۇرابباسى ۋە شاتۇت شەربىتى.