تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

hesel perqئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ يازمىمىزدا ھەسەلنى رەڭگى،پۇرىقى،تەمى ۋە قۇۋۋىتى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپلەردىن پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە ئىخچامراق توختىلىمىز.
ھەسەل رەڭگى ،تەمى ۋە پۇرىقىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ئۇ ھەرە شورىغان گۈل-چېچەكلەرنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىغا،ھەمدە ھەسەلنى چىقارغان پەسلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا باغلىق بولىدۇ.

ھەسەل رەڭلىرى جەھەتتىن : قارامتۇل،قىزغۇچ،سارغۇچ،ئاقۇچ،سېرىق،قىزىل،ئاق قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ.باشتىكى رەسىمدە 12تۈرلۈك ھەسەل رەڭگى كۆرسىتىلدى.

قىيامى جەھەتتىن : قۇيۇق، سۇيۇق، قاتتىق،نورمال،ئارىلاش بولىدۇ.

تەمى ۋە پۇرىقى جەھەتتىن كۆپ ھاللاردا ھەسەل يېقىملىق ۋە خۇشپۇراقلىق بولىدۇ. لېكىن بەزى ھەسەللەر يېقىمسىز،ئۆتكۈر پۇراقلىق بولىشىمۇ مۇمكىن.بۇ شۇ ھەسەل يىغىۋېلىنغان چېچەكلەرگە قاراپ ھەر تۈرلۈكچە بولىدۇ،پۇرىقى كۈچلۈك،سۇس ياكى بىلگىلى بولمايدىغان.تەمى جەھەتتىن گالنى قورۇغۇدەك كۈچلۈك،تاتلىق بولۇشى ياكى پۇرىقى سۇس تەمىمۇ سۇس بولۇشى مۇمكىن.

ھەسەل ئىچىدە شېكەر دانچىلىرىنىڭ ئۇيۇۋېلشى : بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ ،بۇ شۇھەسەلنىڭ تەركىبىدە ئۈزۈم شىكىرى كۆپ بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى. يەنە بىرسىگە قاينىتىلمىغان بەزى ھەسەللەرمۇ شۇنداق بولىدۇ.

ھەسەل ئۈستىدە كۆپۈكچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى: بۇمۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ ،ئاساسلىقى ھەسەل يىغىش جەريانىدا باشقا نەرسىلەرنىڭ ئارىلىشىپ قالغانلىقى ۋە ياخشى سۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ ئىشى بولۇپ،ھەسەلنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ھەسەل يۇقىرىقىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر خىلىنى ساختا ھەسەل دەپ كىسىپ ئېيتىش قىيىن. كۆپىنچە كىشىلەر رەڭگىگە قاراپ شىكەر ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن، بۇ تولاراق كىرىستاللاشقان ھەسەللەردە كۆرۈلىدۇ،ئەمما ھەسەلگە شېكەر قېتىلغاندا شىكەر ئىرىپ كېتىدىغان بولۇپ ئۇنداق تۇرمايدۇ.
ئەگەر شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغان بولسا ھەسەل سۈزۈك بولماي سەل دۇغراق كېلىدۇ.

ھەسەلنىڭ باھاسى جەھەتتىن ئېيتقاندا قىممەت پۇللۇق ھەسەل جىڭ،ئەرزىنى ساختا دەيدىغان قاراش بار،بۇ توغرا ئەمەس .ئادەتتە جىڭ دەپ قارالغان ھەسەللەرنىڭ ئەرزىنى توپ باھادا كلوگرامى 10-12يۈئەنلەر ئەتراپىدا ،قىممەتلىرى 100-120يۈئەن ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان بىر قانچە مەسىلە ھەسەلنىڭ قايسى ئۆسۈملۈك ھەسىلى ئىكەنلىكى(مەسىلەن ئاپتاپپەرەس ياكى كىۋەزنىڭ ھەسىلىنىڭ قۇۋۋىتى تۆۋەن،باھاسى ئەرزان،جىگدە،يانتاقنىڭ قىممەترەك قۇۋۋىتى كۈچلۈك)قايسى يەرنىڭ ھەسىلى (يەنى رايونىمىزنىڭمۇ،چەتنىڭمۇ؟قۇرغاق يەرنىڭمۇ ھۆل يېغىنلىق يەرنىڭمۇ )قىيامى قانداق دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. قىيامى ۋە پۇرىقى ئۆتكۈر بولغان ھەسەللەر ئۆزىمۇ قۇۋۋەتلىك كېلىدۇ،سۇسراق كەلگەنلىرى بولسا قۇۋۋەتتىمۇ ئاجىزراق كېلىدۇ. قۇرغاق ۋە ئىسسىق رايونلارنىڭ ۋە بۇ رايوندىكى قۇرغاق،ئىسسىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەسىلى شۇ ئۆسۈملۈك ۋە رايونى كېلىماتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان ھالدا قۇرۇقلۇقى ۋە ئىسسىقلىق كۈچلۈك،قۇۋۋىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا ھەسەلمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا ھەسەلنىڭ ياخشىسىنى قانداق ئايرىيمىز دېگەندە بۇ تولاراق شۇ ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ دىتىغا باغلىق. شۇنداقتىمۇ بەزى پايدىلانمىلارنى سۆزلەپ ئۆتەيلى:

ھەسەلنىڭ ياخشىسى تىلغا يېپىشمايدۇ.

ھەسەلنىڭ ياخشىسى گالنى قورۇيدۇ.

قايسى ئۆسۈملۈكنىڭ ھەسىلى بولسا شۇنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ.

پۇرىقى يېقىشلىق ياكى ئۆتكۈر بولىدۇ.

تەمى شىكەر ياكى كەمپۈت تەمىدەك تاتلىق بولماي قېرىق تاتلىق بولىدۇ.

سۇيۇق ھەسەل بولسا چوكىدەك نەرسىدە ئىلغاندا يىپتەك سوزۇلۇپ،شاردەك يىغىلسا بۇ ياخشى بولىدۇ.

تۆۋەندە يەنە بەزى ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرىمىز سىناپ باقسا بولىدۇ.

ھەسەلدىن ئازراق ئېلىپ ئۇنىڭغا يود ئارىلاشتۇرۇلغاندا رەڭگى كۆكۈرۈۋالسا بۇھەسەلنىڭ تەركىبىگە كىراخمالدەك نەرسىلەر ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەسەل بىلەن سۇنى بەشتە بىر نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ بىر كۈن قويۇپ قويۇلسا ،ھەسەل چۆكمىسە ياخشى،چۆكسە ناچار ھېسابلىنىدۇ.

تومراق سىمنى قىزىتىپ ھەسەلگە سېلىنغاندا گاز چىقسا ساپ ھەسەل،تۈتۈن چىقسا ناچار ھەسەل ھېسابلىنىدۇ.

بىر ھەسسە ھەسەلگە تۆت ھەسسە سۇغۇق چاي قۇيۇپ ئېلىشتۇرۇپ ئۈستىگە ئۈستىگە 3-5تامچە نىترات كىسلاتاسى قوشۇلغاندا پاختىلاشسا ھەسەلگە شىكەر ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەمدى قۇتيار تورىدىكى ساختا ھەسەل ياساش ئۇسۇلى دېگەن تىمىنى قوشۇمچە قىلىمىز.

ساختا ھەسەل ياساش مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ: بىرىنچى خىلى، قەنتكە سۇ ۋە سولفات كىسلاتاسى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ، سولفات كىسلاتاسىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، دىساخارىد مولېكۇلىسىنى پارچىلاپ، ئاددىي قەنتكە ئايلاندۇرۇپ ھەسەل ياساش. ئىككىنچى خىلى، سولور (ئارپا ياكى بۇغداي ئۈندۈرمىسى) شېكىرى، شېكەر قىيامى ئارقىلىق ھەسەل ياساش. ئۈچىنچى خىلى، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن شىرنا (ئۈزۈم قىيامى) دىن ھەسەل ئىشلەش. ساختا ھەسەل ياسىغۇچىلار يەنە قويۇقلاشتۇرغۇچ، تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ، چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا، مۇئەتتەر، بوياق ماددىسى قاتارلىق خىمىيەۋى ماددىلارنى قوشىدۇ. ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، ساختا ھەسەلنىڭ تەننەرخى ھەقىقىي ھەسەلگە قارىغاندا تۆۋەن، ساختا ھەسەلنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى: باھاسى ئەرزان، سۈپىتى ناچار، رەڭگى سۈزۈك. ھەقىقي ھەسەل تەركىبىدە ئاقسىل، جانلىقلار ئېنزىمى، مېنىرال ماددا، ۋىتامىن ۋە شىرنىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى قاتارلىقلار بولغاچقا، ئانچە سۈزۈك كۆرۈنمەيدۇ. ساختا ھەسەلدە خىمىيەلىك پۇراق ۋە مېۋە كەمپۈتى پۇرىقى بولغاچقا، تەمى بىر خىللا بىلىنىدۇ. ھەقىقىي ھەسەل ساپ ۋە تەبىئي، گۈل-گىياھ پۇرىقى كۈچلۈك، تەمى ئېغىزدىن ئۇزاققىچە كەتمەيدۇ، سۇس گۈل پۇرايدۇ. ساختا ھەسەل كىرىستاللاشسا چۆكمىگە ئايلىنىدۇ-دە، چوكا سانجىشمۇ تەسكە توختايدۇ، قول بىلەن تۇتسا قۇمنى تۇتقاندەك بىلىنىدۇ. ھەقىقىي ھەسەل يۇمشاق، ئاسان كىرىستاللاشمايدۇ، چوكىنىمۇ ئاسانلا سانجىغىلى بولىدۇ، قولغا قويسا ئاسانلا ئېرىپ كېتىدۇ. بەزى ساختا ھەسەللەر ھەقىقىي ھەسەلگە بەكلا ئوخشاپ كېتىدۇ، پەقەت ئېلېكتىرونلۇق ئانالىزاتورغا تايىنىپ پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىستېمالچىلار چوقۇم ئىشەنچلىك ئورۇنلاردىن ھەسەل سېتىۋېلىشى كېرەك. ھەسەلنىڭ تۈرى 40 خىلدىن ئاشىدۇ، ئۇ ئادەتتىكى ھەسەل، ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل دەپ ئايرىلىدۇ. بازاردا سېتىلىدىغان ھەسەلنىڭ تۈرى كۆپ، ئەمما ھەقىقىي ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل ئىنتايىن ئاز، ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل بىلەن ئادەتتىكى ھەسەل تۆۋەندىكىدەك پەرقلىنىدۇ:
بىرىنچىدىن، ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلەر مۇھىتى ئوخشىمايدۇ. ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەلنىڭ مۇھىتقا بولغان تەلىپى كۈچلۈك بولۇپ، بۇلغانمىغان مۇھىتنى تەلەپ قىلىدۇ، پەقەت يېشىل مۇھىت ئۆلچىمىگە يەتكەن ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەل ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل ھېسابلىنىدۇ. بەزى شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر مەنبەسىدىنمۇ ھەسەل ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرىغاچقا، ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەلنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەلگە يېتەلمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئوخشىمىغان ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەللەرنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، قويۇقلۇقى، تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا، ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرى چوقۇم بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولغان، ئۆلچەملەشكەن ئۆسۈملۈك مەنبەسى بولۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ھەسەل ساپ بولىدۇ، ئارىلاشمىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ھەسەلنىڭ ئۆسۈملۈك مەنبەسىگە قويۇلىدىغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا ساپ بولمايدۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ يېتەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل بىلەن ئادەتتىكى ھەسەل سۈپەت جەھەتتە ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ.
مەنبە:http://www.qutyar.com/ud/thread-2913-1-1.html

—————————
بۇ تېما يەنە تۇلۇقلىنىشى مۇمكىن،تورداشلارنىڭمۇ ھەسەل پەرقلەندۈرۈش ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئىستەيمەن.



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

一پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ساپ ھەسەلنىڭ يالغان ھەسەلدىن پەرقى:
    1. رەڭگى سۈزۈك،پارقىراق، مايسىمان كىلىدۇ، سىلكىگەندە ئاسانلىقچە چالغۇمايدۇ،سىلكىش توختىسا قاچا دىۋارىدىكى ھەسەل ئاستا ئاستا پەسكە ساقىيدۇ.
    2.ئوخشىمىغان گۈللەردىن ئېلىنغان ھەسەلدە شۇ خىل گۈلنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى قالىدۇ.
    3.پىچەتلەنگەن ھەسەلنى دۈم قىلغاندە پىچەت ئاغزىغا يېقىن جايدىكى ھاۋا كۈپۈكچىسىنىڭ يۇقۇرىغا ئۆرلەپ چىقىشى ناھايىتى تەس.
    4.قۇشۇققا ئېلىپ تېمىتقاندا ناھايىتى ئىنچىكە ، سۈزۈك ھەسەل يىپى پەيدا بولىدۇ، بۇ يىپچە ئۈزۈلسە ناھايىتى تىزلا قىسقىراپ شارسىمان ھالەتكە قايتىدۇ.
    5.پەيدا بولغان كىسرىستالى ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، سۈزۈپ ئېلىپ بارماقتا مىجىسىڭىز ئىرىپ كىتىدۇ.
    6.ئېغىزغا كىرگەندىن كىيىن ناھايىتى تاتلىق بولۇپ بەزىلىرى سەل چۈچۈمەل بولىدۇ.
    ئەلداۋامۇنبىرىدىن ھەزرەت

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....