مەرھابا، بۈگۈن
ئاغرىقنى تەبئىي توختىتىدىغان يىمەكلىكلەر
تەۋە تۈر: ئۇنىۋېرسال | يوللانغان ۋاقتى: 2013/07/13 | كۆرۈلۈشى: 87 قېتىم

ئاغرىق ئەۋجىگە چىققاندا ئاغرىق تۇختىتىش دورىسى يىيىش كىرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ قوشۇمچە تەسىرىدىن ئەنسىرەش كىرەكمۇ ؟ يېقىندىكى بىر تەتقىقاتتا بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنىڭ ئاغرىقنى تەبئىي توختىتىدىغان ‹‹ئاغرىق توختىتىش دورىسى›› بولالايدىغانلىقىنى بايقىغان.
1. قەھۋە باش ئاغرىقىنى توختىتالايدىكەن. قەھۋەدىكى كوففىئىن ( بۇ ماددا يەنە چاي، كولا، كاكائو قاتارلىقلاردىمۇ بار) ماددىسى ھۈجەيرىلەرگە ئاغرىق ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلغۇزماي، ئاغرىق تۇيغۇسىنى يەڭگىللىتىدىكەن. شۇڭا كۆپ ئۇچىرايدىغان ئاسپىرىن دىگەندەك دورىلارغىمۇ كوففىئىن ماددىسىدىن ئازراق قوشۇپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. بىراق قولىدىن كۈندە قەھۋە كۆتىرىپ يۈرىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن باش ئاغرىغاندا قەھۋە ئىچىش ئاغرىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ.
2. بېلىق مېيى ياللۇغنى قايتۇرىدۇ.بوغۇم ياللۇغى ، باش ئاغرىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەدەننىڭ قىسمەن جايىدىكى كىسەللىكنىڭ ئىپادىسى، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بېلىق مېيىدا كۆپلەپ ئومىگا3 ماي كىسلاتاسى بار بولۇپ، رىماتىزىم، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش قاتارلىقلارنى توختىتالايدىكەن.
3. بۆلجۈرگەن ئائىلىسىدىكى مىۋىلەرنىڭ رولى ئاسپىرىن بىلەن ئوخشاش دىگۈدەك. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۆلجۈرگەن، مالىنا، گىلاس، جىنەستە قاتارلىق مىۋىلەرنىڭ ياللۇغلىنىشقا قارشى رولى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك يوقىرى بولۇپ، ئاسپىرىن قاتارلىق ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى بىلەن ئوخشاشكەن.
4. زەنجىۋىل، كۇررى، مۇچ قاتارلىقلارمۇ ئاغرىقنى توختىتالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زەنجىۋىل ئۆزىنىڭ ئاغرىقنى توختىتىش رىماتىزىمنى ياخشىلاشقا ياردەم بىرىش رولى بىلەن تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي تىبابىتىدە زەنجىۋىل ئاللاقاچان شامال دارىش بىلەن رىماتىزىمنى داۋالاشتا رولىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. كۇررىينىڭ تەركىبىدىكى زەنجىۋىل سېرىقى دىۋەڭلىك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىڭە ياللۇغىنىڭ، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئالىدىكەن. مۇچ تەركىبىدىكى مۇچ ماددىسى ئاغرىق ئۇچۇرىنىڭ ئوتتۇرا نېرۋا سېستىمىسىغا يىتىپ بېرىشىنى توسۇپ، ئاغرىق تۇيغۇسىنى پەسەيتىدىكەن. ئاغرىقنى تورمۇزلاپ نېرۋا ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق رىماتىزىم خاراكتىرلىك كىسەللىكلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بۇندىن باشقا مۇچنىڭ تەركىبىدە ئاسپىرىننىڭ تەركىبىدىكى ئاغرىقنى توختىتىدىغان بىر خىل ماددىمۇ باركەن.
ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرنى ئاغرىقنى كۈچەيتىۋىتىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش، شاكىلات، قىزىل ھاراق ۋە سۈت يىمەكلىكلىرى ( بولۇپمۇ قېتىق)، ئىسلانغان گۆش، بېلىق، بولكا، ھور نان قاتارلىقلارنى يىمەسلىك كىرەك.
ئەنۋەر جېلىل تەرجىمىسى
‹‹ئائىلە دوختۇرى››ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 2-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    ئەزا مەركىزى