تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

* ئېغىزئالامەتلىرىدىن بىلىش

بىلمەك كىرەككى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىزنىڭ ئاچچىق بولۇشى سەپرانىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. بۇنىڭدا سۇغۇق خۇسۇسىيەتلىك، ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.

ئېغىزنىڭ تاتلىق بولۇشى قاننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بولۇپ،قاننى پەسەيتىشكە چارە قىلماق زۈرۈر.

ئېغىزنىڭ تۇزلۇق بولۇشى بەلغەمنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ،بۇنىڭدا ئىسسىق ۋە قۇرۇق نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.

ئېغىزنىڭ بەدبۇي بولۇشى بەدەندە بىرەر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ،بۇ ھالداسۈرگە ئىچىش ياكى قۇستۇرغۇچى دورىلارنى ئىچىش ۋە ياكى شۇ دورىلار بىلەن ئېغىزنى بىر نەچچە قېتىم چايقاپ غار غار قىلىش كېرەك.

ئاغرىقنىڭ كۈندۈزى ئېغىرلىشىشى ئىسسىقلىقنىڭ ئالامىتى كېچىسى كۈچىيىشى سۇغۇقلۇقنىڭ ئالامىتى.

كېسەل كىشىدە قان ئۆرلەپ كەتسە ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆڭلى تارتىدۇ، سەپرا ئۆرلەپ كەتسە ئۇسسۇزلۇقى كۆپىيىدۇ،سۇغۇق نەرسىلەرنى كۆڭلى تارتىدۇ.

سەۋدا ئېشىپ كەتسە تاتلىق ياغلىق نەرسىلەرنى خالايدۇ،بەلغەم ئېشىپ كەتسە تۇزلۇق نەرسىلەرنى خالايدۇ.

خۇلاسە تىببىيە دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....