تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

كۆزدىكى ئۆزگىرىشلەر كۆزنىڭ ئەسلى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 1- قان مىزاج ئادەملەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى قىزىلغا مايىل ئاق كېلىدۇ. 2- سەپرا مىزاجدىكىلەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى سېرىققا مايىل كېلىدۇ. 3-بەلغەم مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى كۆكۈچ،ئېقى پارقىراق كېلىدۇ. 4- سەۋدا مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى قارا، ئېقى كۆكۈچكە مايىل بولىدۇ. 5- كۆزدە كۆك قان تۇمۇر، قىزىل قان تۇمۇر، قىل قان تۇمۇرلار بولىدۇ. بۇ تۇمۇرلار [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

بۇ تېمىدا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ تىرە رەڭگى، چىرايى، كۆزى،تىلى،نەپەسلىنىشى ۋە تومۇر سوقۇشى قاتارلىقلارغا قاراپ ئۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى سۆزلىنىدۇ. تېرە رەڭگىگە قاراش تېرە رەڭگىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھا بېرىش بولسا ئۇيغۇر تېبابىتى تەشخىش ئىلمىنىڭ مۇھىم تۈرىدۇر. رەڭگى ھەر قايسى مىزاجدىكىلەرنىڭ ئەسلى مىزاجىغا بەلگە بېرىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە بەلگە بېرىدۇ. 1- بەدەن تېرىسىنىڭ سارغىيىپ كېتىشى جىگەر [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

ئۆپكە راكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە ئۆلۈش نېسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان راك كېسەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىلىشىمچە شىنجاڭدا بۇ خىل راك بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى خىلى يۇقىرى نېسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇ كېسەلنى داۋالاش توغرىسىدىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر خەۋەرنى كۆپچىلىككە سۇناي دىدىم. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك راك تەتقىقات ئېنىستىتۇتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئۆپكە راكىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر تىپىنى ساقايتالايدىغان بىر دورىنىڭ بايقالغانلىقىنى [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

بىلگەجان قان ناھايتى مۇھىم بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇپ، ئاساسلىق رولى ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملارغا يەتكۈزۈش ۋە بەدەننى ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. قان تۆرەلمە يېتىلىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يىلىك ئىشلىگۈچى غول ھۆجەيرىلەردىن ئىندۇكسىيەلىنىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن خىلى بۇرۇنلا قانغا بىر ئۆمۈر مۇھتاج بولۇشىمىز باشلانغان بولىدۇ، قان بولمىسا بىز تۇغۇلمايمىز ۋە ھايات قالالمايمىز. بىز ئىسپىرما ھۆجەيرىسىنىڭ تۇخۇم [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

سەۋەبى: جىنسى ئالاقىنى كۆپ قىلىش،ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىچىش، كۆپ سىيىش ياكى ئىچىسۈرۈش، جاپالىق ئىشلەش ۋە چارچاشتىن بولىدۇ. ئالامىتى: كۆز رەڭگى ئولتۇرۇپ كېتىش، باشنىڭ ئارقا تەرىپى يەڭگىل ئاغرىش، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك رەڭگى ئاق، سۈزۈك كېلىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق،جىنسى ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. داۋالاش: ئالدى بىلەن سەۋەبىنى يوقىتىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بۆرەكنى سەمرىتىش چارىلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە داۋائى تەرەنجىبىن، لوبوبى كەبىر، لوبوبى سەغىر [...]

مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان (مىلادىيە 1785-1875) ئاخىرقى ئۆمرى 90 ياشقىچە ئەمەلىي داۋالاش بىلەن بىرگە ‹‹رۇمۇزى ئەزەم››، ‹‹ئەنۋارى ئەزەم››،‹‹نىرى ئەزەم››،‹‹قارابادىن ئەزەم›› قاتارلىق داڭلىق تېببىي ئەسەرلەرنى يازغان. ‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› بولسا ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەر خىلى بولۇپ ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى 7-ئەسەردىن 19-ئەسىرگىچە يېزىلغان ‹‹ئەلقانۇن فىتتىب››،‹‹زەخىرە خارەزىم شاھى››، ‹‹جاۋاھىرى فارابى››….. قاتارلىق ھەر خىل يېزىقتىكى [...]

سەھىپە: كىتابلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تادۇ ئەپەندى !مەن سىزدىن ئۆزۈمدىكى بەزى بىر ئالامەتلەر توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي دىگەن ،مۇمكىن بولسا مەسلىھەتىڭىزنى ئايمىسىڭىز . مەن بۇ يىل 33ياشقا كىردىم ،توي قىلغىلى بەش يىلدىن ئاشتى .تويدىن كېيىن جىنسى مۇناسىۋەت ئەھۋالى نورمال ئىدى ،ئەمما يېقىنقى بىر يىلنىڭ ياقى مەندىن مەنى بەك تىز يۈرۈپ كېتىدىغان ،ئازراق جىنسى غىدىقلىنىشق بولغاندا مەنىگە ئوخشاش بىر خىل سۇيۇقلۇق چىقىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى .ئۇنىڭدىن [...]

بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى ئۈسۈملۈك ئانار دەرىخىنىڭ پىشقان مېۋىسى بولۇپ، كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئۈزۈۋېلىنىدۇ. ئانار تاتلىق،ئاچچىق دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، چېچىكى ، ئۇرۇقى، مېۋە پوستى ، مېۋىسى ، يىلتىزى قاتارلىقلار دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. تۆۋەندە ئانار مېۋىسىنى تونۇشتۇرىمىز. تەبىئىتى مۆتىدىل. تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى: يات ماددىلارنى تازىلاپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، چىراينى ياخشىلايدۇ. يۈرەككە مەنپەئەت قىلىپ، قان كۆپەيتىدۇ. يۈرەك سېلىش، كەم قانلىق، تۇمۇرلار راۋان بولماسلىق، ئىچى [...]

سەھىپە: خام دورىلار