تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


كۆزدىكى ئۆزگىرىشلەر
كۆزنىڭ ئەسلى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
1- قان مىزاج ئادەملەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى قىزىلغا مايىل ئاق كېلىدۇ.
2- سەپرا مىزاجدىكىلەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى سېرىققا مايىل كېلىدۇ.
3-بەلغەم مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى كۆكۈچ،ئېقى پارقىراق كېلىدۇ.
4- سەۋدا مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى قارا، ئېقى كۆكۈچكە مايىل بولىدۇ.
5- كۆزدە كۆك قان تۇمۇر، قىزىل قان تۇمۇر، قىل قان تۇمۇرلار بولىدۇ. بۇ تۇمۇرلار بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزا تۇمۇرلىرى بىلەن تۇتاش بولغاچقا ، كۆزدە ھەر قايسى ئەزانىڭ نۇقتىلىرى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن تۇمۇرلاردا ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.بۇ ئۆزگىرىش ئالامەتلىرىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھابەرگىلى بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1-كۆزنىڭ قىزىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ تەكشى قىزىرىپ ئېسىلگەندەك بولۇپ قېلىشى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
2- كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى قىزىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ كېڭىيىپ،ئادەتتىكىدىن قىزىرىپ قېلىشى،يۈرەك تاجىسىمان قان تۇمۇرىدا بوتقىسىمان قېتىش پەيدا بولغانلىقىدۇر.
3- كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى قىزىل قان تۇمۇرى ئوتتۇرىسىدا كۆكۈچ داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، يۈرەك سول دالانچىسىنىڭ كۆك قان تۇمۇردىن قىزىل قان تۇمۇرغا قان ئۆتۈش يولىدىكى قىل قان تۇمۇردا توسۇلۇش بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
4- كۆز قۇيرۇقىدا قىزىل تۇمۇرلارنىڭ كاللەكلەشكەن ھالەتتە كۆرۈنۈشى ھەم كۆزنىڭ بېلىق كۆزىدەك سىرتقا پۇلتايغان ھالەتتە بولۇپ قېلىشى رېماتىزىم خارەكتىرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
5-كۆزقۇيرۇقىدا قىزىل تۇمۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئاق داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى،بۆرەككە تاش چۈشكەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتىدۇر.
6-كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا سېرىقلىق بولۇپ،سېرىقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆك داغنىڭ بولۇشى ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر،
7-كۆز ئېقىنىڭ تەكشى سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ئۆت يولى تۇسۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
8-كۆز ئېقىنىڭ بوزغا مايىل كۆكۈچ بولۇپ قېلىشى بۆرەككە سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
9- كۆز قۇيرۇقىدا كۆك داغ پەيدا بولۇپ،ئۈستىدە سېرىق داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بالىياتقۇ راكى كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
10-كۆز قۇيرۇقى ئەتراپىدا تەكشى كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى داس بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر كۆك داغ شارسىمان بولۇپ ،بېغى باردەك كۆرۈنسە ، بالىياتقۇدا خالتىلىق سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغانىلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
11-كۆزنىڭ ئۈستىن قاپاق ئاستىدا كۆك سەپكۈندەك چىكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى تولغاق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
12- كۆز ئېقىنىڭ ئۈستىدە چېكىتسىمان سېرىق داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۆپكە سىل كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
13- كۆز ئېقى كۆكىرىپ،ئۈستىدە چىكىتسىمان داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۈچەي سىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
14-كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قىزىل قاننىڭ ئۇيۇپ قالغاندەك كۆرۈنۈشى مېڭىگە قان چۈشكەن كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتتۇر. ئەگەر ئوڭ كۆزدە بولسا سول تەرەپكە، سول كۆزدە بولسا ئوڭ تەرەپكە چۈشكەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شۇ تەرەپ ھېس ھەرىكەتتىن قالغان يەنى پالەچلەنگەن بولىدۇ.
15- كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا بىر ياكى ئىككى تۇمۇرنىڭ تۇتۇق بولۇپ قېلىشى مېڭە قان تۇمۇرلىرىدا تۇسۇلۇش بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
16-كۆزنىڭ ئۈستىن قاپاق ئىچىنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى مېڭىدە سۇلۇق ئۆسمە پەيدا بولغانىلىقىنڭ ئالامىتىدۇر.
17-كۆزنىڭ قىزىرىپ چاپاقلاشقاندەك بولۇپ قېلىشى، ئۆپكە ئىششىغان ۋە قۇرۇق ئىستىسقا كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
18-كۆز ئېقىنىڭ كۆكىرىپ، ئوڭ تەرەپ قۇيرۇقىدا بويىغا سىزىلغان سېرىققا مايىل سىزىقنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ، ئوڭ قول بىلەيزۇك قىسمىدا تۇمۇرلارنىڭ كۆكىرىپ كۆپۈپ قېلىشى جىگەر سۇلۇق ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
19-كۆزنىڭ بۇرۇن تەرىپىنىڭ سېرىققا مايىل كۆكىرىپ قېلىش ئاشقازان يارا كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
20- كۆز ئېقىنىڭ ئاقىرىپ،چىرايىنىڭ تاتىرىپ نۇرسىزلىنىپ قېلىشى قان ئازلىق سەۋەبىدىن يۈرەك قېپىغا ۋە قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
21-كۆز جىيىكى قىزىل تۇمۇرنىڭ قارىداپ قېلىشى يۈرەك دالانچە قان تۇمۇرىدا توسۇلۇش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
22-كۆز ئېقى تەكشى قىزىل بولۇپ،كېسەلدە خارقىراپ نەپەسئېلىش پەيدا بولسا مېڭىگە قان چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
23-كۆز ئېقىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىكىتسىمان كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
24-كۆز قۇيرۇقىدىكى تۇمۇرلارنىڭ قىزىرىپ كۆپۈپ قېلىشى نۇقرەس،مۇپاسىل كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
25-كۆزنىڭ قۇيرۇق تەرەپتىكى ئېقىنىڭ تۆۋەنگە مايىل تەرەپتە كۆك چېكىتسىمان داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئاياللار تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
روزىباقى ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنىڭ تۇنۇش ۋە داۋالاش دەستۇرى ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....