تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى ئۈسۈملۈك ئانار دەرىخىنىڭ پىشقان مېۋىسى بولۇپ، كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئۈزۈۋېلىنىدۇ.
ئانار تاتلىق،ئاچچىق دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، چېچىكى ، ئۇرۇقى، مېۋە پوستى ، مېۋىسى ، يىلتىزى قاتارلىقلار دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. تۆۋەندە ئانار مېۋىسىنى تونۇشتۇرىمىز.
تەبىئىتى مۆتىدىل.
تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى: يات ماددىلارنى تازىلاپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، چىراينى ياخشىلايدۇ. يۈرەككە مەنپەئەت قىلىپ، قان كۆپەيتىدۇ. يۈرەك سېلىش، كەم قانلىق، تۇمۇرلار راۋان بولماسلىق، ئىچى تىتىلداش، يۆتىلىش،گال – كېكىردەك ئاغرىش، بەدەن ئۇرۇقلاشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
مىقدارى: سىقىلغان سۈيىدىن يېرىم پىيالىدىن بىر پىيالىگىچە، مېۋىسىدىن بىر دانىگىچە.
ئۇرۇقى بىلەن يىسە قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا قەۋزىيەت كىشىلەر سۈيىنى ئىچىشى، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئۇرۇقى بىلەن يىسە ياخشى.
ئانارنى كۆپىنچە ئاشقازان ئاجىزلىقى،قان ئازلىق ۋە يۈرەك كىسىلىگە ئىشلىتىمىز، تۆۋەندە ئانار تەركىبلىك بىر نەچچە نۇسخا :
يۈرەككە قان يىتىشمەسلىك، يۈرەك رىتىمسىزلىقى بار كىشىلەر كۈندە بىر تالدىن ئانار يەپ بەرسە ۋە بۇنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ياخشى پايدا قىلىدۇ، ئىسسىقچانلار ئاچچىق ئانار، سوغۇقچانلار تاتلىق ئانار يىسە ياخشى.
سەپرا خىلىتى ئېشىپ كەتكەنلەر ئاچچىق ئانارنى پوستى بىلەنلا سىقىپ سەھەردە ئاچ قورساققا بىر پىيالىدىن ئىچىپ بەرسە سەپرانى سۈرىدۇ.

تاتلىق ئانار سۈيىدىن بىر كىلو، ئاچچىق ئانار سۈيىدىن 500گرام ، شىكەردىن ئىككى كىلو ئېلىپ ، بۇلارنى يۇمشاق ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرسە قان ئازلىققا ۋە ئاياللاردىكى ماغدۇرسىزلىق، چىرايى نۇرسىزلىققا بەك ياخشى پايدا قىلىدۇ.

ئانار سۈيى بىر كىلو، پىننە سۈيى 500گرام ، شىكەردىن 1500گرام ئېلىپ ، بۇلارنى يۇمشاق ئوتتا قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرسە ئىشتىھانى ئېچىپ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، قان كۆپەيتىدۇ.
ئانار سۈيى 2520گرام، بىھى سۈيى 500گرام، قىزىل ئۈزۈم سۈيى 840گرام ، سەۋزە سۈيى 840گرام ، شىكەردىن 4كىلو ئېلىپ، يۇمشاق ئوتتا قىيام قىلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە ۋە بۇنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازاننى كۈچەيتىدۇ، قان كۆپەيتىپ، ماغدۇر تولۇقلايدۇ. جىنسى قۇۋۋەتنى كۈچەيتىدۇ.



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....