تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ تېمىدا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ تىرە رەڭگى، چىرايى، كۆزى،تىلى،نەپەسلىنىشى ۋە تومۇر سوقۇشى قاتارلىقلارغا قاراپ ئۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى سۆزلىنىدۇ.

تېرە رەڭگىگە قاراش
تېرە رەڭگىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھا بېرىش بولسا ئۇيغۇر تېبابىتى تەشخىش ئىلمىنىڭ مۇھىم تۈرىدۇر.
رەڭگى ھەر قايسى مىزاجدىكىلەرنىڭ ئەسلى مىزاجىغا بەلگە بېرىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە بەلگە بېرىدۇ.
1- بەدەن تېرىسىنىڭ سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ئۆت يولىدىكى كېسەللىكلەر ھەم جىگەر راكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.
2- بەدەن تېرىسىنىڭ قارىغا مايىل سېرىق بولۇشى جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرىسىدىكى كانالدا توسۇلۇش بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
3- تېرىنىڭ كېپەكلەشكەندەك بولۇپ،چۈشۈپ تۇرىشى يەڭگىل بولسا ئۆرەك كىزىك، ئېغىر بولسا دائۇلھەييەنىڭ ئالامىتىدۇر.
4-قول-پۇتلارنىڭ ،پېشانە كۆكرەكلەرنىڭ قىزىرىپ،قارىداپ تېرە تاشلاش ئەھۋالى بولسا چالاش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
5- تېرىدە ئاق،نۇرسىز داغلارنىڭ بولۇشى ئاقكىسەلنىڭ ئالامىتىدۇر.
6- تېرە يۈزىدە نېپىز داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندە كۆيگەن خىلىتلارنىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
7-تېرە يۈزىدە قىزىل ئەسۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى قىزىل كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
8- تېرە يۈزىدە ئۇچى ئۇچلۇق ئاقارغان ئەسۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى دانىخورەكنىڭ، ئۇچى ئاقارماي سۇ چىقىشى سوغان كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
9- تېرە ئۈستىدە، بولۇپمۇ پېشانە يۈز ساھەسىدە قىزىل قاپارتقۇلار پەيدا بولۇش، قىچىشىش ۋە سۇ چىقىش بولسا بۆرە چاقىسىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر قورساق ساھەسىدە كۆرۈلۈپ، ئېچىشىش پەيدا بولسا، بۇ بەلۋاغسىمان قوقاق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
10- تېرە ئۈستىدە قىزىل قاپارتقۇلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىچىشىشپ تۇرىشى دېئابىت كىسىلىدىن دېرەك بىرىدۇ.
11- تېرە يۈزىدە كۆككە مايىل قىزىل ئەسۋىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچەي قارا كېزىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
12- تېرە يۈزىدە قارا چېكىتسىمان مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇشى سەپكۈن كېسىىلىنىڭ، قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى، داغ چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
13- تېرە رەڭگىنىڭ ئاق نۇرسىز بولۇپ قېلىشى كەم قانلىقتىن بولغان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

روھى ھالىتىگە قاراش
كىسەلنىڭ روھى ھالىتىنى تەكشۈرگىنىمىزدە .كېسەلنىڭ ئەس -ھوشىنىڭ ،گەپ-سۆزلىرىنىڭ جايىدا ،چىرايىنىڭ ئۇچۇق، كۆز نۇرىنىڭ روشەن بولۇشى ،كېسەللىكنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ئەمما تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

1-كېسەلدە ئەس-ھوشىنى يوقىتىش بىلەن بىرگە قول-پۇتلىرىنىڭ ھەرىكەتسىز بولۇپ خارقىراپ يېتىشى مېڭىگە قان چۈشۈش،پالەچ كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
2-كېسەل ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھەمدە تارتىشىپ قالغان ،ھوشىغا كېلىش ئالدىدا تىللىرىنى چايناپ ،ئېغىزىدىن كۈپۈك چىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بۇ سەرئى كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.
3-كېسەلنىڭ روھى ھالىتىنىڭ سۇسلۇقى ،چىرايىنىڭ خۇنۇك بولۇپ،گەپ-سۆزلىرىنىڭ قالايمىقىان بولۇشى مالىخولىيا كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

چىرايىغا قاراش
بىمارنىڭ جىمغۇر بولۇپ قېلىشى،ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان ئېغىر ئۇيقۇ ۋە پىكىر خىيالىنىڭ بۇزۇلۇش كېسىلىدىن ئىبارەت.
1-چىرايىنىڭ بولۇپمۇ ئىككى مەڭزىنىڭ قىزىرىپ پارقىراپ قېلىشى كېسەلدە قىزىتما بارلىقىغا ھەم ئۆپكە ئىششىقى،ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى،ئۆپكە سىل كېسىلى بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
2-كۆز ئېقىنىڭ تەكشى سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ۋە ئۆتتە توسالغۇ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر قورساق كۆپۈش،قورساققا سۇ چۈشۈش ،بەدەن قىچىشىش،ھۆل بولۇشلار بىرگە كەلسە جىگەر راكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
3- چىرايىنىڭ نۇرسىز،تاتىراڭغۇ،لەۋلىرىنىڭ ئاق گەز باغلىشى قان ئازلىق،يۈرەك ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.
4-چىرايىنىڭ قارىداپ،يۈزى ئىششىپ قالغاندەك كۆرۈنۈشى، يۈرەك ۋە ئۆپكە ئاجىزلىشىپ ،جىگەر قېتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ۋە سۈيدۈكنىڭ بەدەنگە تاراپ،بەدەننى زەھەرلىگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
5- چىرايىنىڭ نۇرسىز،پېشانە بۇرۇن ئەتراپىدا مۇدۇر-چۇقۇرلارنىڭ پەيدا بولۇشى غەيرى تەبىئى بەلغەمدىن بولغان جىگەر ئىششىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
6- چىرايىنىڭ ئاقىرىپ تۆۋەن قاپاقلارنىڭ ئىششىپ قېلىشى يۈرەك قېپىغا،قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
7- چىرايى ۋە كالپۇكىنىڭ كۆكىرىپ،قارىغا مايىل بولۇپ قېلىشى رېماتىزىم خارەكتىرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
8-ئىككى مەڭزى قىزىرىپ،كالپۇكلىرىنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
9- كۆز ئەتراپىنىڭ كۆكىرىپ،كۆز تۇمۇرلىرىنىڭ قىزىرىۋېلىشى نېرۋا ئاجىزلىق،مەقەت بۇۋاسىرى،بالىياتقۇ بۇۋاسىرى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.
10-چىرايىنىڭ قارىغا مايىل سېرىق بولۇشى جىگەر بىلەن ئۆت ئوتتۇرىسىدا ھەم جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ بولغان كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردۇر.
11-كېسەلنىڭ چىرايىنىڭ ئاققا مايىل كۆك بولۇپ قېلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا نەپەس قىستاش،بۇرۇن قاناتلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى بىرگە كەلسە يۈرەك قان تۇمۇرىدا قېتىش ھەم قۇيۇلۇش،قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
12-كېسەلنىڭ چىرايىدا تەڭگىسىمان قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ ،چىرايىنىڭ قورقۇنچلۇق بولۇپ قېلىشى،جوزام كىسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
13-كىسەلنىڭ پىشانە،يۈز قىسمىدا قىزىل مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىچىشىشىش،تاتىلىغان يەرلەرنىڭ زېدىلىنىڭ قارا داغ بولۇپ ساقىيىشى بۇيۇن بەز ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
14-كېسەلنىڭ يۈزىدە قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ،پېشانە مويلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى،ئۇدۇل ئۈستۈن چىشىنىڭ ھەرە چىشىسىمان سارغىيىشى سېفلىس كىسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
15-چىرايىنىڭ قارامتۇل،نۇرسىز بولۇپ قېلىشىغا تىلىنىڭ كۈكۈچ بولۇپ قېلىشى بىرگە كەلسە جىگەر قېتىش،جىگەر يىگىلەش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.
روزىباقى ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنىڭ تۇنۇش ۋە داۋالاش دەستۇرى ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.



سەھىپە : نەزەرىيەلەر

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....