تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

سەۋەبى: جىنسى ئالاقىنى كۆپ قىلىش،ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىچىش، كۆپ سىيىش ياكى ئىچىسۈرۈش، جاپالىق ئىشلەش ۋە چارچاشتىن بولىدۇ.
ئالامىتى: كۆز رەڭگى ئولتۇرۇپ كېتىش، باشنىڭ ئارقا تەرىپى يەڭگىل ئاغرىش، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك رەڭگى ئاق، سۈزۈك كېلىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق،جىنسى ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن سەۋەبىنى يوقىتىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بۆرەكنى سەمرىتىش چارىلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە داۋائى تەرەنجىبىن، لوبوبى كەبىر، لوبوبى سەغىر بېرىش مەنپەئەتلىكتۇر.
غىزاسىغا: چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ھالۋا ، بۆرەك ياغلىرىدا ئېتىلگەن شويلا بېرىش، گۆش، سەۋزە،چامغۇر بىلەن شورپا سېلىپ بېرىش، قېتىق سۈزمىسىگە ھەسەل قوشۇپ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۆرەكنى سەمرىتىش كېرەك.
پەرھىزى: ناۋات،شىكەر،كەرەپشە،تۇرۇپ،لازا،ئاچچىقسۇ،تاۋۇز قاتارلىق بەدەننى قىزىتىۋېتىدىغان ياكى ماينى ئېرىتىۋېتىدىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىدۇ.
روزىباقى ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە كىسەللىكلەرنى تۇنۇش ۋە داۋالاش دەستۇرى ناملىق كىتاۋىدىن .



4 پارچە ئىنكاس بار .

  1. ئەرجان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    لوبوبى كەبىر بىلەن لوبوبى سەغىر ئىككىسى قارمۇ قارشى سۆزلەر ئەمەسمۇ؟

    ئۈرۈمچىدىكى دورىخانىڭىز قەيەردە؟ ياكى مۇشۇ ئىككى دورىنى ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟ تۇرپانغا.

    ئاندىن، پاكىستاندا ياسالغان، خوتەندە ياسالغان دەيدىكەن، قانداق ئوخشىماسلىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويارسىزمۇ؟

  2. tadu مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، لوبوبى كەبىر دېگىنى چوڭ نۇسخىلىق مېغىزلار مەجۈنى دىگەنلىك، لوبوبى سەغىر دېگىنى كىچىك نۇسخىلىق مېغىزلار مەجۈنى دېگەنلىك بولىدۇ.
    ئۈرۈمچىدىكى ئورنىمىز : نەنمىن زىبارېستۇرانى يېنىدىكى تادۇبەگ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى.
    پاكىستاندا ياسالغان ياكى خوتەندە ياسالغان دېگەندىكى ئوخشىماسلىق دەل شۇ پاكىستان ياكى خوتەن دېگەن سۆزدۇر. ماتىرىياللىرى تولۇق بولسا قايەردىلا ياسىسا ئوخشاش . دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇ دورا دورىلارنى تولۇق سېلىپ تەييارلاندىمۇ يوق؟
    تۇرپانغا ئەۋەتىپ بېرىمىز.

  3. ئەرجان مۇنداق يازغان:

    پۇت-قوللار زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە ئورنۇمدىن تۇرساملا ئۇيۇشۇپ قالىدۇ، قانداق دورىلارنى ئىشلەتسەم بولىدۇ؟

    لوبوبى كەبىردىن ئىككى قۇتا سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم، چ چ نۇمۇرىڭىز ياكى تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى بەرسىڭىز.

  4. tadu مۇنداق يازغان:

    پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قېلىشقا ھەببى ئەپتىمۇن،ئەپتىمۇن جەۋھىرى،ھەببى لوغانزىيا دېگەندەك دورىلار ماس كىلىدۇ.
    1242717272 — 18690143938

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....