تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئۆپكە راكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە ئۆلۈش نېسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان راك كېسەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىلىشىمچە شىنجاڭدا بۇ خىل راك بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى خىلى يۇقىرى نېسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇ كېسەلنى داۋالاش توغرىسىدىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر خەۋەرنى كۆپچىلىككە سۇناي دىدىم.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك راك تەتقىقات ئېنىستىتۇتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئۆپكە راكىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر تىپىنى ساقايتالايدىغان بىر دورىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ دورا ئەسلىدە ئامېرىكا دورا ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FDA) تەرىپىدىن مەيۈسلىنىش كېسىلىگە قارشى دورا سۈپتىدە تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنغان بولۇپ ئامېرىكا سىتانفورد ئۇنىۋىرىستىتى مىدىتسىنا ئېنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇ دورىنىڭ ئۆپكە راكىنى داۋالاش رولى بارلىقىنى بايقىغان ۋە جىددىي سىناق قىلىپ 1-باسقۇچلۇق سىناقتا بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ناھايتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ دورا ئاللىقاچان FDA تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولغاچقا ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئىنسانلاردا سىناق قىلىنىشمۇ ئاللىقاچان باشلانغان. بۇ دورا كەلگۈسى 2 يىل ئىچىدە ئۆپكە راكى بىمارلىرىغا ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

بىلگەجان



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....