تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تادۇ ئەپەندى !مەن سىزدىن ئۆزۈمدىكى بەزى بىر ئالامەتلەر توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي دىگەن ،مۇمكىن بولسا مەسلىھەتىڭىزنى ئايمىسىڭىز .
مەن بۇ يىل 33ياشقا كىردىم ،توي قىلغىلى بەش يىلدىن ئاشتى .تويدىن كېيىن جىنسى مۇناسىۋەت ئەھۋالى نورمال ئىدى ،ئەمما يېقىنقى بىر يىلنىڭ ياقى مەندىن مەنى بەك تىز يۈرۈپ كېتىدىغان ،ئازراق جىنسى غىدىقلىنىشق بولغاندا مەنىگە ئوخشاش بىر خىل سۇيۇقلۇق چىقىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى چاغلاردا كىچىك تەرەت قىلغاندا خېلى كۆپ مىقداردا مەنىگە ئوخشايدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىپ كېتىدۇ ،يەنە ئىككى چات ئارلىغى تەرلەيدۇ .مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىدىم ،ھازىر دىققەت قىلسام جىنسى ئەزايىم مايماق بولۇپ قاپتۇ .قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ يۇقارقى كېسەللىك ئەھۋالىمغا مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مەزى بېزىدە ئىششىق بولغاندا ياكى نېرۋا خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىدا ،،مەزى بېزىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقاندا مەزى ، ۋەدى سۇيۇقلۇقى كۆپ كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئاۋال تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. ئىششىق ياكى يالۇغ بولۇپ قالسا، مەجۈنى ئەقرەپ، ئەرقى بەدىيان،مۇغەللىز دىگەن ئۈچ خىل دورىنى بىر ئىككى ئاي ئىزچىل يەپ بېرىڭ، بۇ جەرياندا جىنسى مۇناسىۋەت قېتىم سانىنى ئازلىتىڭ، ئاندىن ھەببى پولونىيا، سۆلەپ كۇمۇلىچى،قۇرسى ئىمساك،لوبوبى كەبىر،داۋائىلمىشكى دىگەنلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر ياللۇغ ياكى ئىششىق بولمىسا مۇغەللىز، ھەببى زەپىران،مەجۈنى ئاروخورما،مەجۈنى بەسباسە ،مەجۈنى ئازاراقى قاتارلىقلارنى يەپ بەرسىڭىز ھەم تۆۋەندە قالدۇرۇلغان دورىلارنى تەييارلاپ يېسىڭىزمۇ بولىدۇ،
زەكەر مايماق بولۇپ قېلىشقا قارىتا مەلھىمى شىپانى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
تۇرمۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن: سۇغۇق سۇدا يۇيۇنماڭ ۋە جىنسى ئەزانى يۇماڭ، لېكىن لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ يۈرەكتىن بۇيۇنغىچە بولغان دائىرىنى سۈرتۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ. سوغۇق سۇ،قېتىق،تاۋۇزشاپتۇل، سۇيۇقئاش ،لەڭپۇڭ ،سېرىقئاش،لازا دىگەنلەردىن پەرھىز تۇتۇڭ. نۇقۇت،قىزىل ئۈزۈم ،يەرلىك تۇخۇم دىگەنلەرنى(ياللۇغ بولمىغان ئەھۋالدا) كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ. قالايمىقان ۋە ئۈنۈمسىز جىنسى مۇناسىۋەتتىن، غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىڭ.
پۇتىڭىزدىكى ئاغرىققا قارىتا ئىسسىق مايلاردا مايلاپ بېرىڭ، يەنە ئاغرىسا سېرىقچىچەك ، سۆرۈنجان،كاۋاۋىچىن،بابۇنە،ئىكلىلمىلىك قاتارلىقلارنى قاينىتىپ سۈيىگە پۇتىڭىزنى چىلاپ بىرىڭ ۋە يەرلىك تۇزدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈڭ.
——————————————

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مەن بۇيىل23ياشقا كىردىم توي قىلمىغان ،بوي ئىگزلىگىم 1.70 مېتىر ئېغىرلىقىم75كىلو.بۇرۇن 7-8يىلدەك ئانالىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىدىم. ھازىر بىر يىلدىن ئارتۇقراق بولدى تاشلىدىم.شۇ ئىشنىڭ تەسىرىدىن مىكىن زەكىرىمنى سەل كىچىكتەك ھېسقلىمەن ئادەتتە 5سانتى ئەتراپىدا تىكلەنسە 11سانتى ئەتراپىدا بولىدۇ ،نورمال ئادەمنىڭ قانچىلىك بولسا بولىدۇ ؟ يەنە زەكىرىم تىكلەنسە ئۈستىدە بىر ئەگرى بۈگرى سەل يوغانراق قاتتق تومۇر پەيدا بولۇپ قالدى،تىكلىنىشمۇ قاتتىق ئەمەس ،ئاسانلا بوشاپ كېتىدۇ.
بەزىدە تاش بۆرۈكۈم نىڭ سول تەرپى بەك بىئارام بولىدۇ ،
كىىچك تاھارەتتىن كېيىن بىر خىل يەنەباردەك ھېسقىلىمەن،سۈرۋېتىپ تۇرۇپ كەتسەم بىردەمدىن كېيىنلا ئۆزلۈگىدىن تېمىپ كېتىدۇ .قانداق دورىلانى يىسەم شىپا قىىلا ،بىر تەپسىلى مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا ؟ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!
ناماز ئوقۇيتۇم شۇ سۈيدۈك تېمىپ قالىدىغان ئىش كۆڭلۈمنى بەك بىئارام قىلۋاتىدۇ ياخشىراق مەسلىھەت بەگەن بوسىلا ،ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن!!

جاۋاب:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، جىنسى ئەزايىڭىز نورماللىق دائىرىسىدە، ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئەگەر سەل يىگىلەش بار دەپ ھېس قىلسىڭىز مەلھىمى شىپا بىلەن باشقا قۇشۇمچە دورىلىرىنى ئىشلىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.ياخشى تىكلەنمەسلىكىگە قارىتا تۆۋەندىكى مەجۈنى بەسباسەياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۈيدۈك تېمىپ قېلىشقا قارىتا مەجۈنى رەشىدى،مەجۈنى بەللۇت، مەجۈنى ماسىكەبەۋل،ھەببى ئازاراقى،مۇغەللىز مەجۈنى كۇندۇر،ئىتتىرىپىل كەبىر،مادەتۇلھايات قاتارلىقلارنى يىسىڭىز بولىدۇ.
خولىنجان،پىلپىل،جۇۋىنە،ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى،بەللۇت،ئوغرىتىكەن قاتارلىقلارنى سوقۇپ چايلىق قىلىپ ئىچىپ بىرىڭ.
——————–
مەنى ،مەزى ئېقىشنى تىزگىنلىگۈچى ۋەسۈيدۈك تۇتقۇچى بەزى دورا رېتسىپلىرى:
مەجۈنى بەسباسە:
بىدە ئۇرۇقى، بەسباسە، جۇيۇز،دارچىن،قەلەمپۇر،قارا كۈنجۈت 25 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ،ھەسەلدىن 320گرام ئېلىپ ئىرىتىپ، دورا تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ، 10 گرامدىن تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، جىنسى ئەزا قاتماسلىق ۋە مەنى يۈرۈپ كىتىشكە پايدا قىلىدۇ.

مەجۈنى رەشىدى
سۇپارى، قەلەمپۇر،سۆئلەپ، مەستىكى،بەزۇرۇلبەنجى 50گرامدىن، ھەسەلدىن 500گرام ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،ھەسەلنى ئىرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، 10 گرامدىن تاماقتىن كېيىن يەپ بەرسە ، مەنى ۋە سۈيدۈك تۇتىدۇ.

مەجۈنى رەشىدى

كاۋاۋىچىن،قەلەمپۇر، جۇيۇز،سۇپارى،جۇۋىنە ،زەنجىبىل 24گرامدىن، كۇندۇر 31گرام، سۇمبۇل 21گرام، سۆئلەپ مىسرى،مەستىكى رۇمى، شاقاقۇل مىسرى،ئاقىرقەرھا ھىندى 15گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ،700گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ،كۈندە ئىككى قېتىم 5-10گرامغىچە يەپ بەرسە كۆپ ئېھتىلام بولۇش، مەنى تېمىپ قېلىش، مەنى بالدۇر كېتىش، سۈيدۈك تامچىلاش، بۆرەك سۇۋۇپ،بەل ئاغرىش قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

كەندىر ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئىككى ھەسسە ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ،10گرامدىن يەپ بەرسە مەنى.مەزى،ۋەدى ئېقىشنى تىزگىنەيدۇ.

ئىتياڭىقى ئۇرۇقى 30گرام، قارىمۇچ 30گرام ، ئۈرۈم يىلىمى ياكى ئەرەپ يىلىمى 18گرام تەييارلاپ،ئالدىنقى ئىككى دورىنى يۇمشاق سوقۇپ، يىلىمنى ئىرىتىپ شۇنىڭدا يۇغۇرۇپ،ئانار ئۇرۇقى چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ قىلىپ قۇرۇتۇپ، ئەتىگەن كەچتە ئىككى ياكى ئۈچ دانىدىن يەپ بەرسە روھى ھالەتنى تىنچلاندۇرۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ، نېرۋا مەنبەلىك جىنسى ئاجىزلىق،مەنى بالدۇر كېتىش،مەنى سۇيۇلۇپ كېتىش قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئەسكەرتىش: ئىتياڭىقى ئۇرۇقى زەھەرلىك دورا بولۇپ،مىقدارىغا بەك دىققەت قىلىش كىرەك.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....