ئۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن دەيدۇ | Jason Statham نىڭ ئەشەددى مۇشتلاش كۆرۈنۈشلىرى
ھەركەتلىك كىنو مەستانىلىرىنىڭ ئىچىدە Jason Statham نى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك. ئىسمىنى بىلمىسىمۇ رەسىمىنى بىر كۆرسىلا«ۋوي، ماۋۇ ھېلىقى سەت مۇشلىشىپ قويىدىغان ئاداشقۇ؟» دىمەي قالمايدۇ. شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ ھەركەتلىك كىنولىرىنى تاللاپ كۆرىمەن. بىر قىسىم كىنولىرىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى بولمىغان بولسا بۇ سولتەككە زور قايىللىقىم باتتى. ھېلىمۇ ھازىرقى دەۋىردىكى ھەركەتلىك فىلىم ئارتىسلىرىدىن بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغانلىرى ئاز دەپ قارايمەن. بار بولسىمۇ قېرىدى… بولدىلا بۇ ئاداشنى ماختاۋەرمەي ئۇنىڭ جەبدەس ھەركەتلىرىدىن بىرگە ھوزۇرلىنايلى. (دىققەت : دوراپ بېقىشقا زادى بولمايدۇ)
Jason Statham
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، كىنو، ماھارەت، ھەركەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: jason-statham.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2013- يىلى ئېلان قىلىنىدىغان ئەڭ نادىر كىنولار ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات | كىنوخۇمارلار قېنى مەرھەمەت
- كېيىنكى يازما > سىز ئاڭلاۋاتقان ناخشىلارنىڭ قانداق تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سەھنە ئارقىسىدىكى ئاۋاز ئالغۇچى خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام!
- ھوللىۋودنىڭ داڭلىق قەھىرمانلىرى ئارماننىڭ ئېلانىغا چىقىپتۇ دەيدۇ …
- بىز كۆرگەن ئوسكار ساھىبى «Life of Pi» دىكى كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە
- The Croods | «كرۇدىس جەمەتى» ئەڭ يىڭى تەشۋىق فىلىمى، ئەمدى كۆرمەسلىككە باھانە قالمىدى
- لىفىت ئىچىدىكى ئاجايىپ ۋەقەلەر| دىققەت : لىفىتكە ھەرگىز يالغۇز چىقماڭ
- بۇنداق ھەيۋەتلىك CG كۆرۈنۈشلەر پەقەت Blizzard نىڭ ئويۇنلىرىدىلا بار! 星际争霸2:虫群之心 نىڭ CG فىلىمى
- باللىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى ! ئەنگىلىيە باللار پاراۋانلىق جەمىئىتى Barnardo’sنىڭ ئامىۋى ئېلانى_ Life Story
- ئاجايىپ ماھارەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا ساياھەت قىلىش؟! | يانچۇقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ سىرلىرى
- 85-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم نادىر كىنو-فىلىملەر | ئوسكار مۇكاپاتى كېچىلىكى
- [بىر كىنو بىر دۇنيا] Pi نىڭ ئاجايىپ سەزگۈرەشتىلىرى – كۆرمەسلىككە نىمە باھانىڭىز بار؟
- ئوماق رەسىملەرگە قاراپ كىنو نامىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ كىنوخۇمارلاردىن زېھىن سىناش (2)
تورخۇمار…
مەن بۇنىڭ ئادەم سودىگىرى دېگەن كىنوسىنى دەھشەت ياقتۇرىمەن. شۇنداق ئاقسا…
خىيالىمدا مەنمۇ مۇشۇنىڭدىن قېلىشمايمەن جۇمۇ!
بولسا تورخۇماردىكى كىنوخۇمارلار ما تازنىڭ كىلاسسىك كىنولىرىدىن بىرقانچىنى تاللاپ ئىسمىنى(توردىن ئىزدەپ تېپىشىمغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن خەن يېزىقىنى قوشۇپ) قالدۇرۇپ قويساڭلار…شەنبە يەكشەنبە ئىككى پۇتۇمنى تامغا ئارتىپ يېتىپ بىر كۆرەي دەيمەن. بولارمۇ؟؟؟
ھە ھېلىقى دەششەت مۇشلاشچى شۇكەنغۇ، مەنمۇ نۇرغۇن كىنولىرىنى كۆرۈپتىكەنمە
تورخۇمار باشبەت باشقىچىلىغۇ . يانفۇندا چىققاندەكلا ،ئۆزگەردىمۇيە
بۇ سولتەك ھازىر ئىستىقباللىق ئارتىسلار ئىچىدە ياشراقى،مەنمۇ كىنولىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈپ قويىمەن.
كاساپەت مەندەكلا مۇشلۇشۇپ قۇيدۇ جۇمۇ ،
مەن بۇنىڭ 4 كىنوسىنى كۆردۈم . بولسا ھەممىسىنى تەۋسىيە قىلىۋىتەمسىلەر
بۇ ئادەم رول ئالغان كىنولارنى خېلى قىزىقىپ كۆرۈپ قويىمەن بولمىسا ، ئىشقىلىپ پىچەت كىنوغا چىقىدۇ بۇكىشى.
سىتەيىن خىلى بولدىغان گۇي جۇما يىڭى بىر كىنوسى باركەن .ھىلىقى نىمىتى ئىسمى…. لىلىيەنجى قاتارلىق داڭلىق كىنوچىلار ھەممىسى چىقىدىكەن. ئۆلۈم بىرنىسىمۇ،يا بىرنەرسە ئەترىتىمۇ،3قىسىملىق.
ھە ئىسىمگە كەلدى敢死队
بۇنىڭ ئۇرغان گالاچ-گۇلۇچلىرى ئاۋۇ چىقىۋاتقان مۇزىكىنىڭ ئۇدارلىرىغا دەھشەت چۈشۈپتىغۇ…
ئۇ رول ئالغان كىنولارنى خېلى قىزىقىپ كۆرۈپ قويىمەن بولمىسا ، ئىشقىلىپ پىچەت كىنوغا چىقىدۇ .مۇشۇنداق ھەركەتلىك فىلىملەرنىڭ ئارتىسلىرى ئىچىدە خېلى نامى بار چولپان بولمىسا ھېلىقى 13ب – رايۇن دىگەن فىلىمدىمۇ رولنى شۇنداق ياخشى ئالغان
ئۇ كېنوسىنى كۆرگەن، بۇ كېنوسىنى كۆرگەن دەۋەرمەي، كۆرگەن كېنولىرىڭلارنىڭ ئادېرىسىنى يوللاپ قويمامسىلەر، ھېچ بولمىسا ئىمىسىنى، كۆرمىگەن كىنولار بولسا بىزمۇ كۆرۈپ قويايلى
بۇ گۇي ئادەم ئۇرسا بەك ياڭزا چىقىرىپ ئۇرىدۇ، ئىشقىلىپ بەك ئاقسا بىلىندۇ ماڭا . كىيىنىشلىرى، ئاۋدىنى ھەيدىشى خاسلىقى بار ئارتىس جۇمۇ
شۇنى دېمەمسىلەر.لېكىن ئادەم سودىگىرى دېگەن كىنوسىدا ئادەم يوقتەك شۇچى دېگەن قاسماق بىلەن چىققىنى خۇددى زەدىۋاللىق مېھمانخانىغا تەرەت قىلغاندەكلا ئىش بولغان.كاللامدىن پەقەت ئۆتمىدى،يا لى مېي چى،يا جاڭ زىيى يا بولمىسا موۋېنۋېي بىلەن چىقسىمۇ بولاتتىغۇ.شۇچى ئەسلى بىر قاسماق،ئا كىنولاردىكى ئوبراز ھەرىكەتلىرى ئاندىن قاسماق،تازا شۇ قاسماق ئۈستىگە قاسماق دېگەندەك.
مەن بۇ رول ئالغان بىر قىسىم كىنولارنىڭ خەنچە ئىسمىنى قالدۇرۇپ قوياي.
《两杆大烟枪》《偷拐抢骗》《火星幽灵》《怒火攻心》《非常人贩》《救世主》《转轮手 枪》《乱战》 《War游侠》《末日危城》《死亡飞车》《银行抢劫案》《十三》《敢死队》《机械师/极速秒杀》《闪电》《杀手精英》《暂告安全》
机械师 暂告安全 玩命追踪 铁血精英 闪电 敢死队 十三 怒火攻心 死亡飞车 玩命快递3 银行抢劫案 游侠 地牢围攻 乱战 非常人贩2 非常人贩 偷拐抢骗
游侠— تەۋسىيە فىلىم،李连杰بىلەن بىللە رول ئالغان،ھەركەتلىك فىلىم
رەخمەت ، ھەنىم بوسا كۈرىدىغاندا كىنو بولسىمۇ تېپىلدى .