2013- يىلى ئېلان قىلىنىدىغان ئەڭ نادىر كىنولار ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات | كىنوخۇمارلار قېنى مەرھەمەت
يىقىندا تورخۇمارلار بىلەن كۆرۈپ ئۆتكەن 2012-يىلىدىكى 100 نادىر فىلىم جۇغلانمىسى ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلمىگەن بولسا كېرەك. بەلكىم شۇ تىزىملىكتىن ئەڭ نادىرلىرىنى تاللاپ كۆرىۋاتقان بولىشىڭىز مۈمكىن. يەنە بەلكىم قايسسىنى كۆرۈشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىش ئىچىدە قالغان بولىشىڭىزمۇ مۈمكىن. شۇڭا كىنو كۆرۈشتە يىل بىشىدىلا پۈتۈن بىر يىللىق كىنولار تىزىملىكىدىن ئۆزىڭىز چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك دەپ قارىغانلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇپ، ئېلان قىلىنىشىنى سەككىز كۆزىڭىز بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرۇڭ. ئۇنداقتا بۇ يىل قايسى نادىر كىنولار بىزنى تەققەززا قىلىدۇ ؟ تۆۋەندە تورخۇمارلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىمەن !
كۈزىتىشىمچە بۇ يىل بىزنى تەققەزا قىلىدىغان كىنولار يىلدىقىلىرىگە قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولۇپ، 2013- يىلىمىز ئوبدانلا مەنىلىك ئۆتكۈدەك. ھەممىمىزگە بىرقەدەر تونۇشلۇق بولغان كىنولاردىن «پولات بۆرە2»، «چاقماق پالۋان2»، «مەن رىۋايەت2»، «ئالاھىدە ئەتىرەت2»، «تۆمۈر پالۋان2»، «سۈرئەت ۋە ھېسىيات6»… قاتارلىق نۇرغۇن 2 لەر ۋە يىپيىڭى رىۋايەتلەر بار. تۆۋەندە 2013- يىلقى يىڭى كىنولار جۇغلانمىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى .
2013- يىلقى نادىر كىنولار تەشۋىق فىلىم جۇغلانمىسى
فىلىمنى كۆرۈپ ئانچە-مۇنچە ھاياجانلاندىڭىزمۇ يوق ؟ سىزنى ئالاھىدە تەققەزا قىلغۇدەك بىرەر كۆرۈنۈش چىقتىمۇ يا ؟ بەلكىم قىسقىغىنە نەچچە مىنۇتلۇق بۇ سىندىن تازا ئېنىق كۆرەلمىگەن بولىشىڭىز مۈمكىن. تۆۋەندە كەمىنە ۋىروس سىزلەرگە بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۇنداقتا تورخۇمارلار دىققەت بىلەن تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئالغا …
2013- يىلى كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك كارتون فىلىملەر :
چۇشۇنۈشمەسلىك كىلىپ چىقماسلىق ئۈچۈن تۆۋەندە فىلىم ناملىرى خەنچە ئېلىندى
بۇ يىل قويۇلىدىغان كارتون فىلىملەردىن دېسنى (پىكىسار) ئەسەرلىرىدىن : 《怪兽大学》、《飞机总动员》、《白雪皇后》 قاتارلىقلار. چۈش زاۋۇتىدىن : 《克鲁德一家》、《蜗牛》、《我和我的影子》、《眼镜狗和眼镜男孩》 قاتارلىقلار. كولۇمبىيە سىتۇدىيىسىدىن : «《蓝精灵2》、《天降美食2》 قاتارلىقلار. كۆك ئاسمان : 《艾匹克》جاھان تىلىۋىزىيەسى : 《卑鄙的我2》
2013-يىلى كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك ھەجىۋى رەسىمگە ئاساسەن ئىشلەنگەن 9 يۈرۈش قەھىرمانلىق قىسسىسى
بۇ تۈردىكى كىنولارنىڭ قارىشى ئېلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرمىكى دەيمەن. بەلكىم تۆۋەندىكى كىنولار ئىچىدىن يىللىق بىلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى رىكورتلار يارىتىلىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە كەمىنە ۋىروسمۇ مۇشۇ تۈردىن ئىككى كىنوغا چىكىت ئۇرۇپ قويدۇم. قېنى ئەمسە بۇ تۈردىكى كىنولارنى ساناپ ئۆتىلى. ئالدى بىلەن بالىلىقىمىزدىكى غايىۋى قەھىرمانىمىز 1.《超人:钢铁之躯》2.《钢铁侠3》3.《独行侠》4.《冥界警局》5.《金刚狼2》6.《雷神2》7.《罪恶之城2》8.《海扁王2》9.《300:一个帝国的崛起》 . بۇلاردىن پەقەت ئالدىنقى ئۈچىنىڭلا تەشۋىق فىلىمى ئېلان قىلىندى ، ھازىرچە شۇنى كۆرۈپ تۇرايلى.
2013- يىللىق كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك 9 يۈرۈش فانتازىيەلىك كىنو
فانتازىيەلىك كىنولارغا ئامراق بولۇشنىڭ بۈگۈنكىدەك رەقەملىك دۇنيادا ھېچ بىر باھانىسى بولمىسى بولمىسا كېرەك. لېكىن چوقۇم ۋەقەلىك بىلەن ئالاھىدە ئۈمۈم كاتتا چىقمىسا ھېساب ئەمەس. قېنى بۇ يىلقى دەرىجىدىن تاشقىرى فانتازىيەلەردىن قايسسىلار بار كۆرۈپ ئۆتىلى : 1.《僵尸世界大战》2.《星际迷航12》3.《遗忘》4.《末世》5.《环太平洋》6.《重返地球》7.《世界尽头》8.《安德的游戏》9.《极乐世界》
2013- يىلى كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك قورقۇنۇچلۇق كىنولار
نىمىشقىكىن ئەتىراپىمدا ئوغۇللاردىن بەكىرەك قىزلار مۇشۇ خىلدىكى ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرىدىغان قورقۇنۇچلۇق كىنولارنى كۆرۈشكە ئامراق. ئەلۋەتتە مەنمۇ قۇرۇق قالمايمەن. قورقۇپ تۇرۇپ يەنىلا ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ قويىمەن. لېكىن تۆۋەندىكى كىنولارنى كۆرۈشكە راسلا جۈرئەت قىلالمايدىغاندەكمۇ تۇرىمەن. جۈرئىتىڭىزنى سىناپ باقامسىز ؟ ئەمسە تۆۋەندىكى كىنولارنى كۆرۈشكە ئالدىراڭ ! 1.重口血腥《鬼玩人》2.科洛《魔女嘉莉》3.妮可基德曼《斯托克》4.劳模姐《妈妈》5.《德州电锯杀人狂3D》(已上映)6.《最后一次驱魔2》7.《黑暗天际》8.《灵动5》
2013- يىلدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر كۆرۈشكە ماس كەلگۈدەك كىنولار
«گۇگۇم شەھىرى» ئاياقلاشتى ، لېكىن يىڭى بىر ئەۋلات ياش قىز- ئوغۇللار قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقتى . ياش-ئۆسمۈرلەر دىسە خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ، ئەلۋەتتە چوڭلارنىڭ كۆرۈشىگىمۇ ئەرزىيدۇ. گەپ سىزنىڭ قانداق پورىتسىيە تۇتىشىڭىزدا…1.《温暖的尸体》2.《美丽生灵》3.《罗密欧与朱丽叶》4.《白骨之城》5.《宿主》6.《饥饿游戏2:星火燎原》7.《单向乐队演唱会(3D)》
مانا بۇلار 2013- يىلى قويۇلىدىغان چوڭ فىلىملەرنىڭ بىر قىسىمى. بەلكىم ھېلېتىن تەقەززا بولۇشقا باشلىغانسىز. يۇقۇردىكى كىنولار ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىمىز ھەرگىزمۇ بۇنۇڭلۇق بىلەن تۈگىمەيدۇ. بىز داۋاملىق ئەڭ يىڭى ئەڭ ياخشى كىنولارنى تورخۇمار ئارقىلىق تورداشلارغا تونۇشتۇرۇپ تۇرىمىز. ئەلۋەتتە بىرىنچى ۋاقىتتا سىزلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز! شۇنىڭ ئۈچۈن كىنوخۇمار دوسلىرىمىزنىڭ نەزىرى 2013-يىلى تورخۇماردىن ئايرىلمىغاي!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، قورقۇنچلۇق، قىزىقارلىق، كارتون، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 2013-latest-movie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇزىكانتلارغا يىڭى خىرىس | ماشىنا ئادەملەرمۇ jazz مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىغىدەك بوپتۇ
- كېيىنكى يازما > ئۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن دەيدۇ | Jason Statham نىڭ ئەشەددى مۇشتلاش كۆرۈنۈشلىرى
- ھورۇنلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچىدىغان ۋەھشەت قىلىقلار | ئەتراپىڭىزدا مۇشۇنداق چاقچاق كۆتۈرىدىغانلار بارمۇ؟
- ھوللىۋودنىڭ داڭلىق قەھرىمانلىرى ئارماننىڭ ئېلانىغا چىقىپتۇ دەيدۇ …
- بىز كۆرگەن ئوسكار ساھىبى «Life of Pi» دىكى كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە
- The Croods | «كرۇدىس جەمەتى» ئەڭ يىڭى تەشۋىق فىلىمى، ئەمدى كۆرمەسلىككە باھانە قالمىدى
- لىفىت ئىچىدىكى ئاجايىپ ۋەقەلەر| دىققەت : لىفىتكە ھەرگىز يالغۇز چىقماڭ
- بۇنداق ھەيۋەتلىك CG كۆرۈنۈشلەر پەقەت Blizzard نىڭ ئويۇنلىرىدىلا بار! 星际争霸2:虫群之心 نىڭ CG فىلىمى
- باللىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى ! ئەنگىلىيە باللار پاراۋانلىق جەمىئىتى Barnardo’sنىڭ ئامىۋى ئېلانى_ Life Story
- ئاجايىپ ماھارەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا ساياھەت قىلىش؟! | يانچۇقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ سىرلىرى
- كۆڭلىدىكى قىزغا قانداق يىقىنلىشىشنى بىلەلمەيۋاتقان گۈدەكلەرگە بىر قانچە ئۈنۈملۈك رىتسىپ
- دۇنيادىكى ئەڭ ئورۇق ئىسكىلىت قىزچاق! ھەقىقىي بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قېلىش دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ!
مەنمۇ تۆمۆر پالۋان3 كە قاراپلا قالدىم