[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 15-ئاۋغۇست]

ئەمەلىيەتتە بۇدۇنيادا تېخى ئانچە كۆپ ئادەم MacBook نىڭ ھەقىقى مەخپىيىتىنى بىلمەيدۇ، MacBook نىڭ تېخى دۇنياغا ئاشكارىلانمىغان بۇ ئىقتىدارىنى، ئىنتايىن تاساددىپى ھالدا بايقاپ قالغىنىمدىن بەكمۇ پەخرلىنىپ كېتىۋاتىمەن دېسە؟ بۇ مەخپىيەتلىكنى بايقىغانلىقىم ھەمدە torhumar.com دا ئېلان قىلىنغانلىقى سەۋەبى، torhumar.com دىكى تورداشلار ۋە ستىۋېن جوبسمۇ تەسىرلەنگەن ھالدا لۆم-لۆم كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىشىپ كەتتى…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 14-ئاۋغۇست]

چەتئەلنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسىدا بىرەيلەن، بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەڭ سۆيۈپ ئوينايدىغان كلاسسىك FC ئويۇنى «تانكا ئۇرۇشى»نى ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە قىزىقارلىق ئۇسۇل بىلەن ئويناپ بەرگەن. بۇ سىندا ئوينىغۇچىنىڭ تېخنىكىسغا ئەمەس، ئاساسلىق ئېكراندىكى بولۇۋاتقان مەنزىرىلەرگە قاراپ ھوزۇرلانساق بولدى.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 13-ئاۋغۇست]

ھېكايىنىڭ باشلىنىش قىسمى ئىنتايىن ئىللىق باشلىنىدۇ، Alma ئىسىملىك بىر قىز ئۆزى يالغۇز ھالدا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر تار كوچىدا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر ئويۇنچۇق دۇكىنىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر قونچاقنى كۆرۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەجەپلەنگەن ھالدا ئويۇنچۇق دۇكىنىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭىدۇ…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: ]

بۇدۇنيادا ئىچى پۇشقاندا ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ باقىدىغان بىكارچى خەقلەر ھەقىقەتەن كۆپ. ئەسلىدە تىك-تاك توپنى مۇنداقمۇ ئويناش ئۇسۇلى بار ئىكەن، بىز بۇ يەردە بۇ سىندىكى ماھارەتلەرنىڭ زادى قانچە قېتىم تەكرار سىناشلار ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى ياكى بىرەر ئالاھىدە تېخنىكا بىلەن كىرىشتۈرگەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمايلى، ئاۋال بىر سىننى كۆرۈپ چىقايلى…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 12-ئاۋغۇست]

12 دانە iPhone/iTouch تا زادى نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟ يەنە نېمە قىلغىلى بولاتتى، ئەلۋەتتە پارچە ئېكرانلارنى بىرىكتۈرۈپ چوڭ كىنو ئېكرانى ياساپ كىنو قويغىلى بولىدۇ! Mongoose دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا مۇشۇنداق بىر ئېكراننى ياساپ چىققان. ئەمىلىيەتتە جەمئىي 13 iPhone ياكى iTouch كېتىدىغان بولۇپ، بىر دانە iPhone ئارقىلىق قالغان 12 دانە iPhone نى كونترول قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 11-ئاۋغۇست]

كىشىلىك تۇرمۇشتا بەزى ئىشلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن يولدا كېتىۋاتقان چېغىڭىزدا يېنىڭىزدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبېل سەۋەبىدىن چاچرىغان يول بويىغا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيى، سكونتىغا نەچچە يۈز مېتىر سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئوقنىڭ ئەينەكنى تېشىپ ئۆتۈشى دېگەندەك…تۆۋەندىكىسى چەتئەللىك تورداشلار ئالىي دەرىجىلىك كامېرادا سۈرەتكە ئالغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، ئاستىلىتىلغان بىر قىسىم مەنزىرىلەر ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 9-ئاۋغۇست]

Super Mario(بىز كىچىك چېغىمىزدا سەيموگو دەپ ئاتىۋالىدىغان ئويۇن شۇ) نىڭ دۇنيادىكى ئەك كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئارىمىزدا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ يېقىندا بىر تورداشنىڭ بۇ ئويۇننىڭ بارلىق ئۆتكەللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاماملىغان سىن خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم، تېز تاماملىغىنىغۇ بوپتۇ، بىراق بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئوينىۋەتكىنىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئاغزىم ئېچىلىپ قالدى…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: ]

ئالدىنقى قېتىم تەڭداشسىز قىزىل ئارمىيىمىز مايكېل جېكسوننىڭ Beat It ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن توردا بىراقلا داڭ چىقىرىپ، ھەممىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتتى. بۇدا قىزىل ئارمىيىمىز بىز كىچىك چېغىمىزدا ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ياپونىيەنىڭ 101 قىسىملىق كارتون فىلىمى «ۋاسكېتبول ماھىرى»نىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ كۆپ خىل تىلدا ناخشا ئېيتالايدىغان ئۇنۋېرسال خاراكتېردىكى كەسپى قوشۇن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى!!!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 8-ئاۋغۇست]

بۇنداق قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك فىلىم كۆرۈپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، ئۈچ مىنۇتقا يەتمەيدىغان بىر قىسقا فىلىمدە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى قارا ئۆڭكۈر ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېرىشكەن كۈچ-قۇدرەت ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشتەك چوڭقۇر بىر مەنا ئىپادىلەنگەن…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 5-ئاۋغۇست]

ئالدىنقى قېتىم Super Mario بىلەن پۇرچاق يېگۈچىنىڭ جېڭىنى يوللىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشى خېلى يامان ئەمەس ئېشىپ قاپتۇ، تور ئارىلاۋېتىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىگەن ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن سىنلىرىنى بايقاپ قالدىم، بۇنىڭ ئارىسدا سىپارتا بىلەن نورېس، نارۇتو بىلەن ئەزرائىل، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن گېسىلا قاتارلىقلارنىڭ جېڭىمۇ بار، تۆۋەندەك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچىنى قالدۇرۇپ قوياي.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 4-ئاۋغۇست]

«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» ئويۇنى(使命召唤:现代战争2) بۇ يىلقى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. خۇددى ئالدىنقى «400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى»گە ئوخشاش، بۇداقىسى چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللارلىق تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا فىلىم «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» بولۇپ، فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئىككى مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان فىلىمدىن ئېسىل دېيىشكە بولىدۇ، مەزكۇر ئويۇننىڭ مەستانىلىرى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان نادىر فىلىم…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 3-ئاۋغۇست]

بۇ يېقىندا تورداشلار رەتلەپ چىققان توپلانما سىن بولۇپ، بۇ توپلامدا بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان نەقمەيدان كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن، ئىشقىلىپ سەۋەپ قىلسىڭىز، ھەرقانداق ئىشنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى باردەكمۇ قىلىدۇ جۇمۇ!

ئوغابالا يازغان نەرسىكە ماۋۇ ...قىزبالا يازسا ئۆزىنى جاپاكاش قىپ يازدا ...
ئوخخو كالا ھارۋىسىدىن تىز بوسا دەششەتكە جۇما ...مىنىڭكى ئات ھارچىسىدىن ئاستا دەيمە
ئۇ قىز نىمىشقا htc غا ئامراق بوپ قاممىغاندۇ ،،يىگىت ئىزدىسىمۇ تاپالماس بولغىيتى htc نىڭ ساختىسنى ،،،
بۇ سىننى چۈشۈرۋىلىپ ساقلاپ قويمىسام ،،،ئاللا خالىسا باللىرىمغا كورسىتىشكە نىسىپ بولار،،،
جۇڭگو نىڭ تور سۈرئىتى ئافرىقىدىن تىزلىقىغا ئىشىنمەن ،،قايسى كۈنى 360نىڭ تور سۈرئىتى ئولچىگۈچىدە ئول
ئالامەت ياساپ قۇياپتۇ!
بۇ ھەزىللەش سەنئىتىمۇ بەك كۆڭۇللۈك ئىش جۇمۇ راستىنلا
بىچارە دېئوفنىىڭ ۋەت-ۋەرىكىنى چىقىرىپ تاشلاپتىغۇ
ئوڭشاپ قويدۇم، رەھمەت
ئاۋۇ رەسىم سىرىتقى ئۇلىنىشنى قوللىمايدىكەن ، بېكەتنىڭ بوشلۇقىغا چىقىرىۋەرمەي