[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 5-ئاۋغۇست]

ئالدىنقى قېتىم Super Mario بىلەن پۇرچاق يېگۈچىنىڭ جېڭىنى يوللىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشى خېلى يامان ئەمەس ئېشىپ قاپتۇ، تور ئارىلاۋېتىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىگەن ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن سىنلىرىنى بايقاپ قالدىم، بۇنىڭ ئارىسدا سىپارتا بىلەن نورېس، نارۇتو بىلەن ئەزرائىل، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن گېسىلا قاتارلىقلارنىڭ جېڭىمۇ بار، تۆۋەندەك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچىنى قالدۇرۇپ قوياي.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 4-ئاۋغۇست]

«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» ئويۇنى(使命召唤:现代战争2) بۇ يىلقى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. خۇددى ئالدىنقى «400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى»گە ئوخشاش، بۇداقىسى چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللارلىق تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا فىلىم «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» بولۇپ، فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئىككى مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان فىلىمدىن ئېسىل دېيىشكە بولىدۇ، مەزكۇر ئويۇننىڭ مەستانىلىرى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان نادىر فىلىم…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 3-ئاۋغۇست]

بۇ يېقىندا تورداشلار رەتلەپ چىققان توپلانما سىن بولۇپ، بۇ توپلامدا بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان نەقمەيدان كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن، ئىشقىلىپ سەۋەپ قىلسىڭىز، ھەرقانداق ئىشنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى باردەكمۇ قىلىدۇ جۇمۇ!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 2-ئاۋغۇست]

بۇ فىرانسىيەنىڭ مەلۇم مېنىرال سۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ئېلانى بولۇپ، YouTube غا چىقىرىلغان كۈنى بىردىنلا چېكىلىشى شىددەت بىلەن ئېشىپ نام چىقارغان، سىندا بىر قانچە نەپەر زاكا ئورىۋالغان بوۋاقلار بىر تەرەپتىن مۇز تېيىلىش ئايىغى بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرسە، بىر تەرەپتىن كوچا ئۇسۇلى ئويناپ، ئورۇنداش قىيىن بولغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئورۇندايدۇ…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: ]

گەرچە بۇ سىن ئېلان قىلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بىراق توردىكى چېكىلىشى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقان سىنلارنىڭ بىرى. سىن ئاپتورى Bruce Branit بولسا دۇنيادىكى داڭلىق ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى، نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرى ئۇنىڭ قولىدىن چىقىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەزكۇر سىننى ئىشلەشكە 2 يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن ئىكەن، پۈتكۈل سىن مەيلى ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن، مۇئەييەن بىر پەللىنى يارىتىپ بېرەلىگەن، فىلىمنىڭ قويۇلىشىغا ئەگىشىپ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ۋەقەلىكمۇ بارا-بارا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ، قىززىقسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 1-ئاۋغۇست]

بۇ بولسا بىر قانچە ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدىكى پارچە كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ھازىرقى كىنو-فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ ھەقىقەتەن نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ ماڭسا، ئەتە ئۆگۈن بىر ئۆيدىن چىقمايلا پۈتۈن بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشمۇ تامامەن مۇمكىن بولغۇدەك!!!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 31-ئىيۇل]

ھېكايە ۋەقەلىكىدە Ryu دۇنياۋى ئايلانما مۇسابىقىگە ماڭغان چاغدا، Ken ئۇنىڭغا ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىر قەپەس ئېلىشىپ مېڭىشنى ئېيتىدۇ، پۈتكۈل ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئۈنۈمى ھەقىقىي ئويۇنغا يۈكسەك دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىۋېتىلگەن….
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: ]

بۇ بولسا روسىيەدىكى داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش تور بېكىتى Tviglo دىن تارقالغان ئەسەر بولۇپ، پۈتكۈل ئەسەر ئاجايىپ مول تەسەۋۋۇر ۋە كۈلكە تۈسىنى ئالغان، مەزكۇر سىندا پۇرچاق يېگۈچى(Pac-Man) بىلەن مارىيو(Super Mario) ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان قىزىقارلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن، قايتىدىن ھاياتلىق بېرىلگەن بۇ پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە زادى كىم يېڭىپ چىقار؟ قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2010-يىل 30-ئىيۇل]

كومپيۇتېردا ئاپتوموبېل ئويۇنلىرى ئويناش ئاللىبۇرۇن ئومۇملاشقان بىر ئىش. بىراق كومپيۇتېردا بىزگە مۇسابىقە ئاپتوموبېلىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگىنى پەقەتلە تۆت دانە يۆنىلىش كۇنۇپكىسى، ناۋادا ھەقىقىي ئاپتوموبېلغا ئولتۇرۇپ ھەيدىگەندەك ئۈنۈمدە ئوينىغىلى بولسا قالتىس بولاتتىدە؟
بىراق بەزىلەر ئاللىبۇرۇن بۇ خىل ئۈنۈمدىن ھوزۇرلىنىشنى باشلىغاندەك قىلىدۇ، سۈرئەت تېزلەتكەندىكى ئۈنۈم بەك قالتىسكەن، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى قانچە پۇلدۇ؟
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: ]

تەڭداشسىز تەسەۋۋۇر، ئاجايىپ لايىھە!!! ئارتۇق گەپ قىلماي، كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ بېقىڭلار، پۈتكۈل قۇرۇلمىنى لايىھەلەش ۋە قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ؟
مۇشۇنداق يانفۇن بار بازارغا سېلنىدۇ دىمەكچىمۇ يا بۇ بىر خىيالمۇ ؟
يانفۇن ئوينايدىغان كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا ئوخشايدۇ. ئايفون ئوينىدۇق دەپ خوش بۇپ كەتمىسەك بولغىدەك .
ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئېلىپ قويۇپ ئالدىرماي كۆرەيلى
پاسىبانغا نۆۋەت كەپتۇ، يېڭى دەۋىردىكى پاسىبان، قېنى پەگاھقا مەرھەمەت!!! :mrgreen:
ھېلىقى بىر كىنودىكى تېلېفوندەكلىما؟ كەلگۈسىدە يانغوننى كۆتۈرۈپ بوتكا تالىشىمىزكەندە :mrgreen:
يوۋۋۋۋۋۋۋ، بىزگىمۇ دىۋان تىگىدىكەن.. :wink: :wink: :wink: :mrgreen:
ھەممە قىسىملىرى تۈگىدى. ئاخىرىدا سىزگە ئۇچۇرىغان بارلىق پېرسوناژلار، ۋە كىچىك ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى بى
مەن تازا ئوبدان ئىشلىتەلمىدىما ئۇنى ؟
مەن كۆرگەن
ماۋۇ سېلىشتۇرۇشنى ... دادامغا نەچچە يەردىن ۋەدە بېرىپ 学习机 ئالدۇرۇپ ئۇكام بىلەن ۋەدىنى ئۇنتۇپ شۇنداق