• تومۇز ناخشىسى

    يوللانغان ۋاقتى:03-02-2012   مەنبە: تارىم 2010-يىلى 12-سا   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    تارىم ژۇرنىلنىڭ 2010-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

            تومۇز ناخشىسى

     

      ئابلىكىم مۇھەممەت

     

            پىچىرلاش

     

    باھارنىڭ شامىلى پىچىرلار تىنماي،
    كۆكەرگەن تاللارنىڭ قۇلاقلىرىغا.
    قۇشلارنىڭ ناخشىسى چىچەك ئاچىدۇ،
    ئويغانغان بىخلارنىڭ زىناقلىرىغا.

     

    ئۆچەكتىن قىمىرلاپ تۇردى يۈرىكىم،
    ياشارغان ھاياتنىڭ ھىدىنى ئېلىپ.
    نىمانچە ئۇزۇن چۈش ئېغىر قىش دىگەن،
    يىراقلار بارغانچە پۇشۇلداپ تىنىپ.

     

    يېڭى كۆك،نەۋرۇزنىڭ جىلۋىسى ئىچرە
    بىر ياشنى ئۇزارتار مەمنۇنلۇق بىلەن.
    خۇش ھاۋا تارايدۇ شالاڭ چاچلارنى
    تۈنجى رەت ھاياتنى كۆرسىتىپ لېۋەن.

     

    سۈپ-سۈزۈك سەھەردە سۈزۈك ئادەملەر،
    ئاقىدۇ ئۆزىنىڭ ئېقىنلىرىغا.
    بىرسىنى ئىزدىشەر ئەتراپقا قاراپ،
    ھېچكىشى ئوخشىماس يېقىنلىرىغا.

     

    بىر تارام بولۇپلا ئاقتىم قۇملۇققا،
    شور باسقان ساھىلنىڭ قولىنى تۇتۇپ.
    بۇ قۇتلۇق كۈنلەرنىڭ مەسىتلىكى بىلەن،
    دەردىمنى بىر پەسكە كەتتىم ئۇنۇتۇپ.

     


                تومۇز ناخشىسى

     

     

    كۆيمەكتە بۇ جانلار سەنمۇ كۆي جانان،
    مۇز قاتقان ھۇجراڭدىن ئېرىپلا چىققىن.
    ئەسىرلەپ چاڭقىغان بارخانلىرىمغا،
    تاش بولغان ئالمىدەك كۆكسۈڭنى ياققىن.

     

    كەڭ ئېقىن ئىچىدە ئازلا سۈيى بار
    دەريادەك ياشىدىم ئۈنسىز ئىنتىلىپ.
    چىللىغىن قۇملۇقتا باراي مەن تېزرەك،
    تۇرالماي قالساممۇ بۇ رەت يىقىلىپ.

     

    يىقىلغان توغراقنىڭ ئاۋازلىرىغا
    قۇلاق سال،بۇ مېنىڭ ئاخىرقى زارىم.
    مىڭ ياشلار چۈشلەردەك كەتتى سارغىيىپ،
    موزىيدا ئۆچمەكتە ئاجىز سادايىم.
     




    ھالقىلىق سۆزلەر : تومۇز،ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئابلىكىم مۇھەممەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: ئالىي ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 23:02 02-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:04 21-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    • سۆيگۈ تىنىقلىرى...

      ئاپتورى: ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا 1 خاكىراھتىن بىر مۆجىزە قىلدى پەيدا، سۆيگۈ شۇ، يارىلىپلا تۇ...

    • ئۈمىد تۇغقان ناخشىلار...

      ئاپتورى: يۈسۈپجان ئەخمىدى ئۈمىد ئادەمنىڭ غول يىلتىزى ئۈمىد دېگەن دېمەككى، كۆكلەر ئادەم ئ...

    • باھار كۈيى(غەزەل)...

      ئاپتورى: ئەكبەر نىياز پەتتارى 1 باھاردىن كۆپ بېشارەتلەر زېمىننى گۈل قۇچاقلايدۇ، چىرايلىق...

    • ئا.تالىپ: غەزەللەر...

      ئاپتورى: ئابلىكىم تالىپ 1 سېنىڭ ئۈچۈن بىر شېئىر يېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا، سۈرىتىڭنى قەلبىمگ...

    • نەزمگاھ بىر تەختىگاھ...

      ئاپتورى: ياسىن زىلال نەزمگاھ بىر تەختىگاھ ھەر قېتىم شائىرلىقىم قۇچسا لاۋا، كېلىدۇ يادىمغ...

    • يامغۇرلۇق كېچە(شېئىرلار)...

      ئاپتورى: ساداقەتجان ھاجى يامغۇرلۇق كېچە يامغۇر ياغقان ئاشۇ كېچىنى ئەسكە ئېلىپ سۈرىمەن خى...

    • ياغقاندا كۆڭۈلنىڭ سىم-سىم يامغۇرى...

      ئاپتورى: ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بارىدىغان يول سۆيگۈنى ئاتايمەن تاتل...

    • سۆيگۈ تېشى...

      ئاپتورى: قاسىمجان ئوسمان غازى سۆيگۈ تېشى چىمەننىڭ كۆزلىرى رەڭلەندى رەڭدە، سەنمۇ ئاچ كۆزۈ...

    • باھار غەزەللىرى...

      باھار كەلسە كۈلۈپ خۇشخۇي ئېچىلغاي گۈل دىيارىمدا، ناۋا ئەيلەر چىمەن باغلار ئارا بۇلبۇل د...

    • بەشنامە(غەزەللەر)...

      كۆيۈملۈك دىلبىرىڭ بولسا باھار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا، جاھالەت كۆكسىنى تىرناپ ناھار كۆكلەيدۇ...

    تەۋسىيە كىتابلار