• بەشنامە(غەزەللەر)

    يوللانغان ۋاقتى:18-01-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 2 قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    كۆيۈملۈك دىلبىرىڭ بولسا باھار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا، جاھالەت كۆكسىنى تىرناپ ناھار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا

    ئاپتورى: ئابدۇقادىر سادىر

    مەھبۇبنامە

    كۆيۈملۈك دىلبىرىڭ بولسا باھار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا،
    جاھالەت كۆكسىنى تىرناپ ناھار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    ئۆيۈڭ مەھبۇب بىلەن جەننەت، كۈنۈڭ خەندانە - خەندانە،
    مۇھەببەت ئەۋجىدىن ئاۋات بازار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    ۋاپانىڭ يامغۇرى تۆككەن شىپالىق قەترىدىن بىر كۈن،
    ئەقىدەڭ قانىغا رەڭداش ئانار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    ئۇنىڭ پاك مېھرىدىن سۆيسە ھاياتىڭ باغىنى گۈل - گۈل،
    سۇباتلىق جەزبىدار شەمشاد قاتار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    نىگارىڭ پاك ئەقىداتى سېنى بەختىڭگە خان ئەتمىش،
    ئۇنىڭ ئاپپاق تىلەكىدىن مۇنار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    لېۋىدىن سۇ ئىچىپ يارنىڭ، يۈرەكىڭ ياشنىسا بىر رەت،
    يىگىتلىك قۇربىتى مەغرۇر چىنار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    ۋاپاسى بولسا بەس، قەلبىڭ قەدەھىدە لەزىز مەي بار،
    چۆلى ھىجران ئاراسىدىن دىدار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    ناگاھ غەپلەتتە شەيتاننىڭ قېنىنى ئوتلىدىڭ قەترە،
    شۇبۇ ئازغۇنلۇقۇڭ ۋەجى ئازار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    ۋاپالىق دىلپىگار سۇنماس قاناتتۇر ئەرگە مەڭگۈلۈك،
    ناگاھ قايرىلدى بىر تال پەر، مازار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا.
    سۆيۈملۈك مەھبۇبىڭ بولغاچ بەختلىك ئابدۇقادىر سەن،
    ئۇنى چىن سۆيمىسەڭ بىر كۈن پاسار »كۆكلەيدۇ« باغرىڭدا.

    نىگارنامە


    تاپاي مەن قايسى شادلىقنى ھاياتتىن ئەي نىگار سەنسىز،
    بېغىمنى يوقلىغاي قايسى جۇدۇندا گۈلباھار سەنسىز.
    خازانلىق باغدا ئۇرغايمۇ مۇرادىم بۇلبۇلى قەھ − قەھ،
    شىپالىق ئەمنى نە تاپقۇم بەختتىن بىدىدار سەنسىز.
    ئىشق دەشتىدە سەرگەردان ئىدىم ھىجرىڭ بالاسىدىن،
    تېرىپ مەستانە مەشرەپتەك ئىزىڭدىن »يولچاۋار« سەنسىز.
    پىراقىڭ ئىلكىدە قاقشاپ يىقىلغان چاغدا نىمجانە،
    مالامەت تاشلىرى ئەتتى پېقىرنى بىمادار سەنسىز.
    ھىجىرنىڭ كەربالاسىدىن سېخىي سۆيگۈڭ قۇتۇلدۇرمىش،
    ئاداشقان بى بەخت قانداق ماكانىنى تاپار سەنسىز.
    ماڭا سۆيگۈڭنى يار ئەتتىڭ - بەختنى تىلتۇمار ئەتتىڭ،
    بۇ بەختى كاجغا كىم ئىنساب كۆزىدە تىك باقار سەنسىز.
    بۈگۈن مەردانە يار ئەتتىڭ ۋىسالىڭ تەختگە سۇلتان،
    جۇنۇن سۇلتانغا كىم نۇسرەت نەزەرىنى چاتار سەنسىز.
    بۆلەكتىن ئاتتى قەلبىمدە ئۈمىدنىڭ تاڭلىرى جۇشقۇپ،
    قېقىرتاڭ بوزدا نە كۈلگەي قاقاقلاپ لەيلىزار سەنسىز.
    قۇرۇق قاقشالغا جان بەرگەن بەختنىڭ يامغۇرى سەن − سەن،
    شۇبۇ ئامەت شارابىنى چىنەمگە كىم قۇيار سەنسىز.
    بۈيۈك ئارمان راۋاقىدا قوشۇلدى لەيلى ۋە مەجنۇن،
    ئىشق دۈشمەنلىرى ئوتتا يىلاندەك تولغىنار سەنسىز.
    نىجادلىق ئابدۇقادىرغا سېنىڭدىن بولدى بەخشەندە،
    ئۇنىڭ قەلبىگە تىكلەنگەي يەنە قانداق مۇنار سەنسىز.

    ھەيرەتنامە


    ئاق جۇۋان ئاق كۈلكىدىن ئاپتاپنى باشلاپ كەلدى خۇش،
    بىپايان دىل مۈلكىدىن ئىنسابنى تاشلاپ كەلدى خۇش.
    جىلۋىدار جۈپ كۆزلىرىدە جۇش ئۇرار مۆلدۈر بۇلاق،
    كىرپىكىنىڭ خەنجىرى جاننى تاراشلاپ كەلدى خۇش.
    لەۋلىرىنىڭ رەڭگىدىن گۈللەر چاناقتا قان يۇتار،
    ئاق جۇۋان مەغرۇرلۇقىنى چىڭ باغاشلاپ كەلدى خۇش.
    ھەر نىگاھى دىلنى ئوۋلاپ گاھى جاڭگالغا ئاتار،
    شوخ تەبەسسۇم تەكتىدە چوغنى ھاپاشلاپ كەلدى خۇش.
    تالى مەجنۇن قامىتىدىن باغدا سۇمبۇللار خىجىل،
    قىرغاۋۇللار رەشك ئوتىدىن كۆزنى ياشلاپ كەلدى خۇش.
    نازىنىنلار چىشلىشىپ بارماقلىرىنى ئەتتى خار،
    نەۋجۇۋانلار بىقارار باشىنى قاشلاپ كەلدى خۇش.
    ئايغا باققان بارچە دۇنيا ئەڭنىدە ھەيرەت تونى،
    كىملىكى يىتكەنلەرى يوللار ئاراشلاپ كەلدى خۇش.
    قىستى ھەيرەتتىن كۆزىنى كۆكتە ئاھ ئەيلەپ قۇياش،
    ئۇشبۇ قىسمەتتە تالاي بار - يوق ياۋاشلاپ كەلدى خۇش.
    پىتنەخورلار كۆزلىرىگە مىخ قېقىلدى شۇ مىنۇت،
    دەل قوتۇر ئىت تېرىسىنى چوغدا ئاشلاپ كەلدى خۇش.
    ئابدۇقادىر شۇ زامانلار ئىشق توپانىدىن چىقىپ،
    بىنەزەر يارنىڭ قولىنى بىللە ئۇشلاپ كەلدى خۇش.

    ئەركەكنامە


    ئىرادە بولسا ئەركەكتە داۋان ئاتلايدىغان چاغ بار.
    چىقىپ خاك ئاستىدىن زەردەك ھامان چاقنايدىغان چاغ بار.
    بېلىدە بولسا چىڭ بەلباغ ئۈمىدنىڭ رىشتىدىن پۈتكەن،
    دوقال پەشتاقىدىن كۆكرەك كېرىپ تاقلايدىغان چاغ بار.
    تومۇردا لەڭ ئۇرۇپ ئاقسا مېھىر - شەپقەت قېنى جۇشقۇپ،
    ئۇيۇپ قارچۇققا نامىنى جاھان ساقلايدىغان چاغ بار.
    ئازار توقماقىدا ئەتتىڭ قەدەھلەر باغرىنى چۇل - چۇل،
    نىزانىڭ قارغىشى بىر كۈن سېنى بابلايدىغان چاغ بار.
    چۆكۈپ غەپلەت شارابىنىڭ خۇمىغا ياتسا »كۈي« تىڭشاپ،
    نادامەت تاشىدا بىر كۈن يۈرەك چاقلايدىغان چاغ بار.
    ئۆزىدىن ھالقىغان ئەرگە ئېگىز ئاسماندا جەۋلان كۆپ،
    جەبىر قورشاۋىدا تەمكىن - بېشى قاتمايدىغان چاغ بار.
    ساداقەت بولسا قەلبىڭدە مۇھەببەت جامىدا لىق مەي،
    ئەرشتە ئايپەرى مىڭ يىل ساڭا ساقلايدىغان چاغ بار.
    ناگاھكى تاشى تۆھمەتنىڭ بېشىڭغا ياغسا قىسمەتتىن،
    ناھەق زىندان دىۋارىمۇ سېنى ئاقلايدىغان چاغ بار.
    ئۆزىنى سۆيمىگەن ئاشىق نىگارى كۆڭلىدە بىر قۇل،
    سۆيۈشلەر ئەۋجىدىن لەززەت ئۇنى ياتلايدىغان چاغ بار.
    بۇ ئالەم ئەسلىدىن چولتا - پۈتۈنلۈك يوق ۋۇجۇدىدا،
    سېنى گاھ ئەيلىسە خاقان، تۇرۇپ قاتلايدىغان چاغ بار.
    ئۆزۈڭگە ئابدۇقادىر پاك نىيەت - ئىخلاسنى يار ئەيلە،
    جېنىڭغا كەلسە گەر ئالۋان ساما ساقلايدىغان چاغ بار.


    قىسمەتنامە


    ئايازدا مۇزلىغان دەريا سۈيى ئاقمايدىغان ئىش بار،
    مۇرۇۋەت تاپمىغان ئەرنىڭ ئېتى ئاقسايدىغان ئىش بار.
    دىلىڭ ئاق، خەيرلىك دەملەر بېشىڭغا سايىبان مەڭگۈ،
    قارا پاتقاققا چۆككەن تىغ سېسىپ داتلايدىغان ئىش بار.
    ئامانەت ئۇشبۇ دۇنيادا ساڭا بەخشەندە ھەر ئامەت،
    ئىشەنگەن كاتتا تاغىڭدا كېيىك ياتمايدىغان ئىش بار.
    ئېتىڭ چاپقاندا ئويلاپ قوي ياياق يۈرگەن توقايلارنى،
    يۇتۇپ تۈكرۈكنى ئاھ ئەيلەپ دىۋار ياقلايدىغان ئىش بار.
    تاقاپ ئالتۇن بېزەكلەرنى دەۋر سۈرگەنلىرىڭ بىر پۇل،
    زامانلار ئۆتسە كەشىڭگە پۇتۇڭ پاتمايدىغان ئىش بار.
    يوچۇقتىن چۈشسە گەر ئاپتاپ ئېشەكنىڭ ئۈستىگە زەررە،
    قولۇڭنى بىقوۋۇللۇقتىن ئاڭا قاقلايدىغان ئىش بار.
    سېتىپ ۋىجداننى شۆھرەتكە ئىماننى ئەيلىسەڭ تۇترۇق،
    ئاداشقان ئىتقا يول باشلاپ چېقىن چاقمايدىغان ئىش بار.
    ھايات ياغدۇرسا لەنەتنى خوجايىن قۇلغا قۇل بولمىش،
    پۇچۇق قىڭراققا بەستىڭنى يونۇپ ساپلايدىغان ئىش بار.
    ئىچىپ تۇرغان بىلەر ئىنساب مەيىنى شۈكرى جامىدا،
    تېگىدىن داتلىغان روھنى مامات قاتلايدىغان ئىش بار.
    ھەزەر قىل ئابدۇقادىر سەن شۇبۇ قىسمەتكە قالمىشتىن،
    لەئىن تۆھمەت يالاسىنى ساڭا چاپلايدىغان ئىش بار.
     




    ھالقىلىق سۆزلەر : غەزەل، شېئىر


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

      ::::تارىم ئاۋازلىق ئەسەرلىرى:::: :::::::قەشقەر تەسىراتلىرى::::::: ::::::::::مامۇت سەپرا:::::::::: ::::::::::ساراڭ ئانام:::::::::: ===============================

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار