• باھار غەزەللىرى

    يوللانغان ۋاقتى:18-01-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    باھار كەلسە كۈلۈپ خۇشخۇي ئېچىلغاي گۈل دىيارىمدا، ناۋا ئەيلەر چىمەن باغلار ئارا بۇلبۇل دىيارىمدا.

    ئاپتورى: مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

     1
    باھار كەلسە كۈلۈپ خۇشخۇي ئېچىلغاي گۈل دىيارىمدا،
    ناۋا ئەيلەر چىمەن باغلار ئارا بۇلبۇل دىيارىمدا.
    باھار ئىزدەپ ئاياز رەنجىدە دەرد تارتقان ئەزىز جانلار
    خۇشال كۈلگەي بولۇپ ئارزۇ - تىلەك مەقبۇل دىيارىمدا.
    باھار ۋەسلىدە كەڭ ئالەم تولار شادلىق نۇرى بىرلە،
    چىقار ھەم ئەۋجىگە مۇڭلۇق مۇقام - مەرغۇل دىيارىمدا.
    باھار ئىلھامىدىن چەكسىز قۇۋۋەت ئالسا ئۇلۇغ خەلقىم،
    بولۇر كۈن - تۈن ئىجاد - ئەمگەك بىلەن مەشغۇل دىيارىمدا.
    باھار ئىشقى سېنى كۆيدۈرسىمۇ تۇغلۇق ئۈمىدۋار بول،
    زىمىستان قورغىنى شەكسىز بولار چۇل - چۇل دىيارىمدا.


    2
    ئانا يەر قوينىدا گۈللەر ئېچىلماس خۇش باھار سەنسىز،
    جاھانغا گۈل ھىدى مەڭگۈ چېچىلماس خۇش باھار سەنسىز.
    چۈشىدە رەڭمۇرەڭ گۈلەر ئۈزۈپ يۈرگەن يۈرەكلەرگە،
    ھاياتلىق ئىشقىدا گۈلخان يېقىلماس خۇش باھارسەنسىز.
    قىلىپ بەند ئۇيقۇغا پۈتكۈل زېمىننى قوينىغا ئالغان،
    زىمىستان باشىدا چاقماق چېقىلماس خۇش باھار سەنسىز.
    ئۈمىدنى تۇغ قىلىپ مەغرۇر ياشاپ كەلگەن بىلەن ئادەم،
    ئۆمۈر داستانىغا كۈيلەر قېتىلماس خۇش باھار سەنسىز.
    ئىجادنىڭ كانىدىن كۆپلەپ گۆھەرلەر قازسىمۇ تۇغلۇق،
    ئاڭا دىل رىشتى دىلدارنىڭ چېتىلماس خۇش باھار سەنسىز.


    3
    باھار كەلدى، ئانا يەر چېھرىگە ھەم بولدى قان پەيدا،
    نە قاندۇر بەلكى پاك سۆيگۈ بىلەن ھەر تەندە جان پەيدا.
    قاراڭ، شاۋقۇن سېلىپ ئاققاي ئايازدا مۇزلىغان دەريا،
    بولۇپ ئىللىق باھارنىڭ تەپتىدىن دولقۇن - قىيان پەيدا.
    زىمىستان پەسلىدە قايغۇ - ئەلەملىك يىغلىغان قۇشلار
    يېقىملىق سايرىدى گۈللەر ئارا، خۇشخۇي زۇۋان پەيدا.
    قىزىل گۈل ئىشقىدا ياڭراق ناۋا قىلغاندا شوخ بۇلبۇل،
    بولۇپتۇ قاغا - قۇزغۇن باغرىدا ئاچچىق پىغان پەيدا.
    چىمەنلەر قوينىدىن ئىلھام قىزىنى ئىزلىدى تۇغلۇق،
    قۇچاق ئاچسا بولۇر شەكسىز ئۆمۈرلۈك بەختۇ شان پەيدا.


    4
    ئەجەب كۈلدۈردى ئالەمنى بولۇپ خۇشخۇي باھار پەيدا،
    باھارنىڭ ھېكمىتىدىن ھەممە يەردە گۈلئوزار پەيدا.
    شاماللار ئەۋجىگە كۈي قاتتى ياپراقلار پىچىرلاپ شاد،
    ئېچىلغان گۈل - چېچەكلەر بەرگىدە خۇشبۇي ئىپار پەيدا.
    بېھىشتەك خۇش پۇراپ دىللارنى مەپتۇن ئەيلىدى باغلار،
    مېنىڭ ھەم بولدى كۆڭلۈمدە مۇھەببەت - ئىپتىخار پەيدا.
    باھارنىڭ جىلۋىسى چاقنار كۈلۈپ تۇرغان چېچەكلەردە،
    ئەجەب شېرىن بولۇر تاتلىق ئۆرۈك، شاپتۇل، ئانار ... پەيدا.
    شۇ چاغ گۈل يۈزلۈكۈم تۇغلۇق بىلەن تاڭلارنى قۇتلايدۇ،
    ئەجەبلەنمەڭكى، گۈلباغلار ئارا بولسا نىگار پەيدا.
     




    ھالقىلىق سۆزلەر : غەزەل، باھار


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار