غەزەللەر
ئەراپات ئابدۇرۇسۇل
1
دۇتارنىڭ ئۆكسۈشى بىرلە كۆيۈك گۈلخانغا ئايلاندى.
قەدىم ئىستەكلىرىم تارلار ئارا ئورمانغا ئايلاندى.
ماكان تەشۋىشىدىن ھالقىپ تاپۇرمەن لاماكانلىقنى،
مېنۇت لەززەتلىرى بىرلە ئەسىر يالغانغا ئايلاندى.
ناۋا چەمبەرلىرى دەشتىم ئارا دەۋرەتتى دەريانى،
ئېگىزلەپ مەرغۇلى دۇلقۇن بۈيۈك بارخانغا ئايلاندى.
مۇغەنني بەلكى مەستەسنا بۇ يەڭلىغ داغى ئەپسۇندىن،
ئۇنىڭ ئەپسۇنلىرى بىرلە كۆڭۈل پايخانغا ئايلاندى.
موقام مەيخانلىرىن كەزسەم ئوسال مەيخۇرلىقىم قانماس،
ساراڭ ساقسىزلىقىم ساقىي ئۈچۈن ئارمانغا ئايلاندى،
دۇپۇرلەپ كەلدى مىڭ غەۋغا غەزەللەر غەمزىگە تەڭكەش،
رەشىدى تۇرسا نەفىسە نىچۇن سولتانغا ئايلاندى؟
ئەجەم ئاقماقتا قان يىغلاپ ئاگاھلار ئەۋجىدە مەنزۇر،
چۈشۈرگۈ قەستىدە گەر كىم ھامان بۆھرانغا ئايلاندى.
2
مېنى ئەي، ئارەزى خانىش خالاس ئەت خاكىسارلىقتىن،
ياشاش ئەركىمنى بەر ياكى چۈشۈر ئۆلمەككە يارلىقتىن.
نامايىش ئەيلىمەك مەقبۇل مەگەر ئاھىمنى ئالەمگە،
خەمىسە پەردەئى ئاسمان ياسايدۇ ئىنتىزارلىقتىن.
رەزىللىك ئەختىرىڭ رەڭسىز كۆلۈمدىن رەھمە ئىزدەيمىش،
راپاۋەت بارمىدۇر بىزگە بۇ يەڭلىغ خەستە خارلىقتىن؟
قاناتسىز قىلمىدىڭ پەرۋاز سامادەك كەڭرى رەغدىمگە،
تاپۇرسەن قايسى كەڭلىكنى بۇ يەڭلىغ كاتتا تارلىقتىن؟
ھاياتىم لەھزىدەك لەرزان قىلۇر ئارقامدا، ئالدىمدا،
لاۋا ھىجرانلىرىڭ لەكمىڭ ئەسىردەك ئۆتتى ئارلىقتىن.
مۇغەننىي مۇپتىلا چىقسا نېيىمدىن بۇلبۇلى ئەبغان،
ھاقارەت ئەۋزىلى سەنسىز ماڭا بۇ ئىپتىخارلىقتىن،
تىلىڭ زەخمەتلىرى تۇردى بولۇپ روھىمىدا تاشقاتما،
يۇقۇڭ بار بولدى،جىلۋەڭنى تاپالماي كۈللى بارلىقتىن.
مېنى ئەي ئارەزى خانىش قىلىپسەن ئاشىقى دانىش،
بىلىمغا ئەمدى ئاق باغلاپ تۇتۇرمەن سۈڭرە قارلىقتىن.
لاۋازىم غەيۋىتى ھىجران ،كۈلەر مىنەتسىرى ۋىجدان،
ئىشىق چاپلاشتىغۇ مەنزۇر ساڭا چىن ئىختىيارلىقتىن.
3
جاھانتەشۋىشىدىن ئۆمرۈم ﻫەقىقەت مۆلكىنى تاپقاي.
ئىشىقكەچمىشىدىن كۆڭلۈم كىشىلىك كۆركىنى تاپقاي.
يۈرەكلەر ياشنىماي باغدەك مېنىڭ باغۋەنلىكىم قايدا!؟
سەۋىرپەرۋىشىدىن سۆيگۈم ۋىسالدىن كۈلكىنى تاپقاي.
كۆڭۈل تۇپراقىدىن ئۆزگە گۈزەللىك تۇتىياسى يۇق.
زىلەيخا ئىزدىسە ئۈزلۈق يۈسۈپنىڭ يۈركىنى تاپقاي.
ئىشىق ئۇلغايسا،كەڭ ئالەم ساڭا ئالقانچە بىر پەنجە،
قارا،تۈن زۈلمىدە ئايمۇ ئۆيۈڭ تۈڭلىكىنى تاپقاي.
ئەجەپكىم، چەرخى ئەپسۇندا شىپالىق بولمىغاي مۇتلەق،
جاۋاھىر كانىنى بەزەن جاپادىن مۆككىنى تاپقاي.
زىمېن تەلۋىلىكى تۇتسا سېنىڭ تاپقانلىرىڭ لاپقۇت،
بۈگۈنكىئەركە سۇلتاننىڭ ئەتە ئەل سۈڭكىنى تاپقاي
مۇغەمبەر تۈلكە يادىدىن يۇقالماي زارى تۇشقاننىڭ ،
يەنەيولۋاسمۇ شۇ يەڭلىغ تاماققا تۈلكىنى تاپقاي.
ئۆزۈڭسەن پادىشاھ،مەنزۇر، قەلەندەر قەسرىگە ھەردەم،
قاچاندا ئۇشبۇ قىممەتنى ئەجىرسىز كۈتكىنى تاپقاي!؟
4
كۆزۈڭنى كۆردى بىر،ئىككى...كۆڭۈل كۆكلەشكە ئۈلگۈردى.
يۈزۈڭنى سۆيدى ئاي رەشكى،قوياش كۈنلەشكە ئۈلگۈدى. قەدەملەر بارمايىن قەلبىم قارارگاھ قۇردى ئىشكىڭگە، زۇۋانغا كىرمەيىن كاج تىل دىلىم ئۈنلەشكە ئۈلگۈردى. رەقىپ قورشاۋىدا ئەسلى رەپىق روھىمغا ئوت ساپتۇ، خۇراز چىللاشقا تۇرماستا تۇخۇم تۈكلەشكە ئۈلگۈردى. دېرىزەڭ چەكمەيىن چىقتى قاراۋۇل ئىتلىرىڭ يۈگىرەپ، ۋاپاغا ئەتمەيىن قۇللۇق جاپا جۈندەشكە ئۈلگۈردى. مېنىڭ پەريادلىرىم قاي چاغ مۇھەببەت ھۆكمىنى بۇزغان؟ قەلەندەر ھالىدا قازى قەرز سۈيلەشكە ئۈلگۈردى. شاماللار تۈسسىمۇ كارۋان، توسالماس كۆڭلى ۋەيراننى، قوياشقا ئەگىشىپ تاغلار قەدەم يۆتكەشكە ئۈلگۈردى. مۇھەببەت ئىلتىجاسىدىن ئىجابەت تاپمىدى،مەنزۇر، دىبان دىلدارمۇ، ئەغيارمۇ سەن سۇئال ئۈندەشكە ئۈلگۈردى. 5
ئىزاھ باشلاندى ئادەمدە مۇھەببەت غايىسى بار،دەپ.
نىگاھ تاشلاندى ئالەمدە نىگارنىڭ سايىسى بار،دەپ.
سىياھلار تەسۋىرى چولتا سىزىپ بارماقتا سۆيگۈنى،
ناۋاسى،نەغمىسى،نازى،نىداسى،نالىسى...بار دەپ.
خاۋاتىر بولما، مەيلىڭگە خىياللار چاچسا يالقۇننى،
چۈشەن سۆيگۈدە ئىنساننىڭ ياشاش دەسمايىسى بار،دەپ.
جۇنۇن جەريانىغا ئوخشاش جاھاننىڭ ئەركە رەپتارى،
بۇ يولدا بىلكى شاھنىڭمۇ شاراپ،ساپايىسى بار دەپ.
ئۇزالدى قەرنىلەر سەيياھ بولۇپ سەييارە پەرياتقا،
قاقاس-شورتاڭدا ياشىمدىن ياشارغاي لالىسى بار دەپ.
چىلاشتى چەكتىكى بۇ جان ۋەھىملەر قوينىغا چەكسىز،
ئۇزاق ھىجراندا بەك قىسقا ۋىسالنىڭ ئارىسى بار،دەپ
كۆزۈمدىن يۈتتى نۇر ۋەسلى،كۆڭۈلدە قالدى چىركىن داغ،
بارارىڭ قايدىدۇر، مەنزۇر،،يۈرەكنىڭ يارىسى بار دەپ.
6
ھاياتىڭ بىر گۈھەر، ھەسرەت چېكەرسەن مىسقا ئايلانسا.
غەنىمەت دەملىرىڭ غەپلەت ئوتىدا ئىسقا ئايلانسا. دىلىڭدا دەۋرىگەن پاكىز تىلەكلەر بەھرىدە چايقال، كامالەت تاپقۇسى سۆيگۈ سۈڭەكلەر ھىسقا ئايلانسا. ساداقەت شەرھىگە تەھقىق قوشۇلغاي شۇبھى بەتنامدىن، تۈنۈگۈن نازىدا مەستۇر، بۈگۈن ئىبلىسقا ئايلانسا. يېشىلمەس سىرغا باغلايدۇ كىشىنى گەردىشى ئالەم، ھەۋەسلەر قايدا گۈل قىسقاي ھاياتىم قىسقا،ئايلانسا. تەپەككۇر كۆزىدە باقسام تېكەنلەر خۇشپۇراق چاچمىش، تەئەججۇپ يۇتمىقىم نە ھەق كېسەكلەر خىشقا ئايلانسا. مېنۇتلار لەۋزىدە مەنزۇر مەقامەت مەنزىلىڭ جەۋلان، بۇلارىم نە ماڭا مەجھۇل باھارىم قىشقا ئايلانسا. 7
ئىشىق باغلاندى ئالەمگە، ئانام يانغاندا تولغاقتىن.
تېنىق ئايلاندى ئادەمگە،چۈشۈپ قىسمەتكە قورساقتىن.
تۈمەنلەپ تەھسىنات ناقىس تىلىمغا بىنىسىپ،تەغدىر،
ماڭا نە مۆتىۋەر ئۇنۋان،مۇھەببەت زاتى بولماقتىن.
نىھايەت،تەندۈرۈس تۇققان ئانامغا كۈللى جان تەغدىم،
ئازاپ يوق ئۇشبۇ جەرياننى جۇنۇن دەردىگە قويماقتىن.
كېسىلگەن كىندىكىم مېنى يۇچۇن يۇقلۇققا باغلايمىش،
ئامالىم قايدا،بۇ تەرسا پەلەك ھۆكمىگە ئۇنماقتىن.
ھىكىملەر تاپتى تاغ نامى رىسالە ئاختۇرۇپ قانچە،
تۇغۇلمىش بىرلە،بىر كويدا،دىلىمغا مۆھرى ئويماقتىن.
ئېدە توشماستا تۈڭلۈكتىن ئەجەل كۆز قىستى مەنالىق،
بولۇش ئەھدىمگە جايىزدۇر ھامان دىل كۆزى ئۇيغاقتىن.
ياشاش بىر جۇملە ،ئەرزىيدۇ جېمى قۇرلارنى خەجلەشكە،
بىدارلىق چارە مەنزۇرغا،كېچە چۈش قەسرى قۇرماقتىن.
8
مېنىڭ سەۋدالىقىم ئىللەت سېنىڭدەك خەسنى يار ئەتكەن.
سېنىڭ رەسۋالىقىڭ قىممەت مېنىڭدەك نەسنى خار ئەتكەن،
تۈگەللەپ چىقمىقىم تەستۇر تىرەن كۈيلەرنى بىر كەچتە،
مۇھەببەت ئىشتىياقىدۇر مېنى ئالەمگە بار ئەتكەن.
باھاسىز كەتتى كۆپ يىللار بالاخۇر نەپسى ھىچ قانماي،
ئىكەنغۇ ئەسلى بىر ئىبلىس يولىغا ئىنتىزار ئەتكەن.
ئەقىل پارلانمىسا غاپىل ئەقىدە ئىتقا تون ياپقاي،
ياراشماس ياخشى تۇرغاندا ياماننى ئىپتىخار ئەتكەن.
مېھىر زىياسىدىن ئادەم زىلال تاڭلارنى تاپقاي ،ﻫەق
قىسىلغاي كەڭرى ئالەمدە كۆڭۈلنى كۆپكە تار ئەتكەن.
جۇدا بولغاندا جان جاندىن جاﻫان دەۋرەيدۇ،دەيدۇ ئەل،
جۇدا بولغاندا پاسىقتىن بىﻬاجەت بەلكى زار ئەتكەن.
پىغانغا پۈكمە تىز،مەنزۇر،مۇھەببەت قازىسى پاك دىل.
ۋىسالغا يەتمىكى بەرﻫەق ۋاپانى چىن قارار ئەتكەن
چاپچال ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن.
|


