• سۆيگۈ تىنىقلىرى

    يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 5-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 6 پارچە
    ئاپتورى: ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا 1 خاكىراھتىن بىر مۆجىزە قىلدى پەيدا، سۆيگۈ شۇ، يارىلىپلا تۇنجى ئادەم بولدى شەيدا، سۆيگۈ شۇ. سايلىدى شا

    ئاپتورى: ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا

     

     1
    خاكىراھتىن بىر مۆجىزە قىلدى پەيدا، سۆيگۈ شۇ،
    يارىلىپلا تۇنجى ئادەم بولدى شەيدا، سۆيگۈ شۇ.
    سايلىدى شاھ، بارچە ئالەم يۈزدە يۈز رايى بىلەن،
    ئەڭ مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا بولدى سەينا، سۆيگۈ شۇ.
    ئايرىيالماس ھېچ ئامال، روھ ساقلىغاچ دەرگاھىدا،
    قىلمىدى كار قانچە مۈشكۈل، نەپمۇ ھەتتا، سۆيگۈ شۇ.
    قالدى تاش شاھىت دېمەككىم، ئۆچمىدى كارۋان ئىزى،
    مەنزىلىدە قالدى كۈرمىڭ قەلبى تەشنا سۆيگۈ شۇ.
    كۆرۈنەر گاھ تاڭ قۇياشى تۈننى يارغان نۇر بولۇپ،
    بۇ دىدارغا مەھلىيا ئەل، مەنمۇ ئەسلا، سۆيگۈ شۇ.
    گۈل شېخىدا ئۇردى خەندان كۈيچى بۇلبۇل ھەر باھار،
    ھەر كۆڭۈلنى قىلدى مەپتۇن گۈلى رەنا، سۆيگۈ شۇ.
    ياقسا ئىللىق باغرىنى نۇر، چاچتى رەيھان خۇش پۇراق،
    رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئىچىدە بىرلا بەرنا، سۆيگۈ شۇ.
    سالمىدىم كۆز پەرىلەرگە، كۆيگىنىم چەندان گۈزەل.
    ئاي خىجىلدۇر جۈپ كۆزىدىن ئاھۇ - شەھلا، سۆيگۈ شۇ.
    تاپتى كىم، ئىزدەپ ۋىسالنىڭ دەشتىدىن ئۇندىن بۆلەك،
    قاندۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقىنى، ئابى دەريا، سۆيگۈ شۇ.


    2
    ئەيلىگەي جەۋلان قېقىپ پەر، كۆكتە ئەنقا، سۆيگۈ شۇ،
    رىشتى مەھكەم تەس بوشاتماق، پەيلى تەرسا، سۆيگۈ شۇ.
    دېسە، شەيتان: »جان كېتەر يان ئارقىغا، ئالدىڭ خەتەر«،
    قىلمىدى دار ئالدىدا جان قىلچە پەرۋا، سۆيگۈ شۇ.
    دىلبىرى شېرىن، سەنەمنىڭ ئىشقىدا پەرھاد، غېرىب،
    ئاھ ئۇرۇپ چۆللەردە ۋەيران بولدى سەۋدا سۆيگۈ شۇ.
    دەردۇ ھەسرەتتە سىنايمەن دەمدىغاندۇ ئەھلىنى،
    جان تەسەددۇق ئەيلىگەنگە ئاتتى پەشۋا، سۆيگۈ شۇ.
    تىلسىماتتىن بولسا ئايان ھېكمىتى تەۋرەر جاھان،
    ئۇ ئىلاھتۇر، بىقارارى داغدا ئەمما، سۆيگۈ شۇ.
    مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ بارلىقى يار ۋەسلىدۇر،
    گەر جۇدا بولغاي ئۇنىڭدىن، كۆڭلى سەھرا، سۆيگۈ شۇ.
    بۇ سەپەردە قانچە كۈلپەت چەككىنىم لەززەت ماڭا،
    ياندى كىم مەنزىلىدىن، بەس قىلدى رەسۋا، سۆيگۈ شۇ.
    پۈتتى دىلدا ئېتىقادتىن ياسىغان بىر قەبرىمۇ،
    رازىمەن، تەنھالىقىمغا بولدى ھەمراھ، سۆيگۈ شۇ.
    شائىرى بار ئەلدە مەشئەل بولدى تۈندە نۇر قەلەم،
    دىلدا ئۆچمەس شام ئەبەدكە نەزمى غەررا سۆيگۈ شۇ.


    3
    يوق ئەدىبمۇ ۋەسلىسىز بىر نەزمە قاتقان، سۆيگۈ شۇ.
    تۆردە ئورنى تائەبەدكە تىلدا داستان، سۆيگۈ شۇ.
    چاغلىماڭ سەل، ئىشقىدا تەل تاغنى يارغان سېھرىي كۈچ،
    زاتى سۇلتان، تاجى - تەختى دىلدا ئاسمان، سۆيگۈ شۇ.
    جەم قىلىپ ئارزۇ - تىلەكنى سورىسام »ھالىڭ نىچۈك«؟
    قىلدى ئىزھار مەنىسىدە ھەممە ئارمان، سۆيگۈ شۇ.
    ئىنتىزار مەن ئاڭلىسام دەپ تاڭ سەھەر ئاۋازىنى،
    چۈشلىرىمگە قۇت بېغىشلاپ ئۆتسە كارۋان، سۆيگۈ شۇ.
    ئۇ ئەمەس ھەمدە كىچىك كۆلچەك تىنىق، تىمتاس گويا،
    قەھرى - دېڭىز تاشقىنى ھەم كۆكتە چاققان سۆيگۈ شۇ.
    دەل كېلىپ قالسا پەلەكنىڭ چاقىغا تەتۈر يۈزى،
    بەردى بەرداش، بەك چىداملىق سەبرى قالقان سۆيگۈ شۇ.
    ئالدىنىپ كەتمە بىراق بار شام گۈلى، پەرداز سىياق،
    ئەھدىگە جۈپ تىل بىلەن چىش، تەكتى يالغان سۆيگۈ شۇ.
    مىڭ قۇياشنىڭ مېھرى جەمدۇر باغرىدا بولسا نېسىپ،
    تەپتىدىن قار ئۈستىدە چوغ مىسلى يانغان، سۆيگۈ شۇ.
    قەددى كۆكتە تاللىمايدۇ مەرتىۋە، پاك قوينىنى،
    ياش - قېرى، شاھ، باي - گادايغا تەڭلا ئاچقان، سۆيگۈ شۇ.


    4
    گۈلچىمەننىڭ ئىچىدە غۇنچە نىھالدۇر سۆيگۈ شۇ،
    ئاچقۇچى مىڭ خىل زۇۋاننىڭ بىرلا تالدۇر، سۆيگۈ شۇ.
    قاپقارا قاش، زۇلپىدىن پاھ، تۆكۈلەر يار كۈلكىسى،
    سېھرىدىن ئۇخلاتمىغان شېرىن خىيالدۇر، سۆيگۈ شۇ.
    ئۇچتى، بىلمەيمەن قەيەرگە، بارغىدەك ئىزدەپ ئۇنى،
    تىزگىنى - چەكسىز خىيالنىڭ بىر ۋىسالدۇر سۆيگۈ شۇ.
    ئويلىمايدۇ قايسى ئىنسان بەختىنى ھەم ئەتىنى؟
    كۆزلىگەنگە يەتسە ئەجرىم قانچە بالدۇر سۆيگۈ شۇ.
    دەيدۇ شەيتان»تۆۋبە غارى ئېتىلىپ قالغان بۇرۇن،
    يوق سوراق ھەم قىلمىشىڭغا ئىچ، ھالالدۇر سۆيگۈ شۇ«.
    ئازدۇرالماس بۇ سىناقمۇ بولسا يار ئىمان ماڭا،
    چىن ئەقىدە ئالدىدا ياۋ تىغى گالدۇر، سۆيگۈ شۇ.
    شورىۋالدىم يار لېۋىدىن دىلدىكى پاك لەۋزىنى،
    قەددى پامىر، ۋەزنى كامىل، تەمى بالدۇر، سۆيگۈ شۇ.
    ساھىبىمەن، بولسا مېھمان سالدۇراي جاندىن قەسىر،
    چۈنكى مەن كۈتكەن چىراي دەل نۇر جامالىدۇر، سۆيگۈ شۇ.
    ئۇ پەقەت سىرلىق ئەمەستۇر، ھەر ئىزىڭدا جىلۋىسى،
    ئەل دىلى سۆيۈنگىدەك كۈي، نامنى قالدۇر، سۆيگۈ شۇ.

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : سۆيگۈ، ھايات


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار