ئاپتورى: ياسىن زىلال
1
تالاي كەچمىش كۆرەر ھەربىر كىشى قىسقا ھاياتىدا،
ئاڭا تالىق نېمە قىسمەت پەلەكنىڭ تەقسىماتىدا؟!
جاھاننىڭ پەيلى، رەپتارى ھامان مەيلىڭگە باقمايدۇ،
نىھان سىر، مۇددىئا مەۋجۇت ئۇنىڭ ھەر ئىلتىپاتىدا؟!
ئۆمۈرنىڭ مەنزىلىدە ھەر دەقىقە بىر غارايىبلىق،
تۈمەن مىڭ سەرگۈزەشتە سۆزلىنەر كۆزلەر راباتىدا.
قاچان، قايدا ۋە كىمنىڭ زاتىدىن جان تاپمىشىڭ مەجھۇل،
سۇئاللار قالدى نۇرلانماي كىشىلىك تەلىماتىدا.
تۆرەلدىم خاھىشىمسىز ئۆزگە بىر خاھىشتا دۇنياغا،
ياشايمەن ئەمدى ئۆز مەيلىمچە ئەركەكلىك سۇباتىدا.
خۇشالمەن، زاھىرىمدىن باتىنىمنى مىڭ ئۇلۇغ بىلدىم،
زىلال پەرۋازىنىڭ ئىنئامى بار ئەنقا قاناتىدا.
2
نېسىپ بولمىش ھايات خۇلقىم ئۈچۈن مەردانە مەغرۇرلۇق،
غۇرۇر يۈكسەكلىكىدىن تاپتى نامىم كاتتا مەشھۇرلۇق.
تۈمەن مىڭ شۈكرىكىم تەۋسىپلىرىم يوق خاكىسارلىقتا،
توپايۇ خەسكە تەققاسلىق يىگىتگە نەقەدەر خورلۇق!
تاماسىز بەھرى دەريادىن ياشايدۇ چۆل ئارا توغراق،
قاقاس شورتاڭدا ئوتقاشتەك چېچەكلەپ ئۆستى يۇلغۇنلۇق.
چىراغ قانچە ئېگىز تۇرسا يورۇيدۇ شۇنچىلىك خانەڭ،
كۆزۈڭدۇر ھەممىدىن ئۈستۈن، مۇقەددەس جايىدا نۇرلۇق...
ياشاپ كەلدىم شەپەققە، سۈبھىگە، كۈنگە نەزەر تاشلاپ،
ھاياتىي ھېسلىرىم سالدى دىلىمغا مۇتەپەككۇرلۇق.
سەھەر ياپراق يۇيۇنغان قەترىدەك سىڭدىم كۆڭۈللەرگە،
ئۆزىنى يەرگە ئاتتى ئىپتىخارىمدىن تەكەببۇرلۇق.
ئىشەنچىم ئېتىقادىم ئۆز- ئۆزۈمگە روھ ھامان غالىپ،
زىلال شەۋقىدە ئايلانغاي تۈتەككە بار ھاكاۋۇرلۇق!
3
ئەگەر كىم ئويلىنىپ كۆرسەڭ ھاياتىڭ ھەققىدە ئاز-پاز،
ئۈمىد ئارزۇلىرىڭ نۇرغۇن، ئېرىشكەن ھاسىلاتىڭ ئاز.
گۈلىستان يۈز ئاچار گاھى يولۇڭغا گۈل-چېچەك پۈركەپ،
تېپىلماس كۈلكە - خەندانىڭ كەبى شېرىن سۇخەن ئاۋاز.
گويا لەك- لەك يورۇق يۇلتۇز كۆزۈڭ بەھرىگە چۆمگەندە،
نىگاھىڭدا قىلار جىلۋە لاتاپەتلىك چېھىرلەر ناز.
ئۇرۇلغاي بەزىدە يۈز-كۆزلىرىڭگە قار-شىۋىرغان ھەم،
قارا تەقدىر دېۋەيلەيدۇ قارا قىشتىن سوغۇق ئەلپاز.
قۈچاقتا نۇرسىمان غىلمان تۇرۇپلا جىن بولۇپ قالمىش،
پەسىلدەك ئۆزگىرىشچان بۇ ھاياتنىڭ قىسمىتى رەڭۋاز.
تەسەددۇق ساڭا كۆپ كۈلكە، ئايانسىز قانچىسى تۈلكە؟
ھۆكۈمسىز قالدى پەرياد ئىلكىدە ئۆتمۈشتە كۆپ ئۇستاز.
قارارگاھىڭ قايان، قايدا ياشايسەن، قانچىلىك، قانداق؟
بۇ دۇنيا مۈلكىدە يوقتۇر جىمى ئادەمگە باپ ئەنداز.
زىلال ئۆتتى جاھان پەرۋايىغا پەرۋايىنى بەرمەي،
تەپەككۈر ئالىمىدە سەيىر قىلدى خوپ پەلەك پەرۋاز!
4
ساڭا گەر مەن كېرەك بولسام، كېلە، ئەي دىلرابا، مەن بار.
داۋايىم دەردى ھالىڭغا شىپا، كەل، دىليارا، مەن بار.
قېشىڭدا بىھەشەم يۈرسەم بىلەلمەي كەزمە ئىقلىمنى،
مېنى تاپماقچى بولساڭ ئەھلى پاكلاردىن سورا، مەن بار.
رىۋايەت ئالىمىدە تاغ ئىچىدە قانچىلاپ سوقرات،
تەسەۋۋۇر ئۆزگە بىر دۇنيا ئىرۇر كوھى دارا، مەن بار.
كىشىلىك ئىپتىخارىم بىمىسال بەلكى ھاياتلىقتا،
مۇقەددەس تەڭرىتاغنىڭ بەستىگە ئوبدان قارا، مەن بار.
مېنىڭ بەستىمنى كۆللەرگە ئەمەس، ئوكيانغا تەققاسلا،
بېلىقتەك لەڭ ئۇرۇپ بەھرىمدە پاكلان ئاشىنا، مەن بار.
دىلىمدا كۆرمىدىم پاسىل، پايانىم نەچچە مىڭ ئالەم،
قۇياشنىڭ باغرىدا، ئاي قوينىدا، يۇلتۇز ئارا مەن بار.
زىلال لەۋزىگە شەك يۈكلەپ گۈناھ تاپساڭ، يالاكەشسەن،
رىياكار، ساختا تەقۋالىقتا قىلساڭ ماجىرا، مەن بار!
5
ئەقىدەمنى قىلىپ باقتىم جىمىكى نەرسىگە تەققاس.
تولا تەس كەلدى مەقبۇل ئۇشبۇ تەققاسلىققا ماس كومپاس.
ئەقىدادسىز كىشىنىڭ ئەقلى بولماس بەلكى ھايۋانچە،
مىسالى ئىت ئۆمۈربات ئەگىشەر ھەم جان بىرەر، تايماس.
ئىرادەمگە تالاي نەرسە تەلەپ ئەيلەيدۇ ئوخشاشلىق،
نىھايەت مەن ئۈچۈن تىمسالغا لايىقتۈر پەقەت ئالماس.
غەيۇرلۇق تۇيغۇسى ئىنسانغا قىممەت روھى كامىللىق،
بۇ بابتا دىلغا مەنزۇر كەلگىنى تاغلاردا شىر-يولۋاس.
خىيال ئەرشىدە كۆز سالدىم پەلەككە، يەرگە يۈز مىڭلاپ،
غۇرۇر نەرقىگە يەتمەك خاھىشى جامى ئەبەت تولماس.
تىزىپ تاغ ئۈستىگە تاغ-تاغ، شۇ تاغدىن كۆر غۇرۇرۇمنى،
مېنىڭ كەمتەرلىكىم چەكسىز دېڭىزدۇر شۇقەدەر تىمتاس.
غۇرۇر ھەم ئىپتىخار باشقا، مۇغەمبەرلىك بۆلەك گەپتۇر،
يىگىت پاك زاتىغا ھەرگىز تەكەببۇرلۇقنى يۇقتۇرماس.
زىلال سەن ئىپتىخار-پەخرىڭنى ھىس قىلدىڭ، ساڭا تەھسىن،
ياشا شۇنداق مۇقامىڭدا، شامالغا بولمايىن رەققاس
6
باياۋان كەزمىكىڭ لازىم ئەمەستۇر تۇتىيا ئىزدەپ،
قۇياشقا بارمىقىڭ ھاجەت ئەمەس نۇرى زىيا ئىزدەپ.
جاھاندا ئەۋلىيانى كىم كۆرۈپتۇ مەن ئىشەنمەيمەن،
بەخت كۈلگەيمۇ ئەپسانە ئىچىدىن رەنەما ئىزدەپ.
ئۆزۈڭسەن ئەۋلىيا، ئەقلىڭ زىيادۇر، تۇتىيا قەلبىڭ،
تاپالمايسەن ئۇنىڭدىن كاتتىنى يەرۇ ساما ئىزدەپ.
خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ ئەسلا جەننەتۇل مەئۋا،
نېمىشقا مەن كېزەي سەككىز بېھىشنى دىلرەبا ئىزدەپ.
بۇ ئالەم مۈلكىدە ئادەم ئۇلۇغلۇق بابىدا يەكتا،
قاياشىڭ ئۆز يېنىڭدا، نەگە ماڭدىڭ ئاشىنا ئىزدەپ.
رىيا تەركى قەلب بەرقى بىلەن ئالەم نۇرىستاندۇر،
قاراتاش مەي-قىيام بولغاي ياشاپ ئۆتسەڭ ۋاپا ئىزدەپ.
زامان زاھىدلىرى بەلكى زىلالغا تەنە دوق قىلغاي،
نەچارە ئەسكى دوقمۇشتا كۇسۇرلاشسا يالا ئىزدەپ؟!.
7
تۇغۇلدۇم بىئىجازەت كۈن قۇچاقلاپ ئۇشبۇ ئالەمگە،
ھايات قەدرىمنى قۇتلاپ قۇيدى شەربەت لىق پىيالەمگە.
نىگاھلاردا نىگاھلار بالقىغاي، بىر كۆزدە مىڭ كۆز بار،
يېزىلمىش «مۆھتەرەم»لەر تەركى تەۋسىپلەر پىشانەمگە.
ئۆزۈمنى ھەركۈنى بىررەت چۇۋۇپ قايتا قۇراشتۇردۇم،
ھاياتىي ھېس بېرىپ ھەربىر ھۈجەيرە- دانە-دانەمگە.
ئەقىل ئالدىدا قاي پىنھان نىقابى بەرگۈسى بەرداش،
ئېرىشمەس لەۋزىدىن «بال» تامچىغان مەككار ئىنانەمگە.
ھەزىل پۇشقاقتا دەم ئۇرمىش خالايىق راھىدىن خالىي،
خۇشامەت دۈم چۈشەر «كۆزگە شىپا» دەپ خاكى پايەمگە.
رېئال ھالىمدا بەستىمدە، ھەشەم يوقتۇر، دەرەم يوقتۇر،
تۈمەن يۇلتۇزنى غايەن ياندۇرۇپ قويدۇم نىشانەمگە.
نۇرئەپشان بىر ئەزىم دەريا زىلال كۆكسىدە دولقۇنلار،
تۈزەيلى ئەنجۈمەن دوستلار، كېلىڭلار روھىي خانەمگە!
8
ھالال ئەجرىم بىلەن تاپتىم ھاياتتا بىباھالىقنى،
تەمە ئەيلەي نېچۈن ئۆزگە ھەشەمنى، ئەۋلىيالىقنى.
رىۋايەت ئالىمىدە ئەۋلىيا ئەپسانىۋىي ئالۋۇن،
قاچان گۇمراھ تېپىپتۇ ئىلتىجادىن رەھنەمالىقنى.
ئىلاھنى يەرۇ كۆكتىن ئىزدىمەك ھاجەتمۇ ئاقىلغا،
قۇياش دەرگاھى ھەق قەلبىمدىن ئالغاي نۇر زىيالىقنى.
بۇ ئالەم مۆھتەرەم ئادەم بىلەن ئۇزدۇر مۇقەددەستۇر،
ھاياتلىق رىشتىلەپتۇ ئاشىيانغا ئاشىنالىقنى.
ئىلاھنىڭ شولىسى زاھىر ساپالىق ئەھلى ئادەمدە،
قېنى كىم تاشلىغاي دەۋزەخكە مەندەك بىر خۇدالىقنى.
ئەلەملەر ۋەجىنى تەقدىر ئەزەلدىن كۆرمىدىم زادى،
ھەشەملەر بەرقى تارتۇقلايدۇ جەزمەن جان پىدالىقنى.
نە پەرۋا ئەۋلىيايۇ ئەنبىيا، جىن ھەم شاياتۇندىن،
زىلال خەندانى ھەيرەتكە سالار بار كۈي-ناۋالىقنى.
9
ئەيىبكە بۇيرىماڭ ئەھلى جامائەت، قېرى ئاشىقمەن،
قىرانلىقتا قىيامى قاينىغان بىر شىرى ئاشىمەن.
بېشىمدا قار-قىرو ئاز-پاز، ساقالدا ئاندا-مۇندا ئاق،
ياشانغاندا ياشارغان بىمىسال تەسۋىرى ئاشىقمەن.
يىگىتلىك چاغلىرىم ئۆتتى نەزەرسىز گۈل بەدەنلەرگە،
كۆڭۈلنى جىلۋىلەرگە بەرمىگەن بىر گىرى ئاشىقمەن.
كەرەشمە ناز نىگاھىم ئالدىدا ھەردەم زەبۇن بولغان،
ئۇ چاغ سۆيگۈ تەلەپكە زەھرى بار بىر ھېرى ئاشىقمەن،
نىھايەت، ئەمدى كۆڭلۈم بىر نىگار ئالدىدا تەسلىمدۇر،
ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ماڭدام كېتەلمەس نېرى ئاشىقمەن.
يۈرەك تەكتىدە بەند ياتقان خىيال ئىشكەلنى سۇندۇردى،
بۇ سەۋداغا تەسەددۇق دىل، ۋۇجۇدى سېھرى ئاشىقمەن.
زىلالنى ئاقىۋەت رەپتارى كاج تەقدىر خۇشال قىلدى،
ۋاپا مەۋقەسى ئۆڭمەس لەۋزى پاك، گەۋھىرى ئاشىقمەن.
10
سەن ئىكەنسەن جانۇجانىم، دىلرەبايىم ئەسلىدە،
بۇ غېرىب روھىي شەبىستانىغا ئايىم ئەسلىدە.
مەن ئېزىقتىمغۇ تولا دەشتى باياۋانلار ئارا،
سەن ئۆزۈڭكەن مەنزىلىمدە رەھنەمايىم ئەسلىدە،
چاڭقىغان باغرىمدا قۇرغاق يەل ئۇرۇپ تۆكسەم غازان،
سەن شىپالىق يامغۇرۇم، رەنجى داۋايىم ئەسلىدە.
مېنى ھەركىم كۆرسە ئېيتاتتى: گويا ئاتەشقۇ سەن؟
سەن ئۈچۈن يانغان ئىكەن قەلبىمدە ئاھىم ئەسلىدە.
ھەرقاچان روھىم ئارا پەيدا ئىدى بىر نۇر سېيما،
ئايسىمان چېھرىڭگە تاشلانمىش نىگاھىم ئەسلىدە.
ئۆتتى ئۆمرۈم بىر ساماۋىي ئىزگۈ ئىستەك ئىلكىدە،
ئاقىۋەت بىلدىم ئۆزۈڭ ئىقبال سامايىم ئەسلىدە.
مەن ئۈچۈن ھاجەتمۇ كۆكتىن شىۋە قەدرى ئىزدىمەك،
تۇتىيايىم، نۇر-زىيايىم، سەن ھۇمايىم ئەسلىدە.
بولمىغاي زەر قەدرى مىسكەر ئالدىدا ئالتۇنمۇ مىس،
نەرخىگە يەتكەي ئىكەن سەندە باھايىم ئەسلىدە.
چىڭقىچۈش بولدى زىلالنىڭ ئۆمرى ھازىر ۋاي ئېسىت،
ئېيتقىنا، قانداق گۇناھىم بار، خۇدايىم، ئەسلىدە.
|