• باھار كۈيى(غەزەل)

    يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 5-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
    ئاپتورى: ئەكبەر نىياز پەتتارى 1 باھاردىن كۆپ بېشارەتلەر زېمىننى گۈل قۇچاقلايدۇ، چىرايلىق باغ، چىرايلىق گۈل شېخى بۇلبۇل قۇچاقلايدۇ.

    ئاپتورى: ئەكبەر نىياز پەتتارى

     

     1
    باھاردىن كۆپ بېشارەتلەر زېمىننى گۈل قۇچاقلايدۇ،
    چىرايلىق باغ، چىرايلىق گۈل شېخى بۇلبۇل قۇچاقلايدۇ.
    ئۇزاق قىش نەگىدۇر مۆكسە، قۇياش ئىللىق نۇرىن تۆكسە،
    ئۈمىدلىك دىل، نىگاھلارنى يېڭى بىر يول قۇچاقلايدۇ.
    پەلەكتىن ئاق بۇلۇتلارنى تۇتۇپ ئالماق بولار ئارمان،
    تىلەكلەرگە مەدەت ئىستەپ قولۇڭنى قول قۇچاقلايدۇ.
    ئەگىز، يالپۇز، شاماللاردا ئۇنىڭ خىسلەتلىرى باردۇر،
    يېشىل توننى كىيىپ قىرلار، ئېرىق سۇمبۇل قۇچاقلايدۇ.
    بېقىپ تاڭغا زوقى بىرلە سالار دېھقان ئۇرۇقلارنى،
    بەرىكەتلىك خامانلارنى نېسىۋە - ئۇل قۇچاقلايدۇ.
    كېچە يۇلتۇزلىرى ئاۋۇپ ئىناقلىققا ئوقار تەھسىن،
    دىلى قۇمدەك زۇغۇيلارنى باياۋان - چۆل قۇچاقلايدۇ.
    باھار، نەۋرۇز نىيازىغا بەخش ئەتكەندە ئىلھامنى،
    قەلەمنىڭ يورغىسى ھارماس ئۇنى دۇلدۇل قۇچاقلايدۇ.
    2
    ئۇچۇپ تۇرنا، كېلىپ كاككۇك باھارنى، يازنى كۆرسەتتى،
    ئۈچەك ياردى جىمى جانلىق، چاۋاك، تەننازنى كۆرسەتتى.
    سۈزۈك ئاسمان، قۇياش تەپتى كۆڭۈللەرگە ياقار مايدەك،
    يېشىل توننى كىيىپ باغلار، چېچەكلەر نازنى كۆرسەتتى.
    ئەگىز يامراپ ئېتىزلارغا بوۋاقتەك كۈلدى ياش مايسا،
    دېمەيدۇ كىم ئۇنى رەققاس، كى كۆللەر غازنى كۆرسەتتى.
    قىزىپ كەتتى قەدىم سەھرا ئۇنىڭ تەنتەنىسى بىرلە،
    چېپىپ بەيگە ئارا تۇلپار ئەنە سەرۋازنى كۆرسەتتى.
    بېشارەتلەپ ھوسۇل، قۇتنى قازاندا يەتتە دان ئوينار،
    ئۇلۇغ ئەجداد دېدى ئۆرنەك، ئۇدۇم، ئەندازنى كۆرسەتتى.
    ئىناقلىقتىن سۆيۈنگەنلەر مىسالى يىپتىكى مارجان،
    تۆكەر كۈينى شۇتاپ زىلتار چېۋەر قول سازنى كۆرسەتتى.
    باھار ئەييامىدا سەپتىن چۈشۈپ قالماي نىياز ئېيتتى:
    مېنىڭ ئىلھاملىرىم قايناپ قەلەم پەرۋازىنى كۆرسەتتى...
     




    ھالقىلىق سۆزلەر : غەزەل، باھار


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار