• ئىككى غەزەل

    يوللانغان ۋاقتى:18-07-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئىككى غەزەل

      ئىككى غەزەل
    قەسەم
    كۈندە ئىلھام باغرىدا شات ئاقىمەن،
    يۈرىكىمنى ئەل- ۋەتەنگە ياقىمەن.
    سايىسى كەلسە رەقىبنىڭ بۇ تامان،
    چىشلىرىنىڭ بىرنى قويماي چاقىمەن.
    مەن ئاشۇنداق جان پىدا دەرۋازىۋەن،
    قىشۇ-ياز چىگرانى ئوبدان باقىمەن.
    ئىت نېمە ھەتتا بۆرە قىلسا خىرىس،
    ئۇنى يەرگە نەچچە ئون گەز  قاقىمەن.
    دىل بېرىپ شۇنداق ساداقەتتە ئاڭا،
    كۆكرىكىمگە شان مىدالى تاقىمەن.
    بايانات
    مەن شېئىر يازىمەن ئوڭ قولۇم بىلەن،
    باغرىمدا دەرت-پىراق مىڭ تۇلۇم بىلەن.
    يازمىسام قىينايدۇ ۋىجدانىم مېنى،
    يازىمەن ئىزىقماي ئۆز يولۇم بىلەن.
    پىراقنىڭ ئەلچىسى چەككەندە ئىشىك،
    مىسرالار يامرايدۇ ئوڭ- سولۇم بىلەن.
    يىقىلسا تاغ ئەگەر دوستلار بېشىغا،
    تىرەيمەن شېئىر كۈچ،تەن- غولۇم بىلەن.
    مەن شۇنداق شېئىرغا ئاشىق- پەيۋەندە،
    يايرايمەن كۈيگە باي بۇلبۇلۇم بىلەن.




    ھالقىلىق سۆزلەر : غەزەل


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    مۇھەممەد كامال تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 04-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 10:07 23-07-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار