• قىراننامە(داستان)

    يوللانغان ۋاقتى:01-07-2011   مەنبە: تارىم 2009-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    سىياقىمغا قاراپ جىم بولدۇم، يەنە باقسام يەنە شۇ تەلئەت

     


     


    ئاپتورى: ياسىن زىلال


    قىراننامە
    (داستان)



    مۇقەددىمە

    سىياقىمغا قاراپ جىم بولدۇم،
    يەنە باقسام يەنە شۇ تەلئەت.
    ئاھ، كىم ئىدىم، ئەمدى كىم بولدۇم؟
    ئۆزگە چېھىر، ئۆزگىچە قامەت.

    ئۆزگە سىياق، ئۆزگە ئالامەت،
    ئۆزگە نەپەس، ئۆزگە بىر ئاۋاز.
    ئۆزگىلىكتە ئۆزگە كارامەت،
    ئۆزگە قانات، ئۆزگىچە پەرۋاز.

    خىياللارغا خىياللار قوندى،
    غەرق بولدۇم ھېسلار قەرىگە.
    ھېسلار جۇلا رەڭگە تويۇندى،
    سېھىرلەندىم ئىلھام شەھرىگە.

    مۇشۇمىكىن ھەقنىڭ دەرگاھى،
    نىگاھىمدا مەن دەسسىگەن يەر.
    ئەتراپىمدا پىراقلار ئاھى،
    مەن دېمىدىم: مەنمۇ پەيغەمبەر.

    مۇشۇمىكىن ئول لەۋھى مەھپۇز،
    تۇرار غايەت قېلىن بىر دەپتەر.
    ۋاراقلارنى تەس ئاچتىم يالغۇز،
    ۋۇجۇدۇمدا چىلىق-چىلىق تەر.

    ئۇزاق ئىزدەپ تاپتىم ئۆزۈمنى،
    قايناملارنىڭ تېگى-تېگىدىن.
    شۇ مۇقامدىن سۆزلەي سۆزۈمنى،
    مەيلى ئىشەن، مەيلى ياق دېگىن.

    1- باپ

    سىياقىمغا قاراپ جىم بولدۇم،
    بالىلىققا ياتلا بىر سۈرەت.
    شاشلىق تۈگەپ چىن ھېلىم بولدۇم،
    تەلەپلەردىن غالىپ قانائەت.

    سەھەر تۈننىڭ باغرى تىلىنغان،
    ئەجەب جۇشقۇن چىللىدى خوراز.
    سادا بېرىپ ھەم يەرۇ ئاسمان،
    ياڭراپ قالدى بىر خۇشال ئاۋاز.

    چىمەن قىرغاق ئۈنچە قۇچاقلاپ،
    چېچەكلەردىن تاراتتى ئىپار.
    ئاي ھىجراندا ئۇزىدى يىغلاپ،
    يۇلتۇزلارمۇ بولدى بىقارار.

     
    ئاپئاق خالات كېيگەن پەرىشتە،
    چېھىرلەردە ھاياجان، تەشۋىش.
    قارىشىدۇ جىددىي رەۋىشتە،
    ئۆيگە تولغان بىر جاھان تەشۋىش.

    تولغاق تۇتۇپ تولغىنار ئانا،
    كۆزلەر چاچراي دېگەن چاناقلار.
    تاقەتلەرنىڭ باغرىدا لاۋا،
    چىداملارنى ئۆرتەر ئوچاقلار.

    ماگمىلارنى قۇچاقلايدۇ جىم،
    تەسلىم بولۇپ سۈكۈتكە تاغلار.
    ئەزىم ئېقىن ئاقىدۇ چىم-چىم،
    تېگى قاينار، دىلىدا داغلار.

    ئاھۇ كۆزلەر قارىشار چۆچۈپ،
    قوي كۆزلەرنىڭ تېگى-تېگى مۇڭ.
    كەلمەس ئەجەب كەپتەرلەر ئۇچۇپ،
    دېرەكلەرنىڭ چېكى-چېكى مۇڭ.

    تاقەتلەرگە لەبالەب پەيمان،
    ئۈمىدلەرگە يۈرۈشمەكتە دەز.
    رۇجەكلەردە بىچارە ئارمان،
    ئېچىرقىغان تىلەكلەردە گەز.
     
    قىسمەتلەردە دەقىقە كەچكۈز،
    خىياللارغا يېغىپ قالار قار.
    كۆڭۈللەردە: رەببىم گۈل كەلگۈز!
    مانا ھايات ئۈچۈن نەۋ باھار.

    بوۋايلاردەك شادلاندى تاغلار،
    تۇمانلاردىن چىقىپ زاھىرغا.
    ئانىلاردەك باغرى كەڭ باغلار
    تەھسىن دېدى ھۆكمى قادىرغا.

    تېنچ-تېنچ دەپ ئاقتى دەرياغا،
    ئۆركەشلىدى ئاستا پىچىرلاپ.
    گۈلنى سۆيگەن مەست بۇلبۇلگويا
    نېمىنىدۇر كۈيلەر ۋىچىرلاپ.

    سەدەپ چىشلەپ چىقىپ بېلىقلار،
    گۈل ساھىلغا تاشلاپ قاچىدۇ.

    سەدەپ ئىچرە گۆھەر ۋىلىقلار،
    سۇ يۇلتۇزى يورۇق چاچىدۇ.

    كۆكتە چىمىر يارقىن تالالار،
    زەر لىنتىدەك چۈشكەندە ئېقىپ.
    زىلچا بولدى گۈلگۈن دالىلار،
    پەلەك خىجىل زېمىنگە بېقىپ.

    ھاياجاندا ئوت بولدى قۇياش،
    ئاتەش تەندە لاۋىلار ئۆرلەپ.
    ياقۇت رەڭ تون كەيدى تاغۇ تاش،
    مۇز چوققىلار ئېرىدە تەرلەپ.

    قۇتلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ شامال،
    شىۋىرلايدۇ گۈل-چېچەكلەرگە.
    غۇنچە پورەك رەڭ ئالىدۇ ھال،
    شەۋق چۈشۈپ ياش يۈرەكلەرگە.

    كېپىنەكلەر لىپىلداپ ئۇچۇپ،
    كۆكاتلارنى سۆيۈپ ئۆتىدۇ.
    گاھ چېچەكلەر بەرگىنى قۇچۇپ،
    غۇنچىلارنى چىمداپ ئۆتىدۇ.

    بىر نېمىنى تۇيغاندەك يايلاق،
    بىر كارامەت سەزگەندەك ئورمان.
    جانۇ جانىۋار سالىدۇ قۇلاق،
    جىمجىتلىققا چۆمگەن يەر-جاھان.

    ئالەم كۈلدى، يا ئەييۇھەنناس،
    سۈكۈتلەرنىڭ باغرىدا چاك-چاك.
    مەرھۇم بولدى جىمىكى تىمتاس،
    قاناتلاندى ئۈزۈلمەس چاۋاك.

    ۋەجى نېمە، سەۋەبى نېچۈك؟
    يېڭى ھايات، يېڭى بىر ھايات.
    ئىڭڭەلەيدۇ بىر بوۋاق چۈچۈك،
    سەبىيلەرنىڭ تىلىكى ناۋات.

    چوڭلار ئاستا سۈرتتى يېشىنى،
    قورۇق باسقان چىرايلاردا گۈل.
    شادلىق كۆككە تېرەر بېشىنى،
    ئاتا خەندان كۈلەر، كۈلە، كۈل!

    ئانا يېتىپ كۈلىدۇ، ئايھاي...
    ئەتراپىدا رەڭمۇرەڭ چېچەك.
    ماڭلىيىدا بالقىپ تۇرار ئاي،
    يۈرىكىدە مېھىر، ئۇز تىلەك.

    ئۆپۈك سەزگەن چاغدا پىشانە،
    شادلىقىغا تار كەلدى جاھان.
    ياش ئاتىنىڭ گېپى دۇردانە،
    ئۇنى ئاستا سىيلايدۇ جانان.

    ئېھ مۇھەببەت، مۇھەببەت، ھايات،
    مۇھەببەتتە ھايات يۇيۇلغان.
    زەر تاغلارنى بىر سۆيۈشكە سات،
    نېمە دىلغا ئۇنداق ئويۇلغان؟!

    «ئىڭڭە»لەيدۇ بوۋاق پىلتىڭلاپ،
    ئۈن بېرىدۇ نەدىدۇر يولۋاس.
    ئەنقا ئۇچار زېمىننى تىڭلاپ،
    تۇغۇلغىنى ئوغۇل ئىكەن، راست!

    كۈلكە كۆمۈپ ئۆرگەلدى ئالەم،
    دەريالارنىڭ مەۋجى پەلەكتە.

    بۇلۇتلاردىن سىرغىدى زەمزەم،
    تاڭ پارلىدى قۇتلۇق تىلەكتە.

    2- باپ

    سۈرىتىمگە قاراپ جىم بولدۇم،
    ساقىلىمدا بىرە-بىرە ئاق.
    نوتا ئىدىم، تۈۋرۈك، لىم بولدۇم،
    كەچمىش قايرىل، ماڭا قاراپ باق.

    ۋاراقلىدىم ئالبۇملىرىمنى،
    قاراڭ ئەنە بۇدرۇق بىر بوۋاق.
    خىياللارغا كۆمۈپ ئويۇمنى،
    ياپيالىڭاچ ياتىدۇ ئويغاق.

    ئۇ شۇنچىلىك مەسۇم ھەم سەبىي،
    شۇنچىلىك پاك، شۇقەدەر ئوماق.
    سۈبھىدىكى پارلاق نۇر كەبى،
    نۇر ئوينىغان قاردىنمۇ ئاپئاق.

    كۆزلىرىدە ھاياتىي جىلۋە،
    شەپەق ئوينار ئىككى مەڭزىدە.
    لەۋلىرىدە تاتلىق بىر كۈلكە،
    مېھرى ئاتەش، كۈننىڭ ئۆزى-دە!

    يورۇڭقاشنىڭ ئاق قاشتېشىدىن
    ئېسىپ قويغان بوينىغا تۇمار.
    ئۇنىڭ بۇدرۇق ئۈستىبېشىدىن
    گۈپۈلدەيدۇ مېززىلىك ئىپار.

    ئاق شايىغا يېرىم ئورالغان،
    پىلتىڭلايدۇ پۇتىنى ئېتىپ.

    تەن-جىسمىغا ھاياجان تامغان،
    يۇلتۇز سانار نۇر ئارا يېتىپ.

    قولدىن-قولغا ئالار تالىشىپ،
    يېقىلىدۇ ئىسسىق چېھرىلەر.
    كۆڭۈللەردىن ئامراقلىق تېشىپ،
    كۈيگە قىيام باغلار مېھىرلەر.

    قوشنىلارنىڭ بالىسى بالاڭ،
    خۇشلۇقۇڭنى قوزغايدۇ تاتلىق.
    قارلىغاچتەك ۋىچىرلاپ ھەرتاڭ،
    يوقلاپ كىرەر بولۇپ قاناتلىق.

    بوباق، بوباق دېيىشىپ قىزلار،
    قىزىل گۈللەر پۇراتقۇزىدۇ.
    زۇلپى گويا كىرسىز قۇندۇزلار
    چاچلىرىنى ئويناتقۇزىدۇ.

    مومايلارنىڭ مەسلىكى باشقا،
    ئەركىلىتەر ھەسەلدەك سۆزلەپ.
    بارماق ئۇرۇپ تەسۋىيگە-تاشقا،
    تىلەك تىلەر بەختلەر كۆزلەپ.

    بوۋاق ياتار قاردەك يۆگەكتە،
    ھەممەيلەنگە مۆلدۈرلەپ قاراپ.
    لېكىن نېچۈك ئوي بار پەلەكتە،
    ھۆكۈم قىلماق تەستۇر ئالدىراپ.

    قاراڭ ئۇنىڭ قارا كۆزلىرى
    يۇلتۇزلارغا بولىدۇ يۇلتۇز.
    قىزارغان ئاق ئالما يۈزلىرى
    شۇنچە ئىسسىق ۋە شۇنچىلىك ئۇز.

    كۈلكىسىدىن يامرايدۇ باھار،
    باھار خىجىل باھار چېھرىدىن.
    تىنىقىدىن كۈلەر چىمەنزار،
    جانغا راھەت تامار مېھرىدىن.

    جۈپ ئالقىنى ھامانەم ئوچۇق،
    بۇ نېمىدىن بەلگە-بىشارەت.
    ئۇنىڭ باغرى ئالەمدەك ئۇلۇغ،
    ئەل ئالەمگە سېخىي-ساخاۋەت.

    كائىناتنى قۇچار نىگاھى،
    كۈن ئۈستىگە تاشلايدۇ ئاپتاپ.
    ئەقلى بولار ئىنساننىڭ ماھى،
    تېگىدە زەر ئاقار شارقىراپ.

    جۈرئىتىدىن ئۆرتىنەر كۈلپەت،
    تۈن چېقىلار ئۇ چەككەن دەمدىن.
    مېھنىتىدىن جان بېرەر غۇربەت،
    بەخت ئۈنگەي بۇ خۇش قەدەمدىن.

    خەندانىدىن قالار قۇشلار لال،
    يۇلتۇزلاردىن گۈل تۆكەر ئاسمان.
    گۆھەر چېچىپ دەريالار يال-يال،
    زەر كۆرسىتەر تاغلار شادىمان.

    ھەسەن-ھۈسەن بولار پايانداز،
    خاھىشىغا خوپ كەلسە پەلەك.
    ئۇ ئالەمدە يۈرەر شاد پەرۋاز،
    دارىماس پاك تىلەكلەرگە شەك.

    كۆز تەگمىسۇن، ئاھ كۆز تەگمىسۇن،
    ھايات، قىسمەت ئەجەب بەدقىلىق.

    سۆز تەگمىسۇن، ئاھ سۆز تەگمىسۇن،
    نۆكچە يېقىپ سالايلى ئىسرىق.

    بۆشۈكىگە ئاسايلى ئوشۇق،
    كۆك يايلىلىق بۆرىنىڭ تازا.
    ياستۇقىغا خەنجەر قويغۇلۇق،
    جىن-شاياتۇن سالالماس ھازا.

    يول تەمىچى تېرىپ كېلىشتى،
    يول-يوللاردىن ئوماق بالىلار.
    سۈف-سۈف قىلىپ ئىسرىق سېلىشتى،
    مەشۈت ياغلىق ئارتقان ئانىلار.

    ئوشۇق، خەنجەر تەقلەندى دېمەك،
    چىن تۆمۈردەك كۈچكە تولسۇن دەپ.
    قويدى يەنە ئالىقانچە ئەينەك،
    ئالەم ئاڭا ئايان بولسۇن دەپ.

    كۆككە يەتتى ئاتىنىڭ بېشى،
    دەريا-دەريا شادلىق ئىپتىخار.
    تومۇر-تومۇر بەخت ئۆركىشى،
    دىلدا ئۈنلەر مىڭلاپ كۈمۈش تار.

    ياش ئانىنىڭ ۋۇجۇدى لىق نۇر،
    قۇت بالقىيدۇ زىناقلىرىدىن.
    يۈرىكىدە يالجىيدۇ غورۇر،
    بەخت تامار تىرناقلىرىدىن.

    ئاھ، قىسمىتى رەڭمۇرەڭ دۇنيا،
    پەيلىڭنى بەد قىلمىغىن ئاڭا.
    ئاشۇ مەسۇم مېھمان-مەرھابا،
    دەرت كۆرمىسۇن، چەكمىسۇن جاپا.

    3- باپ

    ئىككى سۈرەت ئىككى قولۇمدا،
    ھەربىر سېيما باشقا بىر تەلئەت.
    تالاي مەنزىل تا ئوڭ-سولۇمدا،
    شادلىقى ئاز، تولىراق ھەسرەت.

    يەنە بىردەم ئولتۇرۇپ قالدىم،
    خىياللارنىڭ ئاتەشگاھىدا.
    گاھ كۆزگە ياش تولدۇرۇپ ئالەم،
    نېمىشقىدۇر كۈلدۈم گاھىدا.

    ئاھ، يېڭى جان، سىر، مۇقەددىمە،
    بەخت، دىشۋار نېمىگە تالىق؟
    تۇغۇلماقلىق بەختلا دېمە،
    تەقدىردە ھېچ يوقمۇ خاتالىق؟

    تۆرەلمىشمىز ئادەم-ھەۋۋادىن،
    تۈمەن ھىجران سۆڭرە ۋىسالدىن.
    تۆھپە بولمىش ۋىسال خۇدادىن،
    ھىجران قالمىش قايسى ئوسالدىن؟

    قاي مۇددىئا، قاي مۇراد پەيلى،
    بۇ دۇنياغا كەلدۇق، تۇغۇلدۇق؟
    قاي گۇناھى كەبىر تۈپەيلى،
    زاكىلاندۇق، مەھكەم بوغۇلدۇق؟

    نېچۈك ھەمرا مۇڭ بىلەن كۈلكە،
    نېچۈن كۆزنى ماكان تۇتتى ياش؟
    تىكەن ھەمراھ بىر شاختا گۈلگە،
    مۇز تاغلارنىڭ ئۈستىدە قۇياش.


    ئۇلۇغ نېئمەت سۆيگۈ، مۇھەببەت.
    سالار دىلغا مۇشتاقلىق، ھېرىس.
    ئاڭا سايە تاشلار تائەبەد،
    ھەسەت، تۆھمەت، قەست، مەشئۇم خىرىس.

    سۆيگۈمىزدىن نۇر ئالار ئالەم،
    سۆيگۈمىزدىن ئۈمىدلەر باھار.
    قەھرىمىزدىن تۇغۇمىز ماتەم،
    ھايات كۆكسى لەختە، ھازىدار.

    سۆيگۈمىزدىن لەۋلەردە خۇش تەم،
    روھىمىزدا ۋىسال پەر قاقار.
    قەھرىمىزدىن ئۇز ئالەم مالەم،
    قەھرىمىزدىن كەڭرى جاھان تار.

    قەھرىمىزدىن ئالەم نالە-زار،
    قەھرىمىزدىن ھەممىمىزگە دەرد.
    قەھرىمىزدىن تاپىمىز ئازار،
    قەھرىمىزدىن چېكىمىز كۈلپەت.

    سۆيگۈمىزنى چانايمىز بەزەن،
    قان تامچىتىپ كۆڭۈل كۆزىدىن.
    ئۆمۈرلەرنى قىلىپ مۇڭ ۋەتەن،
    شور ئۆرلىتىپ دوستلار يۈزىدىن.

    ھەسەت بىلەن قايچىلىنىمىز،
    قايچىلايمىز چېچەكلەرنى ھەم.
    تاشقا چۈشەر ھامان چىنىمىز،
    يىغلىتىمىز تىلەكلەرنى ھەم.

    قەھرىمىزدىن ئۇزار زېمىستان،
    چىمەنلەرنى قىرقىغاي ئۈششۈك.

    قەھرىمىزدىن يۈز-كۆزىمىز قان،
    مۇز دەسسىگەن كەشىمىز تۆشۈك.

    قەھرىمىزدىن مىڭ پارە تىلەك،
    قارلىغاچلار سالمايدۇ ئۇۋا.
    قەھرىمىزدىن ئۆلگەن كېپىنەك،
    پەيمانىمىز لەبالەب ئوۋغا.

    سۆيگۈمىزدىن تۈنلەر قۇچار تاڭ،
    پەسىللەرگە كىرمەس سوغۇق قىش.
    سۆيگۈمىزدىن ئۇچار خۇش ئاھاڭ،
    لەۋزىمىزدىن يوقالغاي قارغىش.

    سۆيگۈمىزدىن يۇيۇلمىش ھەرداغ،
    سۆيگۈمىزدىن جىمى مەئىشەت.
    تاش چېچەكلەپ مېۋە بەرگەي تاغ،
    خەشەكلەردىن تامچىغاي شەربەت.

    بىز ئادەملەر ئاجايىپ مەخلۇق،
    ھەم كەرەملىك، ھەم قالتىس ياۋۇز.
    ياخشىلىقتا ئۇلۇغمىز، ئۇلۇغ،
    ياۋۇزلۇقتا قورقار يالماۋۇز.

    ھايات ئۆزى ئاجايىپ جەڭگاھ،
    لەھزىلەرنىڭ دوقمۇشىدا جەڭ.
    يوقتۇر ئۇندا ھېچكىمگە پاناھ،
    غالىپنىڭمۇ بولغاي ھالى تەڭ.

    سەيلىگاھنى بىز قىلدۇق جەڭگاھ،
    تىكەن تەردى بىزنىڭ پەيلىمىز.
    ۋەسلىمىزدە بىر تەشۋىش ئاگاھ،
    خالاس ئەمەس غەمدىن سەيلىمىز.

    جەڭگاھلارنى قىلساق سەيلىگاھ،
    ئۆتمۈش بولغاي نادامەت-ھەسرەت.
    ئىنسان بولسا ئىنسانغا دىلخاھ،
    ئالەم بولغاي جەننەتكە جەننەت.

    ياتار بوۋاق ئايدەك خىرامان،
    جانۇجىسمى ئەمەس زەررە كىر.
    ئۇ ئۇقمايدۇ قانداق بۇ جاھان؟
    ئاڭا تالىق قانداق لاخشىگىر؟

    ئۇ ياتىدۇ كۈندەك مېھىردە،
    قول سوزىدۇ قارىساڭ مۇشتاق.
    بىر ئامراقلىق ئوينار چېھرىدە،
    يۈرىكىدە ئاچىدۇ قۇچاق.

    ئۇ ئۇقمايدۇ مېھنەت نېمە ئۇ؟
    ئۇ ئۇقمايدۇ غۇربەت نېمە ئۇ؟
    ئۇ ئۇقمايدۇ قىسمەت نېمە ئۇ؟
    ئۇ ئۇقمايدۇ ھەسرەت نېمە ئۇ؟

    ئۇ ئۇقمايدۇ خۇسۇمەت نېمە؟
    ئۇ ئۇقمايدۇ ھەسەت نېمە ئۇ؟
    ئۇ ئۇقمايدۇ پالاكەت نېمە؟
    ئۇ ئۇقمايدۇ تۆھمەت نېمە ئۇ؟

    ئۇقتۇرمىسۇن ئۇلارنى ئاڭا،
    نىسىپ بولغاي ئۇزلۇق، ياخشىلىق.
    نەس نېسىۋە تاپماس ئىپتىدا،
    ياشىغايكىم بولماي قاراشلىق.

     


    4- باپ

    ئاھ، ئالدىمدا تۇرار تاش ئەينەك،
    قاراپ قالدىم ئۆزۈمگە ئۇزاق.
    ئېغىر-ئېغىر تىپىرلار يۈرەك،
    قېنى كېلىپ سەنمۇ قاراپ باق!

    ئېلىپ قايتتى خىياللار يەنە،
    قىرىق يىلدىن كۆپرەك مۇقەددەم.
    ئات تويىمۇ قالتىس تەنتەنە،
    جەم بولۇشقان جىمى مۆھتەرەم.

    بوۋاق ياتار كۈلۈپ بىر تاتلىق،
    مۆلدۈر-مۆلدۈر بېقىپ خىرامان.
    چولپان كۆزلەر قوزغايدۇ شادلىق،
    ئۈمىدلەرگە تاشلاپ ھاياجان.

    تۇغۇلغانغا بولدى دەل ھەپتە،
    ئات قويماقلىق ئەزەلدن رەسىم.
    بوش كەلمىدى ھېچكىممۇ گەپتە،
    تاللىماق تەس مۇناسىپ ئىسىم.

    - بۇ ئوغۇلنى خۇدايىم بەردى،
    خۇدا بەردى دەيلى ئىسمىنى.
    ئىگەم بەرمەي ئۇ نەدە ئەردى؟
    تەڭرىم كەڭرى قىلغاي رىسقىنى.

    -ياق، ئىسمىنى دولقۇن دېگۈلۈك،
    دەريا كەبى قىرلاردىن ئاشقاي.
    بەھىرلەردىن چېچەكلەپ چۆللۈك،
    كۆلچەكلەردە تۈنەپ چىقار ئاي.


    - ئاتايلىچۇ بىز ئۇنى زەپەر،
    - دېگەن ياخشى باتۇر يا غالىپ.
    - ھە، ھە، تاپتىم، بولسۇن ئىسكەندەر،
    - ئۇ بىر قانخور دىلى مۇخالىپ.

    تالاش بولدى ئۇزۇندىن ئۇزۇن،
    توشۇپ كەتتى قېلىن بىر دەپتەر.
    گاھ قېيىداپ تولغاشتى بويۇن،
    بولدى ھەتتا تىغ تەنە گەپلەر.

    ھەممەيلەننىڭ نىيىتى دۇرۇس،
    ھەر كۆڭۈلدە بىر خالىس تىلەك.
    ئىسمى زاتى كەلسە راۋۇرۇس،
    ياشاپ ئۆتسە بولۇپ چىن ئەركەك.

    يىگىت بولسا بەقۇۋۋەت، بەردەم،
    شەربەت تامسا تاشتىن پەنجىدە.
    مەنزىلگاھلار تاپسا خۇش قەدەم،
    ھېكمەت تولسا قەلب گەنجىدە.

    پىنھانلارنى چاقسا نىگاھى،
    يۇلتۇزلارنى قالدۇرسا ھەيران.
    سۇ تەكتىدە بىر نەزمە گاھى،
    كۈيلىرىدىن ئوت ئالسا ئوكيان.

    لەھەڭلەرنىڭ قارنىدا ئۇخلاپ،
    يولۋاسلارنى مىنسە ئورماندا.
    قاناتلىقلار بىلەن تەڭ ئويناپ،
    ئەنقا ئۆزرە ئۇچسا ئاسماندا.

    ئىزلىرىدىن كۈلسە كەڭ چىمەن،
    ئالەم ئەمسە ھىدايەت ھىدى.

    چېچەكلەردە بۇلبۇللار تۈمەن،
    خەندان-خەندان سايرىسا ئىدى.

    نىسىپ بولغاي ئىرپاننىڭ تاجى،
    پاك لەۋزىدىن تامغاي دۇردانە.
    قەلبى گويا ئەقىل مېراجى،
    دىللار شەمئى ئۈچۈن پەرۋانە.

    قولى تەگسە كۈمۈش بولسا كۈل،
    خەس-خازانلار تىللا-ساپ ئالتۇن.
    رەنجى داۋا تاپقاي دەز كۆڭۈل،
    تەسەددۇقلار توڭغانغا يالقۇن.

    قىيام بولغاي جىسمى ۋاپادىن،
    يىگىت بولغاي ئەھدىدىن قايتماس.
    قونمىغاي كىر مىكىر-رىيادىن،
    بولغاي گويا سۈربەتلىك يولۋاس.

    ئىگەم قىلماس بەندىگە بەندە،
    دېگۈزمىگەي: بىلمىدىم، توۋا.
    يولۇقمىغاي ھېچ زەھەرخەندە،
    قايان بارسا دېگەي مەرھابا.

    ھەسەتلەرگە پەرۋايى پەلەك،
    تاغ-تاغلاردىن بۈيۈك دىلغورۇر.
    قىزغىنىشلار بەجايى پېچەك،
    قىيالاردىن ھالقىغاي مەغرۇر.

    خىسلىتىدىن نۇر ئالغاي ۋاپا،
    جامالىدىن پارلىغاي نومۇس.

     

    ئەقىدادلىق چىن ئەھلى ۋاپا،
    ئادەم بولغاي دۇرۇس، راۋۇرۇس.

    داغ تەككۈزمەس ھېچبىر پەسەندە،
    يىراق بولغاي يامان سۆز-تۆھمەت.
    ياش تۆكمىگەي ھامان خۇش خەندە،
    پەخىرلەنگەي قەۋم ۋە مىللەت.

    تىلەكلەرنىڭ چېكى بولغانمۇ،
    ئۈمىدلەرگە تار كېلەر ئالەم.
    خىياللارنىڭ بىلى سۇنغانمۇ،
    غايە بىلەن ياشايدۇ ئادەم.

    خىياللاردەك ئۇز بولسا دۇنيا،
    ئېھ، نەقەدەر گۈزەل-ھە، ھايات!
    غايىپ بولسا ئالەمدىن رىيا،
    تاش ئورنىدا ياتمامتى ناۋات.

    ئۈمىدلەرنى قۇچسا مىغ چېچەك،
    بوغۇزلانغاي ئىدى نادامەت.
    سادا بەرسە پەرۋازى تىلەك،
    قالماس ئىدى دەردۇ رىيازەت.

    تالاش بولدى ئىسىم ھەققىدە،
    تالاش بولدى جىددىي ۋە كەسكىن.
    ھەر كۆڭۈلدە ئىزگۈ ئەقىدە،
    ئېتى بولدى بوۋاقنىڭ ئەركىن.

    ئەركىن بولسۇن، ئەركى بولمىسا،
    ئۆلۈم ئارتۇق ئۇنداق ياشاشتىن.
    ئەركىن بولسۇن، چىن ئەركى بولسا،
    گۆھەر ئالغاي چۆللەردە تاشتىن.

    5- باپ

    ئىككى سۈرەت ئىككى كۆزۈمدە،
    خىياللارغا چىرمالدىم يەنە.
    ئىككى دەريا ئاقار يۈزۈمدە،
    بىرى لىق مۇڭ، بىرى تەنتەنە.

    خالاس بولدى زاكىدىن بوۋاق،
    بۆشۈكلەرگە سىغمىدى جىسمى.
    قاراشلىرى شوخ، شۇنچە ئويناق،
    ئەركىن دەپ خوش ياراشقان ئىسمى.

    تەتە بولدى، چىقتى ئايىقى،
    قەدەم باستى ئانا تۇپراققا.
    بەك سۆيۈملۈك، تاتلىق قىلىقى،
    دەم كۆرمىسەڭ سالار پىراققا.

    تىلى چىقتى دادا، ئانا، دەپ،
    ئامراقلىقى دىلنى كۆيدۈرەر.
    تېنىم تاپماي ئويۇنچۇق ئىزدەپ،
    ئۆي ئىچىدە يۈگۈرەپ يۈرەر.

    گىرە سېلىپ بوينۇڭغا مەھكەم،
    چوكۇلدىتىپ سۆيۈپ كېتىدۇ.
    شۇ چاغ دىلغا پاتقان نى ئەلەم
    ۋىژژىدەكلا ئېرىپ كېتىدۇ.

    قۇچىقىڭغا چىقىپ ئەركىلەپ،
    سوزۇپ قويار بۇرۇنلىرىڭدىن.
    بالا بولۇپ ئوينىساڭ ھە، دەپ،
    كۈلۈپ كېتەر ئويۇنلىرىڭدىن.


    مىندۈرىسەن ئات بولۇپ ئاڭا،
    تېز چاپمىساڭ رەنجىيدۇ تېخى.
    ئەگىشىدۇ ماڭساڭ تالاغا،
    چۇقىرايدۇ سەن قايتقان چېغى.

    تۆگە تايلاق قىلىپ چىقىسەن،
    ئويناتقىلى ئۇنى بەزىدە.
    ئۇنى، بۇنى ئېلىپ بېرىسەن،
    ۋە قالىسەن گاھى قەرزىدە.

    ئۆتۈپ قالسا پىكاپلار ئىلدام،
    «ئېلىپ بەرگىن»دەيدۇ ئۇ ساڭا.
    دەيسەن چوقۇم ئالىمىز بالام،
    بىزگىمۇ جىق يول بەرسە خۇدا.

    قارلىغاچلار ئۇچسا ۋىچىرلاپ،
    قانات ياساپ ئۇچايلى دەيدۇ.
    ئاخشاملىرى ئاسمانغا قاراپ،
    ئاي-يۇلتۇزنى قۇچايلى دەيدۇ.

    ئەركىن كىردى نىھايەت بەشكە،
    چېچەن ئادەم بولدى باشقىچە.
    ئەقلى تولۇپ كەلدى ئەيۋەشكە،
    دىتقا تولدى دىلى تاشقىچە.

    چوڭ ئادەمدەك گەپلىرى ئوڭلۇق،
    كۆزلىرىدىن ياغار زېرەكلىك.
    كىم كۆرسەتسە يىرىكلىك، توڭلۇق،
    ئاڭا ھۇجۇم قىلار يۈرەكلىك.

    گوللىغانغا ئالدانماس قىلچە،
    زىنھار، زەررە ئېيتمايدۇ يالغان.

    ئويلىغاننى قىلار ئەقلىچە،
    زېھنى تۇرماي قىلىدۇ جەۋلان.

    بالىلارغا بولۇپ باش-سەركە،
    خۇشال ئوينار چىقارماي جېدەل.
    ئۆي ياسايدۇ تىزىپ پەنەرگە،
    چېلىشىپمۇ قويار تۇتۇپ بەل.

    ياۋاشلارنى قىلمايدۇ بوزەك،
    يامانلاردىن يېمەيدۇ ۋايىم.
    تاپالىسا بىر تال قەنت-گېزەك،
    دوستلار بىلەن تەڭ يەيدۇ دائىم.

    سوئاللارنى ياغدۇرۇپ قۇمدەك،
    ئەسكە سالار بالىلىقىڭنى.
    جاۋابلىرى مۇستەھكەم مومدەك،
    قوزغايدۇ چىن قايىللىقىڭنى.

    يۈرۈشلىرى رەتلىك، پاكىزە،
    ئۈستىباشقا قوندۇرمايدۇ كىر.
    قۇرۇق سۆلەت ئەمەستۇر بىزە،
    ھەم تىرىشچان ھەم ئويغاق پىكىر.

    قىلالمايمەن دېمەس ھېچ ئىشنى،
    قىلما دېسەڭ، بولىدۇ خاپا.
    ئۇ ئويلايدۇ قانداق قىلىشنى،
    ۋايسىمايدۇ تارتسىمۇ جاپا.

    ھەۋەسلىنىپ ئاتا ۋە ئانا،
    قۇچاقلايدۇ، سۆيىدۇ قانماي.
    مەشغۇلىدا قالدۇرماس خاتا،
    ئۆز ئىشىنى قىلار تايانماي.

    ئەركىن كىرگەن چاغدا يەتتىگە،
    بولۇپ كەتتى باشقىچە چېچەن.
    ياراپ ئىشقا، كەلدى-كەتتىگە،
    قەدەم قويدى جايىدا بەلەن.

    ھەمراھ بولدى ئاتىغا يارام،
    قۇشتەك بارار بۇيرىغان يەرگە.
    ئانىسىغا بولدى دىل ئارام،
    ھەمدەم بولۇپ چۆمۈلەر تەرگە.

    ماختاپ كېتەر قۇلۇم- قوشنىلار،
    چوڭ ئادەمدەك قىلغاندا سالام.
    ئوبدانلىقى بىر قاراشتىلا،
    مومايلار دەر: مېھرىبان بالام.

    توققۇز ياشقا كىرگەن ھەدىسى
    ھەر كەچقۇرۇن ئۆگىتەر رەقەم.
    يادا بولدى ھەرپ ھەممىسى،
    يانچۇقىدا ئايرىلماس قەلەم.

    قاردەك تازا شۇ سەبىي بالا،
    پاكار شېرە قويۇپ ئايۋاندا.
    ئاق بەتلەرنى تىزىپ ئالدىغا،
    بىر نېمىلەر يېزىۋاتقاندا.

    ياڭراپ قالدى بىر گۈلدۇر قاراس،
    رۇجەكلەرنى سۇندۇردى بوران.
    شۇنچە دەھشەت يا ئەييۇھەنناس،
    قۇم تىقىلدى كۆزلەرگە شۇئان.

     


    6- باپ

    كۆز ئالدىمدا بىر رەسىم-سۈرەت،
    لەرزە چۈشتى جىسمىمغا دىر-دىر.
    دىلدا ئاتەش دەريا ھارارەت،
    قەلبىم ئارا بىر كەچمىش زىكىر.

    ئەسىرلەرگە يىگىرمە ئىدى،
    مۇڭ تەپچىگەن يىللارغا ئاتمىش.
    كۆڭۈللەرنى غۇسسە-غەم يىدى،
    ئاڭلانغىنى نالە-پەريادمىش.

    چاقماق چۈشتى يەرگە ئاسماندىن،
    يەردىن قاڭقىپ تۇتاشتى كۆككە.
    جاھان كۆيدى يانغان ئەپغاندىن،
    رەنجى يەتتى ھەتتا ئۆلۈككە.

    گۈلباغلارنى ئۇچۇردى بوران،
    ئىشىكلەردىن كىردى سەل-كەلكۈن.
    ئادەملەرگە ئېغىر كەلدى جان،
    تېڭىرقىدى تەبىئەت، ئەلكۈن.

    قارا كۆزلەر قارىسى ئاقتى،
    ئاھۇ كۆزلەر قالدى زىيادىن.
    پەلەك چەرخى تەتۈرگە باقتى،
    زەھەر ئەمدى تىللار رىيادىن.

    گۈل چېھىرلەر سولدى، جۇت چاقتى،
    سۇندى قامەت جەبرۇجاپادىن.
    زىناقلاردىن شور توپا ئاقتى،
    قان تامچىدى شەپقەت-ۋاپادىن.


    گال بوغۇلدى، يىرتىلدى ياقا،
    قول قاراسلاپ قايرىلدى ۋاي-ۋاي.
    پازىللارنىڭ يۈز-كۆزى يارا،
    ئەل ئەقلىدىن ئايرىلدى بولغاي.

    پۈتۈن ئەلگە كەلدى ئازارلىق،
    ئايرىمىدى قەۋم ۋە مىللەت.
    قىلدى ئالەم ئادەمگە تارلىق،
    كېكىردەكتىن قىسقاندا قىسمەت.

    ۋادەرىخا، پەيلى شۇم ئالەم،
    ۋادەرىخا، بەدخۇيلۇق دۇنيا.
    نېمە گۇناھ قىلغانتى ئادەم،
    ئېيتقىنا بىر، ئېيتقىنا خۇدا.

    بۇ ئالەمگە تۇغۇلدۇق نېچۈك،
    نېمىلەرنى كۆردۇق كۆز ئېچىپ.
    ھايات گاھى قىيان، گاھ سۈزۈك،
    خالاس تاپماق ئىمكانسىز قېچىپ،

    تىلەكلەرنىڭ شېخى ئوشتۇلدى،
    ئۈمىدلەرنىڭ كۆزىدە لىق قۇم.
    ئىزگۈ ئارزۇ تىرىك سويۇلدى،
    غورۇر چېھرى قان ئۇيۇم-ئۇيۇم.

    ۋادەرىخا، شۇ مەسۈم سەبىي،
    كىر-غۇبارسىز، پاك نارەسىدە.
    تىلىم—تىلىم تىغ تەگكەن كەبى،
    بولدى باغرى سەدپارە-زىدە.

    زەر تاۋلىنار ئوتتا راۋۇرۇس،
    ئوت قوينىدا پىشىدۇ پولات.

    تۇغۇلىدۇ ئوتتا قەقىنۇس،
    ئاتەشگاھتا پەرلەيدۇ قانات.

    ھايات دېگەن ئادەمدىن غالىپ،
    خاھىشلارغا باقمايدۇ دۇنيا.
    روھ قۇدرىتى كۈچلۈك ئاجايىپ،
    تاشنى يېرىپ بىخلايدۇ گىياھ.

    بولغان ئەمەس توختىماس بوران،
    قۇرۇپ كەتكەن ھەتتا توپانمۇ.
    كەچمىشلەردىن قالمىش كۆپ داستان،
    ئۆز ھۆكمى بار قالتىس جاھان بۇ!

    ئايلىنىدۇ ئالەم ئوقىدا،
    كۈن ئويغىنار مەشرىقتىن ھەرتاڭ.
    تۇرغاي نېمە ئەزەل تۇرقىدا؟
    كۈيلەر بەھرى مىڭ رەڭ، مىڭ ئاھاڭ.

    دىۋەيلەيدۇ لەھزىدىن لەھزە،
    شامال دېگەن سوقار، توختىماس.
    مىڭ جادۇگەر قىلسىمۇ غەمزە،
    دەريا دېگەن ئاقار، ئۇخلىماس.

    ئەسىرلەرگە يىگىرمە ئىدى،
    يەتمىش سەككىز ئىدى يىللارغا.
    قاياقتىندۇر باھارنىڭ ھىدى
    مۇئەتتەر بۇي بەردى دىللارغا.

    ئىللىق ئېقىم سۆيدى دالىنى،
    ئۆرۈكزارلار قالدى چېچەكلەپ.
    دەۋران سوراپ دەرتمەن ھالىنى،
    تەسكىن گۈلى ياغدى ئىتەكلەپ.

    باھار، باھار، سېغىنغان باھار،
    قارلىغاچلار ياسىدى ئۇۋا.
    گۈل ئېچىلدى رەڭدار بىغۇبار،
    بۇلبۇل خەندان ئۇردى خۇشناۋا.

    پەسىللەرگە دەم بېرىپ ۋاقىت،
    شەربەت تۆكتى باغقا يېڭى ياز.
    نەرقى ناۋا تېپىپ ئەقىل، دىت،
    كۆكنى ياردى مىڭ بەلەن پەرۋاز.

    قايسى شۇڭقار، قايسى ئەنقا بۇ،
    نىگاھلارغا لىق تولدى ھەيرەت.
    ئەسلى شۇنداق گۈزەل دۇنيا بۇ،
    ھەق-ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھېكمەت.

    قۇچاق ئاچتى ھاياتقا دۇنيا،
    زەھەر يۈتتى تۆھمەت نىھايەت.
    تەلئەتلەردە يارقىن بىر زىيا،
    ئەلكۈن تاپتى تەۋپىق-ھىدايەت.

    توۋا! دېدى، بۇرۇلۇپ ھەركىم،
    ئەھلى ئىنسان ئويغاندى باشقا.
    دەۋران بولدى شىپالىق ھەكىم،
    ئۆزرە قويدى قاياش، قاياشقا.

    كەچمىشلەرگە باقساڭ بەك ئۇزۇن،
    بىر قارىساڭ ئۆمۈر بەك قىسقا.
    كۆرەرسەنكەن يۈزلىگەن ئويۇن،
    غەرق بولۇپ تۈمەن مىڭ ھېسقا.

     


    7- باپ

    كۆز ئالدىمدا يەنە بىر سېيما،
    ھەركۈنۈم بىر قىسسە-ھېكايەت.
    سائەتلەردە ئۆزگە بىر تېما،
    لەھزىلەردە تۈرلۈك ئىبارەت.

    ھېكايەتلەر تۇغار رىۋايەت،
    قەسىدەمدە رەڭمۇرەڭ چۆچەك.
    ئەپسانىلەر ئەپسانە پەقەت،
    ئالتۇن ئۈچۈن بۇياق نە كېرەك.

    قار ئەمەستۇر ئۆرۈك چېچىكى،
    ئالماس مارجان ئەمەس مۆلدۈر ھەم.
    خام گۆش ئەمەس ئادەم يۈرىكى،
    گۈلگۈن قەترە ياش ئەمەس شەبنەم.

    ئىنسان ئۆمرى بەزەن بەك تاتلىق،
    يۈرەك-باغرىڭ چىلانغاي بالغا.
    ئۈمىد-ئىستەك شۇڭقار قاناتلىق،
    بىر ئۇچۇپلا يېتەر ئىقبالغا.

    پەرۋازىڭغا يىتەلمەيدۇ ئوق،
    قاراس-قۇرۇس سۇنغاي روچاق لار.
    بوغۇزلانغاي خۇسۇمەت شۇملۇق،
    باغاشلايدۇ باھار قۇچاقلار.

    ئايىقىڭدا چىمەنىستان يول،
    سۇباتىڭغا سالام- تەۋەززۇ.
    پاناھىڭدۇر خۇدا ۋە رەسۇل،
    ئىسمى زاتىڭ ئالەمگە ئارزۇ.

    خازان ئۈزسەڭ تىللا بولىدۇ،
    پاخال سالساڭ توسۇلغاي دەريا.
    قەترە تۆكسەڭ دەريا تولىدۇ،
    تاغلار چۆكۈپ دەيدۇ مەرھابا.

    نىگاھلاردا چاقناپ قالىسەن،
    كۆڭۈللەردە پارلاپ ھۈكەردەك.
    خىياللارغا ۋىسال سالىسەن،
    ساماۋىي چۈش كۆرگەن سەھەردەك.

    غېرىپ چۈشلەر يىغلار سېلىپ ئۈن،
    ئۆرىلىدۇ ياستۇق ساناقسىز.
    جانلار ئېرىپ، يۈزلەردە كەلكۈن،
    تاڭدا كۆزلەر ھالرەڭ، قاراقسىز.

    كۈن ئۆرۈلسە سەن پىنھان تەلئەت،
    قەلبلەرنى باسقاي قاراڭغۇ.
    مۇشتاقلارغا چېھرىڭ سەلتەنەت،
    نىگاھىڭدىن نۇرلانغاي قارغۇ.

    قول سوزىدۇ ساڭا تولۇنئاي،
    ۋىسالىڭغا چاڭقاق ئىلتىجا.
    ھەسەن-ھۈسەن پايانداز سالغاي،
    ھەۋىسىڭدە ئۆرگۈلگەي دۇنيا.

    كۆزلىرىڭدە ئەگىيدۇ يۇلتۇز،
    ماڭلىيىڭدىن نۇر ئەمگەي ساما.
    گۆھەر چىشلەر ساھىلدا قۇندۇز،
    تەسەددۇقتۇر كۇللىيات ساڭا.

    كەلمىشىڭگە مۇشتاق ئىستىقبال،
    ساڭا تالىق دەمۇدەم بالقىش.

    شۆھرىتىڭگە شانۇ زەپەر دال،
    ساڭا مەنسۇپ كامالىي ئالقىش.

    ھوزۇرۇڭدا سۇمرۇغ سالامدا،
    قۇشلار ئەمرى-ئىجازىتىڭدە.
    تەھسىن تۈمەن شېرىن كالامدا،
    خىزىر ھەردەم زىيارىتىڭدە.

    چاچلىرىڭغا ئۇرۇلار شامال،
    لەۋلىرىڭنى پۇرايدۇ غۇنچە.
    قاينىمىڭدا چايقىلار زىلال،
    بەھرىڭ ئارا يانىدۇ ئۈنچە.

    مۇشتاق يۈرەك بىر ئۇيۇل قوقاس،
    كۆڭۈللەردە بىر غايىپ ئۈندەش.
    روھىي ئالەم ئەمەستۇر تىمتاس،
    نالەش، نالەش، رەشىك ھەم كۈندەش.

    ھۆر-پەرىلەر ئىزدەيدۇ پالچى،
    كۆڭۈللەردە ئىشقىڭدىن ئۇچقۇن.
    تۇمار ساتار جىنكەش يالاچى،
    سەۋەبىڭدىن ئالدىراش پىرخون.

    خاكى پايىڭ تامام ئېھتىرام،
    بىر ئۇلۇغۋار تاۋاپگاھ خانەڭ.
    پەرمانىڭغا تەسەددۇق ئاۋام،
    داغ سۇ كەۋسەر سۆيسە پەيمانەڭ.

    بوسۇغاڭدۇر مېراجى ئەلا،
    دەرۋازاڭدۇر ئىلاھىي تىلسىم.
    سادا كەلسە سەندىن خۇش ھاۋا،
    تەن ياشارغاي بولۇپ بىر قىسىم.

    ۋۇجۇدلارغا تاشلانسا سايەڭ،
    روھىي ئالەم ئوينايدۇ ئايەم.
    ھەرەم قىلغاي چۆللەرنى پايەڭ،
    ئەنۋارىڭدىن ئەتراپ مۇكەررەم.

    پەرمانبەردار تالاي جان پىدا،
    ئەتراپىڭدا مۇخلىس، مۇلازىم.
    دەيدۇ ھەممە: دانىش-ئەۋلىيا،
    ئەللامىلەر ياغدۇرار تازىم.

    كۆزلىرىڭدىن بالقىپ تۇرار نۇر،
    يۈزلىرىڭدە يانار ئىپتىخار.
    سۆزلىرىڭدە تىمسالسىز غورۇر،
    سۆھبىتىڭدىن كۆڭۈللەر باھار.

    مۇراد پەسلى ساڭا ھەر ئەسنا،
    تىلەكلىرىڭ ئىجابەت-ھاسىل.
    ھەۋەسلىرىڭ غەمدىن مۇستەسنا،
    ئىستەكلىرىڭ ئىقبالغا نائىل.

    ئاق بۇلۇتلار تومۇزدا سايە،
    زېمىستاندا قۇياش قوينۇڭدا.
    خاھىشلاردا ساڭا ھىمايە،
    گۈلدەستىلەر كۈلەر بوينۇڭدا.

    لېكىن، دۇنيا تۈمەن مىڭ جۇلا،
    تەقدىر مۇتلەق ئەمەستۇر، نىسپىي!
    ئون بەش كېچە ئاسمان نۇر-زىيا،
    قاراڭغۇدۇر ئاينىڭ تەڭ-نىسپى.

     


    8- باپ

    نىگاھىمدا چېھرىمدىن ھالەت،
    ھەيرەت ئىچرە نەمدۇر قاراقىم.
    چېكەي نېچۈك تەلئەتتىن ھەسرەت،
    بالدۇرقىدەك ئەمەس سىياقىم.

    ئۇزاق بېقىپ تۇردۇم ئۆزۈمگە،
    بويۇن سوزۇپ روھىي رۇجەككە.
    ئۆز كۆزۈمدە بېقىپ كۆزۈمگە،
    شۇڭغۇپ كىردىم بەھرى يۈرەككە.

    يۈرىكىمدىن جاي ئالدىم ئاخىر،
    ئېرىغلىدى ئاناررەڭ دەريا.
    ئەسلى شائىر قەلبى ناۋادىر،
    جىسمى داغسىز، روھى مۇسەپپا.

    نۇرى گۆھەر پەرىشتە شائىر،
    بىئىلتىجا، مەغرۇر، بىتاما.
    تاش دېگەنلەر تاش، ئۇ جاۋاھىر!
    روھى دۇنيا تەققاسسىز دۇنيا.

    يۈرىكىمدە ئولتۇرۇپ مەغرۇر،
    قاراپ چىقتىم رېئال ئالەمگە.
    زاھىرلىقىم كەلمىدى مەنزۇر،
    بەشىرەمدىن چۆمدۈم ئەلەمگە.

    زاھىرىمغا تارتمىدى رايىم،
    بۇ ئەمەستۇر بەدرەڭلىكىمدىن.
    غەلەت كۆرۈم ئەمەس سېيمايىم،
    سەۋەب سىرى سەدرەڭلىكىمدىن.


    كۆزلىرىمنى ئالسام كۆزۈمدىن،
    قورشاۋىدا قالدىم كۆزلەرنىڭ.
    نېمە ئىزلەر كۆزلەر يۈزۈمدىن،
    ۋەزنى نېچۈك ئۈنسىز سۆزلەرنىڭ.

    ھەزەرلەردىن تاشتى ھەزەرلەر،
    چۆچۈپ كەتتىم ئۆزۈم ئۆزۈمدىن.
    نەشتەر كەبىي سوغۇق نەزەرلەر،
    مۆلدۈر كۆردى كۆزۈم كۆزۈمدىن.

    مەن كۆزۈمگە ئۈزمەي كۆز سالدىم،
    كۆز تەكتىدە كۆزلەر بىھېساب.
    ئويلا-ئويلا ھەيرەتتە قالدىم،
    تالاي ھېكمەت، ھەدسىز ئىزتىراپ.

    قارا كۆزلەر قاراتتى، تارتتى،
    قوي كۆزلەرگە باقتىم مۇلايىم.
    ئاھۇ كۆزلەر ھېسلار ياراتتى،
    شەھلا كۆزلەر، پاھ-پاھ ئىلاھىم.

    زەڭگەر كۆزگە كۆز سالدىم تازا،
    قىيسىق كۆزگە باقتىپ قىينىلىپ.
    ئەمالارغا قىلمىدىم ئىزا،
    ھېسداش بولدۇم دىلىم تىلىنىپ.

    ئويلاپ قالدىم ئۇزاق كەڭتاشا،
    ھايات، ئالەم، رەڭمۇرەڭ ھېكمەت.
    كۆزنى كۆز يەر بولمىسا قاڭشا،
    بۇ ئاددىي گەپ قالتىس ھەقىقەت.

    كۆزلەر، ۋەسلى مېھىرلىك كۆزلەر،
    دىلكەش دىلنى قىلغاي يالقۇنلۇق.

    كۆزلەر، جادۇ-سېھىرلىك كۆزلەر،
    ياشتىن دەريا ياسار دولقۇنلۇق.

    ئېھ، بۇ كۆزلەر قانداق چىرايلىق،
    ئوخشاتمىغىن ئۇنى بۇلاققا.
    تەققاسىغا يۇلتۇز نالايىق،
    ئوخشار ئۆچمەس گۆھەر چىراققا.

    مەن كۆزلەرگە شۇڭغۇدۇم ھازىر،
    ھەربىر كۆزدە بىر چەكسىز دۇنيا.
    كۆزلەر بىلەن كۆزلەر مۇنازىر،
    يىشىلمەكتە تىلسىم-مۇئەمما.

    كۆزلەر قىلىپ مەپتۇن-مەھلىيا،
    مېھرى دىلنى سىيلار مۇلايىم.
    قانداق راھەت بۇ ئالەم ساڭا،
    مىڭ يىل ئۆمۈر بەرسە خۇدايىم.

    كۆزلەر ئىچرە چايقىلار دېڭىز،
    كۆزلەر بەھرى يۇلتۇزلۇق ئاسمان.
    تەكتى-قەرى بىقىياس، تەگسىز،
    چەك-ساھىلسىز شۇنداق بىپايان.

    كۆزلەر ئىچرە شەپقەت پەرىشتە،
    كۆزلەر ئىچرە مېھرى مۇھەببەت.
    روھىڭ چاڭقاپ يىقىلساڭ دەشتتە،
    روھى يۆلەپ تامدۇرار شەربەت.

    كۆزدە كۆڭۈل تۈزگەن گۈلىستان،
    سەككىز جەننەت پەيزى مۇجەسسەم.
    ئۇ ئاجايىپ ئىزگۈ دىلىستان،
    سەن مۇكەررەم، ئەزىز، مۆھتەرەم.

    كۆزلەر ئىچرە ھۇۋلار زېمىستان،
    كۆزلەر ئىچرە ھەسەت، خۇسۇمەت.
    كۆزلەر ئىچرە شاياتون، شەيتان،
    كۆزلەر ئىچرە قىزىل قىيامەت.

    مەردلەر كۆزى باقتى زوقلىنىپ،
    قەدرىم كۈلۈپ، تاپتىم ئىپتىخار.
    ئىلھاملاردىن چەندان روھلىنىپ،
    كۆڭۈللەرگە يەتكۈزدۈم ناھار.

    مەن يورۇدۇم تالاي كۆزلەردىن،
    نۇرىستاندۇر كۆڭۈل ئايۋانىم.
    ئازار يېدىم ئالغاي كۆزلەردىن،
    ئۇلار بولدى بەندى زىندانىم.

    تالاي كۆزگە كۆرۈندۈم گۈلدەك،
    تالاي كۆزگە كۆرۈندۈم تىكەن.
    گاھى قەدرىم سورۇلسا كۈلدەك،
    گاھ قۇتلاندىم، ھايات شۇ ئىكەن.

    قاراڭ، سانسىز كۆزلەر كۆزۈمدە،
    نەزەرلەردىن چەكمەسمەن ھەيرەت.
    كۆزۈم سۆزلەر كۆڭۈل سۆزۈمدە،
    ھەسەتلەرگە تەسەددۇق ھەسرەت.

    كۆزلەر، كۆزلەر، بىرتالاي كۆزلەر،
    مەردلەر كۆزى نۇرلۇق باي كۆزلەر.
    باغرى زەرداب نەس ئالغاي كۆزلەر،
    ھەقىقەتتۇر قۇياش، ئاي، كۆزلەر.

     


    9-باپ

    كۆرسەتمەكتە ماڭا تاشئەينەك،
    نامايەندۇر بىر قىران ئاتا.
    ئويچان كۆزلەر ئۆزرە كۆز ئەينەك،
    بۇ سۈرىتىم ئەمەستۇر خاتا.

    ئاتەشداندا ئولتۇرغان كەبى،
    كەچمىشلەرنى ئالىمەن ئەسكە.
    تۇرمۇش رايىش ئەمەس، ئەسەبى،
    تەقدىر كۆنمەس خاھىش، ھەۋەسكە.

    كارۋان تارتىپ ئۆتتى تۆت مۆچەل،
    قايرىلمىدى، ئۆڭمىدى ئەسلىم.
    مۇشەققەتلەر ئېلىشالماي بەل،
    ئىرادەمدىن بولۇشتى تەسلىم.

    كەچمىش ھايات قايناق، نەۋباھار،
    جاھان باغرى جەننەت گۈلىستان.
    كېچىلەرمۇ نۇر سۆيگەن ناھار،
    قۇشلار خەندان ئوقۇيدۇ داستان.

    كەچمىش كۈنلەر گاھى شېرىن تەم،
    ئۆمۈر ۋەسلى بەخشەندە پەرۇخ.
    بېشىڭ كۆرمەس ئاپتاپ ياكى نەم،
    سايىۋەندۇر ئۈستۈڭدە سۇمرۇغ.

    گاھ باغلاردا ئوينايسەن مەشرەپ،
    ياڭراپ تۇرار شاھانە مۇقام.
    سورۇن ئارا سەن ئەزىز ئەشرەپ،
    لەۋلىرىڭدە ۋىسال تولغان جام.


    كەچمىشلەرنىڭ مەنزىلى چەكسىز،
    باغۇ چۆللەر، دەريايۇ تاغلار.
    گاھ سەن ئەۋزەل، گاھ سەن كېرەكسىز،
    گاھ كۆكسۈڭدە كۈلكە، گاھ داغلار.

    قارارگاھىڭ نۇر تامغان پەلەك،
    سەن يۇلتۇزلار ئارا يۇلتۇزسەن.
    ساڭا تالىق تىلەكلەر ئەلۋەك،
    خىياللارنى يورۇتقان ئۇزسەن.

    گاھ چېقىللار ئۈزرە ئولتۇرساڭ،
    يان-يېنىڭدا ئاي بىلەن قۇياش.
    مەنزىللەرگە مەغرۇر دەم ئۇرساڭ،
    يول بەرگۈسى دۆلەر قويۇپ باش.

    گاھ دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىلار،
    جان-جېنىڭنى سىلكىيدۇ چاقماق.
    گاھ ھۇۋلايدۇ جۇدۇن، مۆلدۈر، قار،
    ئىقبالىڭ نە؟ يوللار تېيىلغاق.

    گاھ قۇيۇنلار بولىدۇ پىرخۇن،
    يۈز-كۆزۈڭگە چاچار قۇم-توپا.
    گاھ ئازدۇرار ئالداپ شاياتۇن،
    گاھ سەرگەشتە، سەرسان، دىل يارا.

    گاھ يولۇڭنى توسىيدۇ دەريا،
    قىرغاق بىلەن يالمايدۇ تاشقىن.
    ۋولقان يارغان تاغلاردا لاۋا،
    دەيدۇ ئاتەش كېچىپ قىر ئاشقىن.

    گاھ چىرقىرار يېنىڭدا ئەجەل،
    شورتاڭ سايدا ياتارسەن خەستە.

    قارا چۈشلەر ھەردەم مۇئەككەل،
    شىكەستىلىك ئۈزرە شىكەستە.

    گاھ ئالدىڭدا ياۋايى جاڭگال،
    گاھ تىلسىمات قاراڭغۇ ئورمان.
    نەشتەر، تىرناق سوزىدۇ چاڭگال،
    تىكەنلەردىن تاپانلىرىڭ قان.

    گاھ غۇلايسەن قىيادىن ھاڭغا،
    تەھتىسىرا يىقىلغان جايىڭ.
    شىۋىرلايسەن مىسكىن ئاھاڭغا،
    ساراڭدىن مىڭ بەتەر سەۋدايىڭ.

    گاھ لەھزىلەر يەيدۇ يۈرەكنى،
    دەقىقىلەر ئۆتەر يىل كەبى.
    گاھ كۆمدۈرۈپ ئوتقا تىلەكنى،
    تولغىنىسەن كۆيگەن قىل كەبى.

    دېمەك ئۆمۈر ئەمەستۇر تەكشى،
    پەسىللەرنىڭ پەيلى مۇئەمما.
    گاھ قولۇڭدا گۆھەر-قاشتېشى،
    بۇردا نانغا گادايسەن ئەمما.

    گاھ قىياغا يامىشىپ، ھالقىپ،
    گۈلخان يېقىپ دەشتۇ چۆللەردە؛
    سىياھ تۈنلەر نۇر بولۇپ بالقىپ،
    غۇلاچ تاشلاپ چەكسىز كۆللەردە؛

    دەم بورانغا شۇڭغۇپ دەم چىقىپ،
    دەم قار-مۇزغا كۆمۈلۈپ تۈگەل؛
    دەم بېشىدا چاقماق چېقىلىپ،
    دەم قەۋزىيەپ قۇربىدىن ئەجەل؛

    دەم ماگمىدەك قايناپ پۇرۇقلاپ،
    دەم قۇچاقلاپ باغۇ گۈلباھار.
    دەم كۈلۈپ، دەم تولغىنىپ يىغلاپ،
    دەم يالجىتىپ قەلبىدىن ئەشئار.

    ئاھ قارىغىن، زادى كىم ئۆزى،
    تاغدەك مەغرۇر، كۆكتەك بەغورۇر.
    كۆز ئىچرە كۆز ئۈمىد يۇلتۇزى،
    يارقىن روھلار ئارا يارقىن نۇر.

    خاۋالۇتتىن ئېلىپ بېشىڭنى،
    كەچمىشلەرگە قارا، بىر قارا!
    كۆزلىرىڭدىن سۈرتۈپ يېشىڭنى،
    قارا! ئۇ كىم، قايسى ئەقرەبا؟!

    ئەجەبلەنمە، ئويلا، قاراپ باق،
    خىيالىڭنى بىريەرگە تەرگىن.
    نۇردەك پارلاق، ئوغۇزدەك ئاپئاق،
    ئېسىڭدىمۇ شۇ بوۋاق ئەركىن؟

    شۇ بوۋاق شۇ، شۇ ئەركە ئۆسمۈر،
    مۇشۇ ئادەم شۇ چېچەن بالا.
    ئاقار نۇردەك سۈرئەتتە ئۆمۈر،
    باغرى-باغرىڭ تالا-مىڭ تالا.

    بۇ كەچمىشلەر سېنىڭ ھېكايەڭ،
    يەنە تالاي نۇرانە ئىقبال.
    ھەق ھالاللىق قۇدرەت ھېمايەڭ،
    زىلال، قارا، ئوبدان نەزەر سال!

     


    10-باپ

    كۆز ئالدىمدا بىر جاھاننەما،
    يەتتە ئىقلىم، كۇللى كۇللىيات.
    دەريا ۋە دەشت، زېمىن ھەم ساما،
    جانۇ جانان، يەرۇ ساماۋات.

    پايانىمدىن جاھاننەما لال،
    تىلسىم دۇنيا روھلار دۇنياسى.
    مەنزىل ئارا خىيال بولار چال،
    تۈمەن ئاسمان كۆڭۈل ساماسى.

    چەك-چېكى يوق پايانسىز ئالەم،
    نىگاھىمدىن تىلسىملار چاك-چاك.
    ئالەم ئۈچۈن ئايانسىز ئادەم،
    قۇدرەتلەردىن قۇدرەتلىك ئىدراك.

    قالدى تالاي مەنزىل، داۋانلار،
    قىيالارغا رەڭ چەكتى تاپان.
    قۇيرۇق قىسىپ قاچتى قاۋانلار،
    ئەھلى دەۋران بولدى پاسىبان.

    قالدى يىغلاپ مەشئۇم ھەسەتلەر،
    نامەردلەرنىڭ باغرى مىڭ تىلىم.
    گۇمراھ ھامان پاسىق نىيەتلەر،
    پۈكۈلمىدىم، كىرلانماي دىلىم.

    چاقماقلاردا پىشتى جان، قانات،
    بۇلۇتلارنى ياردى پەرۋازىم.
    سادا كەلدى ھەرياندىن ھەيھات،
    گۈلدۈرماما غالىپ ئاۋازىم.


    ئوت ئارامگاھ دەرمىش سەمەندەر،
    بىر ساماۋىي قۇشمىش بورانقۇش.
    زەر بولىدۇ مېھنەت ئارا ئەر،
    مۇشەققەتتە ئويغىنىدۇ ھۇش.

    تاغ ئۈستىگە تاغلارنى تىزساڭ،
    تاغلار ئۆزرە مېنىڭ تېغىم بار.
    رەسسام بولۇپ، تاغلارنى سىزساڭ،
    مۇز تاغلاردا كۈلگەن بېغىم بار.

    مۇز تاغلاردا باغ بولماس دېمە،
    تاغلارنىڭمۇ بەرقى بار، جۇمۇ!
    كېرەكسىز تاش پۇل بولماس دېمە،
    خەشەكنىڭمۇ نەرقى بار، جۇمۇ!

    تۈن يۇلتۇزلۇق ئاسمان يېپىنچام،
    تاغلار ئۆزرە تۈنەيمەن باغدا.
    گۈل-گىياھتىن پۈتمىش سېلىنچام،
    تاڭدىن ئاۋۋال ھازىرمەن تاغدا.

    مەن تاغلارغا تەلپۈنگەن ئىدىم،
    تاغلار ماڭا تەلپۈندى ئەمدى.
    مەن يۇلغۇندا يەلپۈنگەن ئىدىم،
    يۈرىكىمدىن چۇڭگۇل رەڭ ئەمدى.

    ئولتۇرىمەن تاغدا ساماۋىي،
    كۆزلىرىمگە چۆمۈلگەن دۇنيا.
    قىياسلىرىم قالتىس ئىلاھىي،
    شەۋقىم بىلەن تامانلار زىيا.

    زۇمرەت كەبىي سۈپسۈزۈك ئاسمان،
    يالتىرايدۇ نۇرلۇق ھىلال ئاي.

    نۇر ئۈستىگە نۇر تۆكەر چولپان،
    ئىقبالىمدا گۆھەر تولغان ساي.

    شەپەق لىباس ياپقان دالىلار،
    نۇر چايقالغان دەريا، كۆل، بۇلاق.
    مۇئەتتەر دەم ئۇرغاي ۋادىلار،
    قىر-ئېدىرلار بىر ياپ تۆتقۇلاق.

    بۇلبۇلىستان باغۇ بوستانلار،
    ئابى ھايات ئېقىنلار ھەسەل.
    نەزمىگاھتا ياڭرار داستانلار،
    ئېھ، نەقەدەر گۈزەلدۇر غەزەل.

    ئۇچۇپ يۈرەر كۆك يېپىپ كەپتەر،
    قۇياش تامان شۇڭغۇيدۇ ئاق قۇ.
    ئىزگۈ گەپلەر تولمىش بار دەپتەر،
    كۆڭۈللەرگە كۆڭۈل چىراغقۇ!

    بېھىش ھويلا، شاھانە ئايۋان،
    مۇلاقەتلىك مومايلار خۇشال.
    سەكسەن ياش ئەر كۆڭلى نەۋقىران،
    كۆزلىرى ئوت، يۈزلىرى يال-يال.

    پاھوي، قاراڭ، تابۇس-توزلارغا،
    گۈلىستانلار ئارا ياراشقاي.
    قاراڭ، توزدىن گۈزەل قىزلارغا،
    رەپتارىدىن كۆزلەر قاماشقاي.

    رۇستەم سۈپەت يىگىتلەر بەردەم،
    ئىزلىرىغا يۈكۈنەر يولۋاس.
    ئەقىدادى، ئەھدى مۇستەھكەم،
    ئېتىقادى خرۇستال، ئالماس.

    پەرۋاز قىلسا ھېرىسلىك كەچتە،
    يالقۇنجايدۇ شەۋقى مۇھەببەت.
    يۈرەكلەردە ساداقەت كەشتە،
    لەۋ-لەۋلەردە سۆيگۈدىن لەززەت.

    گۈل تېرىيدۇ گۈلدەك گۆدەكلەر،
    گۈللەرگە گۈل رەڭدار كېپىنەك.
    لەززەتلىك ھېس تولغان يۈرەكلەر،
    تىلەكلەردە گۈل پۆرەك، پۆرەك.

    پەسىللەردە باھار ئەييامى،
    نەغمە-ناۋا، ئايەم، توي، بايرام.
    لىق تولمىشتۇر ۋىسال، قۇت جامى،
    كوي-كويلاردا كۈلكە، خوش سالام!

    پاھ، نەقەدەر گۈزەل كېلەچەك،
    ئەپسانىۋى چۈشلەردەك كۆركەم.
    بۇ ئەمەستۇر خىيالىي چۆچەك،
    ئادەم ئەسلى شۇنداق مۇكەررەم.

    مەن ئارقىمغا ئېغىر كۆز سالدىم،
    بەس، سۆزلىسەم گەپلىرىم پەۋەس.
    قىسمەتلەردە مىڭ بىر ئۇۋالدىم،
    پۈتۈنلىنىپ تۇردۇم يەنە دەس!

    قەدەم ئالدىم نۇر ئىقبال تامان،
    قۇچتى تامام ئاتەشىن ئىلھام.
    ئايىقىمدا داڭگال تاغ-داۋان،
    گۈل قۇچاقلاپ كۈتەر گۈلئەندام!

     


    خاتىمە

    ئۆمۈر قىسسەم بىر جاھانئەينەك،
    ھاياتىمدىن غورۇر ھېس قىلدىم.
    روھى پاكىم بولمىدى سەينەك،
    قىلمىشىمدىن ھوزۇر ھېس قىلدىم.

    داستان ئېيتقان زادى كىم ئۆزى؟
    نېچۈك ئىنسان بۇ مەغرۇر ئادەم؟
    نازىل بولغان كىملەرنىڭ سۆزى؟
    ئېيتىڭلارچۇ ئەي ئەھلى ئالەم!

    كەچمىش كۈنلەر ئۇزاق بەغايەت،
    سوقۇپ ئۆتتى رەڭمۇرەڭ شامال.
    سەن كىم ئۆزى؟ دېسەڭ نىھايەت،
    بۇ ھەممىگە ئورتاق بىر سوئال.

    سوئاللاردىن تۇغۇلار سوئال.
    ھەر سوئالغا مىڭ تۈرلۈك جاۋاب.
    كەچمىشىڭگە ئوبدان نەزەر سال،
    تۈمەن سوئال، تۈمەن مىڭ كىتاب.

    روھى نۇردەك ئەجداد ئېھتىرام!
    ئەھلى پۇشتۇم ئەۋلاد ئەسسالام!
    ئەل ئاۋامغا تازىمىم داۋام!
    مۇشۇ يەردە داستان ۋەسسالام!


    2008-يىل 26-دېكابىر•ئۈرۈمچى

     

     


     




    ھالقىلىق سۆزلەر : داستان، شېئىر، قىران


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار