• قىرغاق ۋە دېڭىز

    يوللانغان ۋاقتى:20-08-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    شېئىرلار

    (1)

    قىرغاق ۋە دېڭىز

    (شېئىرلار)

     

    ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي

     

    بەك قارام توختىماي چايقىلار دېڭىز ،

    قىرغاقنىڭ لېۋىنى قانمايدۇ سۆيۈپ .

    تارتارمىش مىھرىنى قىيالماي قىرغاق ،

    ۋەسلىگە يېتەلمەي ئۆتەرمىش كۆيۈپ .

     

    ئاشىقمىش ئەزەلدىن ئۇلار ئىككىسى ،

    قانمايلا يۈرۈيمىش بىر-بىرىگە دائىم .

    دېڭىزنىڭ داۋالغۇپ ئۆزىنى ئۇرۇشى ،

    ئىكەنغۇ- قىرغاققا قىلغىنى تازىم .

     

    ئالارمىش بىر كۈنى قوينىغا دېڭىز ،

    قىرغاقنى تامامەن ۋاقتى سائىتى .

    شۇ سەۋەپ توختىماي دولقۇنلار ئىمىش،

    قالمىغاچ دەقىقە سەۋىر تاقىتى .

     

    (2)

    كىمكىنە

     

    كىمكىنە ئېرىقنى  بىرگە ئاتلىغان ؟

    كىمكىنە قەدەمنى بىرگە تاشلىغان ؟

    كىمكىنە رىسقىنى بىرگە باغلىغان ؟

    كىمكىنە بەختىنى بىرگە تاللىغان ؟

     

    كىمكىنە بىر مېنى يىقىلىپ يۆلىگەن ؟

    كىمكىنە مىھرىدىن بېرىلىپ سۆيگەن ؟

    كىمكىنە بىر تاتلىق جىلمىيىپ كۈلگەن ؟

    كىمكىنە مېنى دەپ قىينىلىپ ئۆلگەن ؟

     

    كىمكىنە قولۇمنى  تۇتماقچى بولغان ؟

    كىمكىنە كۆڭلۈمنى ئۇتماقچى بولغان ؟

    كىمكىنە يۈرىكىمنى يۇلماقچى بولغان ؟

    كىمكىنە ئاھ مېنى بۇلماقچى بولغان ؟

     

    كىمكىنە ئالدىمدىن ئۆتمەكچى بولغان ؟

    كىمكىنە دېڭزىمدىن ئۈزمەكچى بولغان ؟

    كىمكىنە باغرىمغا چۆكمەكچى بولغان ؟

    كىمكىنە مەن ئۈچۈن ئۆلمەكچى بولغان ؟

     

    كىمكىنە لەۋلىرى ئىسمىمنى يۈتكەن ؟

    كىمكىنە تەلمۈرۈپ كېلشىمنى كۈتكەن ؟

    كىمكىنە دېڭىزدىن جىسمىمنى سۈزگەن ؟

    كىمكىنە يۈرىكىمنى بېرىشمنى كۈتكەن ؟

     

    كىمكىنە قۇچاقلار كەرمەكچى بولغان ؟

    كىمكىنە قىزىل گۈل بەرمەكچى بولغان ؟

    كىمكىنە يېنىمغا كەلمەكچى بولغان ؟

    كىمكىنە سىرىمنى يەشمەكچى بولغان ؟

     

    (3)

    بەلكىم بۇ بىر كۈتمىگەن قىسمەت

      

    چۇۋۇلغاندەك ئادەم ئۇۋىسى ،

    ھەممىلا يەر مىغ-مىغ ئادەمنىڭ

    ئىڭرىماقتا تاپىنى ئاستىدا ...

     

    بىر-بىرىدىن ئالدىراش ئادەم ،

    بىر-بىرىنى يەيدىغان كەبىي .

    كەڭ-تارلىقى نامالۇم شەھەر ،

    كىم ئەقىللىق كىملەر بەك سەبىي ؟

     

    بىر دوستۇمنى ئىزلىمەك بولۇپ،

    تېل نومۇرىغا تېلفۇن ئۇرۇپ .

    ئۇلىنىشقا ئامالسىز تېلىفۇن ،

    باتارىيە ئېلىنغان يۇلۇپ،

    ياكى سېلىنىپ قويۇلغان قۇلۇپ ...

     

    چىقىمەن دىگەن ئالدىڭغا تېخى ،

    كۆرۈنمىدى سايىسى ھېلھەم .

    قالدى بەلكىم قىستاڭچىلىقتا ،

    ساقلىماققا ئامالسىز بىردەم .

     

    توۋلىغىنىم شۇنداق ناخشىتى ،

    نەدە بولساق دىدار غەنىمەت .

    كېتىپ قالدىم ئامان بول دوستۇم ،

    بەلكىم بۇ بىر كۈتمىگەن قىسمەت .

     

    (ئاپتۇر : شاڭخەي ئۈنۋېرسىتىتى  شىنجاڭ  قەشقەر      قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا )

    上海市嘉定区城中路20号上海大学新疆培训2班(男生6号宿舍楼631宿舍)开来木.乌布力

     

     

     

     

     

     

     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    • ئالدىنقىسى : شئېرلار
    • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 10:06 08-06-2012 كىرگەن ۋاقتى: 19:12 02-12-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار