• ئا.تالىپ: غەزەللەر

    يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 8 پارچە
    ئاپتورى: ئابلىكىم تالىپ 1 سېنىڭ ئۈچۈن بىر شېئىر يېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا، سۈرىتىڭنى قەلبىمگە سىزىپ چىقتىم ئايدىڭدا. ئاپپىقىم دەپ ۋارقى

    ئاپتورى: ئابلىكىم تالىپ

     

    1
    سېنىڭ ئۈچۈن بىر شېئىر يېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا،
    سۈرىتىڭنى قەلبىمگە سىزىپ چىقتىم ئايدىڭدا.
    »ئاپپىقىم« دەپ ۋارقىراپ ناخشا ئېيتىپ ئۇخلىماي،
    مەھەللەڭنى مىڭ قېتىم كېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا.
    مەنزىلىمنى تاپالماي لاچىن سوققان كەپتەردەك،
    ئىسسىققىنە ئۇۋامدىن تېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا.
    سەندىن يىراق كېتەلمەي، ئارمانىمغا يېتەلمەي،
    بىھوش بولۇپ ئەقلىمدىن ئېزىپ چىقتىم، ئايدىڭدا.
    قۇدۇق قېزىپ باغ ياساپ، مېھنىتىمدىن تاغ ياساپ،
    چىمەنلەردىن بىر قۇچاق تىزىپ چىقتىم، ئايدىڭدا.
    جېنىم ساڭا قىيالماي، پىراقلارغا چىدالماي،
    تام تۈۋىدىن بىر لەخمە قېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا.
    ئىرادەمگە قول قويۇپ ئاچتىڭ ئاخىر ئىشىكنى،
    قۇلىقىڭغا بىر تال گۈل قىسىپ چىقتىم، ئايدىڭدا.
    2
    يۈرەككە مىخ بولۇپ پاتقان غېرىب كۈنلەرگە خوش دەيمەن،
    نىگاردىن ئايرىلىپ ئۆتكەن سوغۇق تۈنلەرگە خوش دەيمەن.
    جاپانى مەن تولا تارتىپ ئاران تاپقاندا دىلبەرنى،
    يامان كۆزدە نەزەر سالغان خۇنۈك گۈنلەرگە خوش دەيمەن.
    قۇياشنىڭ نۇرىنى ئەممەي چىمەنلەر كۆكلىمەس زىنھار،
    گۈلۈمنى چاڭقىتىپ يۈرگەن قۇرۇق كۆللەرگە خوش دەيمەن.
    قاۋاققا شۇڭغۇغان ئەركەك ئۆزىدىن ياتلىشىپ كەتكەي،
    مېنى ئىشرەتكە چاقىرغان بوغۇق ئۈنلەرگە خوش دەيمەن.
    جېنى كۈلمەمدۇ ئاشىقنىڭ گۈزەل باغلاردا پەر قاقسا،
    ھېكىمنى بىناۋا قىلغان قاقاس چۆللەرگە خوش دەيمەن.

    3
    ئاشىقنىڭ جۇدۇندىن قاچقىنى نەدە،
    يېشىنى مارجاندەك چاچقىنى نەدە.
    ئەقىدە كەمىرى ئۈزۈلگەنلەرگە،
    جاناننىڭ باغرىنى ئاچقىنى نەدە.
    پاك سۆيگۈ - بىباھا گۆھەردۇر، گۆھەر،
    ئالتۇننىڭ كۆمۈلۈپ ياتقىنى نەدە.
    ئاشىقلار ئىچكەندە ۋىسال شەربىتى،
    مەشۇقنىڭ ھەسرەتكە پاتقىنى نەدە.
    پەرىدەك دىلبىرى تۇرسا يېنىدا،
    شەيتانغا ئۆزىنى ئاتقىنى نەدە.
    ئەل مېھرى گوياكى پايانسىز دېڭىز،
    ئېقىننىڭ مۇز بولۇپ قاتقىنى نەدە.
    ئاۋامنىڭ قەلبىدە مەردلەر ياشايدۇ،
    يۈرەركىن ۋىجداننى ساتقىنى نەدە.

    4
    كىرمىدىم باغىڭغا دىلبەر نان تىلەپ،
    ياكى بۇ نىمجان تېنىمگە جان تىلەپ.
    كىرپىكىڭ ئوقياسىدا باغرىم يارا،
    زەپىران چېھرىمگە تامچە قان تىلەپ.
    نەچچە يىل ياتتىم ئىشق زىندانىدا،
    ئاقتى كۆپ ياشىم مېنىڭ ئېھسان تىلەپ.
    كەپىتىرىم بارسا يېنىڭغا خەت ئېلىپ،
    دېمىگىن كەپتۇ يىراقتىن دان تىلەپ.
    كۆكلىگىن قايناق ھايات بوستانىدا،
    مەن قالاي باسقان ئىزىڭغا شان تىلەپ.


    5
    دوستلىرىمغا قىلچە ئاپەت ياغمىسۇن،
    سۆلكىتىگە ساختا قامەت ياغمىسۇن.
    چىن ۋاپا، ۋىجدان بىلەن تولغان پەۋەس،
    بىغۇبار قەلبىگە تۆھمەت ياغمىسۇن.
    ئۆرلىشىمگە دوست - يارەن بولدى قانات،
    يار - جانانسىز ماڭا شۆھرەت ياغمىسۇن.
    قان قۇسۇپ ئۆلگەي ھامان تاكتاكچىلار،
    ياخشىلارغا زەررە كۈلپەت ياغمىسۇن.
    ئورا كولاپ مەرد ئوغۇلنى قەستلىگەن،
    تەلۋىلەرگە پەسلى ئامەت ياغمىسۇن.
    ساختىپەز يۈرگەن بىلەن يامغۇر تىلەپ،
    باغلىرىغا تامچە شەربەت ياغمىسۇن.
    دوستلىرىمغا كەڭ قۇچاق ئاچسۇن ۋىسال،
    دەملىرىگە ئەسلا پۇرقەت ياغمىسۇن.




    ھالقىلىق سۆزلەر : غەزەل


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار