• كۈلەر چوقۇم پەسىللەرنىڭ باھارى (شېئىر)

    يوللانغان ۋاقتى:16-07-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    كۈلەر چوقۇم پەسىللەرنىڭ باھارى ئەنۋەر مۇھەممەد ئەرتۇغ (1) بۈگۈن ئەجەپ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى، سوغۇق سۇدا كۆيۈپ قالدى ئېغىزىم. ئوچۇق ئ

    كۈلەر چوقۇم پەسىللەرنىڭ باھارى

    ئەنۋەر مۇھەممەد ئەرتۇغ

    (1)

    بۈگۈن ئەجەپ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    سوغۇق سۇدا  كۆيۈپ  قالدى ئېغىزىم.

    ئوچۇق ئاسمان يامغۇر تۆكتى يانۋاردا،

    ياڭاق چاقسام پۈچەك چىقتى مېغىزىم.

     

    يەر دەسسىسەم ئاياق قىستار پۇتۇمنى،

    «توۋا» دەيمەن،تۈز يول ئىدى ماڭغىنىم.

    يامان بولدى دوست-يارەنلەر ئالدىدا،

    ئىستولبىغا  كاللا  قويۇپ  يانغىنىم.

     

    شىپاخانا  سۈرۈشتۈرۈپ  چارچىدىم،

    ئەمەس  ئىدى  ئىزدىگىنىم  رېستۇران.

    قايمۇقتۇرۇپ  ئارامىمنى  بۇزغۇدەك،

    نىمە ئۆچۈڭ  بارتى مەندە ئەي جانان؟

     

    مەيلىتىغۇ، چىقسا  كۆڭۈل  ھاردۇقۇڭ،

    تۇخۇم بىلەن تاڭدۇرساملا  بېشىمنى.

    بالاكەنغۇ  گۈزەللەرنى  چۈشەنمەك،

    قانداق قىلاي  چىۋىن  چىققان ئېشىمنى؟...

    (2)

    بۈگۈن يەنە  ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    كۈپ-كۈندۈزدە  يولۇقتۇم  بىر چاتاققا.

    ئاچقۇچ تۇرۇپ ئۆز  ئۆيۈمگە كىرەلمەي،

    قالدىم  ئۆزۈم «ئوغرى» دىگەن ئاتاققا.

     

    تەلمۈرىمەن  تونۇش  چىراي  ساقچىغا،

    شامال  يالاپ  ئېچىشتۇرار  كۆزۈمنى.

    ياش تۆكمەسكە قەسەم قىلغان،لېكىن مەن

    ئاۋارىمەن  بەزلىيەلمەي  ئۆزۈمنى.

     

    تاراملايدۇ  كەنجى كۈزنىڭ  ھەسرىتى،

    (نىمىش قىلسۇن شەپقەت دىگەن سېنىڭدە).

    تۆلەتكۈدەك  بۇنچە ئېغىر، زور  بەدەل،

    قانداق ئۆچۈڭ بارتى، ئېيتە  مېنىڭدە؟!

     

    تۇرماقتىمەن،  مەككار  داخان ئالدىدا،

    قول كۆتۈرۈپ  سېنىڭ  ئۈچۈن  دۇئاغا.

    قىلغۇلۇقنى  ئۆزۈڭ  قىلىپ  ئاھ مېنى،

    شېرىك قىلدىڭ  ئەجەپ  ئېغىر  گۇناھقا.

    (3)

    بۈگۈن خويمۇ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    مەي دىگەنگە زوقۇم يوقتى ئەزەلدىن.

    كىرىپ قالدىم  مەيخۇمارلار  توپىغا،

    غالىپلارچە قورقماي «ئېغىر بەدەل»دىن.

     

    ئولتۇرىمەن  چوغ  ئۈستىدە  زورىغا،

    سوغ جىلمىيىپ، كۈلۈپ بېرىپ كۈلگەنگە.

    يېنىكلىتىش  ئۈچۈن  ھايات  غېمىنى،

    شۈكرى دەيمەن بىر دەم ھوزۇر سۈرگەنگە.

     

    ئەتراپىمغا  مەستخۇش نەزەر سالىمەن،

    يىغلىغاندىن كۈلۈپ يۈرگەن ياخشىدەك

    تۇيۇلسىمۇ  مەنچۈن بەتتام  بۇ  ھايات،

    خۇددى ساراڭ  توۋلىغان بىر ناخشىدەك.

     

    ساراڭلىقتۇر ئىچمەي رەنجىش دوستلاردىن،

    چىداش كېرەك ئازابىغا  «تەنقىت»نىڭ.

    تۇرماقتىمەن، مەنسۈپ ئەمەس ئۆزۈمگە،

    بويۇن قىسىپ  ئىشىكىدە  بەختنىڭ...

    (4)

    بۈگۈن ئەجەپ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    تەنھا  قالدىم  ئاي تولغان شۇ  كېچىدە.

    تولغانماقتا  قەلبىم  نىمجان  بېلىقتەك،

    يالقۇن  تەپتى سۇسىز  ئازگال  ئىچىدە.

     

    كۆزلىرىمنى  سۆيەر  نۇرلار  جىلۋىسى،

    كۆكتە  ئەركە  جامالىڭنى  ئەسلىتىپ.

    ئۈزۈپ ئوينار ئۇندا  بەخت  قولۋىقىڭ،

    مېنىڭ  قەلب  مۇنارىمنى  پەسلىتىپ.

     

    ئۆرتىمەكتە  ئايرىلىشنىڭ  ئازابى،

    جاۋاپسىزمەن سانسىز «نىمە ئۈچۈن»گە.

    ئاتماقتىمەن  ئىچىمدىكى  بارچە دەرد-

    ھەسرەتلەرنى  ئايلاندۇرۇپ  تۈتۈنگە.

     

    قىينىساڭمۇ  مېنى  ھىجران  چۆلىدە،

    تىلىگۈم  يوق ساڭا ئەسلا  يامانلىق.

    ئەسلەپ تۇرساڭ ماڭا  شۇلا  كۇپايە،

    تىلەپ  قالاي ساڭا مەڭگۈ ئامانلىق.

    (5)

    بۈگۈن چەكسىز ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    مۇڭسىرايمەن تاشلاندۇق  بىر  بالىدەك.

    كەلكۈن كەبى يامرىغان كۆز  ياشلىرىم،

    يالمىماقتا  مېنى ئاچكۆز  كالىدەك.

     

    ھۆكۈم سۈرەر  قۇتۇلغۇسىز  جىمجىتلىق،

    ئەللەيلىتىپ  ماڭا  ئاۋاق  تېنىنى.

    بەخت مۇزدەك  پىشانەمگە سۆيمەكتە،

    ھىس قىلدۇرۇپ ياشاشنىڭ زور  غېمىنى.

     

    خىياللايمەن  سېنى باردەك ھەر قاچان،

    تۆت تام ماڭا  مەسخىرىلىك  تىكىلەر.

    ئوخشىتىمەن  شوراڭدىكى تىكەنگە،

    مەن ئۆزۈمنى يالغۇزلۇقتا  شۇ قەدەر.

     

    بولمىسىمۇ بۈگۈن مەنچۈن قۇتلۇق كۈن،

    تەرىپلەشكە ئەرزىگۈدەك  ھاياتتا.

    ئۇزۇماقتا  تەنتەنىلىك  توي  مەپەڭ،

    چاچقۇ  چېچىپ  توزان  ئارا پاراتتا...

    (6)

    بۈگۈن ئەجەپ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    پەرىشاندۇر  كۆڭلۈم شۇ تاپ  بىر ئىشقا.

    قالغىنىم راست  ئۆز-ئۆزۈمگە ئوخشىماي،

    كۈلەلمەيمەن، كۈلەي  دەپمۇ  نىمىشقا؟

     

    ئالقىنىمدا  مۇقەددەس توي  باغىقىڭ،

    تۇرار  مەغرۇر  ئۈندەپ  مېنى كۈلكىگە.

    ئالدىنىشقۇ  ياشاش  دىگەن  بەرىبىر،

    قىزلار  دىگەن پەيلى  شەيتان، تۈلكىگە.

     

    ئېزىپتىكەن  مەندىن  بۇرۇن  بوۋاممۇ،

    توۋلاپ يۈرۈپ:«ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن...».

    ماڭا  سەنسىز  كۈلكىنىڭ  نە كېرىكى؟

    بەس، سېنىڭسىز مەن ئەبەدىي كۈلمەيمەن!

     

    بولدى  سەنمۇ  قىلما  ماڭا  تەبەسسۇم،

    بۈگۈن بارلىق كۈلكەڭ مەنچۈن ساقتىدۇر.

    باغلار  ئارا  مىۋىنىڭ  ئەڭ  سەر  خىلى،

    بەلكىم  مەڭگۈ قول يەتمىگەن شاختىدۇر.

    (7)

    بۈگۈن دەھشەت ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    شامال  ھۇۋلاپ  چالار  مۇڭلۇق  نېيىنى.

    قەلبىم شۇتاپ ئۈششۈك تەككەن بەرگىدەك،

    ئىزتىراپتا  كۈتەر  كۆكلەم  ئېيىنى.

     

    زاھىر بولار  ئايدەك چېھرىڭ  چۈشۈمدە،

    خۇشھىدلىرىڭ  دىمىقىمغا  ئۇرۇلار.

    نا تونۇشتەك  ئۆتكىنىڭنى  ئويلىسام،

    يۈرىكىمنىڭ  تېڭى  كەمدەك  تۇيۇلار.

     

    تولغىنىمەن  قاباھەتلىك  چۈشلەرنىڭ،

    قۇچىقىدا  ئوتقا  چۈشكەن  قىل سىياق.

    تۇتقۇنىمەن  بىر جۈپ ئويچان كۆزۈڭنىڭ،

    (سەنسىز  ماڭا  گۆردۇر گويا  ھەممە ياق).

     

    تەلمۈرىمەن  ئۈمىد  بىلەن  يولۇڭغا،

    سېنى  ھامان  قايتا  كېلىپ  قالار  دەپ.

    تۇمان  تارقاپ  بىزنى  سۆيگۈ  باھارى،

    ھارارەتلىك  ئۆز  باغرىغا  ئالار  دەپ.

    (8)

    بۈگۈن ئەجەپ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    (بۇ قايسى كۈن؟ ئۆزۈمگىمۇ سىر گۇمان).

    بۇ  كەمگىچە مەن ئۆزۈمنى بەختلىك،

    دەپ باقمىغان تا ئەزەلدىن، ھىچقاچان.

     

    ئېزىپ كېتىپ  بەخت  قۇشى بىرەر  رەت،

    ئەگىمىگەن  ئەسلا  مېنىڭ  بېشىمنى،

    تاقىرلارغا  قونسا  قوندى كاج  پەلەك،

    سۈرۈتمىگەن  ھېچكىم  مېنىڭ  يېشىمنى.

     

    ئارام بەرمەس  غەم دەمدىرى چوقۇلاپ،

    گۇناھكارمەن  جىنايىتىم   نا ئېنىق.

    ئاشىق  ئۈچۈن  كەچۈرگۈسىز  ئازاپتۇر،

    قايتىلانسا  ئوخشاش  بىر خىل  خاتالىق.

     

    كۆزلىرىم  تۆت ئىشىك تامان ئەشۇ تاپ،

    يوقلاپ كەلمەس ھېچكىم ماڭا گۈل سۇنۇپ.

    ئۈستۈلىمدە تۇرغان مۇزدەك تورت كەبى،

    دۇنيا  مېنى كەتكەن تامام  ئۇنتۇلۇپ.

    (9)

    بۈگۈن  ئەجەپ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    كۆلبەم  سەنسىز  قاپقاراڭغۇ  گۆرۈستان.

    ئۇشبۇ كېچە ئەڭ دەھشەتلىك دەرد چەككەن،

    يوقتۇر جەزمەن مەندىن ئۆزگە  ھېچ ئىنسان.

     

    مۇزلاتماقتا  ۋۇجۇدۇمنى  قالدۇق  قار،

    قۇچاق  ئېچىپ  كەلگۈلۈكلەر  ماڭىلا.

    كۈتۈپ  كەلگەن  ئاڭلىشىڭنى  ئۇزاقتىن،

    سۆزلىرىم  بار ئىدى  پەقەت  ساڭىلا.

     

    ئەپسۇس، لېكىن تۇتۇق بەرمەس قەدىمىڭ،

    قەلبىم  ساڭا  تەشنا  مۇشۇ  دەقىقە.

    خانەمدىكى  سۇس  چاقنىغان  شام نۇرى،

    يورۇتالماس  مەنزىلىڭنى  دەرۋەقە.

     

    مەن بىلىمەن،  تۇيۇپ تۇرار  يۈرىكىم،

    دانلىقىدا  چۆجەڭ  قايسى  چىتلاقنىڭ؟

    ئۇزارماقتا  چەكسىزلىككە  سايىسى،

    قولۇمدىكى  مۇزدەك  ئارا  پىچاقنىڭ...

    (10)

    بۈگۈن ئەجەپ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى،

    توختاپ-توختاپ سوقماقتىدۇر يۈرىكىم.

    خۇددى بىرسى ئاسسىرىتتىن دىگەندەك:

    «بۇ  ئازاپنى  يېڭەلەيدۇ   قېنى  كىم؟».

     

    دىمىسىمۇ   ئۆزۈم   خالاپ   باشتىلا،

    قاپقىنىڭغا  ئاياق  باسقان  بەندىمەن.

    شۇندىن بېرى  قەپپەزدىكى  شىر كەبى،

    ئاچچىق ئەلەم چىرماپ ئالغان تەندىمەن.

     

    يوقلاپ  ئۆتتى  باغلىرىڭنى  قانچە كۈز،

    دەريالىرىڭ  قانچە  مەرتەم  مۇز تۇتتى.

    مۇھىم ئەمەس بۇلار مەنچۈن  بەرىبىر،

    كىم شادىمان، كىم ئۇتتۇردى، كىم ئۇتتى.

     

    بولۇپ   تۇرار   ھاياتلىقتا   يېڭىلىش،

    ئەڭ  ئازاپتۇر  يېڭىلگىنىڭ   ئۆزۈڭدىن.

    كۈلەر  چوقۇم   پەسىللەرنىڭ  باھارى،

    ئۈمىد  نۇرى  ئۆچمىسىلا  كۆزۈڭدىن!...

    2011-يىل فېۋرال باي.

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : شېئىر


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئەنۋەر مۇھەممەد تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 22:03 11-03-2012 كىرگەن ۋاقتى: 02:03 29-03-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار