ئاپتورى: ياسىن زىلال نەزمگاھ بىر تەختىگاھ
ھەر قېتىم شائىرلىقىم قۇچسا لاۋا،
كېلىدۇ يادىمغا ئۇستاز پېشىۋا.
مىڭ تۈمەن ھۆرمەت - تەئەززۇدا ئۇدا،
ئەسسالام دەيمەن تېيىپجان روھىغا.
ئىزدىسەم شائىرنى مەن تۈنلەر ئارا،
ئاي بىلەن يۇلتۇزنى كۆرسەتتى ساما.
ئوقۇسام ئەشئارىنى بىر - بىر يادا،
ئۇردى خەندان جور بولۇپ بۇلبۇلگويا.
چايقىلىپ باغرىمدا مىڭ دەريا ئېقىن،
نەزمىگاھىمدىن تاشار جۇشقۇن سادا.
نەزمىگاھ دۇنيا مۇقەددەس تەختىگاھ،
تەختىگاھتا بار چوقۇم بىر پادىشاھ.
ئوت چۈشۈپ ئۆمرۈمگە بىر چاغلار ناگاھ،
بىر ساماۋى سۆيگۈدىن بولدۇم ئاگاھ.
ئاي بىلەن كۈندىنمۇ ئۇز بىر دىلرەبا
شەۋقىدىن تاپتىم يىراقتىن قىبلىگاھ.
بۇ ئۆمۈرلۈك ئىشقى سەۋدا بىداۋا،
ۋەسلىدىن ئۆزگە ئاڭا قىلماس شىپا.
كىرمە بۇ يولغا، دېسە كۆپ ئەقرەبا،
ئۇل نەسىھەت ئەھلىگە دەپ ئەلۋىدا؛
دەرقەدەم چەكتىم ئۇزاق رەنج ۋادىدا،
نەجاپا ئاشىققا دەشتى كەر بالا.
شەۋقىي سەۋدالىقمۇ قالتىس تەختىگاھ،
لەيلى پايى مىڭ قەيىسكە سەجدىگاھ.
گۈل نىگارىم قايدا دەپ ئىزدەپ ھالا،
بەك ئۇزاق مەنزىل كېچىپ پۇتلار تالا،
كۆزلىرىمدە قوشۇلۇپ ئاقۇ قارا،
تاڭلا ئالەم مەن ئۈچۈن بولدى سىياھ،
دەل شۇ چاغ چۈشتى قولۇمغا بىر كىتاب،
«تۈگىمەس ناخشا» ئىرۇر ئول تۇتىيا.
كۆزلىرىمگە سۈرتە - سۈرتە ئوقۇدۇم،
دىلدا پىكرى، تىلدا زىكرى بولدى جا.
تاشتى روھىمدا نۇرە پېشانلىق گويا،
خۇددىي يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندەك ماڭا.
ۋەسپىي جانىمدا ناۋا، راك، چارىگاھ،
خۇش ئەجەم، ئۆزھال، ئۇششاقۇ پەنجىگاھ.
دەم - بەدەم سالسام جاھان ئۆزرە نىگاھ،
تىلغا كىردى تاغۇ تاش، سۇ، گۈل - گىياھ.
كائىناتتا يۈزلىگەن رەڭ، مىڭ جۇلا،
سېھرىي پىنھانلارنى پاش ئەتمىش سېما.
روھلىنىپ قۇرلاردا ئويغاتسام ناۋا،
كۈيلىرىمگە ئېيتتى تاڭلار مەرھابا!
ئاشۇ دەمدىن سۆڭرە ئەيلەپ ئىپتىدا،
شەۋقى ئالەم بولدى مۇشتاق - مەھلىيا،
نەزمىگاھ دۇنيا مۇقەددەس تەختىگاھ،
تەھتىگاھتا بار چوقۇم بىر پادىشاھ.
مەن بۇ دەم ئېيتمىشنى كۆرمىشمەن راۋا،
بولغۇسى كەلمەيدۇ كىمنىڭ شاھى شاھ.
بىرىيا لەۋزىم بىلەن چىللاپ نىدا،
مەن تېيىپجاندىن ئۆتۈپ كەتكۈم دېسەم
كالتە پەملەر چۈشىنىپ گەپنى خاتا،
چىشلىشىپ ھەسەتۇ ھەيرەتتە ياقا،
بىر مەھەل قايناتتى دوق، تەنە - تاپا.
ئاشۇ چاغ شائىر كېسەل ئاستانىدا،
بەردى بۇ گەپكە ئۆزى ھەقلىق باھا:
«بۇ يىگىت قالتىس ئىكەن، تەھسىن ئاڭا!»
دەر ھەقىقەت روھى شائىر نۇر - زىيا،
شۆھرىتى ئەل دەۋرىگە قونغان ھۇما.
تاغ چۆكەر، گۈل ۋادىلار شورتاڭ دالا،
نەچچە مىڭ يىللىق دېڭىز، دەريا ئادا.
ۋە لېكىن شائىرغا دۇنيا ناۋىدا،
روھىيەت دۇنياسىدا چۆكمەس قىيا.
ساھىبى دەۋرانىلەر ئوقۇپ سانا
ئەنجۈمەن تۈزدۇق تېيىپجانغا شۇڭا.
نەزمىگاھ دۇنيا مۇقەددەس تەختىگاھ
ئول تېيىپجان بىر دەۋرگە پادىشاھ.
غازى ئەھمەدكە بېغىشلىما
تىلغا كىردى تاغۇ تاش، سۇ، گۈل - گىياھ.
ئەسسالام مۆھتەرەم، ئەللامە رەسسام،
سەنئەتكە رەڭ - جىلۋە بەرگەن قەدىردان.
مۇبارەك ۋەسپىڭگە ئالىي ئېھتىرام،
كامالەت سۈبھىدە چاقنىغان چولپان.
نىگاھىڭ بەھرىگە چۆمگەن كەڭ دالام،
ئەقلىڭدىن بېھىشزار بولدى گۈلىستان.
چېكەڭدىن چىپىلداپ قەترىلەر تارام...
چېچەكزار باغلارنى قىلدى ئاشىيان.
ئۆمرۈڭنى ئېقىتتى دەريايى ئىلھام،
تەپەككۇر دۇنياسى ئەقلىڭدىن ھەيران.
تەبىئەت تۇيغۇڭدا گۈزەل گۈلئەندام،
رەڭ چەكسەڭ تاشلاردىن تىرىلەر جانان.
ھېسلىرىڭ يەلپۈنگەن تاغلاردا ئىكرام،
ئەجرىڭگە تەئەززۇ بىلدۈرەر ئاسمان.
قالتىس بىر كارتىنا ئون ئىككى مۇقام،
روھلاردا جاراڭلاپ ياڭرايدۇ داستان.
باغرىڭدا تەڭرىتاغ، تارىم، كەڭ دالام،
ئىلى - قاش، يۇرۇڭقاش، تۈمەن، زەرەپشان.
سەن سەلتەنەت −− گۈزەل خەت
كائىناتتا يۈزلىگەن رەڭ، مىڭ جۇلا،
ئالدىمدا نازاكەت گۈلزارى بىر بەت،
ئۇزارى لاتاپەت سەنئەت −− گۈزەل خەت.
ئەپتىدىن تارايدۇ شەرقنىڭ شەۋقى،
ۋەسلىدە چايقىلار كىلاسسىك خىسلەت
|


