• ئۆرۈك چېچىكى

    يوللانغان ۋاقتى:21-02-2012   مەنبە: مۇزات دولقۇنلىرى   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 25 قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
    ئۆرۈك چېچىكى (شېئىرلار) ئابلىكىم مۇھەممەت ئۆرۈك چېچىكى كېلىسەن يەڭگىللا باغلار ئارىلاپ، گۈللەرنىڭ سىماسى ئۆچكەن دىلىڭدىن. چېچىڭنى

    ئۆرۈك چېچىكى

     

    (شېئىرلار)

    ئابلىكىم مۇھەممەت

    ئۆرۈك چېچىكى


    كېلىسەن يەڭگىللا باغلار ئارىلاپ،
    گۈللەرنىڭ سىماسى ئۆچكەن دىلىڭدىن.
    چېچىڭنى سىيپىغان ئەركە شاماللار
    ھاياتنى ئېسىڭگە سالىدۇ بىردىن.


    شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ئېقىن سۇدەك،
    بالدۇرقى ئەسلىڭگە قايتالمايسەن ھېچ.
    باھاردا رەڭلىنەر ئۆرۈك چېچىكى
    توزۇيسەن ئىزىڭدا تۇرالماي تىنىچ.


    ئايرىلىش كۈنۈڭمۇ خىرە شىلدىرلار
    باشلانغان چېغىدا تۈنجى سۆيۈشۈش.
    ئەيىپلەپ كەتمەيدۇ بۇندا بىر كىشى
    ئەقىدەڭ چېكىگە قىلساڭمۇ بۆسۈش.


    ئاشىقلىق ئىنسانچۈن بىپايان ئازاپ،
    ئەگىشەر بىر ئۆمۈر كۆلەڭگەڭ كەبىي.
    باھاردا چىچەكلەر رەڭگە تولىدۇ
    يىغلىۋال پىنھاندا،يىغلا ئەسەبىي.

     

     

    ئىزدەش


    ئورمان دەرياسى دولقۇنلار تىنماي،
    توۋلىغىنى سەن دېدىم جېنىم.
    چېغىر يوللار ئەگىم ۋە ئۇزۇن،
    سەيلە قىلدى روھى يوق تېنىم .
    ئاڭلاپ قالسام پىچىرلاشلارنى
    يۈرەكلىرىم كېلەر لەرزىگە.
    ساڭا يىېتىشتىن بۇرۇنراق ئەجەپ
    بولالمىدىم ئۆزۈمگە ئىگە.


    گۈلگە ئوخشاش تۇرساڭ ناز بىلەن
    ماڭا كۈلۈپ تۇرىدۇ دېدىم.
    دەردلىرىمنى قانداق سۆزلەرمەن
    دەپ خېلى چاغ غەملەرمۇ يېدىم.
    بارغىنىمدا يىگانە بىر گۈل
    سولىشىپلا تۇرار سارغىيىپ.
    يەنە خاتا تۇيغۇ ئالداپتۇ،
    مەن نىمانچە تەلەيسىز،غېرىپ.


    بىپايان كۆل بويىدا ئويناپ،
    چاچلىرىڭنى تارايدۇ دىسەم.
    كۈتۈۋالدى زىلۋا مەجنۇنتال
    داڭ قاتقانچە بىرنەچچە مەرتەم.
    ئۈمىدلىرىم كۆيدى كۈل بولۇپ،
    ئىشەندىم ،يوق ئاسايىش ئەتەم.
    ئالدىساڭمۇ بەڭۋاش ئالۋۇنلار،
    مېنى چىرماپ تۇرىدۇ ماتەم.

     

    ياتسىراش
     

    بۇلاقنىڭ سۈيىدەك ئاقتىڭ قەلبىمگە
    ئىزدەيسەن قاغجىراق ئەسلى روھىمنى.
    غورۇرۇم پۈكتۈرمەس ئالدىڭدا ئەسلا
    كۆرسەتكۈم كەلمەيدۇ مەھكۇم تۇرقۇمنى.


    ياۋايى تەنھالىق قىينايدۇ ھامان،
    مەغلۇپلۇق بالقىيدۇ چۈشسەم بەيگىگە.
    قېدىرىپ يۈرىسەن يەتمەكچى بولۇپ،
    خامۇشلۇق كېسەلنىڭ ئەسلى تېگىگە.


    ئارىمىز قالدىمۇ راستىنلا يېقىن،
    مەن ھەرگىز بۇ سۆزگە ئىشىنەلمەيمەن.
    كۆڭلۈڭنى سۇندۇرماي ئېلىشنى ئويلاپ،
    كەيپىڭگە دائىملىق ئارام تىلەيمەن.


    كۆلبەمگە قىلمايمەن ھېچقاچان تەكلىپ،
    خالايمەن بىر ئۆمۈر ھىجرانلىق ھايات.
    سەن شۇنچە يېقىنلاپ كەلسەڭمۇ دىلبەر،
    بىلىنەر تۇيغۇمغا يىراق ھەمدە يات.

     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    • سۆيگۈ تىنىقلىرى...

      ئاپتورى: ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا 1 خاكىراھتىن بىر مۆجىزە قىلدى پەيدا، سۆيگۈ شۇ، يارىلىپلا تۇ...

    • ئۈمىد تۇغقان ناخشىلار...

      ئاپتورى: يۈسۈپجان ئەخمىدى ئۈمىد ئادەمنىڭ غول يىلتىزى ئۈمىد دېگەن دېمەككى، كۆكلەر ئادەم ئ...

    • باھار كۈيى(غەزەل)...

      ئاپتورى: ئەكبەر نىياز پەتتارى 1 باھاردىن كۆپ بېشارەتلەر زېمىننى گۈل قۇچاقلايدۇ، چىرايلىق...

    • ئا.تالىپ: غەزەللەر...

      ئاپتورى: ئابلىكىم تالىپ 1 سېنىڭ ئۈچۈن بىر شېئىر يېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا، سۈرىتىڭنى قەلبىمگ...

    • نەزمگاھ بىر تەختىگاھ...

      ئاپتورى: ياسىن زىلال نەزمگاھ بىر تەختىگاھ ھەر قېتىم شائىرلىقىم قۇچسا لاۋا، كېلىدۇ يادىمغ...

    • يامغۇرلۇق كېچە(شېئىرلار)...

      ئاپتورى: ساداقەتجان ھاجى يامغۇرلۇق كېچە يامغۇر ياغقان ئاشۇ كېچىنى ئەسكە ئېلىپ سۈرىمەن خى...

    • ياغقاندا كۆڭۈلنىڭ سىم-سىم يامغۇرى...

      ئاپتورى: ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بارىدىغان يول سۆيگۈنى ئاتايمەن تاتل...

    • سۆيگۈ تېشى...

      ئاپتورى: قاسىمجان ئوسمان غازى سۆيگۈ تېشى چىمەننىڭ كۆزلىرى رەڭلەندى رەڭدە، سەنمۇ ئاچ كۆزۈ...

    • باھار غەزەللىرى...

      باھار كەلسە كۈلۈپ خۇشخۇي ئېچىلغاي گۈل دىيارىمدا، ناۋا ئەيلەر چىمەن باغلار ئارا بۇلبۇل د...

    • بەشنامە(غەزەللەر)...

      كۆيۈملۈك دىلبىرىڭ بولسا باھار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا، جاھالەت كۆكسىنى تىرناپ ناھار كۆكلەيدۇ...

    تەۋسىيە كىتابلار