• ئۈچىنچى يېرىم شار

    يوللانغان ۋاقتى:12-07-2011   مەنبە: تارىم 2007-يىل 1-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    قورساق تويسىمۇ كۆز تويماس شۆھرەت كۆز قىسقاندا دوقمۇشتا ئادەم ئادەمگە يول قويماس

     

    ئاپتورى: ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

     

    تۇغۇلغان كۈنۈڭدە

    تۇغۇلغان كۈنۈڭ
    يېنىڭدىكى ئورۇن قالدى بوش.
    پۇتىمىزنى چىلىغان كۆلچەك
    كۆرەلمىدى سايىمىزنى قوش.

    ئارىمىزدا ئۇزاق مۇساپە
    خەرىتىنىڭ ئۇ چېتىدە سەن
    خەرىتىنىڭ بۇ چېتىدە مەن.
    تېلېفون سىمى
    ماڭا، ساڭا توشۇدى چىمەن.

    ئويلىرىمدا تاتلىق غەليانىڭ:
    شەبنەم قونغان گۈلدەك تاڭدىكى
    ھېسلىرىمنى چوقۇدۇڭ نازلىق.
    قۇچىقىمغا چۇشتى پىلتىڭلاپ
    كۆزلىرىڭدىن سىرغىغان بېلىق.

    ئون سەككىز يىل
    ۋاراقلىدى،
    ۋاراقلىدىم مەن.
    كۆڭۈل گۈلۈم بولدى باغۋەنلىك
    يۈرىكىڭدە پاراقلىدىم مەن.

    «سەندىن كېيىن قالسام...» دېمەي قوي
    جەننىتىدە سۆيگۈنىڭ شۇنداق
    ياشاۋېرەيلى ئۆلمەيدىغاندەك.
    ئېسىدە ئاجايىپ قالدى يىللارنىڭ:
    مەن بولمىسام،
    سەن بولمىساڭ
    تۇيۇلىدۇ بىر نېمەڭ كەمدەك
    تۇيۇلىدۇ بىر نېمەم كەمدەك

     

    يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى بۇنچە

    نامەرد ساڭا بېرىپتۇ ئازار،
    يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى بۇنچە.
    ھايات شۇنداق تەڭشەكسىز بازار،
    يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى بۇنچە.

    كىرگۈزەلمەي سېنى تورىغا،
    ئىتتىرمەكچى بوپتۇ مورىغا،
    ئۆزى بىر كۈن چۈشەر ئورىغا،
    يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى بۇنچە.

    ھەق ئالدىدا قىزارماي يۈزى،
    ھامان شۇملۇق چىللىسا كۆزى،
    ئادەممۇ ئۇ؟
    نەق ئىبلىس ئۆزى،
    يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى بۇنچە.

    تارىخ سىزغان سۈرەت بۇ تالاي:
    سەن كۆرەڭلەپ قانچىلىك غاداي،
    بۈگۈنكى شاھ ئەتىلا گاداي...
    يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى بۇنچە.

    ئەلنىڭ رايى تۇرسا يېنىڭدا،
    ئۆركەشلىسە ئۆزلۈك قېنىڭدا،
    چېچەكلىسە سۆيگۈ جېنىڭدا...
    يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى بۇنچە.

    قەددىڭنى تىك تۇتۇپ ياشاۋەر،
    ھەر ئىزىڭدىن خامان ياساۋەر،
    بۇ ئۇنىڭچۈن دوزاختىن خەۋەر،
    يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى بۇنچە.

     

    ئۈچىنچى يېرىم شار

    1
    دۇنيا خەرىتىسىدە كۆرۈنمەس ئىسمى
    سۈر ياغدۇرار خىلۋەتتە جىسمى.
    دەرسلىكتە سۆزلەنمەس، ئەمما
    ئۇ دەرسلىكنىڭ ئاخىرقى قىسمى.

    ياشار بۇندا تىرىكلەر ئەمەس
    تىرىكلەرنىڭ ئەرۋاھى، روھى.
    داستاننىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىغا
    چېكىت قويار بۇ يەردە ھەركىم.
    مەڭگۈلۈك ئادرېسى، ئېلخەت ساندۇقى
    ئاندىن بېكىتىلەر ئاداققى قېتىم.

    بۇ ئادرېسقا، خەت ساندۇقىغا
    كېلەر پەقەت دۇئالار پات - پات.
    بۇندا ئېچىلمايدۇ ئىشىكلەر ئەمدى،
    ھەر تىرىكنىڭ تەنھا ئۆيىدە
    مەڭگۈلۈك سۈكۈنات، زۇلمەتلەر قات - قات.

    2

    ئەنە ھېتلىر
    ئەنە چىڭگىزخان
    ئەنە... ئەنە...
    «ئاسمان مېنىڭ، يەرمۇ مېنىڭ...» دەپ
    «ھەر بىر ئايال، ئەرمۇ مېنىڭ...» دەپ
    پاتماي ئۆتكەن جاھانغا، ئايھاي....
    ئۇلار ئۈچۈن بولغان ئۆزگىلەر
    ئېتىزدىكى سېرىق ئوت، غاچچاي.
    قالدى جاھان، قالدى قىز پېتى،
    ئون سەككىز مىڭ ئالەمدە ئاخىر
    ئېرىشكىنى ئىككى مېتىر جاي...

    3

    ئەي تىرىكلەر
    بېرىۋەرمەي ئامېرىكىغا
    ئافرىقىغا، ياۋروپاغا ھەم...
    بۇ شارنىمۇ ئەسكە ئېلىپ قوي.
    تۇغۇلىدۇ بۇ شاردا قايتا
    كۆڭلۈڭدىكى ئەڭ پاك خىيال - ئوي.
    دەپ قالىسەن ئەمەسكەن ھايات
    كۈندە ئويۇن، كۈندە نەغمە - توي.
    گۇناھلىرىڭ تىزىلىپ رەت - رەت
    ئېسىلىدۇ ياقاڭغا دەھشەت.

    لەپىلدەيدۇ شەددە - ئەلەملەر،
    يوق يېنىڭدا غىلجىڭ سەنەملەر.
    كۆرۈنمەيدۇ يارىڭ، بارلىقىڭ،
    ئىشلىمەيدۇ ھەر نە يارلىقىڭ.
    قاتارىدا يوقسەن تىرىكنىڭ
    ياغسىز، ئوتسىز ئەمدى پىلىكىڭ...
    مەيلى شاھ بول، ھەتتا كۆكتە ئاي،
    دېيەلمەيسەن ئوق يا پۇل تەڭلەپ
    بۇ قىسمەتتىن نېرىغا قاچاي.

    مۇشۇ شارنىڭ پۇقرالىرىدەك
    پات يېقىندا بەلكىم بۇ شارغا
    نوپۇسىڭنى يۆتكەرسەن سەنمۇ.
    مەڭگۈلۈككە قوشنا بولغىلى
    كەينىڭدىنلا بارارمەن مەنمۇ...

     

    ماڭا قارىغان بىرسىگە

    كۆزلىرىڭدە يانىدۇ بىر شام،
    لەۋلىرىڭدە لاۋۇلدايدۇ چوغ.
    چاچلىرىڭدىن تارايدۇ ئىپار،
    زىلۋا بويۇڭ سەرۋىدىن ئارتۇق.

    پېشانەڭدە بەخت شولىسى،
    كىمنى كۆردۈڭ چۈشۈڭدە كېچە؟
    تۇرارسەنمۇ ئوي سۈرۈپ شۇنداق،
    ئەتىگەندىن تاكى تاڭغىچە؟

    ئەسلىدىڭمۇ شۇ يىگىتىڭنى،
    ياكى كۆزۈڭ چۈشتىمۇ ماڭا؟
    كەچۈر دىلبەر، دەپ بېرەلمەيمەن،
    ئادرېسىمنى، ئىسمىمنى ساڭا.

     

    تۇنيۇقۇق

    1
    قورساق تويسىمۇ كۆز تويماس
    شۆھرەت كۆز قىسقاندا دوقمۇشتا
    ئادەم ئادەمگە يول قويماس

    ئۇپۇققا ئوت ياقار ئاتلار تۇيىقى
    قىلىچلار تاغ ياسايدۇ كاللىلاردا
    بۈگۈن تاماق سۇنۇشقان ئاۋۇل
    ئەتىلا جان سورىشار دالىلاردا

    تىلسىز بوۋاقتەك
    دۇنيا تەمتەپ كېتىپ بارىدۇ
    كىملەردۇر تالىشىپ ھەممىنى
    خەرىتىنى يىرتىپ بارىدۇ

    ئۇيۇشقاقلىق
    كۆتۈرۈلدى ئادەملەردىن
    تۈتۈندەك
    روھتەك
    مۇھەببەتتەك

    2

    ئەلنى بىر يىپقا باغلاپ
    كىرىپ كەلدى تۇنيۇقۇق
    سۇ ئىچتى تارىخنىڭ كىچىك بىر چۆلى
    ئۈنۈپ چىقتى سەلتەنەت بۇلۇق - بۇلۇق

    يېنىپ كەلدى يامانلىغاق سائادەت
    سائادەتلىك بودۇن قېشىغا
    روھ ئويغاق تۇردى، كۆز ئۇخلىسىمۇ
    چۈشەلمىدى چىۋىن ئېشىغا
    بۆرە سىزىپ ماڭدى ئىتلار يولىنى
    كۆكلىدى بۆرە بېشى ئىتلار بېشىدا

    پالۋانلارغا تولدى تاغ - دالا
    باغراشنىڭ سۈيىدەك سۈزۈلدى ئاۋام
    گۈل بولدى ئۆي ، گۈل بولدى تالا

    3

    مەڭگۈ تاشلار، ئەي مەڭگۈ تاشلار
    باغرىڭدا قىشلايدۇ ئەقىل كومپاسى:
    شەبنەمدەكلا تۈگەيدۇ قۇرۇپ
    بولسا كىمىكى ئەسلىگە ئاسىي

    تەجرىبىخانىسىدا جېدەلنىڭ
    ئۆز جىنسىنى ئۆزگەرتتى كۈلگە
    تارشا پۈتۈك
    تېرە پۈتۈك
    تاش پۈتۈك...
    توزىدى نى سۇلالە، نى خاقان
    سېنى ھەتتا ۋاقىتمۇ كۆيدۈرەلمىدى
    تۇنيۇقۇق ئەقلىدەك ياشىدىڭ ئامان

    ھەر نېچە بولسىمۇ ئاخىرقى قەسرى –
    گۆردىن باشقا بولماس ئادەمنىڭ
    ئۆزگەرمىدى روھنىڭ چاپىنى
    ئىرقى ئۆزگەرسىمۇ ئالەمنىڭ

     

    ئۈرۈمچىدە ياشىماق

    غايەت چوڭ كۆل ئۈرۈمچى دېگەن
    تۆت تەرەپتىن كېلەر تاراملار،
    لايىقىدا بولمىسا بولماس
    «كەلدىڭ؟ - كەتتىڭ؟...»
    ھالال-ھاراملار...

    سەن كېلىسەن غۇلجىدىن
    مەن كېلىمەن كورلىدىن
    بىزنى كۆرۈپ بويتاق ئاغىنەم
    خۇشلۇقتىن يۈرىكى يېرىلار دەم-دەم
    ھايال ئۆتمەيلا
    قەشقەردىن مارلايدۇ بىر قىزىل رەقەم...

    كەچلىكى چىشىنى چاقمىساڭ بولماس
    دانلاشقا «قۇشقاچ»تىن تاپمىساڭ بولماس،
    ياتتۇر ساڭا ئۆي، خوتۇن، بالا،
    تىلىڭنى قىسىدۇ دوستلۇقۇڭ، تالا.

    ئاپتوبۇسلار پۇل دەيدۇ ھەر ۋاخ
    تىلەمچىلەر يول توسار نەچچە
    تېلېفونۇڭ توختايدۇ دەم-دەم
    مائاش كارتاڭ ئۆيدە رەنىدە
    تويلار يانچۇقۇڭغا سالىدۇ رەندە
    ئاي ئايغا ئۇلىشار ئاران دېگەندە...

    ئۈرۈمچىلىك ئوماق ئاغىنەم
    ساڭا قاراپ كېلەر دەرد-ئەلەم...

     

    سېنىڭ كۆزلىرىڭ

    گەپ قىلىشنى ئۇقماس كۆزلىرىڭ
    قاراقلىرىڭ سۆزلەپ تۇرىدۇ
    يۈرىكىڭدىن ئېتىلغان بىر گۈل
    بەرگى ئەمەس تىكىنى بىلەن
    كۆزلىرىمنى خەجلەپ تۇرىدۇ

    يۈرىكىڭنىڭ يىكىدە
    يىپ ئىگىرىپ كۆزلىرىڭ
    يۈرىكىمنى باغلاپ تۇرىدۇ
    پاژىلدايدۇ كۆڭلۈم بىر يەردە
    جەننىتىڭ باغرىمنى داغلاپ تۇرىدۇ

    ئۈزسەم دەيمەن كۆزۈڭدە
    يۈرىكىڭنى تاپقۇچە تاكى
    مەيلى ئېزىپ كەتسەم تومۇرلىرىڭدا
    تۇغۇلمىسام كۆزلىرىڭدىن نۇر بولۇپ
    چىقارمەن تىرنىقىڭدىن خىنە بوپ ياكى....
     




    ھالقىلىق سۆزلەر : شېئىر، مۇساپە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار