ئاپتورى: ئابلىز ئوسمان
1
ھامانە ئىشق ئارا يۈردۈم ھاياتنى گۈل-سەنەم ئەيلەپ،
ۋۇجۇد مەنزىلىدە سەيياد بولۇشنى چىن قەسەم ئەيلەپ.
دىلىم دەريا كەبى دەۋرەپ، مۇھەببەتكە قۇچاق ئاچتى،
تۇغۇلدى كۈن، شەبىستاننى كۆڭۈلدىن يوق-ئەدەم ئەيلەپ.
سەپەر مۈشكۈل، نىگاھلاردا لەئىنىڭ جىلۋىسى ئوينار،
»گۇناھلار« مېھرىنى ئەفسۇن بىلەن جىسمىمغا ئەم ئەيلەپ.
ئۈزۈلمەس تىركىشىش، ئوڭ ۋە سولۇمدىن تارتىلار ئارقان،
قۇلۇمدا تەڭشىگىم داردا قەدەمنى دەمبەدەم ئەيلەپ.
تىكەندۇر سىر-تېپىشماقلار ئۇنى كىم چاچتىكىن ھەر يان،
يېشەرمەن، روھى سەرۋەرنى جېنىمغا جانۇ دەم ئەيلەپ.
ئاتام ئادەم بىلەن ھاۋا ئانام غايىب دىلىستانىم،
ياشارمەن پاك ئەقىدەمنى ئۆمۈر جامىمغا تەم ئەيلەپ.
2
نىگار ۋەسلىڭ ئۈچۈن چۆلدە بولۇپ توغراق تۇراي دەيمەن،
ئوتۇڭدا تەڭ كۆيۈپ، چەشمەڭدە گۈلدەك بەرق ئۇراي دەيمەن.
خىيالىم دەدتىدە كۈلگەن خىرامان جىلۋىسەن، گۈلسەن،
بولۇپ روھى راۋانىڭ چىن پۇراقىڭنى پۇراي دەيمەن.
بۇ سۆيگۈم تاشلىماس قاسراق، ئەبەدلىك بولسىمۇ ھىجرىڭ،
ئوڭۇمدا سەرۋى تالىڭغا بولۇپ كاككۇك قوناي دەيمەن.
ناكەسلەر بولسىمۇ كۆپ گەر ۋاپا ئەھلى ئەمەس يالغان،
سېنىڭچۈن باغ ياساپ، سۆيگۈ راۋاقىنى قۇراي دەيمەن.
سەھەر تاغلارنى ئۆپكەندە، ئۇپۇقتىن كۆرۈنەر چېھرىڭ،
شەپەققە چۆمكۈلۈپ پىنھان ۋىسالىڭنى قۇچاي دەيمەن.
3
ئاچال-دوقمۇشتا ئايرىلدۇق، نىچۈن دوستلۇققا قەست قىلدىڭ،
پۈكۈپ قەددىڭنى شەيتانغا، دىلىڭنى ھەمنەپەس قىلدىڭ.
ۋاپانىڭ رىشتىسىن تەقلەپ يۈرەكلەرنى چېتىپ يۈرسەم،
تىكىپ يوللارغا ئازغاننى ئۆزۈڭ ماڭماقنى تەس قىلدىڭ.
ئۈمىد-ئىقبالىمىز بىر، دەپ قولۇڭغا جۈپ قولۇم سۇنسام،
ھەسەتتىن ئۆزگىرىپ مەڭدەپ مېنى ھەيرانۇ ھەس قىلدىڭ.
چۈشەندىم ھېچقاچان توغراق بىلەن قامغاق تۇرالماس بىر،
شامالدا ئۆرلىگەن پەيدەك ئۇچۇشنى كۆپ ھەۋەس قىلدىڭ.
ئېسىلغانچە ئېگىز شاخقا ئايان پىنھانى مايمۇننىڭ،
شۇ يەڭلىغ كۈلكىلىك ھالىڭ، ئۆزۈڭنى خارۇ پەس قىلدىڭ.
ياشاشنىڭ يوللىرى بەك كۆپ، بىراق، ئەركەك ئۈچۈن بىرلا،
نىقاپلاشچۈن قاۋاقلاردا زەئىپ روھىڭنى مەست قىلدىڭ.
تەشەككۈر ھىممىتىم چەكسىز ھاياتنىڭ ئىمتىھانىغا،
خويۇڭنى نازغىتىپ پىنھان، مېنى سەگەك پەخەس قىلدىڭ.
4
جانان باغرىڭ باھارىستان، يۈزۈڭدىن گۈلجامال ھەيران،
قىرىق كۇكۇل چېچىڭ بوستان، بويۇڭدىن سەرۋى تال ھەيران.
ۋۇجۇدۇڭ باغ-ئانارىستان، ئۇرار بۇلبۇللىرىڭ خەندان،
ھىدىڭ گويا ئىپارىستان، لېۋىڭدىن تەمى بال ھەيران.
قاچان قارماقلىرىڭ ئىلدى چۈشىمنى ئىشقى يۈمچەكتە،
ھۇشۇم سەرگەشتە سۇمۇرۇغتەك كېزەر ئالەم، شامال ھەيران.
تەجەللى ئەيلىدىم كۆكتە جامالىڭنى كۆرەرمەن دەپ،
گۈزەل تەنھالىقىم-سۆيگۈم نۇرىدىن ئاي-ھىلال ھەيران.
مېنىڭ ئاشىقلىقىمغا پال سالالماس ئەھلى شەيتانمۇ،
يېتەلمەي تەكتىگە سىرنىڭ جاھاننىڭ ئەقلى لال-ھەيران.
5
قاچان كۆردۈم جامالىڭنى، زاۋالىم تاڭ-سەھەر بولدى،
بىراق، ۋەسلىڭ يولى مۈشكۈل داۋانلىق بىر سەپەر بولدى.
كۆرەرمەن، دەپ يەنە بىر رەت دىدارىڭ ئىزلىدىم ھەرئان،
بېرىپ مەللەڭگە ئايلانسام، قىزىق چۆچەك-خەۋەر بولدى.
بېقىپلا بىر يېقىپ گۈلخان، ئۆزۈڭنى ئەيلىدىڭ پىنھان،
تۇغۇلدۇممەن بولۇپ مەشرەپ، ئوتۇڭدا دەر بەدەر بولدى.
سېنىڭدە ئۇلغىيىپ ياندىم، چېچىمغا كىرسىمۇ ئاقلار،
ئۆزۈم قاقشال، ۋۇجۇدۇم گۈل، باراقسانلاپ شەجەر بولدى.
پېقىر ھەرگىز ئەمەس زاھىد خىياباندا ماكان تۇتقان،
ئەقىل بىرلە ئىشق مەنزىل ئارا ئۆلمەس سەمەر بولدى.
6
نىگاھىمغا نىگاھ ئەيلەپ، سامادا خۇش كۈلەر يۇلتۇز،
نۇرىغا نۇر قوشۇپ ھەردەم قاراغىمنى سۆيەر يۇلتۇز.
كېچە-تۈن دىلبىرى دىلنىڭ، ۋاپادار بۇلبۇلى گۈلنىڭ،
بولۇپ يوللاردا ھەمراھىم، ئېڭىمدا جىلۋىگەر يۇلتۇز.
ئەمەس تەنھا تولۇنئايىم، نە ئايكى روھى ۋىجدانىم،
بولۇپ ھەمدەم ئاڭا ھەردەم بىدار — ئويغاق يۈرەر يۇلتۇز.
ۋۇجۇدۇم بەھرى ئۇممانى تۇتاشتۇر كۆككە-ئاسمانغا،
چۆمۈپ باغرىمدا ئەفشانغا تومۇرۇمدا ئۈزەر يۇلتۇز.
|